sardor0908 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 01:21 PM 
دەلىلى بىلەن كەلتۈرۈپ يازغان ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت .!
...
ئىچ ئاغرىتقىنىڭىزدىن قارىغاندا كەسىپداش ئىكەنسىزدە؟
خاۋكىڭنى بىلەمسىزكىن، بەدىنىنىڭ ھېچقايسى قىسمىنى مىدىرلىتالمايدۇ، چاقلىق ئورۇندۇق ئۈستىدە ياشايدۇ، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىمۇ ئالاھىدە ئەسۋابلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ، ئۇ شۇ ھالەتتە تۇرۇقلۇق نۇرغۇن ئىنسانلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدىغۇ؟
سىزگە ‹كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى› ناملىق كىتابنى تەۋسىيە قىلاي، كىتابنىڭ ئاپتورى گاس، گاچا ئەما بىر ئايال، كىتابتا سۆزلەنگىنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى. سىرتقى دۇنيادىكى مەۋجۇداتلارنى كۆرۈشتىن، ئاۋازلارنى ئاڭلاشتىن، باشقىلارغا ئۆز سۆزلىرىنى يەتكۈزۈشتىن مەھرۇم قالغان شۇ ئايال نۇرغۇن ئۈمىدسىز كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلىدى، ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەبچى بولدى.
يۇقارقىدەك كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاۋۇ بەدبەخت، ھارامخور يانچۇقچى ئوغرىلارنىڭ بىر قولىنىڭ بولماسلىقى ھېچگەپ ئەمەس.