ھەربىر مىللەتتىن ھەرقايسى ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىقلار بولىدۇ. ئىلىم- پەن، يۇقىرى پەن–تېخنىكا، ئەدەبى سەنئەت قاتارلىقلارنىڭ قايسى ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن بولسۇن ھەربىر مۇۋاپىقىيەت ۋە شان شەرەپ نوقۇل ھالدا ئاشۇ بىر شەخىسكە تەۋە بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
مىللىتىمىز قەدىمدىن تارتىپ مەيلى ئىلىم مەرىپەت،پەن – تېخنىكا جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى ئەدەبى-سەنئەت جەھەتتە بولسۇن ئۆزىگە خاس مىللى ئۆرپ ئادەت ۋە مىللى ئەنئەنىلىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن مىللەتلەرنىڭ بىرى.ھالبۇكى بىز تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا بىزدە ئەۋج ئالغىنى شۇ بولدۇكى بىر بىرىمىزنى سۆكۈپ ۋە بىر بىرىمىزنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىشقا ئالماشتى.
يىتىشىپ ئەمدى بىخ سۈرىۋاتقان تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ يېڭىدىن تىل بايلىقىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن ئوتتۇرغا قويغان ئىسىملىرى ۋە ئاتالغۇلار بەزىلەرگە مەتۇ ۋە قۇم باسقان شەھەردىكى ساراڭدەك تۇيغۇ بەردى.ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ناخشىلىرى بارغانسىرى قۇلاققا ياقماس بولۇپ قالدى. يېڭىدىن بىرە ئىجادىيەت چىقىپ بولغۇچە ئالىم سەھنىگە چىقسا بىر چاۋاك يوق،ئارتىسلار چىقسا قوش چاۋاكلار دەپ ئاتالمىش قەشقەر پاراڭلىرىغا تويغۇزىۋەتتۇق.كىتاپ يېزىۋاتقان ئەدىپلىرىمىز كىتابىنىڭ يېرىمى پۈتمەستىن قەلەمنى چۆرۈپ قەغەزنى پۇرلاپ ئەخلەت چىلىكىنى توشقۇزدى.بىرەسى يېڭىچە بىر ئىش قىلماقچى بولسا ئۇلۇغلىرىمىزنى شىپى كەلتۈرۈپ بىخ سۈرۈپ بولغۇچە يۇلۇپ تاشلىدۇق. ئارتىسلىرىمىز،يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كەينىدىن تاپمىغان گەپ سۆزلەر قالمىدى.ساۋاپنى كۆپ قىلسا ئالىم كاۋاپ بولدى،قىممىسا كاپىر بولدى.ئىش قىلىپ بىرە ئىش قىلىپ ئەمدى باش كۆتۈرەي دىگەن ياكى باش كۆتۈرگەننىڭ ياخشى نامىدىن بەكرەك كوچا –كويدا ،ۋىتىلداقتا،ئۈندىداردا،دوسلار چەمبىرىكىدە ھەرخىل سۈپەتلىرى پۈتۈن دۇنياغا سازايى بولدى.كىملىكىڭ بىلەن نىمە كارىم دەپ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ تارازىسىدا ئۆلچەندى.ئاخىرى نىم بولدى،پۈتۈن دۇنيانى بىر ئېلىپ ئۆزىمىزنىڭ ياخشى يامان سۈپەتلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلۇپ بىز دىگەن
ئۆزىمىزنى قاتتىق سورايدىغان مىللەت ئاتالدۇق.
ئانا تىلم ئۇنداغەي بۇنداغەي دەپ دەپ چوڭ مۇقاملارنى توۋلىدۇقيۇ لىكىن باللىرىمىزنى يەنىلا
قوش تىللىق ئالى بىلىم يۇرتلىرىغا ئالىم بولۇشقا ئىۋەتتۇق.قىزلىرىمىنى ھىجاپلىنىڭ،ھەقىقى
ئۇيغۇر قىزى بولۇڭ دىدۇقيۇ شۇ ھىجاپنىڭ ھۆرمىتىنى قىممىدۇق،ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئىزىزىتىنى قىلمىدۇق.بىر قىز تاپتىن چىقسا ھەممىنى قوشۇپ تەڭ بىر تاياقتا ھەيدىدۇقكى ھەممىز بىرلىشىپ ئاشۇ ئازغۇن بەندىگە توغرا يولنى كۆرسەتمىدۇق.دىنغا چۆكتۇق ،قارىغۇلارچە،قاراملارچە چۆكتۇق.بەزىلىرىمىز ھىجاپنى مودا،ساقالنى دەستەك قىلىپ بۈۋىم ھاجىم بولۇپ كەتتۇقكى،مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارنى،ئىلىم پەن ئۈگەنگەنلەرنى دىنسىز روھانىي دىدۇق.
مانا مۇشۇنداق بىر- بىرىمىزنى سۆكۈش بىلەن خەلىقئارادىكى ئورنىمىز بارغانسىرى تۆۋەنلەۋاتىدۇكى ئالدىغا ئىلگىرلەش بولۇشقا ئىمكان بولمىدى.چۈنكى بىز بىر بىرىمىزنى چۈشۈرۈپ بىر بىرىمىزگە ئورا كولاپ كۆنۈپ كەتكەن.داڭلىقلىرىمىزنىڭ كەينىدىن كوچا پاراڭلىرى ئارتىسلىرىمىزنىڭ كەينىدىن يول پاراڭلىرى تاپمىساق بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار دەپ يول تۈگىمەيدۇ.يىغىپ ئېيتقاندا،بىر بىرىمىزنى سۆكۈپ بەك جىق بىكارچىلىقتىن قۇتۇلدۇق.
ئاخىرىدا دىمەكچى بولغىنىم شۇكى،قايسى بىر ساھەدە بولمىسۇن بىر ساھەدە باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس،ئاشۇ مۇۋاپىقىيەت ۋە باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز تىللىغان ،كەينىدىن گەپ تاپقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىدىڭىز....مەيلى ياخشى بولسۇن ۋەياكى بىز ئۆزىمىزنىڭ تارازىمىزدا ئۆلچەپ يامان قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن بولايلى باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تارقىتىش،ياخشى يامان گىپىنى قىلىش بىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىمىزگە چۈشمەيدۇ.بىز ئۆزىمىزدە ئاز تولا بولسىمۇ ئۇتۇق قازانغانلارنى ئۆزىمىز كەينىدىن گەپ تاقىتىپ بىر پۇڭغا ئالغۇسىز قىلىۋەتسەك بىر پۇڭغا ئەرزىگۈدەكنى بىرسى كىلىپ بىزگە بەرمەيدۇ.مىللىتىمىزنىڭ ئەزەلدىن ئەدەبى-سەنئەت جەھەتتە تەبئى تالانت بارلىقى ھەممىزگە مەلۇم.بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىزمۇ ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ.بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئىددىيىسىدە شۇنداق بىر ئۇقۇم باركى، ئۆزىنى ئۆزى پۇت قولى تەرەققى تاپقان كاللىسى
ئاددى دىگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلەيدۇ. ئاخىرقى نەتىجىدە ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش تۈپەيلى ئارتىسلار توغرىسىدىكى ئاڭلىغانلىكى خەۋەرنىڭ ھەممىنى خۇددى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرىدەك ھەممە يەردە بىۋاستە ھەم ئۇلاپ ئاڭلىتىش قىلىدۇ. بۇنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى مىنىڭچە ھەممەيلەنگە ئايان. مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم پەقەت ياخشىنى ياكى كۆزئالدىمىزدىكىدىن تېخىمۇ ياخشىسىنى بىرسى بىزگە ئەكىلىپ بەرمىگەندىكىن ئۆزىمىزدە بار بولغاننى قەدىرلەيلى، ئۆزىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلايلى، ھە دىسىلا بىر بىرىمىزنى سۆكمەيلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-21 08:01 PM