زاغرا يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 03:12 PM 
قولىنى كىسىش جازاسىنىمۇ ئاللاھ بەرگەن ھەم بۇيرىغان ھ ...
سىز بىر ئىككى يۈز ئادەم دەپ ئاز قىياس قىلىپ قالدىڭىز. ئوغرىلىق قىلغانلار، قىلىدىغانلار، ئادەتتىكى كەسپكە ئايلاندۇرىۋالغانلار ئۈچۈن، كۈنىگىلە نەچچە ئون ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن «ئولجا» ئالىدۇ.
بۇ ئوغرىلىق قىلغان ئادەممۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا تۆۋە قىلىپ قولىنى كېسىش جازاسى بىرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ھەر نېمە بولسا مېنى ئۆلتۈرۈڭلار دېمەپتۇ.
مۇسۇلمان ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېيىش ئېغىر گۇناھ...
بۇ تېمىغا يېزلغان ئىنكاسلاردىن ئىككى خىل قاراشتىكىنى ھېس قىلدىم. قولىنى كەسكەنگە ئىچ ئاغرىتىپ كەتكەنلەردىن شۇنى سوراپ باقاي: ئاللاھ شۇ ئادەمنىڭ قول پۇتى ساق ئاپىرىدە قىلسا، شۇ ساق قولىدا ھالال ئەجىر قىلىپ رېسقىنى تېپىپ يىمەي باشقىلارنىڭ رېسقىغا قول سېلىپتۇ. ئۇنداق قولنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى. ھېچ بولمىغاندا كېيىنكى كۈنلەردە مۇشۇ ناكا بولغان قولى بىلەن باشقىلارنىڭ يامان يولغا كىرىپ قېلىشىدىن توسىدۇ، ياكى كېىينكى كۈندە يەنە گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن خالىي بولىدۇ.
«قولى بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟...» دېگۈچىلەرگە:
مۇشۇ دۇنياغا تونۇلغان مۇنبەر بولغان مىسرانىم تور بېكىتىنى قورۇپ چىققان، ئامېرىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىغا ئېكىسكۇرسىيەگە بارغان
ئابابەكرى مۇختەر (مىسرانىم) چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئابابەكرى مۇختەر خېلى خېلى ساق ئادەم قىلالمىغان ئىشنى روياپقا چىقىرالىدى. ... بۇ يەردە قول پۇتنىڭ ساق بولىشىلا ئەمەس، بەلكى روھىي ساغلاملىق، تىرىشچانلىق، كۈچلۈك ئىرادە بولىشى كېرەك. توغرا ئېتىقاد بولىشى كېرەك.
قېرىنداشلار سەمىگە:
ھازىر مىسرانىم مۇنبىرى جۇڭگودىكى داڭلىق تور بېكەت بولۇپلا قالماي بەلكى دۇنياغا تونۇلغان تور بېكەت بولۇپ قالدى. (
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى دەلىل ئىسپات بولالايدۇ) شۇنداقلا مەزكۇر بېكەتتە ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزدىن
شۆھرەت مۇتەللىپ، ئەركىن سېدىق (بىلىمخۇمار) بىر تورداش بۇ ئىسىمنى بىلىمشۇمار دەپ ئاتاپتۇ، تۈزۈتىۋېلىنشىنى ئۈمىد قىلىمەن،
تاشپولات روزى، تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە (مۇنبەردىكى ئىسمى بىلگەجان) قاتارلىق دۇنيانى زىل زىلىگە سالغۇدەك نەتىجىلىرى بىلەن، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقان ئالىملىرىمىزمۇ بار. شۇڭا ھەر بىر تېمىغا ئىنكاس يازغاندا، ياكى تېما يازغاندا ھاياجانىمىزنى سەل بېسىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىغا ئەمەل قىلىپ، ئەدەپلىك بولايلى. ئانا تىلنىڭ ئىملا قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلايلى، (يەرلىك شىۋىلار بۇنىڭ سىرتىدا)
مەن بىرنەچچە ئەزانىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ ئۆتەي دېسەم، بۇ يەردە شۇ لارنىڭ يۈزىگە سەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دىققەت قىلىڭ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەدەپلىك بولۇشى ياكى بولماسلىقى نۆۋىتىدە پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرىشىمۇ مۇمكىن.