يانفۇنۇم يانفۇن بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى مەخسۇس يانفۇن بېكەتلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇلىنىش بېكىتى بولۇپ ئانا تىلىمىزنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئۇمۇملىشىشى ئۈچۈن ئاز تولا بىر ئىش قىلساقكەن دەپ يانفۇندا زىيارەت قىلىشقا بولىدىغان بېكەتلەرنى يىغىپ تورداشلارغا سۇنغان ئىدۇق ،( مىسرانىمغا يوللانغان مۇناسىۋەتلىك يازما
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-121734-1-1.html) بېكەت ئېلان قىلىنغان قىسقىغىنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى،بىزمۇ ھەر ۋاقىت تورداشلارغا قولاي، تېخمۇ ئىلغار ،تېخمۇ تېز مۇلازىمەت قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتىمىز. تور بېكەتتە ئىلان قىلغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ۋە شۇ بويىچە مۇكەممەللەشتۈرىۋاتىمىز.يېقىندا بېكىتىمىزنىڭ ئاندىروئىد ئەپ دېتالى پۈتۈپ ئىچكى سىناقتىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن توردا ئېلان قىلدۇق.ئەپ دېتالىمىز ئىككى خىل بولۇپ بىرىنجى خىلى ئاران 190K بولۇپ سىمىغى كىچىك بولۇش،تور سۈرئىتى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە،بۇنىڭدىن باشقا ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى،بارلىق ئىقتىدارلىرى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئانا تىلىنى بىلىدىغان ھەر قانداق ئادەم مۇشۇ ئەپنى تېلىفۇنىغا قاچىلىۋالسىلا بۇ دېتال شۇ تورداشنىڭ تور ساياھىتىگە يول باشلايدۇ،بۇ ئەپ ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى تېلىفۇننىڭ ئېقىمىنى تىجىگەن ئاساستا زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ ئەپنىڭ سىغىمى 190k بېكىتىمىز مۇشۇ ئەپنى تەۋسىيە قىلىدۇ ،چۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://yanfunum.com/Yanfunum.apk
ئىككىنجى خىل ئەپ دېتالىمىز بولسا Maxthon تور كۆرگۈسىنڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ،بۇ ئەپنى قاچىلىۋالسىڭىزمۇ بېكىتىمىزنى بىمالال زىيارەت قىلالايسىز. بۇ ئەپنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 5.73MBچۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://yanfunum.com/yanfonumtori.apk
يۇقارقى ئىككى ئەپتىن خالىغان بىرىنى تاللاپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.بىز باشتىكى ئەپنى ئەپنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تۆۋەندە بېكىتىمىز كۆرۈنمە يۈزىنىڭ بىر قانچە رەسىمى ھۇزۇرۇڭلاردا
يانفۇنلاردا بىر قانچە بېكەتنىڭ يازمىلىرىنى بىردىن-بىردىن ئېچىپ كۆرۈش قولايسىز بولغاچقا يېڭىلىق بېتى تەھسىس قىلىنغان،يېڭىلىق بېتىدە لەگلەك خەۋەر تورى. ئۇيغۇر خەۋەر تورى،مىسرانىم،ئىزدىنىش،باغداش،ئەلكۈيى،بوزقىر،ئەجداد تارىخ مۇنبىرى قاتارلىق بېكەت، مۇنبەرلەرنىڭ ئەڭ يېڭى يازمىلىرىنى ئاپتۇماتىك كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ
يېڭىلىق بېتىدىن بىر كۆرۈنۈش
http://yanfunum.com/bbs/data/attachment/forum/201404/14/004910nsvibab0a7g7n2y1.png
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە ئەپلەرمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، بېكىتىمىز كەسپى يانفۇن بېكەتلىرى ئۇلىنىش بېكىتى بولغاچ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپلەردىن تاللاپ تورداشلارغا سۇندۇق. بۇ يەردىن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپلەرنى تاپالايسىز.
ئۈندىدارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىىردى،بىزتۈرلۈك سالونلار ئارقىلىق يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز،بىراق نۇرغۇنلىرىمىز قانداق سالوننىڭ قانداق مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغىنىنى بىلمەيمىز،شۇڭا ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سالونلىرىدىن بىر قىسىملىرىنى يىغىپ قويدۇق.
بۇنىڭدىن باشقا ئىجادى مەزمۇنلارنى يوللانىدىغان بىراق تەشۋىقاتنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدىن كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرى ئۈچۈن مەخسۇس يېڭى تۈر ئىشلەۋاتىمىز،ئېھتىياجلىقلار ئالاقىلىشىڭلار.
قېنى تورداشلار يانفۇندىكى ئەڭ ئىللىق ئارامگاھقا مەرھەمەت
يانفۇنۇم يانفۇن بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى داۋاملىق تور بېكەتلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ بىرلىكتە ئىلگىرلەشنى ئىستەيدۇ.
http://yanfunum.com/
ئانا تىلىمىزنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە كەڭ ئۇمۇملىشىشى ئۈچۈن ئاز تولا بىر ئىش قىلالىغان بولساق ھاردۇقىمىز چىققان بولاتتى.