مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17647|ئىنكاس: 166

ئۇيغۇر سۆكۈشكە ئەمەس قوللاشقا، چۈشكۈنلۈككە ئەمەس ئۈمىدكە موھتاج!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21726
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9992 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 01:28:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر سۆكۈشكە ئەمەس قوللاشقا، چۈشكۈنلۈككە ئەمەس ئۈمىدكە موھتاج


    تەشۋىقات دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنىڭ تەشۋىق، تەرغىب قىلىش دېگەن مەنىدە بولسىمۇ، ئەمما  تەشۋىقاتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغانلار تولىمۇ ئاز بولسا كېرەك .
    تارىختىن بۇيان ھەرقايسى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، خەلق قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقاتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ ‹‹مايىل قىلىش ›› بولسا ماھىيەتتە كىشىنىڭ ئېڭىنى ، ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە جەلپ قىلىش، بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت. توختىماي ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق بىر تەشۋىقات كىشىلەر مېڭىسىگە سىڭىپ كىرگەنسېرى مۇقەررەر ھالدا شۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزگە قىلىۋاتقان ئېسىل پەندى-نەسىھەتلىرىمۇ، ئادەم بولۇشنى ئىدىيەمىزگە سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
    تېخى ئون نەچچە يىللار ئىلگىرىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەركەكلىكىدىن پەخىرلىنىپ، مەيدىسىنى تىك كېرىپ يۈرگەن ئەركەكلىرىمىزنىڭ تېلېۋىزورلاردا توختىماي بېرىلىۋاتقان ۋە دوقمۇش-دوقمۇشلارغا چاپلىنىپ كەتكەن جىنسىيەت ئېلانلىرى  تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىدىن بىھۇدە ئەنسىرىشىپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ئەرلەر بۆلۈمىگە توختىماي قاتراپ تۇرۇشىنى مەلۇم جەھەتتىن تېبابەت ئىلمىدىكى يېڭىچە بايقاشلار تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈش دەپ ئويلىساقمۇ، ئەمما يەنىلا شۇ تەشۋىقات ئېلانلىرىنىڭ ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسىدە نورمال بولغان ئەرلىك ئىقتىدارى ئۈستىدە گۇمانىي تۇيغۇ پەيدا قىلغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
   cctv دا دۆلىتىمىز قانۇنىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلىش، يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ھامان قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى خەلققە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە مەخسۇس پىروگرامما قىلىپ ئىشلەنگەن  شىنجاڭلىق يانچۇقچىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى قىلمىشىدىن نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى بېرىلگەن فىلىمنىڭ قويۇلۇشى، ئارقىدىنلا تور بەتلەردە ئاز ساندىكى يانچۇقچىلارنىڭ قىلمىشى ئەينەن تارتىلغان فىلىم ۋە سۈرەتلەرنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولۇشى << بىرنىڭ پوقى مىڭغا >> دېگەندەك كۆپلىگەن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇرغا نىسبەتەن گۇمانىي قاراشلارنى پەيدا قىلدى، بۇنى ئىچكىرىگە خىزمەت، تىجارەت ، مەيلى ئوقۇش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇچرىغان بەزى مۇئامىلىلەردىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
   دۇنيادا ھەر قانداق بىر دۆلەتتە ھەرخىل مىللەتلەر توپلىشىپ ياشايدۇ، بىر مىللەت خەلقئارا ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكىتى، پەن تېخنىكا نەتىجىلىرى، شانلىق تۆھپىلىرى بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلىشى، مەتبۇئات ۋە تورلاردىكى تەشۋىقاتىدىكى ئۆز ئوبرازىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.
   يېقىنقى يىللاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنىڭ خەلقئارادا شۆھرەت قازىنىشى، بەزىلەرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىشى، ھەر قايسى پەن  ساھەسىدىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلىشى، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىي مىراسلار قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈشى، دۇنيادا ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭمۇ بارلىقى بىزدىن خەۋەرسىز نۇرغۇن كىشىلەردە مىللىتىمىزگە قارىتا قىزىقىشنى قوزغىدى. ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلار كۈنسېرى كۆپەيدى. رايونىمىزدا يېزا ئاساسىي قاتلاملاردا خىزمەت قىلىدىغان ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن قوش تىل ئۆگىنىش (مىللىيلار خەنزۇچە ئۆگىنىش، خەنزۇلار ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش) يولغا قويۇلدى. كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تەربىيەلەنمەكتە. بۇلاردىن ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىنى بىلىۋالالايمىز.
    پەن-تېخنىكا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئىنتېرنېت تورى پۈتكۈل يەر شارىنى قاپلىغان بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە، يەرشارىنىڭ ئەڭ چېتىدە ياشاۋاتقان ئاددىي بىر ئىنسانمۇ كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسىنى كىچىككىنە مىدىرلىتىش ئارقىلىق پۈتكۈل يەر شارىدا بولۇۋاتقان يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولالايدىغان، ھەرخىل مىلللەتلەرنىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن شۇ مىللەتلەرنىڭ ئورپ-ئادىتى، خاراكتېرى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدىغان بولدى. بىر مىللەتتىكى ئىللەتلەرنى سۆكۈپ يازغان تېمىلارنىڭ ئۈزۈلمەي يېزىلىشى، شۇ مىللەت ھەققىدە ھېچبىر چۈشەنچە بولمىغان ناتونۇش كىشىنىڭ ئىدىيەسىدە شۇ مىللەتكە نىسبەتەن يىرگىنىش سەسكىنىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈشى تەبىئىي.
    تۆۋەندىكى ئىككى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى:

چەتئەلدىكى ئېچىنىش


  2008- يىلى يىلنىڭ بېشىدىغۇ دەيمەن ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەتئەلدىكى ساياھەت ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن بىر ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە دوستۇمنىڭ چەتئەلدىكى ھەدىسى سوۋغاتلىق ئۈچۈن ئەۋەتكەن بۇيۇملارنى تاپشۇرۇۋالغىلى باردۇق. گەپ ئارىلىقىدا چەتئەلدىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈندۇق. ئاكىمىز شۇنداق ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىشنى ئېيتىپ بەردى.
   بىر كۈنى دوستۇمنىڭ ھەدىسى بىلەن ئىككىسى بىرگە بازارغا چىقىپتۇ، بىر تاللا بازىرىغا كىرگەندە ناتۇنۇش بىر چەتئەللىك ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىپ كېلىۋاتقىنىدىن ئەجەبلەنگەن بولسا كېرەك، ئۆز تىلىدا بىر نېمىلەرنى سوراپتۇ، دوستۇمنىڭ ھەدىسى جاۋاب بېرىپتۇ . ھېلىقى چەتئەللىك ئارقىدىنلا ئىككى قولىنى دۇئاغا كۆتۈرگەندەك جۈپلەپ بىر نېمىلەرنى دېگەنىكەن . دوستۇمنىڭ ھەدىسى ئاچچىقلانغاندەك ئاكىمىزنى تارتىپ تاللا بازىرىدىن چىقىپ كېتىپتۇ . ئاكىمىز دەسلەپتە ئۇ خىل ئىشارىنى ناماز ئوقۇشتىكى ھەرىكەت دەپ چۈشەنگەنىكەن . ئەمما دوستۇمنىڭ ھەدىسىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىقتا يېرىلىپ كېتەي دەپ قاپتۇ . ئەسلىدە شۇ كۈنلەردە شۇ يەردىكى داڭلىق تور بېكەتلەردە ئۇيغۇرلار توغرىلىق نۇرغۇن سۈرەتلەر بېسىلغان ئىكەن. بۇنىڭ سەلبىي تەسىرى شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىپتۇ. ئاكىمىزنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىچە تور بەتتىكى رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل كۆرۈنۈشتە تولىمۇ بىچارە ھالەتتە تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان سۈرىتى ئىكەن. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى سۈرەتلەرگە بىۋاستە فوتوشوپتا ئىشلەپ يازغان << xx ئىشلىدى>> دېگەن خەتتىكى ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بوپتۇ، تازا ئىشىنەلمەي دۆلىتىمىز ئىچىدىكى تور بەتلەردىن ئىزدىسە، مەلۇم بىر تور بەتتە شۇ رەسىملەرنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن يوللانغىنى مەلۇم بوپتۇ. ئەسلى ھېلىقى چەتئەللىك ئۇلارنىڭ مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، زاڭلىق قىلغاندەك شۇ ئىشارىنى قىلغان ئىكەن.

ئاقساقالنىڭ زارى


  بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەلۇم ئورۇنغا ماتېرىيال تەرجىمە قىلدۇرغىلى بارغان ئىدىم. ئىشخانىدا بىر نەچچەيلەن ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتاتتى.
    - ئاسىي، مۇناپىق!
    يېنىمدىلا ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم. بۇ ‹‹ ئاسىي، مۇناپىق ›› ئىككى ۋە ئۈچ بوغۇملۇق ئاددى سۆزدەك بىلىنگىنى بىلەن چوڭقۇر مەنىلەر سىڭگەن، ئادەتتىكى سەۋەنلىكلەرگە ئاسانلىقچە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھاقارەتلىك سۆز ئىدى. ئىشخانىدىكىلەر ئاشۇ سۆزنى قىلغان ئۇزۇن يىل مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ تەكلىپ بىلەن ئىشلەپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەربولۇپ كېلىۋاتقان مويسىپىت ئاكىمىزغا تەئەججۇپ ئىلكىدە تىكىلىشتى.
  - نېمە بولدى؟ ئاكا يەنە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بوپتۇمۇ،-بىرەيلەن سورىدى.
  - مۇشۇ تور، مۇنبەر دېگەنگە ساپلا ئادەمنىڭ ‹‹ئۇۋاقلىرى›› ، بىكار تەلەتلەر يىغىلىۋالامدىكىن. قارىڭە يوللىغان بۇ نېمىلىرىگە،- مويسىپىت ئاكىمىز ئالدىدىكى كومپيۇتېر ئېكرانىنى ئىشارە قىلدى. ھەممىمىز ئېكرانغا تىكىلدۇق-يۇ دېمىمىز ئىچىمىزگە چۈشۈپ كەتتى.
    ئېكراندا ئۇ كۆرسەتكەن ‹‹بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئېيتقانلىرى›› دېگەن ئاۋازلىق ئەسەردىكى ھاياسىز سۆزلەر، ئۇيغۇردىن تېنىپ كېتىش ئىدىيەسى، ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئېغىر ھاقارەتلىك سۆزلەر، يەنە بىر نەچچە يازمىلاردىكى ئۇيغۇر مىللىتى، ئالىم، يازغۇچى ، ناخشىچىلارغا قىلىنغان ئېغىزغا ئالغۇسىز ھاقارەتلىك جۈملىلەر، ئەپسانە تىللاشلار ، قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ‹‹ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇنداق بولۇپ كەتتۇق، بۇنداق بولۇپ كەتتۇق›› يازمىلار مانا مەن دەپ تۇراتتى.
  - ئاسىيلىق، مۇناپىقلىق دېگەن مانا مۇشۇ، نەدىمۇ نۇقسانسىز شەخس بولسۇن، بىر شەخسىنىڭ ئىللىتى قانداقمۇ بىر پۈتۈن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالىسۇن؟ تېخى ئاۋازلىق سۈرەتلىك قىلىپ يوللاپ كېتىشلىرىنى كۆرەي. تېخى ‹‹ مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇلارنى تورداشلارنىڭ كۆرۈشىگە سۇندۇم ›› دەپ يېزىشلىرى. تور دۇنياسىنى پەقەت ئۇيغۇرلا كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمىكىنە؟ مىللەتنى سۆيۈشنى مۇشۇنداق تىللاش، ھاقارەتلەش بىلەن ئىپادىلەشنى قايسى ئاتا بوۋىلىرىدىن ئۇدۇم ئالدىكىنە. باشقا تور بەتلەرغۇ بۇنى خۇش بولۇشۇپ باسسۇن، ئۆزىمىزنىڭ تور بەتلىرى مۇشۇنداق پەسكەشلىكلەرنى خەلقئاراغا تەشۋىق قىلىپ زادى نېمىگە ئېرىشەر؟ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئازراق بولسىمۇ ئويلاپ قويسا بولمامدۇ ؟ مۇشۇنداق يازما، فىلىملەرنى يوللىغان خاۋارىشلارنىڭ قوللىرى سۇنۇپ كەتسە.......
    بۇ پەقەت مۇشۇ مويسىپىت ئاكىنىڭلا ئەمەس، جەمئىيىتىمىزدىكى مىللەتنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى.
   مۇھىم تەشۋىقات قورالىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە، مۇنبەرلەردە  ئۇيغۇر ئەركەكلىرى، خانىملىرىمىزنى سۆكىدىغان، رېئاللىقنى يەكلەيدىغان يازمىلار نېمىشقا شۇنچە ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ؟ نەزەرىمىزنى رېئال دۇنياغا تاشلاپ باقايلى.
   شەھەر، يېزىلاردا ئىمان ، ئېتىقاد ، ئەخلاق پەزىلەت پۈركەنجىسىگە چىڭ ئورىنىپ، تىرىكچىلىك غېمىدە تىنىم تاپماي چېپىۋاتقان ، ئۆزى ئاچ قالسىمۇ ئاغزىدىكى ئاخىرقى بىر تال لوقمىنىمۇ پەرزەنتىگە قىسىنىپ، شۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىنىمسىز باش قاتۇرىۋاتقان، ئەركەكلىرىمىزنىڭ، خانىم–قىزلىرىمىزنىڭ ھەممە جايدا توپ–توپى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئۇلار ھەر بىر ئەخلاقىي پەزىلەتكە تويۇنغان ئىش ھەرىكەتلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىگە- مېھىر مۇھەببەت، ئىناقلىق ئۇرۇقى چېچىپ كېلىۋاتىدۇ .
   ئەمدى ئەخلاق چېگرىسىدىن چەتنەپ، كىملىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان، قاراڭغۇ كوچىلاردا تىمسىقىلاپ ياشاۋاتقانلارغا قاراپ باقايلى. ئۇلار جەمئىيىتىمىزدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئىنتايىن ئاز ساندا، يوق دېيەرلىكلا.
   ئەقىل-ئىدراكىمىز بىلەن كۈزەتسەك ۋە تەپەككۇر قىلىپ ئويلانساق، جەمئىيەتتىكى ئەركەكلەر ۋە خانىم-قىزلىرىمىز توغرىسىدا تارقالغان سۆز-چۆچەكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ ، مەلۇم جايدىكى بىر ئىككى شەخسىنىڭ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە قۇلاق يېقىشىپ، ياكى ئاشكارا بىرنى ئونغا كۆتۈرۈپ، كەڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن ئاشۇ ئاز ساندىكى ئازغۇن بەندىلەرنىڭ ناچار قىلىقىنى باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈۋېتىلگەنلىكتىن، كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك، بىر-بىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان خاھىشلار بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. بۇنىڭغا ئادەملەر ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ تولىمۇ ئەدەپ كېتىشى، ئوغۇل-قىز بويتاقلارنىڭ كۆپىيىشى ئېنىق مىسال بولالايدۇ.
   يۇقارقىلارمۇ ئاشۇ ھەرخىل تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى.
    ئەمدى تور تەشۋىقات سورۇنى بولغان مۇنبەرلەرگە نەزەر سېلىپ باقايلى:
    مۇنبەرلىرىمىزدە كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز ئەدەب-ئەخلاقنى تەكىتلەپ ئېسىل پەندى-نەسىھەت خاراكتېرلىك يازمىلارنى ۋە ھەرخىل ماقالە-ئوبزورلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سوۋغا قىلىۋاتىدۇ. ئۆزىمىزدىكى ناچار قىلمىشلارنى ئەدەبىياتنىڭ ھەرخىل ژانېرلىرىدىن ھېكايە، پوۋېست، شېئىر، ساتىرالاردىن پايدىلىنىپ يامان ئىشنىڭ ھامان كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، شەخسىنىڭ قىلمىشىنى مىللەتكە چاتماي، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجابىي تەربىيەلەش رولى بويىچە كىشىلەرگە مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.  بەزى ئەسەرلەرنىڭ مەتبۇئات ئۆلچىمىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر بىر كۆرۈپلا بىلىۋالالايدۇ. يۇمۇر-لەتىپە يوللاۋاتقانلارمۇ كىشىلەرنىڭ مىسكىنلىككە تولغان دىلىغا كۈلكە ئاتا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
   تېخى بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىلا ‹‹خانىش ئاماننىساخانغا قانداق قارايسىز؟›› دېگەن تېمىدا دۇنيا ئېتىراپ قىلغان 12 مۇقامنىڭ رەتلىگۈچىسى، توھپىكارى بولغان خانىش ئاماننىساخاننى بەزىلەر پاھىشە ، جالاپقا ئوخشىتىۋەتتى، يەنە بىر يازمىدا كۆمۈلۈپ قالغان بىر ‹‹تەتقىقاتچى››نىڭ ‹‹ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتىمغا ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر مىڭ ئۇيغۇر ئىچىدە 140 نەپىرى ھەمجىنسلار بولۇپ بەچچىۋازلار ئىكەن›› دېگەن تۆھمەت تۈسىدىكى قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹‹ناماز ئوقۇمىغان ئايالنىڭ ئەتكەن ئېشىمۇ ھارام›› دېگەن گەپلەرمۇ چىقتى، ‹‹ XX گۆشى يېگەن ئۇيغۇرۇم››، ‹‹ئۇيغۇردا ئەركەك، ئىپپەتلىك ئايال قالمىدى›› دېگەن تېمىلار بازار تېپىپ كەتتى، ئۇيغۇرچە ئىسمىمىزنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلىمىزدىن ئىزدىمەي، ئەرەبلەرنىڭ تىلىدىن ئىزدەش تەشۋىق قىلىندى. (بۇلار پەقەت مۇنبەرلەردىكى قىسمەن يازمىلاردىن ئېلىنغان مىساللار). مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنى ۋەتىنىمنى، مىللىتىمنى سۆيىمەن دەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر تورداشلىرىمىز مۇنبەرلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تاراتتى. قىسمەنلەرنىڭ كىچىككىنە پەسكەشلىكى ئىپادىلەنگەن فىلىملەرنى ۋە يازمىلارنى ‹‹بۇنداق ئۇيغۇرلارنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ›› دەپ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى باشقا مىللەت تور بەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە بەسلىشىپ يوللىۋەتتى.(كىم بىلىدۇ چەتئەل تور بەتلىرىگىمۇ يوللىۋەتتىمۇ تېخى). بېكەت باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇخىل يازمىلارنى چىقارماسلىققا تىرىشقان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا تورداشلارنىڭ ‹‹كۆڭلى›› نى ئاياپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى. ئاشۇ ‹‹كۆڭۈل ئاياش›› تۈپەيلى ئۇلار بىردەم ۋەتىنىمنى، مىللىتىمنى سۆيىمەن دەپ ئاغزىدىن كۆپۈك چىققۇچە شۇئار توۋلىسا، ئارقىدىنلا ئاشۇنداق ‹‹ئېسىل›› يازمىلارنى بەس-بەستە يېزىشقا باشلىدى. بۇ خىل يازمىلارغا ‹‹ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن›› دەپ مەدەت بەرگۈچىلەر تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹پەسكەشلىكىنى›› تېخىمۇ قېزىپ چىقىشقا مەدەت بەردى. مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ئىللىتى›› نى تور ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىۋاتقان ‹‹مىللەتپەرۋەر›› تورداشلىرىمىز زادى نېمىگە ئېرىشەر ؟ بىلىشىمچە ئۇلار ھەرقايسى تور بەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ يوللانمىسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان، ھاجەتخانىغا كىرىش بېلىتىنىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان مەۋھۇم پۇل (تور تەڭگىسى، مۇنبەر پۇلى دېگەندەك)ۋە ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدىغان مەۋھۇم ‹‹ ھوقۇق›› ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىكەن .
  
    تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى ئەنە شۇنداق مىللىتىمىزدىكى ‹‹ئىللەت››لەرنى توختاۋسىز قېزىپ چىقىرىۋاتقانلارنىڭ شۇ يازمىلارنى يېزىشتىكى ئەڭ چوڭ باھانىسى خەلقىمىز ئارىسىدا تارقالغان ‹‹ئىللەت تۈزەلمىگۈچە، مىللەت تۈزەلمەس›› دېگەن خەلق ماقالە بولدى. پاھ! نېمە دېگەن ئېسىل ‹‹باھانە›› بۇ . بەلكىم شۇ يازمىلارنى يېزىۋاتقانلار مۇشۇ ‹‹ئىللەت تۈزەلمىگۈچە، مىللەت تۈزەلمەس›› دېگەن ماقالنىڭ قايسى دەۋردە، قانداق تارىخىي شارائىتتا، كىملەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمىسە كېرەك.
  ‹‹ ئىللەت تۈزەلمىگۈچە، مىللەت تۈزەلمەس›› خەلق ماقال-تەمسىلىنىڭ قاچان ، كىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا خېلى ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بولساممۇ مۇكەممەل ماتېرىيالغا ئىگە بولالمىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى كىچىككىنە ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەن.
  مېنىڭچە ‹‹ئىللەت تۈزەلمىگۈچە، مىللەت تۈزەلمەس›› دېگەن بۇ خەلق ماقالى 20 – ئەسىرلىرىنىڭ باشلىرىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا كېرەك . ئەجدادلىرىمىز بىزگە يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن ماتېرىياللاردىن ۋە بەزى تارىخىي رومانلاردىن شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشىنىشكە قادىر بولالايمىز. شۇ ۋاقىتلاردا خەلقىمىز ئىچىدە ساقلانغان ئومۇميۈزلۈك ئىللەت نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق ئىدى. بۇنى شۇ دەۋردىكى تارىخىي شارائىت كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەكتەپ، مائارىپ، ئاقارتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشى، ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ بىلىملىك زاتلىرىمىزنى چەتكە قېقىشى ۋە ھەر خىل ئاماللار ئارقىلىق ئۇلارنى قەتلە قىلىشى، باي–پومىشچىك، موللا ئىشانلارنىڭ خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىشى تۈپەيلى خەلقىمىز نادانلىق، خۇراپاتلىق، جاھىلىيەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقان. بۇ ماقال ئەنە شۇ دەۋرگە ماس كېلىدۇ دېسەك خاتا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
   ئازادلىقتىن كېيىن دۆلىتىمىز مائارىپقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، مەكتەپلەر كۆپلەپ قۇرۇلدى. 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى، خەلقىمىز مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا، ئىلىم –پەن بىلەن قوراللاندۇرۇشقا يۈزلەندى. زىيالىيلىرىمىز كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى. نۇرغۇنلىغان ئالىم ، دوكتۇرلىرىمىز خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. خەلقىمىزنىڭ ھەرخىل مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قاراش، ئېڭىدا روشەن يۈكسىلىشلەر بولدى . خەلقىمىز نامراتلىقتىن بىر پۈتۈن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، نادانلىق، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن خېلىلا باش كۆتۈردى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ تىرىشىۋاتىدۇ.  شۇنداق ئىكەن ‹‹ئىللەت تۈزەلمىگۈچە، مىللەت تۈزەلمەس›› دېگەن بۇ ماقالنى قايسىبىر شەخسىنىڭ كىچىككىنە نوقسانىغا تەدبىقلىساق بەكمۇ بىمەنىلىك.
   بەلكىم يوقىرىقى بايانلارنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا ھەر خىل نۇقسانغا ئىگە كىشىلىرىمىزنىڭ شۇ بويىچە كېتىۋېرىشىگە قاراپ تۇرامدۇق؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى تەنقىدلەش زۆرۈر. بىراق تەنقىدلەش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قېلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ .
    مىللەت چوڭ ئۇقۇم بولۇپ شەخس بولسا مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئادەملەر توپىدىكى ئايرىم بىر ئادەم . بىر شەخسىنىڭ ئىللىتىنى مىللەتنىڭ ئىللىتىگە كۆتۈرۈپ چىقىش شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ . شۇڭا مىللەت بىلەن شەخسىنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. مەيلى قايسى كەسىپتە شوغۇللانغۇچىلاردىكى نۇقسانلار بولسۇن ئاشۇ نۇقساننى سادىر قىلغۇچىنى تىللاش، ھاقارەت قىلىش ئارقىلىق تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىش تولىمۇ بىمەنىلىك.
   ئۇلارنى ھەقىقىي تەربىيىلەش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سېلىشتۇرۇش، ئۈلگە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شۇ شەخسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئەتراپىمىزدىكى ياخشى ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرۇش، ئەئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز بىلەن ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈلگەن نۇقسانلارنى ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.
    مىسال: بىر ئارتىستنىڭ ئورۇنلىغان ناخشا، ياكى مۇزىكىسىدىكى نۇقسانلارنى بايقىساق، ئاشۇ ئارتىستنى تىللاپ، رەسۋا قىلماي ، شۇ ئورۇنلىغان سەنئەت بىلەن ئۇيغۇر سەنئىتىمىزنىڭ ئۆرنەكلىرىنى پۇختا سېلىشتۇرۇپ، ئۇ ئورۇنلىغان نومۇردىكى ھەرىكەت، سۆز ۋە كىيىنىشىنىڭ، ئۇيغۇر ئورپ-ئادەتلىرىگە، مەدەنىيىتىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىغا ماس كەلگەن  ياكى كەلمىگەنلىكىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغاندىن كېيىن خاتالىقلارنى ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرسەك، ئاشۇ ئارتىستلىرىمىزدىمۇ مەلۇم سىلكىنىش پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى ئوڭشاشقا تىرىشىشى مۇمكىن، ئۇنداق قىلماي ھاقارەت ئارقىلىق ئۇلارنى ئەيىبلەيدىكەنمىز، ئارتىستتا شۇ ئەيىبلىگۈچىگە نىسبەتەن نازارىلىق تۇيغۇسى ۋە بىپەرۋالىق قارىشى تۇغۇلىدۇ-دە ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ مېڭىۋېرىدۇ. چۈنكى ئىنسان ھەر قانچە مەرد بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەتنى ئىچىگە سىڭدۈرەلىشى بەسىي مۈشكۈل.
    شۇڭلاشقا ئەتراپىمىزدىكى ياخشى ئىش ھەركەتلەرنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ، شۇلارنى ئاشۇ نۇقسان ئىگىلىرىنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىشىمىز كېرەك.           
   دۆلىتىمىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان، كۆپ مىللەتلەر توپلىشىپ ياشايدىغان دۆلەت، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە ئاشۇ سەلبىي تەسىرگە ئىگە يازمىلاردىن بۇزۇق كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇش تۇرۇش ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ مەجبۇرىيىتى.

ئاخىرقى سۆز


   ئۈمىد بولسا كىشىلەرنىڭ روھىنى تاۋلاپ، ئىرادىنى چىڭىتىدىغان، ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىغان قورال، چۈشكۈنلۈك بولسا ئادەمنى زەئىپلەشتۇرىدىغان، تۇيۇق يولغا باشلايدىغان، ئۆلۈم يولىغا قىستايدىغان ھالاكەت يولىدىن ئىبارەت. مىللەتنىڭ ‹‹ئىللىتى›› توختىماي تەشۋىق قىلىنسا، باشقا كىشىلەرگە ئويۇن بولۇپ بەرسە، خەلقىمىزنىڭ روھىيىتىگە ئېغىر چۈشكۈنلۈكنى سىڭدۈرۈپ، ئۆز مىللىتىدىن، ياشاشتىن ئۈمىدسىزلىنىش، بىزار بولۇش، ئۆز-ئارا ئىشەنچنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن زىيانلىق بولغان كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ.   
   رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان، ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ھەر تەرەپلەردىكى خىرىس تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، مىللەت دەرىجىسىگە كۆپتۈرۈلگەن بىر ‹‹ئىللەت››نىڭ تور دۇنياسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشى ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئۆسمە، ئۆسمىنى ۋاقتىدا ئېلىۋەتمەيدىكەنمىز، ئۇنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن.
   دۇنيا بىر جەڭ مەيدانى. ھەر قانداق بىر رىقابەتچى قارشى تەرەپنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلغان چاغدىلا ئاندىن غەلىبە قىلالايدۇ . يۇقارقىدەك ئۇيغۇردىكى ‹‹ئىللەت››لەر بىر كۈنلەردە ياتلار تەرىپىدىن پىشانىمىزگە قويۇلسا يۈزىمىزنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلەرمىز؟
   ئېسىمىزدە بولسۇن : ئۇيغۇر تور بەت ۋە مۇنبەرلىرى ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، شان-شۆھرىتىنى دۇنياغا تونۇتىدىغان سەھنە بولسۇنكى، ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ، ئۇيغۇر ئەركەك، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ دۇنيا خەلقى ئالدىدىكى ئوبرازىنى چۈشۈرىدىغان تەشۋىقات سورۇنى بولۇپ قالمىسۇن!!!!!
    بەس، ئۇيغۇرۇمنى سۆكمە!
ئۇيغۇر سۆكۈشكە ئەمەس قوللاشقا، چۈشكۈنلۈككە ئەمەس ئۈمىدكە موھتاج .


مەنبە : ھۆكۈمران .

سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئىنكاس يازغاندا ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-15 07:04 PM  


ھازىرغىچە 25 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabirjan + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
furkat2 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
nazila998 + 200 كۆڭۈلدىك سۆز
uzumtal + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
gvlqay + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
attirgul + 500
barquk8 + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
bzkm + 100 بەك تەسىرلىك بوپتۇ ،ئ.
kalambar + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
Dakyanos + 200 كۆڭۈلدىكى سۆز بۇپتۇ.
ORDAgulqiliki + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kurax114 + 100
XERHAN + 222 ئويلىنىشقا تىگىشلىك
musilina + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
GLADIATOR + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
fatima + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
zulayha + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
eliyarmusic + 310 كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلى.
atux-0908 + 10 بەكمۇ تېتىدى.
52arslan + 100 مەن مۇشۇ تىمىدا يېزىۋ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 5271   باھا خاتىرىسى

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2332
تۆھپە نۇمۇرى: 855
توردا: 3148 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 01:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاباي تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە كۆرگەنتىم.ئەسلى سىز يېزىپتىكەنسىز-دە.

مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21108
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6204
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 01:54:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ. تورداشلارنىڭ پەقەت ئاغزىدا داۋراڭ سىلىپ دەبدەبىلىك ئىنكاسلارنى يىزىپ، ئارقىدىن يەنىلا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىمەي،  ھەر بىرىمىز ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىشىمىزنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6426
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239890
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12517 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 01:55:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرمەن  -ئۇيغۇرغا يازىمەن شئېىر .


ياشايمىز ئانا يۇرت گۈزەل دىياردا ،
مىللەتتىن سەسكىنىپ بولماي گۇماندا ،
دادىل بىز  خوشلۇقتا ،گاھى تۇماندا ،
ئۇيغۇرمەن -ئۇيغۇرغا يازىمەن شئېىر .

چىقسىمۇ ئارىدىن  بەزىبىر ئىللەت ،
ئىللەتكە ۋەكىلىك  قىلمايدۇ مىللەت ،
ئۇيغۇر بىز ئىللەتتىن ئالغاچقا ئىبرەت ،
ئۇيغۇرمەن -ئۇيغۇرغا يازىمەن شئېىر .

قىز - ئوغول مىللەتكە يانغان شام چىراق ،
كۆرىدۇ خۇشاللىق ، بەزى دەرىت -پىراق ،
ئۆتكەچكە تارىختا بەك ئىجىل -ئىناق،
خوش بولۇپ  -ئۇيغۇرغا يازىمەن شئېىر .

ئۇيغۇر بىز ئەدەپلىك ، ھەمدە چىداملىق ،
قىز - ئوغول ۋاپادار ، شەرمى- ھايالىق ،
ئانىلار كۈيۈمچان،ئەرلەر  ياراملىق ،
ئۇيغۇرمەن  -ئۇيغۇرغا يازىمەن شئېىر .

ئۇيغۇرلار ئۇيغۇردىن تانماس ئالدىراپ،
مىللەتكە شام بولدى ،ئۆچمەي يالتىراپ ،
ھەم بەزى ئېقىن بوپ ئاققاچ شارقىراپ ،
ئۇيغۇرمەن  -ئۇيغۇرغا يازىمەن شئېىر .

مىللەتتىن بەزىدە ، كۆرسەممۇ ئەلەم ،
ھەم بەزى كۆرسەممۇ شەرەپلىق قەدەم ،
ھەر ۋاقىت قولۇمدا بولسىلا قەلەم ،
ئۇيغۇرمەن  -ئۇيغۇرغا يازىمەن شئېىر .

مەنبە- تاڭنۇر



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-15 01:55 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
لوپنۇرى + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40227
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 02:12:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز ئاكا بىز سۆكۈشكە مۇھتاج ئەمەس لىكىن بىز ئۈزمىزنى ماختاش بىلەن بىزنى دۇنيا ماختىمايدۇ .

ياشاۋەرمە ماختنىشنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر،
نەزەر سالغىن ئەتراپىڭغا ئويغانغىن ئۇيغۇر.
ئۈز ئۈزۈڭنى ئالدايسەن بەس ئۈزگىنى ئەمەس،
ياشاۋەرمە ماختىنىشنىڭ ئىچدە ئۇيغۇر.

ماختىغانغا چاۋاك چالدۇق كۆتەردۇق ۋاي دەپ،
تۆزەلگىن دەپ سۆزلىگەننى قوغلىدۇق كەت دەپ.
ھەق سۆزلەيمەن مەنمۇ بۆگۈن يۇشۇرمايمەن گەپ،
ياشاۋەرمە ماختىنىشنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر.

پەخىرلەندۇق ئەجداتلاردىن مىراس مۇقامدىن،
شۇ ئەجداتلار بىزگە قۇيۇپ كەتكەن تارىختىن.
مۇقام تارىخ ئەجداتلاردىن بىزگە قالغىنى،
ئەۋلاتلارغا نېمە قالار ئىيىت ئۇيغۇر بىزدىن.

مۇقام ئىيتىپ تەڭ بولماق تەس يات ئەللەر بىلەن،
ئۇيغۇر نامىڭ تۇنۇلمايدۇ ماختىنىش بىلەن.
مەرىپەتتىن ئايرىلمىغىن ئىزچىلاردىن بول،
ئۇيغۇر نامىڭ تۇنۇلغۇسۇ مەرىپەت بىلەن.

قۇرۇق شۇئار توۋلىمايلى ماختىنىپ ئەمدى،
بىلىم ئالغىن بۆگۈن دىگەن ئىلىم پەن دەۋرى.
ئەجداتلاردەك ئەجدات بولۇپ چىقايلى بىزمۇ،
ئەۋلاتلارمۇ پەخىرلەنسۇن بىزلەردىن مەڭگۈ.

بۇ شېئردىكى مەزمۇن تېماغا قارشى مەزمۇن ئەمەس مەن دىمەكچى بىز قولللاشقا مۇھتاج ھەم شۇنداقلا قۇرۇق شۇئارنى ئەمدى تاشلايلى  ھىچ كىشى ئۇيغۇر تۇرۇپ ۋىجدانى بولسا ئۇيغۇرنى سۆكمەيدۇ ئەمما  سۆككىدەك يەرنى سۆكمەي تۇرۇشمۇ ئۇ بىر خىل مىللىتكە قەس قىلغانلىق دەپ قارايمەن بۇ دىگەن داۋراڭ سىلىش ئەمەس پەقەت كىسەلنى يۇرۇشساڭ ئۈلۈمى ئاشكار  بۇنى چۈشنىمىز  شۇڭا دەيدىغنىم  قۇرۇق شۇئار تۇۋلىمايلى ئۈزمىز ئۈزمىزنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ باقساقمۇ يەنىلا دۇنيا ماختىسا بىكار دە شۇڭا دەيدىغنىم  بىزنى ماختاندۇردىغان بىزنى ئۇچرىدىغان پەقەت بىر يول بار ئۇ بولسىمۇ   ئىلىم پەن..........ھەق سۆز ئۇيغۇر مىللىتىم سەن تىخى ماختىندىغان يەردە ئەمەس..........ماختىناي دىسەك قېنى بىزنى ھىچكىم توسمايدۇ ئىلىم پەن چوقسقغا قاراپ ئىلگرلە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-15 02:25 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hokumran + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6426
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239890
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12517 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 02:18:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر بىز ،


ئۇزاق يىللىق تارىخنى ، بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز ،
ئەجىرلەردىن گۈل كۆرۈپ ، شەرەپ قۇچقان ئۇيغۇر بىز .
كۆز يەتمىگەن تاغلارغا ، ئىزلار سالغان ئۇيغۇر بىز ،
تەن - تېنىدە ئۇيغۇرنىڭ ،قېنى ئاققان ئۇيغۇر بىز ،
سادىر ھەمدە لۇتپۇلنىڭ، ئەۋلادى شۇ ئۇيغۇر بىز .

يەلكىمىزنى تال كەبى ، ئەگسىمۇ جۇت – بورانلار ،
مەنزىللەرنى ھەر ۋاقىت ،توسسىمۇ تاش – قىيانلار ،
ئەجىرىمىزنى شام كەبى ، ئۆچۈرۈپ ئۆتسە شاماللار ،
ياخشى ئىشنى يوق قىلىپ ،دوق قىلسىمۇ يامانلار .
كۈلكە بىلەن ئاچچىقنى ، تېتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز .

ياشاپ كەلدۇق بىرىمىز ، يېڭىپ ئاچچىق كۈلكىنى ،
يەنە بىرىمىز ئوۋلىدۇق ، ئارىدىن  چىققان تۈلكىنى ،
تاللاش – شاللاش بولسىمۇ ، تالاشمىدۇق مۈلۈكنى   
ئەگرى – توقاي يوللاردا ، ئۇنتۇپ قالماي ئۆزلۈكنى ،
ھەقنى كۆزلەپ يىراقنى ، ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر بىز .

بولسا بىراۋ ھازىدار ، كۆزنى ھەممە ياشلايمىز ،
يىتىم – يىسىر، ئاجىزغا ، ئاتىغاننى تاشلايمىز ،
چىقسا بىزدىن بىر ئالىم ، چاۋاكلارنى باشلايمىز ،
ئىللەت بولسا ئارىدا ، ھەممە تەڭلا قاقشايمىز ،
گاھى ماتەم،خۇشاللىق ،كۆرۈپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز .

بىرلىرىمىز دىھقان بوپ ، تىنىپ تاپماي ئىشلەيمىز ،
بىرلىرىمىز كادىر بوپ ، يۇمشاق گۆشنى چىشلەيمىز ،
بىرلىرىمىز كۆچمەن بوپ ، ئانا يۇرۇتنى ئەسلەيمىز ،
بىرلىرىمىز ياش غۇنچە ، ئۇلۇغ غايە ، ئىستەيمىز ،
تەڭشەلمىگەن جاھاندا ، ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر بىز .

ئەجىر قىلىپ چۆللەرنى ، ئايلاندۇرۇپ باغلارغا ،
مىللى ئۆرۈپ ئادەتنى ، باغلاپ مۇقام سازلارغا ،
تەبىي گۈزەل چىنلىقنى ،سىموۋۇل قىپ ئايلارغا ،
ساپ ئەقىدە - ۋاپانى ، ئاتاپ مەڭگۈ يارلارغا ،
قىزىل گۈلدەك خۇشپۇراق چېچىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز .

چىقسىمۇ گەر ئارىمىزدىن،بىرەر ئازغۇن، نۇمۇسسىز ،
سېتىپ مىللەت يۈزىنى ، ئىللەت سۈيەر ئۇياتسىز ،
دوس-  يارەننى  يىغلىتىپ ، قان قىلسىمۇ ۋاپاسىز،
ئاقنى سېتىپ بەزىلەر ، لەيلەپ يۈرسە ئىمانسىز ،
ئاشۇ ھەممە پۇشتىمىز ، تانالمايمىز ئۇيغۇر بىز .

قۇياش بۇلۇپ پارلىدۇق ، تەپتىمىزدىن نۇر تۆكۈپ ،
كىلەچەك دەپ ۋەتەن دەپ ، ئېقىنلارغا تەڭ چۆكۈپ ،
خەلىق ئۈچۈن ئەل ئۈچۈن ، دىلغا ئارمان لىق پۈكۈپ
يۈلتۇز بۇلۇپ چاقنىدۇق ، كۈندۈزلىرى ھەم مۆكۈپ ،
توغراق كەبى ئۆكۈنمەي،  ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر بىز .

مەنبە----- تاڭنۇر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-15 02:18 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 155 دەلىللەر يېتەرلىك
hokumran + 150 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ay-turk + 99 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 404   باھا خاتىرىسى

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39371
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1949 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 02:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەرشۇنداق كاتتا،ئېسىل،ئەڭ ئالدىدىكى مۇنبەرتى.يىقىننىڭ ياقى غەيرى قىسىمدىكى.ئانىسىدىن قارغىش ئالغان.جەمئەتكە ھېچقانداق پايدىسى تەگمەيدىغان بىر توپ يالاڭتۇشلەرنىڭ ئۇۋ ئۇۋلايدىغان ئۇرنىغا ئۇخشاپ قالدى،بىرەرسى تېما يۇللاپ قالسا شۇ تېمىدىن ،قۇسۇر.تېما ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغانلار كۆپيۇپ قالدى،
دىمەكچى بۇلغۇنۇم باشقۇرغۇچىلار تېما،ئىنكاسلارغا سەل-پەل دېققەت قىپقۇيسىكەن دېگەن ئۈمۈتتە مەن.بىلىپ تۇرۋاتمىز سىلەرنىڭ ئىشىڭلارمۇ ئاسان ئەمەس.
،مىسرانىمنىڭمۇ مۇنبەر تۇرمىسى بادۇ،4~5 ئاي تەربىيلەيدىغان،
قىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   riallik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-15 02:39 PM  


مەن ئۇلارغا ھېسدشلىق قىلمايمەن،بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېچىنمەن !

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40227
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 02:43:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tagnur يوللىغان ۋاقتى  2012-3-15 02:18 PM
ئۇيغۇر بىز ،

ئۇزاق يىللىق تارىخنى ، بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغ ...

شېئر يىزىشقا بەكمۇ ماھىر جۇمۇ ئاكا سەن ئەتراپىڭغا قاراپراق يازارسەن ئاكا .........................................

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش
foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 02:43:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40227
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 02:47:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
foormat يوللىغان ۋاقتى  2012-3-15 02:43 PM
ئامال يوق ، توردا ‹‹دىنى ئالىم›› ، ‹‹سىياسىيۇن›› دىگەن ...

ما گەپنىڭ جىنى بار جۇمۇ راس دەيدۇ ....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
awlatbez + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش