ئۆلۈكتىن كەلگەن خەت 4-قىسىم
ئۆزخۇش
3-قىسىمى بۇيەردە
ئىكىكىنچى كۈنى تۇرسۇن بۆلۈم باشلىقىنى ئىزدەپ باردى، ۋە بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئىيتتى.
- بۇ راستىنلا غەلىتە ئىش بوپتۇ ، لىكىن بۇ ئىشلارنى بىز باشقۇرالمايمىز ، بۇنى ئاخبارات بۆلۈمىگە دوكىلات قىلىپ باقساق ئۇلار نىمە دەركىن –دىدى بۆلۈم باشلىقى.
- - لىكىن مەن بۇ ئىشنى ئۆزۈم بىر قوللۇق تۇتاي دەيمەن.
- - ئەمىسە سىزنىڭ بۇ يەردىكى خىزمىتىڭىزچۇ ؟
- بۆلۈم باشلىقىنىڭ دىمەكچى بولغىنى ئىنىق ئىدى، ئۇنىڭچە بولغاندا ئۆلۈك ئادەمنىڭ خەت يىزىشى مومكىن ئەمەس ، بۇنىڭدا شەك يوق. لىكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئۆلگىنىمۇ راسىت، بۇ خەتنىڭ كەلگىنىمۇ راسىت.ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ئىشلاردە. بۇتۇرسۇن دىگەنمۇ تازا ئىش تاپىدىغان نىمىكەن. لىكىن يەنە بىر ئويلىساق ئەگەر بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلساق بۇ نەشىرياتىمىزنىڭ نام شەرىپىنى يۇقىرى كۆ تۈرۈشكە پايدىلىق.ھازىر ئەھۋالمۇ بىزگە پايدىلىق.راستىنلا بۇنى بىر تەكشۈرۈپ باقساق بولغۇدەك دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.
- ئەمىسە بىز بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ باقساق بولغۇدەك، سىز چىقىپ تۇرۇڭ، مەن بۇ ئىشنى مۇدىر بىلەن كىلىشىپ باقاي.
- تۇرسۇن ئىشخانىدن ئازىراق روھسىز يىنپ چىقتى، ۋە ئۆز ئۆرنىغا كىلىپ ئولتۇردى.
- -نىمە بولدۇڭلار؟- دەپ سورىدىم مەن.
- -ھەممسىى تۈنۈگۈنكى خەتنىڭ سەۋەبىدىن بولمامدۇ؟
- - ئۇ خەتنى تاشلىۋەتمىدىڭما تىخى ؟
- -ياق، مەن تۈنۈگۈن ئۇنىڭ ئۆيگە باردىم. ۋە بىر قىسىم يىڭى ئەھۋاللارنى بايقىدىم.
- تۇرسۇن بولغان ئىشلارنى يىپىدىن- يىڭنىسىغىچە ماڭا بىر قۇر سۆزلەپ بەردى.
- -ئەسلدە ئۇ راستىنلا ھىلىقى شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەندە ؟
- -ئۇ شىركەتتە تۇنۇشۇڭ بارما؟
- - نىمىشقا بۇنداق دەيسەن؟
- -بايا سەن ئۇ شىركەت دىگەن ئىدىڭ، شۇنداق ئويلاپ قالدىم.
- -تۇنۇشۇمغۇ يوق، لىكىن ئۇ شىركەت توغىرلۇق نۇرغۇن ئۆسەك سۆزلەر تارقىلىپ يۈرىيدۇ كۆچا -كويلاردا.
- سەن پايچىكى ئوينىمايدىغان ئوخشىمامسەن؟
- - ياق ، پايچىكى بىلەن بەك ئىپىم كىلىشمەيدۇ، ھەم ئۇنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.
- شۇڭىكەن دە، ئۇ شىركەتنىڭ پاي چىكى ئانچە نورمال ئەمەس. ھازىر ئۇ شىركەتنىڭ بىر ئۈلۈش پىيى قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
- - قانچە پۇل؟
- -تۈنۈگۈنكى ئاخىرقى باھا 135 يۈەن. ئالدىنقى ھەپتىدىن 10 يۈەن چۈشتى.
- - شۇنداقمۇ؟
- سەۋەبىنى بىلەمسەن؟
- - مەن نەدىن بىلەي، پايچىكىلار كۆپلەپ سىتىۋىلىپ ئۆستۈرۈۋەتكەندۇ شۇ.
- - ھە، كاللاڭ ئىشلىدى ، ئەمىسە ئىيتە ، پايچىكىلار نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟
- - بۇنى مەن نەدىن بىلەي.
- - ئاڭلىسام بۇ شىركەت يىقىندا بىر يىڭى تىخنىكىنى قولغا چۈشۈرۈپتۇدەك ، ئەگەر بۇ تىخنىكا ئىشلىتىلسە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە خىراجەت تىجىلىپ قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم بۇ شىركەتنى ئىستىقبالى بار دەپ پىيىنى زور مىقداردا سىتىۋالدى ، بۇ چاغدا مەن سەل تۇرۇپ چۈشىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، لىكىن كىم ئويلىسۇن، پاي چۈشۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆرلەۋەردى،مەن ئۇ پايچىكنى سىتىۋەتكەنگە بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.
- - سەن تىخى پايچىكى ئوينايدىكەنسەندە؟
- - ئاز تولا ئويناپ قويىمەن، بۇ بىر تىرىكچىلىك غىمى ئاداش.
- - كىيىنچۇ؟
- يىل ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ پايچىكى يەنە چۈشۈشكە باشلىدى، كىيىن ئاڭلىسام ئۇلارنىڭ يىڭى تىخنىكىنى قولغا چۈشۈرگىنى يالغان ئىكەن.
- -بۇ نىمە قىلغىنى، بۇ خەقنى ئالدىغانلىق ئەمەسمۇ؟
- - بۇ شۇلارنىڭ ئوينىغان ئويۇنى بولسا كىرەك ، بۇنداق نەيرەڭۋازلىقلار پايچىكى بازىرىدا كۆپ ئۇچىرايدۇ.
- - ئۇنداقتا بۇ خەۋەرنى يالغان دەپ كىم ئاشكارلاپ قويغاندۇ ؟
- -بۇنى بىر نىمە دىمەك تەس ، ئۇ قىتىمدا مەنمۇ ئازىراق ئەلەم تارتىۋالغاچقا بۇ شىركەتكە يىقىندىن بىرى بەك دىققەت قىلىۋاتىمەن ، بايا سەن ۋەلى ئەپەندىنىڭ شۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىيتىۋىدىڭ، ئىسىمگە كىلىپ قالدى. بەلكىم ۋەلى ئەپەندىنىڭ بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتۇر...
- -ياق، مىنىڭچە چوقۇم مۇناسىۋىتى بار.
- -ئۇنداقتا سەن بۇ ئىشنى ئاخىرشىچە تەكشۇرمەكچىمۇ ؟
- -شۇنداق-تۇرسۇن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشخانىدن چىقىپ كەتتى .ۋە بارىن كۆلى بويىغا بىرىپ يەنە بىر تەكشۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
-
- تۇرسۇن ئالدىدىكى ماتىرياللارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندا ئاللىقاچان چۈشتىن كىيىن ئۈچ بولغان ئىدى،ئادەتتىكى ۋاقىت بولسا ئۇ باشقا بۆلۈمگە چىقىپ باشقىلار بىلەن قۇرۇق پاراڭ سىلىشاتتى، لىكىن ئۇ يىقىندىن بىرى اشقىچە بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى.ئۆ نەشىرياتتىن چىقىپ ۋە پاي بازىرىغا قاراپ ماڭدى ، ئۇ شۇ يەردىكى مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى.
- -ۋوي، ئەزىز مىھمان كىلىپ قاپتىغۇ- دىدى پاي بازىردىكى تۇنۇش مۇخبىر ئۇنى كۆرۈپ.
- -نەدىمۇ ئەزىز مىھمان بولاي ، مەن سىلەر بىلەن ئازىراق بىر ئىش توغىرلۇق پاراڭلىشاي دەپ كەلگەن ئىدىم.سىرىتقا چىقىپ پاراڭلىشىپ كىرسەك بولارمۇ ؟
- - ئەلۋەتتە بولىدۇ، جىندەك تۇرۇپ تۇرسىڭىز قولۇمدىكى ئىش ھازىرلا تۈگەيدۇ.
- بىردەمدىن كىيىن ئۇ مۇخبىر ئۇرنىدىن تۇردى، ۋە تۇرسۇنىنىڭ يىنىغا كەلدى.
- - كەچۈرسىز سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم.
- ئۇ شۇنداق دىگەچ چاپىنىنى ئىلغۇدىن ئالدى ، بۇۋاقىتتا ئۇنىڭ چاپىنىدىن بىر كونۋىرىت چۈشتى.ئىچىدە بىر مۇنچە پۇل كۆرۈنۈپ تۇراتتى .
- ئۇلار بىرلىكتە بىر چايخانىغا كەلدى،ئولتۇرغاندىن كىيىن تۇرسۇن سۆز ئاچتى.
- - ھال- ئوقىتىڭىز يامان ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟
- - يامان ئەمەس دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ ، بىزمۇ شۇ باشقىلارغا ئىشلەيدىغانلار. ھەراسىت مەندىن نىمىنى سورىماقچىدىڭىز؟
- -مۇندق ئىشتى، مەن ** شىركىتىنىڭ پاي ئەھۋالىنى بىلىپ باقاي دىگەن ئىدىم.
- سىزمۇ پايچىكى ئويناي دەپسىز دە.
- - ياقەي ، ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا بۇ شىركەتنىڭ پىيىدا بىر كۆتۈرلۈش بىر چۈشۈش بوپتۇ ، مەن بۇ ئىشنى ەكشۈرۈپ باقاي دىگەن.
- - مۇشۇ ئىشمىتى ، مەنمۇ بۇ ئىشقا بەكلا ھەيران.
- - مەن بۇ ئىشنى بىرەيلەندىن سورىغان، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ شىركەت بىر يالغان خەۋەر تارقىتىپتىمىشقۇ ؟
- -شۇنداقراق بىر ئىش بار ، لىكىن بۇنىسى ماڭىمۇ ئىنىق ئەمەس. بۇنىڭدا مىنىڭچە ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت شىركەتتە.مەن ئۇلارنىڭ شىركىتىگە بىرىپمۇ باققان.
- -ئۇنداقتا سىز ئۇلارنى زىيارەت قىپسىز دە؟
- -شۇنداق ،مەن ئۇلارنىڭ بىرخادىمى بىلەن پاراڭلارشقان، ئۇمۇ مۇشۇنداق بىر يىڭى تىخنىكىنىڭ بارلىقىنى دىگەن ئىدى، شۇندق قىلىپ ئۇلارنىڭ پايچىكى يىرىم كۈن ئىچىدە نەچچە تۈمەن ئۈلۈش سىتىلدى. كىيىن مەنمۇ بۇ ئىشتىن ئازىراق گۇمانلىنىپ قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇلارنىڭ شىركىتىگە باردىم، ئۇلارمۇ بىر يىغىن زالىنى تەييارلاپ مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش ۋە بۇ يىڭى تىخنىكىنى تۇنۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچماقىچى بولغان ئىكەن، لىكىن بىز يىرىم كۈن ساقلىغان بولساقمۇ بۇ يىغىن يەنىلا ئىچىلمدى ، بىزمۇ ئىلاجسىز قايتىپ كەلدۇق.كىيىن بۇنىڭ يالغانلىقى توغرلۇق گەپ سۆزلەر بولۇندى، پايچىكىمۇ چۈشۈپ كەتتى .
- -سىز بۇ يىڭى تىخىنىكىنى مەۋجۇت دەپ قارامسىز ؟
- - بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن . ئەگەر بۇ تىخنىكا بولمىسا ئۇلار ئاتايتەن يىغىن ئاچمىز دىمەس بولغىيتى بەلكىم.
- -ئەگەر ئارلىقتا شىركەتنىڭ ئىچكى قىسىمدىن چاتاق چىققان بولسىچۇ ؟
- -بۇ ئىھتىماللىقمۇ مومكىن ، لىكىن قانداق چاتاق چىقىشى مومكىن ؟
- -سىز ماۋۇ خەت بىلەن بۇ كۈندىلىك خاتىرنى كۆرۈپ بىقىڭ، بەلكىم سىزگە ئازىراق پايدىسى تىگىپ قالار.-تۇرسۇن شۇنداق دىگەچ يىتىدىن خەت ۋە كۈندىلىك خاتىرنى ئىلىپ ئۇ مۇخبىرغا سۇندى.
بىرىنجى ئىككىنجى ئۇچۈنچى قىسمىنى كۆرمىگەنلەر
بۇ يەردىن كۆرۈڭ