0524 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 09:53 PM 
ئالدى بىلەن ئەركىن ئاكىمىزغا ئوتلۇق سالىمىمنى يوللاي ...
رەھمەت ئۇكام! دېگىنىڭىز توغرا. مەن بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن كاناداغا بىر خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا بېرىپ، بوش ۋاقتىمدا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدۇم. شۇ چاغدا بىر 8 يېرىم ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى ئۇچراتتىم. ئۇ ناسا ۋە كائىنات ئىشلىرىغا ناھايىتى قىزىقىدىغان بولۇپ، ئۆزى تاپالىغان بالىلار ئۈچۈن بېسىلغان كائىناتقا ئائىت كىتابلارنى بىرىنىمۇ قويماي ئوقۇپ بولىدىكەن. بىز كۆرۈشكەندە ئۇ مەندىن توختىماي سوئال سورىدى. مەن بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەي قالغان ۋاقتىممۇ بولدى. ئامېرىكىدا ئاشۇنداق يۈكسەك قىزىقىش ۋە قاتتىق ئىرادە بىلەن تىرىشسا، ئۆزى كۆزلىگەن ئىشنى چوقۇم قىلالايدۇ.