مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4261|ئىنكاس: 15

تېلىفۇنىڭىزدا بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12175
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8147
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 12:32:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلىفۇنىڭىزدا بارلىق ئۇيغۇرچە  يانفون بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار.
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ   تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىش بىلەن بىز توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق يېڭى ئۇچۇرلارغا ، يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنتىرنېت دەۋرىگە قەدەم قويىشى تەكشىسىز بولسىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى، كومپيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىقىپ يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇنلارنىڭ ئۇمۇملىشىشى بىلەن تورغا چىقىشىمىز تېخمۇ قۇلايلاشتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن بېكەتلەر يانفون زىيارەتچىلىرى ئۈچۈن بېكەتنىڭ يانفون بېتىنى پۈتتۈرۈپ تورداشلارغا سۇنۇپ، تور زىيارىتىمىزگە تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلدى. مەن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يانفون بېتى ئېچىلغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى يىغىپ كەلدىم، ھەم ئارىلىقتا شۇ بەتلەردىن تۈزۈلگەن ئۇلىنىش بېتىنى قۇرۇپ چىقتىم، بۇ ۋاقىتتا بەزى بېكەتلەر خاراكتېرى مۇشىنىڭغا ئوخشاش بېكەتلەرنى قۇرغاچقا ياسىغان بېكەتنى توردا  ئېلان قىلمىدىم، بىراق يانفون بېكەتلىرىنىڭ  بىر قىسىمى ئانچە ئۇزاققا بارماي ئىتىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ بېكەتنى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەخسۇس يانفوندا تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇكەممەل تور بېكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئويى بىلەن 10-ئايدىن باشلاپ بېكەتنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئۆزۈم يانفوندا تورغا چىقققۇچىلار ئېھتىياجلىق دەپ قارىغان بارلىق ئىقتىدارلارنى قوشۇپ چىقتىم، بېكەتنى بىر قەدەر مۇكەممەل قىلىپ ئاندىن تورغا ئېلان قىلىش ئويى بولغاچقا ئېككى قېتىم بېكەت باشلىقلىرى يىغىلغان تور بېكەت نۇرقۇتقا يازما يوللاپ باشقا بېكەت باشلىقلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالدىم، بېكەت باشلىقلىرىنىڭ پىكىرى بويىچە ئۆزگەرتىپ ، بېكەتنى  بىر مەزگىل ئىچكى سىناقتا تەكشۈرۈپ باشقا مەسىلە بايقىمىغاندىن كېيىن بۈگۈن تورغا ئېلان قىلدۇق.
بېكىتىمىزنىڭ خاراكتېرى شۇكى كەسپى يانفون زىيارەتچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ قوشۇلغان بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ، ئېقىم تىجەيدىغان بېكەتلەردۇر.
دەسلەپتىكى پىلان بويىچە، ئالاھىدە تەۋسىيە بېكەتلەر، ئونۈېرسال بېكەتلەر، مۇنازىرە مۇنبىرى، تېخنىكا بىلىملىرى بېكەتلىرى، مائارىپ  بېكەتلىرى، ناخشا بېكەتلىرى ، سۈرەتلىك ناخشا بېكەتلىرى ( بۇ تۈرگە ئىتوت بېكەتلىرىمۇ قوشۇلدى)، كىنو بېكەتلىرى ، يانفۇنغا  ئەپ چۈشۈرۈش ۋە يانفون بىلىملىرى بېكەتلىرى، تور سودىسى ۋە بانكا بېكەتلىرى، ساغلاملىق ۋە تەنتەربىيە بېكەتلىرى ، شەخسى بىلوگلار، ئۈندىدار سالونلىرى ، قولاي تەكشۈرۈشلەر، تەۋسىيەلىك ئاندىروئىد ئەپلىرى، تەۋسىيەلىك ئالما ئەپلىرى    مىكروسوفىتنىڭ يانفون ئەپلىرى  قاتارلىق تۈرلەردىن تۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا  يانفۇندا  بىر قانچە بېكەتلەردىگە كىرىپ يازما كۆرۈش قولايسىز بولغاچقابىز  بېكىتىمىزگە يېڭىلىق رايونى تەھسىس قىلىپ ، بىر قانچە بېكەتتىكى ئەڭ يېڭى يازمىلارنى كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. سىز يېڭىلىق بېكىتىمىزگە كىرىپلا مىسرانىم مۇنبىرى ، باغداش مۇنبىرى ، ئىزدىنىش مۇنبىرى ، بوزقىر مۇنبىرى ، ئۇيغۇر خەۋەر تورى، شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى ، ئەلكۈيى مۇنبىرى ، ئەجداد تارىخ مۇنبىرى  قاتارلىق بېكەتلەردىكى ئەڭ يېڭى يازمىلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئەمەلگە  ئاشۇرۇلدى .
يانفۇندىلا ماتېرىيال ئىزدەشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن باش بەتكە دۇنيادىكى ئىلغار ئىزدەش ماتۇرى گوگۇلدىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
تورداشلارنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپلەرنى تېپىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم ئەپلەرنى تەمىنلىدۇق.
بىر قىسىم ئۈندىدار ئاممىۋى سالونلىرىنى توپلاپ تورداشلارغا سۇندۇق.
بېكەتكە ھەر ئايدا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى قوبۇل قىلىمىز، پاراۋانلىق ئىلانلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ ، بەت ياساش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلارنى ھەقسىز قىلىپ بېرىمىز، پاراۋانلىق ئىلانىنىڭ مەزمۇنى ھازىرچە ئادەم
ئىزدەش ۋە مۇراجىئەتنامە مەزمۇنىدىكى ئېلانلار بولىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»دەپتىكەن، سىلەر ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغىتىمىزنى كۆرۈپ باققايسىلەر.
يانفونۇم يانفون بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى
قولىڭىزغا تېلېفونىڭىزنى ئېلىڭدە تور كۆرگۈگە تۆۋەندىكى ئىككى ئادىرستىن خالىغىنىڭىزنى كىرگۈزۈپ زىيارەت قىلىڭ ئىشىنىمىزكى زىيارىتىڭىز چوقۇم كۆڭۈللۈك بولىدۇ.
http://www.yanfunum.com
http://www.yanfonum.com
يېڭىلىق بېتى
http://yanfnum.com/news.asp



خاقانىيەدە ياشنايمىز ! خاقانىيەدە كۆكلەيمىز!

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 01:35:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانفۇن تىرمىنالى يوقمۇ؟

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9615
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1745 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 02:45:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قايسى كۈنى بايقىغان ئىدىم بۇ بېكەتنى، ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، شەخسەن مەن ياقتۇردۇم!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 02:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۈرۈپ باقاي

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87455
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 693
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2012-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 03:06:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى قىپسىز ، مەن ھازىر چىقىپ سىناپ باقتىم ھەقىقىتەن ياخشىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8677
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1980 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 03:36:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا رەھمەت جۇمۇ . ئىلگىرى بەزى يانفۇن ئۇلىنىش بەتلىرى بار بولسىمۇ توپلانغان بىكەتلەر بەك بەك ئاز ئىدى ، بۇ  شۇنداق تولۇق بوپتۇ  . مۇشۇنداق بىكەتتىن بىرى زادى كەم ئىدى ،   ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8677
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1980 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 03:37:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىتىڭلارغا كىۋادرات شەكىللىك لوگودىن بىرنى قوشۇپ قويۇڭلار .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8696
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44903
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 7245 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 06:36:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بولدى ئەمدى يانفۇندىمۇ تور  كۆرالايدىغان بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 07:47:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. مەن ئىشلىتىپ باقتىم ھەقىقەتەن ياخشىكەن.
بۇ توربىكەتنى ئىشلەتمىگەنلەر پۇشايمان قىلساڭلار مىنى دىمەپتۇ دىمەڭلار .. بۇتور بىكەت راستىنلا ياخشىكەن
ھې ھې ..

ياقۇپجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 08:39:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھا مەنمۇچۈشۈرۋالدىم

ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش