مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11284|ئىنكاس: 28

تۈركىيە تەسىراتلىرىم (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106425
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2014-4-26
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 07:39:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                        تۈركىيە تەسىراتلىرىم (1)   
                      ئاپتورى: قاريابكوك                                                      
( ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بويىچە باغداش تورىدىن كوچۇرۇلدى)

يا سۆي ،يا تاشلا!


         تۈركىيە بىر شۇئار دۆلىتى، بۇ، ئەمەلىي ئىشى  يوق دېگىنىم ئەمەس، تۈركلەرنىڭ شوئارنى قۇراشتۇرۇش ۋە توۋلاش ۋە قوللىنىشتىكى  ئۇستىلىقىنى دېمەكچىمەن. تۈركلەرنىڭ شوئارلىرىنى شەكىل ۋە مەزمۇنىغا ئاساسەن، خىتابەت شوئارلىرى، شېئىرىي شوئارلار دېگەندەك كۆپلىگەن تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن، ئەمما بۈگۈنكى تىمام بۇ ئەمەس؛ بۈگۈن يازماقچى بولغۇنۇم تۈركىيەدىكى ئاز كەم 4 يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا ماڭا تەسىر قىلغان شوئارلار.                                                                                                                                               

  " تۈركىيەم! تۈركىيەم!...."                                                                                                                                

        تۈركىيە  كوماندىلىرى بىرەر خەلقئارالىق مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان كۈنى كىشىلەر  كوچىلارغا تۆكۈلىدۇ،  ماشىنىلىرىنى ھەيدىشىپ قوشۇن تارتىپ كوچىدىن -كوچىغا دوقمۇشتىن-دوقمۇشقا يۈرۈش قىلىدۇ؛ قولىدا تۈركىيە بايرىقى، ئېغىزىدا شوئار: " تۈركىيەم، تۈركىيەم، تۈركىيەم!!!" پۈتۈن تۈركىيە " تۈركىيەم" دېگەن بۇ شوئار بىلەن تەۋرەيدۇ، يېزا-قىشلاقلىرىدىكى دوقمۇشلاردىن، پايتەخت ئەنقەرەنىڭ قىزىلئاي ۋە جۇمھۇرىيەت مەيدانلىرىغىچە؛ ئىستانبۇلنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن ئونۋېرسىت باغچىلىرىغىچە. ئەجەپلىنەرلىكى، مۇنچە كەڭ-كۆلەملىك تەبرىك دولقۇنىنى  ھىچ بىر پارتىيە ياكى تەشكىلات تەشكىللىمەيدۇ؛ نەتىجە ئايدىڭلاشقان ھامان، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن ياكى قەھۋەخانىلاردىن كوچىغا چاچراپ چىقىدۇ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىغا ئەگىشىدۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ تەن-تەنە ئۈچۈن ھاۋاغا ئېتىلغان ئوق ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلىنىدۇ. مەن بۇنداق چاغلاردا ياتىقىمنىڭ بالكونىغا چىقىپ  مەخسۇس ئولتۇرۇپ خۇددى كىنو كۆرىۋاتقاندەك پەيز  سۈرىمەن؛  ئىنسان ھەرقانچە كەڭ قورساق، ھەرقانچە ئالىيجاناپ بولسىمۇ نەق ئۆزىگە تەۋە بولمىغان بەختتىن، نەق شۇ بەخت ئىگىسىگە ئوخشاش دەرىجىدە لەززەتلىنىشى مۇمكىنسىز ئىكەن؛ ئەگەر سەن بەخت ئىزدەپ يۈرگەن  بىرسى بولساڭ،  ئۇ بەخت ئىگىسى ئەڭ يېقىن دوستۇڭ، ھەتتا قېرىندىشىڭ بولغان تەقدىردىمۇ بىر يەرلىرىڭ تاتىلىنىدىكەن. شۇڭا بالكوندا ئولتۇرۇپ  سۈرىۋاتقان بۇ پەيزىم ، ئەمەلىيەتتە ھەۋەس، ھۆرمەت،  ھەسرەت، ھەسەت دېگەندەك ئونلارچە ياكى يۈزلەرچە گىدىرماچ تۇيغۇلارنىڭ جۇغلانمىسى. بەزى چاغلاردا:                                                                                                                                          
--- نېمانچە ئۇزۇن قارايسەن- ھوي! كەل بولدى. --- دەيدۇ ئەزەربەيجانلىق ساۋاقدىشىم. ئۇمۇ ' دىش تۈركلەر'دىن يەنى تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى تۈركلەردىن بولغاچقا بۇنداق پائالىيەتلەردە ئۆزىنى مەن بىلەن ئورتاق تۇيغۇدا دەپ ئويلايدۇ؛ كۆپ ئەھۋاللاردا شۇنداق، ئەمما " تۈركىيەم، تۈركىيەم!" دېيىلىۋاتقان بۇ سەھنىدە ئەمەس!                                                                                                

" ئەڭ بۈيۈك ئەسكەر بىزنىڭ ئەسكەر!"                                                                                                               
          ئارىلاپ-ئارىلاپ كوچىلاردا، قورولاردا، بەزىدە 5-10 ، بەزىدە 40-50، بەزىدە 100-200 كىشىنىڭ بىر كىشىنى دولىسىغا مىندۈرۈپ " ئەڭ بۈيۈك ئەسكەر، بىزنىڭ ئەسكەر" دەپ توۋلاۋاتقىنىنى كۆرىسىز. بۇ شۇ دولىغا مىندۈرۈلگەن كىشىنىڭ ھەربىيلىككە ئۇزۇتىلىۋاتقان مەھەللە مۇراىسىمى. بۇنىمۇ بىر قوراللىق قىسىم ياكى مەھەللە ئىتتىپاق كومىتېتى ئۇيۇشتۇرىۋاتقان ئىش ئەمەس؛ ھەربىي نامزاتىنى دولىسىغا مىندۈرىۋالغانلار، شۇ ياشنىڭ دوستلىرى، قوشنىلىرى ياكى تۇغقانلىرى. ھەربىيلىككە ئۇزۇتۇشنىڭ بۇ دەرىجىدە داغا-دۇغۇلۇق بولۇشى، بولۇپمۇ مەھەللىۋى مۇراسىمغا ئايلىنىپ كېتىشى، دۇنيادا پەقەت تۈركلەرگىلا خاس ئادەتمىكىن دەيمەن. بۇ ئادەت بەلكىم، تۈركلەرنىڭ  3 قىتئەدە 500 ھۆكۈمرانلىق سۈرۈشتەك بىر سەلتەنەتلىك تارىخىنىڭ يالدامىسى بولسا كېرەك. ئەگەر  تۈرك ئەسكەرلىرىدە  چاناققەلئە ئۇرۇشىدىكىدەك بىر قەھرىمانلىق روھىي ھېلىمۇ بار دېيىلسە، بۇ جەڭگىۋارلىقنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللارنىڭ بىرىنجىسى مۇكەممەل بىر ئىمان، ئىككىنجىسى ئوتتەك بىر ۋەتەنپەۋەرلىك بولسا، ئۈچىنچىسى، ئەنە شۇنداق دولىغا مىندۈرۈلۈپ ئۇزۇتۇلۇشتەك داغا-دۇغا ۋە تەن-تەنىگە يۈز كېلەلمەسلىكتەك نومۇس كۈچىمىكىن دەيمەن. دولىغا مىندۈرۈلۈپ ئۇزۇتۇلغان بىر ئەسكەر جەڭدىن چېكىنسە، جەڭدىن قاچسا، جەمئىيەتتە قانداق مۇئامىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش قېيىن ئەمەس؛ چۈنكى سىمۋوللار لۇغىتىدە دولىنىڭ زىت مەنىسى تاپان.                                                                                                                                       

    " ئۆل دە، ئۆلەلىم!  قال دە، قالالم!"                                                                                                                  
       بۇ تۈرك ياشلىرىنىڭ ئۆز يولباشچىلىرىنى كۈتىۋېلىۋاتقاندا توۋلايدىغان شوئار؛ شۇئارنىڭ سۆزمۇ-سۆز تەرجىمىسى: " ئۆل دېگىن، ئۆلەيلى؛ ياشا دېگىن، ياشايلى" ؛ جانلىق تەرجىمىسى: " ئوتقا دە، ئوتقا كىرىمىز، سۇغا دە سۇغا كىرىمىز!" . مانا بۇ شوئارنى ئاڭلاپ تۇرۇپ سەھنىگە چىققان رەھبەرنىڭ نۇتقىدا جان ۋە ئاھاڭ بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ مۇشۇ شوئارنىڭ كۈچ بېرىشى بىلەن  ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بىر ئەمەلدارنىڭ  خەلقىگە خىيانەت قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ مەنچە  مۇمكىن دېگەن تەقدىردىمۇ ،  يوق ھېسپتا. مانا مۇشۇنداق شوئارنىڭ ھىمايىسىدە پارلامېنتقا كىرەلىگەن بىر پارتىيە رەھبىرى، پارلامېنتتا ئۆزى تەۋە بولغان  ئاز سانلىق  گۇرۇھ ياكى مىللەت ئۇچۇن  ھەقنى سۆزلىمەسلىكى مۇمكىنمۇ ؟! ئەگەر مۇمكىن دېيىلسە، شۇ مىللىتىنى ئۇنۇتقان ۋە ساتقان كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئولتۇرىۋاتقان ئورۇندۇق ۋە ھەيدەۋاتقان ماشنىسىدىن مەھرۇم. مىللىتىنى ئاتسىمۇ-ساتسىمۇ ئورنى تەۋرىمەيدىغان،  " دۇنيانىڭ ئەڭ بەختلىك ئاز سانلىق مىللىتى بىز" دەپ يالغان بايانات بەرسىمۇ يۈكسىلىۋېرىدىغان تەلەيلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبەرلىرى بۇ تۇپراقتا مەۋجۇت ئەمەس.
     " يا سەۋ، يا تەرك ئەت!"                                                                                                                             
      تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ شوئارى، مەن ئەڭ ياقتۇرغان، ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر شوئار؛ ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق: يا سۆي، يا تاشلا!  دېيىلمەكچى بولغىنى : كەمچىلىكسىز مىللەت بولمايدۇ، بىر مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى ، ھەتتا باشقا مىللەتلەرمۇ سۆيىدۇ؛ بۇ مىللەتنىڭ كەمچىلىگىنى پەقەت مىللەتنىڭ مىللەتچىلىرىلا سۆيەلەيدۇ ياكى ئەپۇ قىلالايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ مانا مۇشۇنداق كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا مىللەتپەرۋەرلەرگە ئېھتىياجى بار.     بۇ شوئار، مىللەتپەرۋەرلىك تونىنى كىيىۋېلىپ ئەتىگەندىن -كەچكىچە مىللىتىدىن زارلىنىدىغان  يىغلاڭغۇلارغا، دۈشمىنىنىڭ يېغىرىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي  قۇسۇرنى مىللىتىدىن  ئىزدەيدىغان قاخشاڭغۇلارغا؛ ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى مىللىتىگە دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدىغان چىدىماسلارغا، ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى  سۆكۈپ-سۆرەۋاتقاندا  قىلچە ئازابلىنىش تۇيغۇسى يوق، ئەكسىنچە مازاق قىلىپ  يايرايدىغان نائەھلىلەرگە " سەپتىن چېكىن"  باياناتى!
   بۇ شوئار يەنە بىر نۇقتىدىن قارىساق : سەن ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە بىر دەرت-بىر ئەلەم  بولسا، دەرت تارتقان سېنىڭ خەلقىڭ، دەرت سالغۇچى باشقىلار بولسا، ئوتتۇرا مەيداندا تۇرما، ئوتتۇرا يولدا ماڭما؛ ئەسەبىي بولساڭ بول، ئەمما لىڭتاسما بولما دېگەندىن ئىبارەت ئەركەكلىك باياناتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qosheriq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-28 07:40 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alvasti + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
ئوغۇز0998 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
hedayet + 68 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 178   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46828
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3038
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2011-7-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 09:14:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە بىرەر ئىش بولدىما؟ئىمكاس يازسسام تەستىق كۈتىۋاتىدۇ دەيدۇ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95723
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 620
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 09:17:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
   تولىمۇ ئېسىل تەسىراتكەن قېرىندىشىم. اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!
   سىز مەسىلىنى ھەقىقەتەن ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن كۈزىتىپسىز، تەسىراتىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 09:26:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
……ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى مىللىتىگە دۆڭگەپ قويۇپ، ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدىغان چىدىماسلارغا، ئەتىدىن-كەچكىچە مىللىتىدىن زارلىنىغان يىغلاڭغۇلارغا……
  بۇ قۇرلاردىكى ئاچچىق ھەقىقەتنى ئويلۇنۇشىمىز زۆرۈركەن.
قايتا-قايتا ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان تېمىكەن.

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12113
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3279 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 09:31:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73642
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3114
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-1-21
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 10:10:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 10:11:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداش تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە تۈركىيە ھەقىقىقەتەن بىزنىڭ ئۈلگەقىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان ئۈلگىلەردۇر. ئاللاھ تۈركىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104313
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2014-3-2
ئاخىرقى: 2014-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 10:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65388
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3705
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 11:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106019
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-4-14
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 11:56:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ تۈركىيەگە بارغۇم كىلىپ كەتتى دېسە ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش