مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8897|ئىنكاس: 39

NASA: ئالتە ياشلىق بالا ناسا نى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 09:28:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتە ياشلىق بالا ناسا نى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولدى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 25-مارت

يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناسا غا ئاجراتقان خامچوت مىقتارىنى بۇرۇنقىدىن بىر ئاز ئازلىتىۋەتكەن بولۇپ، ھازىر ناسا نىڭ يىللىق خامچوت مىقتارى پۈتۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىنىڭ يىللىق خىراجىتىنىڭ 0.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.  

ئامېرىكىنىڭ دېنۋەر شىتاتى كولورادو شەھىرىدە ياشايدىغان 6.5 ياشلىق كوننور جونسون (Connor Johnson) 3 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدىن باشلاپلا چوڭ بولغاندا بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنى غايە قىلغانىدى.  ئۇ يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناسا ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان خامچوت مىقتارىنى ئازايتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى بىر خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى قارار قىلدى.  كوننور دەسلىۋىدە ئامېرىكا پرېزىدەنتى ئوباماغا خەت يازماقچى بولدى.  ئەمما، ئۇ كېيىنچە ئامېرىكا ھازىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزى يىققان 10.41 دوللار پۇلنى ناسا غا ئىئانە قىلىش قارارىغا كەلدى.  

گەرچە بۇ ئىئانە قىلىش ئىشى كوننورنىڭ توغرا ئويلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كوننورنى ناسا غا ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنىڭ بىر تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىشقا رىغبەتلەندۈردى.  شۇنىڭ بىلەن كوننور ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى.  گەرچە چاقىرىق خېتىنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش كوننورنىڭ ئىدىيىسى ئىدى.  

ئۇ خەتنىڭ ماۋزۇسى مۇنداق يېزىلغان: «ناسا نىڭ خامچوتىنى كۆپەيتىڭلار.  شۇنداق قىلساڭلار بىز يېڭى دۇنيانى بايقىيالايمىز، ئۆزىمىزنى خەتەردىن مۇداپىيە قىلالايمىز، ھەمدە ئۆز غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.  كوننور جونسون، 6.5 ياش.»  ئۇ خەتنىڭ ئىچىدە مۇنداق گەپ بار: «ناسا خامچوتىنى كۆپەيتىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار بالىلار كائىناتتىكى يېڭىلىقلارنى بايقاشنى ئۆزىگە غايە قىلالايدۇ.  ئىلىم-پەنگە ئاجراتقان پۇل ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ.»

كوننورنىڭ چاقىرىقى «بىز خەلق» (ۋە تھە پەئوپلە) دېگەن تور بېتىگە چىقىرىلىشقا لايەقەتلىك بولۇش ئۈچۈن 150 ئىمزا توپلاش زۆرۈر بولۇپ، ئۇ بۇ 150 ئىمزانى توپلاپ بولدى.  ئەمدى ئۇ يەنە 90 مىڭ ئىمزا توپلىسا، ئۇنىڭ چاقىرىقى ئاق ساراينىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ.  كوننور 2014-يىلى 24-مارت كۈنى بىر ئاخبارات ئورگىنىغا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، ناسا ئۇنىڭغا ھەر قانداق بىر مەقسەتنى كىچىك قەدەملەرنى ئېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

سابىق ئالەم ئۇچقۇچىسى، فلورىدا شىتاتىدىكى كېننېدىي ئالەم مەركىزىنىڭ ھازىرقى دىرېكتورى 15-مارت كۈنى بىر كوننورنى قارشى ئېلىش مۇراسسىمى تەشكىللەپ، كوننورغا بىر قىسىم ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتىرە بويۇملىرىنى سوۋغات قىلدى.  ھەمدە ئۇنى ھازىرقى غايىسىنى بويلاپ داۋاملىق تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈردى.  كوننورنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقتى ناسا نىڭ مارسقا ئادەم چىقىرىش ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدىكەن.

كوننورنىڭ يۇقىرىدىكى ئىش-ئىزلىرى يېقىندا ئامېرىكىدىكى مېدىئالاردا كەڭ تۈردە خەۋەر قىلىندى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] 6-year-old boy from US starts petition to save Nasa
<http://www.independent.co.uk/lif ... sa-8996210.html>

[2] NASA This Week
<http://www.youtube.com/watch?v=xHJ1uO2bJEY&feature=youtu.be>

1-رەسىم: ئالتە يېرىم ياشلىق كوننور جونسون (Connor Johnson)

1-رەسىم

1-رەسىم

2-رەسىم: كوننور جونسون فلورىدادىكى كېننېدىي ئالەم مەركىزىنىڭ دىرېكتورى بىلەن بىللە

2-رەسىم

2-رەسىم

3-رەسىم: ناسا نىڭ ئاپوللو-11 پروگراممىسى ۋاقتىدا ئالەم ئۇچقۇچىسى بۇزز ئالدرىننىڭ ئاينىڭ ئۈستىدە تۇرغان كۆرىنىشى

QQ图片20140325104943.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 10:49 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bahadirlarbiz + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
پەرى + 100 ھارماڭ ئاكا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 10:41:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئىسىل يازىملىرىڭىز بىلەن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرغىنىڭىزنغا كۆپتىن كۆپ رەخىمەت ! ئاللاھ سىزگە بەخىت ئاتا قىلسۇن~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15013
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2790 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 10:44:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۈسىگە بولغان مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى بۇ خەقنىڭ ھۈجەيرىلىرگىمۇ سىڭىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. 6ياشلىق بىربالا دۆلەتنىڭ شۇنچە چوڭ ئىشغا كۆڭۈل بۆلۈپتۇ .دۆلەت ،جەمئىيەت ،ئاتا -ئانىلار بىرلىكتە بالىلارنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلىشى كىرەك .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

زۇليار ئەپەندى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7099
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9518
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 2691 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 11:07:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم ئۇستاز. تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بىزمۇ بېلەت ياكى ئىمزادەك بىر نىمە تاشلاپ، سان كۆپەيىتمەيمىزمۇ

باشقىلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ.ئۇ ناداندۇر.
ئۆز كىشىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ. ئۇ گۇمراھتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 11:09:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۈچۈن كۈلۈپ قۇيۇدىغان ئىشكەن...

تەن ساقلىق،زور ب

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20458
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6979
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 1498 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 11:10:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ ،پەن-تىخنىكا تەرەقىياتى ئچىۋىتىلگەن جەمىيەت مۇھىتىغا مۇھتاج،ئامىرىكا جەمىيىتى دەل ئچىۋىتىلگەن مۇھىت.

مىللەت قورالدا ئەمەس سۈكۈتتە قىرىلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 11:35:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulyar-apandi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 11:07 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم ئۇستاز. تىنىڭىزگە سالامەت ...

سالام زۇليار ئەپەندىم،

بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە قىستايدىغان بىر ئىش بولغاچقا، بۇ ئاۋاز توپلاش ئىشىغا ئاۋاز قوشقۇچىلار چوقۇم ئامېرىكا گراجدانى بولۇش شەرتى بار بولىشى مۇمكىن.  «بىز خەلق» تور بېتىنىڭ ئاۋاز توپلاش سەھىپىسى
https://petitions.whitehouse.gov/petitions
بولۇپ، كوننورنىڭ ئاۋاز توپلاش ئىشىنى بۇ يەردىن تاپالمىدىم. ئېھتىمال بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 11:39 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20352
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6987
تۆھپە نۇمۇرى: 554
توردا: 1087 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 11:46:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى 6.5 ياشلىق ئەمەس 13 ياشلىق بالىلارمۇ بۇنچىلىك تەپەككۈر قىلالمايدۇ ۋە ئويلاپ يىتەلمەيدۇ .
بۇ ئىككى دۆلەت ئووتۇرىدىكى ئائىلە ۋە مائارىپ تەربىيەسى كىشىلەرنىڭ پەرزەنتىەگە بولغان ،تۇتقان ،مۇئامىلىسىنىڭ پەرقى .

شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى تور ئادىرىسى: http://xjmac.com

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 11:49:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yoluchi يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 11:46 AM
بىزدىكى 6.5 ياشلىق ئەمەس 13 ياشلىق بالىلارمۇ بۇنچىلىك تە ...

قىلالمايدۇ ئەمەس... ئەسلى ئۇنىڭدىن كىچىك باللامۇ قىلالايدۇ بىزدە... ئەپسۇس بىزدە ئۇنداق غەيرەت،ئۇنداق ھوقوق مەۋجۇت ئەمەس...

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 12:11:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باللاردا كىچىكىدىنلا مۇشۇنداق بىر روھنى ئويغاتقان ،كىشىگە ئەڭ يۇقرى دەرىجىدە پىكىر ئەركىنلىكى بەرگەن، ھەربىر كىشىدىكى يوشۇرۈن ئىقتىدارلارنى قىزىشقان ۋە قوللاشقا مۇھىت ھازىرلاپ بەرگەن ئامرىكا ئاتمۇسفىراسىغا قايىللىقىمنى بىلدۈرىمەن...
بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇ كىشىگە تەۋە بولغان توپنى ۋە ۋەتەننى ئۈنسىز سۆيۈشنى ، ۋە بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ تۆھپە قوشۇشنى  ئۈگىتىدۇ...
..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش