مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3537|ئىنكاس: 22

« ئۆلۈك » تىن كەلگەن خەت 3-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101733
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2014-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 10:38:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈكتىن كەلگەن خەت

3-قىسىم


تۇرسۇننىڭ خىيالىچە بولغاندا بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كىرەك ئىدى ،  ئۆلگەن ئادەم دىگەن خەت يازالمايدۇ ، ئەگەرراستىنلا شۇنداق ئىش بولسا ،ئۇنداقتا  بۇ قۇياش  مەغىرىبتىن  چىققاندەك ئىش بولمامدۇ ؟ بۇ خۇددى بىر چۈشتەكلا  . تۇرسۇن شۇلارنى خىيال قىلغاچ ئۇ ئايالدىن سورىدى:

-        بۇ راستىنلا سىزنىڭ يولدىشىڭىزنىڭ پۇچۇركىسىمۇ؟

-        شۇنداق- دىگەچ بىشىنى لىڭىشتتى ئۇ ئايال.

-        ئۇنداقتا ئىرىڭىز تۈگەپ كەتكەن ھەقىقى ۋاقتى  قاچان؟

-        1-ئاينىڭ 15-كۈنى.

-        سىز بايا ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دىدىڭىزمۇ؟

-        شۇنداق، ئۇ  بارىن كۆلىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالغان.

-        بارىن كۆلى دىدىڭىزما ؟

-        ھەئە.

-        تەپسىلى ئەھۋالنى سۆزلەپبىرەلەمىسىز؟

-        ئايال ئازىراق ھودۇقۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۇزۇن بولمىغان ئىدى، ئۇنىڭ كۆڭلى ئەمدىلا تىجىپ قالغاندا  ئۇ بۇ ئىشلارنى قايتا ئېغىزغا ئىلىشنى خالىمايتتى، لىكىن تۇرسۇننىڭ  ئىلتىماسى ھەمدە يولدىشىنىڭ تۇنۇشى دەپ تۇرسۇننى ھۆرمەت قىلىغىنى ئۈچۈنمىكىن ئەيتاۋۇر ئاخىر ئېغىز ئاچتى.

-         دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن ، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى شىركەتتىكى 6-7 غوللۇق خادىملار بارىن كۆلى بويىغا  ساياھەتكە كەتكەن ، ئۆ شۇيەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋاپتۇ ، باشقىلاردىن ئاڭلىسام ، ئۇ كۈنى ئۇلار  بىرلىكتە كۆل بويىدا يىغىن ئاچقانمىش ، ئاندىن شاھمات ئويناپتۇ ، كىيىن يەنە مىنىڭ يولدىشم قاتارلىق بىر  قانچەيلەن قارتائويناپتۇ ، قىمارمۇ ئەمەسمۇ مەنمۇ ئىنىق ئۇقمايمەن، لىكىن  ئۇلار قىما ئەمەس دىدى ، كىيىن  يولدىشىم مىجەزىم يوق دەپ كۆل بويىدىكى ئۇلار زاكاس قىلغان ياتاققا  چىقىپ كىتىپتۇ ،باشقىلار  ئويناۋىرىپتۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ كەچ  سائەت 12 لەرگىچە  ئوينىغان بولسا كىرەك، كىيىن ئۇلارنىڭ ئىشىخانا  مۇدىرى ئۆزىنىڭ ياشىشنىپ قالغانلىقىنى   ئىيتىپ ئوينىماتمەن دەپ تۇرۇۋاپتۇ، بۇنىڭغا باشقىلار ماقۇل دىسۇنمۇ ؟ بىر ئادەم كىتىپ قالسا 3 ئادەم ئوينىغاننىڭ  نىمە قىززىقى . شۇنىڭ بىلەن كەتكىلى قويماپتۇ.ئاخىرى ئىشخانا مۇدىرى ۋەلىنى ئورنىغا چاقىرىپ قويىدىغان بولۇپ

چىقىپ كىتىپتۇ. باشقىلارمۇ ئويۇنىنى ئويناۋىرىپتۇ. ئىشخانا مۇدىرى ياتاققا قايتىپ ۋەلىنى ئىزدەپ  ھىچ يەردىن تاپالماي  ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە  بەك ھىرىپ كەتكەچكە ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ئۇيقۇغا كىتىپتۇ . ئەتتىگەندە ئويغىنىپ قارىسا ۋەلى كارۋىتىدا يوق، شۇنىڭ بىلەن مىھمانخانا  كۈتكۈچىسىدىن سوراپتىكەن،كۈتكۈچى  ئۇننى تۈنۈگۈن كەچتە كۆرگەنلىكىنى، يەنى ئۇنىڭ ياتىقىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئىيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشخانا مۇدىرى بەلكىم ھاۋا يەي دەپ چىقىپ كەتكەندۇ دەپ ئويلاپتۇ ، لىكىن بۇ نىمىلا دىگەنبىلەن قىش پەسلى تۇرسا ، بۇنداق سەھەردە ئايلانغىلى چىقىشىمۇ  ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەستە ، شۇنداق  قىلىپ ئۇلار بۆلۈنۈپ  ۋەلىنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ .لىكىن تاپالمىغاندىن  كىيىن ئۇلار قايتىپ كىلىپ ساقچىغا دىلو مەلۇم قىپتۇ . كىيىن ساقچىلار مىنى ئىزدەپ  كەلدى.

-        ساقچىلار سىزگە  نىمەدىدى ؟ ئۇلار يىپ ئۇچى تىپىپتىمۇ ؟

-        ئۇلار ۋەلىنىڭ ئايىغىنى تىپىپتۇ،لىكىن كىيىم كىچەكلىرى يوق ئىكەن، بۇ ئۇنىڭ مىھمانخانىنىڭ ساپما كەشىنى كىيىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى .كىيىن ئۇلار مەندىن ۋەلىنىڭ يېقىنقى  روھى ھالىتىنى سورىدى، دىمىسىمۇ ئۇ يىقىندىن بىرى سەل جىمغۇر بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ساقچىلار ئىككى خىل ئىھتىماللىقنى جەزىملەشتۈرۈپتۇ.

-        قايسى ئىككى خىل؟

-         بىرنجى خىل ئىھتىماللىق ئۇنى يا باشقىلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ، يەنە بىر خىل ئىھتىماللىق ئۇ باشقا يەرگە كەتكەن.لىكىن مىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا  بۇ ئىشقا ئىشەنگۈم كەلمىگەن.

-        بۇئىش راستىنلا بەك غەلىتەئىش بوپتۇ .

-        شۇنداق ئەگەردە ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالسا بىرەر پارچە ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ قويىشى  كېرەكقۇ. لىكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ناھايتى ئۆمىدۋار ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى مومكىن ئەمەس. لىكىن ساقچىلار تەكشۈرۈشنى توختاتمىدى ، كىيىن ساقچىلار بىر كىرا ماشننىڭ شوپۇرىنى تىپىپتۇ، شوپۇرنىڭ دىيىشىچە ئۇ كۈنى ، يەنى 1- ئاينىڭ  15- كۈنى كىچە سائەت 2-لەر ئەتىراپىدا بىر ئەرمىھمانخانىدىن چىقىپ  ئۇنىڭ ماشىنىسىغاچىقىپتۇ .ھەمدە ئايلاندۇرۇپ كىلىڭ دەپتۇ ، شۇپۇر ئۇنىڭدىن نەگە بارىدىغانلىقىنى سورىسا ئۇ نەگىلا بولسا مەيلى دەپتۇ ، شۇپۇر شۇنداق قىلىپ ماشىننى ھەيدەپ بارىن كۆلىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپتۇ . لىكىن ئۇ مىھمان يەنىلا ماشىندىن چۈشىدىغاندەك ئەمەس ، شۇنىڭ بىلەن شوپۇرماشىننى ھەيدەپ شەھەرگە قاراپ يول ئاپتۇ . يولدا  ئۇ ئادەم بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلماپتۇ ، ئۇنىڭ كۆزى ئالدىغىلا تىكلىگەن بولۇپ، راستىنى ئىيتقاندا شوپۇرنىمۇ ئازىراق قورقىتىۋىتىپتۇ ،شۇنىڭ بلەن ئۇ شەھەرگە كىرگەندىن كىيىنمۇ  نىشانسىز شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىشقا باشلاپتۇ.لىكىن ئۇ ئادەم ھىچ بىرتوختاڭ دەيدىغاندەك ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن  شۇپۇر گەپ ئىچىپتۇ.

-        ئەپەندى ، چاتاق يوقتۇ ؟

-        چاتاق يوق، ئەنسىرمەڭ  پۇلىڭىزنى تولۇق بىرىمەن.

-         ياق ئەپەندى، مەن بۇنىدىمەكچى ئەمەس .

-        ئۇنداقتا سىز نىمە دىمەكچى؟

-        سىز زادى نەگە بارماقچى ؟

-         مەن ھىچيەرگە بارمايمەن،مەن پەقەت ئايلىنىپ كىلەي دەپلا  چىققان .

-        لىكىن...

-        ئەگەر مىنى داۋاملىق ئايلاندۇرۇشنى خالىمىسىڭىز ماشىننى توختۇتۇڭ ، مەن مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي.

        مىھماننىڭ پۇزىتسىيسى  شۇنداق كەسكىن بولغاچقا ،شوپۇرمۇ ماشىننى توختىتىپتۇ ،  بۇجاي پويىزئىستانىسىغا يىقىن بىر جاي ئىكەن، ئۇ مىھمانمۇ كىرانى تۆلەپ ماشىندىن چۈشۈپ قاپتۇ.ئۇكىشى ماشىندىن چۈشۈۋاتقاندا شۇپۇر ھەيران قاپتۇ ، چۇنكى ئۇ ئادەم ئۈستىبىشىغا  كاستىيوم كىيىۋالغان بولسمۇ پۇتىغا بىر كوناساپما كەش كىيىۋالغان ئىكەن. ئەجەبا بۇ ئادەم ئۆيىدىن يامانلاپ چىققان ئادەممىدۇ  ياكى بىرەر دەردى بارمىدۇ؟

       ئۇ  شوپۇر  ئۇنى چۈشۈرۋەتكىنىگە ئازىراق پۇشايمان قىلىپمۇ قاپتۇ ، چۈنكى بۇنچە كەچتە ئۇنى بۇيەردە ماشىندىن چۈشۈرۋەتسە ئانچە توغىرا بولمايۇدە ، يەنە كىلىپ  ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسى ئانچە جايىدا ئەمەستەك كۆرۈنەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئادەم ئاستا- ئاستا  پويىز ئىستانىسى تەرەپكەقاراپ يۈرۈپ كەتتى .

-        ۋەلى نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ -دىدى ئۇ ئايال بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىگەندەك غەمكىن قىياپەتتە.


تۇرسۇن ئايالدىن سورىدى:

-  لىكىن  سىزنىڭ ئېرىڭىزنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى بىز تېخى بىلەلمەيمىز دە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە ئۇنىڭ بىزگە ئۆز قولى بىلەن يازغان خىتى تۇرسا .

-  لىكىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن مىنىڭ ئىرىمنىڭ جەستىنى باشقىلار بارىن كۆلى بويىدىن سۈزۈپتۇ .

ئايالنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ھەممە ئىش ئايدىڭلاشتى ، دىمەك ۋەلى ئەپەندى چوقۇم ئۆلگەن. تۇرسۇننىڭ خەت تۇتقان قولى ئىختىيارسىز تىتىرەپ كەتتى . ئۇ كاللىسىدا ئەجەبا مەن بىر ئۆلۈك يازغان خەتنى كۆردۈممۇ؟  ئۆلۈك ئادەم قانداقسىگە  خەت يازالىسۇن دىگەن سۇئال  ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۆلۈك ئادەم خەت يازالمايدۇ، شۇنداق بولغانكەن  بۇ خەت چوقۇم ۋەلى ئەپەندى ئۆلۈشتىن بۇرۇن يىزىلغان.

-        خانىم ، سىز بۇ خەتنى راستىنلا ۋەلى ئەپەندىم يازغان دەپ قارامسىز ؟

-        ئۇ ئايال گەپ قىلمىدى، ۋە ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كىتىپ بىر كۆك تاشلىق خاتىرىنى كۆتۈرۈپ چىقتى . بۇ ۋەلى ئەپەندىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ئىدى.

-        خانىم ، مەن بۇ كۈندىلىك خاتىرنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟

-        ئەلۋەتتە بولىدۇ.

-        تۇرسۇن خاتىرنى ئىچىپ كۆرۈشكە باشلىدى. ھەربىر پارچە كۈندىلىك خاتىرە گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ ، لىكىن مەزمۇنى چوڭقۇر ئىدى. بولۇپمۇ  ئارسىدىكى بىر قانچە پارچىسى كۆرۈشكە ئەرزىيتتى. تۆۋەندە بۇ بىرقانچە پارچە كۈندىلىك خاتىرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئوقۇرمەنلىرىمىز  بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز .

-        ئەجەپ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى ، مىنى باشقىلار سىتىۋەتتى، قانداق جەمىئىيەت بولۇپ كىتىۋاتىدۇ ھە ، كىمگە ئىشنىپ كىمگە ئىشەنمەسلىكنىمۇ  بىلەلمەي قالدىم (1-ئاينىڭ 5 – كۈنى)

-        ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى، بىر قانچە كۈندىن بىرى نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا  قالدىم ، ئۇلار تىخى مىنى قەستلىمەكچىمىكەن؟  ئۇخلاپ چۈشى ،ئۇلار مەن بىلەن ئېتىشماقچى بولسا مەن ھەر ۋاقىت تەييار ، پەقەت مەنلا  ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەن.(1-ئاينىڭ 8- كۈنى)

-        بىرسى مىنى قەستلىمەكچى ئوخشايدۇ،  ئۆرىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر ئىلاھىم ، لىكىن ھەر ۋاقىت ھوشىيار تۇرمىسام بولمايدۇ ، ئازىراقلا بىخەستەلىك  قىلسام چوڭ چاتاق چىقىدۇ . (1-ئاينىڭ12-كۈنى)

-        بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئىشخانا مۇدىرى بىلەن مۇئاۋىن باش دىرىكتۇر كۇسۇرلىشىپلا يۈرىيدۇ ، ئۇلارنىڭ نىمىلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. پەرىزىمچە  ئۈسكىنىلەرنىڭ ئىشى بولىشى مومكىن ، پاختىنىڭ ئىچىدە ئوتنى ساقلىغىلى بولمايدۇ، بۇ ئىش ھامان ئاشكارلىنىپ قالىدۇ. ئاشكارلىنىپ قالسىمۇ ئۇلارغا چوڭ چاتىقى يوق، مىنىڭچە ئۇلارئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىقنى ئاللىبۇرۇن تەييار قىلىپ بولدى. ئەتە شىركەتنىڭ يىللىق خۇلاسە چىقىرىدىغان كۈنى ،شىركەتتىكىلەر بارىن كۆلى بويىدا يېغىن ئاچىمىز دەۋاتقان، ئۇ يەرگە بارسام بەلكىم ھاراق ئىچىشى مومكىن، راستىمنى ئىيتسام ھاراق سورۇنىغا پەقەت يىقىن يولىغىم يوق. ھازىر بولار ئچىدىن چىرىكلىشىپ سىىسپ تۈگىشەي دەپلاقالدى ، شۇنداقتىمۇ توختىماي كۆرۈنۈشتە مۇشۇنداق سورۇنلانى جىق ئۆتكۈزۈپ كىتىدۇ تىخى ، ھەممە يەردە پۇت تىپىشكىنى تىپىشكەن. (1-ئاينىڭ 14–كۈنى )

-        خاتىرە مۇشۇنچىلىك يىزىلغان، بەلكىم 14–كۈنى بارىن كۆلى بويىغا كىتىپ داۋامىنى يىزىشقا ۋاقىت يار بەرمىگەن بولسا كىرەك.قاراشقا  تۇرسۇن ئەپەندى تاپشۇرۋالغان خەت بىلەن كۈندىلىك خاتىردىكى خەتتە ھىچقانداق پەرىق يوق ئىدى ، ئىككلىسى ئوخشاشلا بىر ئادەمنىڭ خىتى ئىدى.

-        بۇ خەتنى راستىنلا سىزنىڭ يولدىشىڭىز ۋەلى ئەپەندى يازغان ئىكەن .

-        مەنمۇ شۇنداق قارايمەن، لىكىن ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا . خەت يىزىشى قانداقمۇ ئەقىلگە سىغسۇن؟

-        شۇنداق ، لىكىن ئويلاپ بىقىڭ ،سىز  باياتىن ۋەلى ئەپەندىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى دىدىڭىز ، لىكىن كۈندىلىك  خاتىرنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا ئۇنى باشقىلارنىڭ ئۆلتۈرۋەتكەن بولۇش ئىھتىماللىقى چوڭراق.

-        مەنمۇ بۇ خاتىرنى تىخى يىقىندا بايقىدىم، يولدىشىم  تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن  مەنمۇ تۈگىشىپلا كەتتىم، ئۇ ئەمدىلا 35  ياشقا كىرگەن ئىدى، بىز ئۆي تۇتقىلىمۇ  ئەمدى 10 يىل بولغان . نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى رەتلەپ قوياي دەپ بۇ خاتىرىنى ئۇچىرتىپ قالدىم.  مەنمۇ تەقدىرگە  تەن بەردىم، ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلارمۇ شۇنچە تەكشۈرۈپ ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان  تۇرسا.

-        قانۇن دوختۇرلىرى جەسەتنى تەكشۈردىمۇ؟

-        شۇنداق  تەكشۈردى.

-        نەتىجىسىچۇ؟

-        دوختۇرلار ئۇنى سۇدا تۇنجۇقۇپ قاپتۇ دەپ ھۆكۈم چىقاردى، يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭ شۇ بىر نەچچە كۈندە روھى ھالىتىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكى توغۇرلۇق گۇۋاھلىق بەردى.

-        كىم شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى؟

-        شىركەتتىكى بىر ئادەم.

-        كىمۇ؟

-        تونۇمايمەن.

-        سىز يولدىشىڭىزنىڭ روھى ھالىتىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى بايقىغانمىدىڭىز ؟

-         شۇ بىر نەچچە كۈندە سەل جىمغۇر بولۇپ قالغىنى راس ، لىكىن  روھى ھالىتى جايىدا ئەمەس دىگۈدەك ئەمەس.

-        كۈندىلىك خاتىرىدە ئۇ بىرسى مىنى قەستلىمەكچى دەپ يىزىپتۇ ، بۇ ئىشلارنى ئۇ ئىلگىرى سىزگە ئىيتقانمۇ؟

-        ياق، ئۇ بۇتوغىرلۇق ماڭا سۆزلەپ بەرمىگەن.

-        ئۇنىڭ  جىمغۇر بولۇپ كىتىشى خىزمەت سەۋەبىدىن، ئۇ سىزگە بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئىيتمىغانمۇ ؟

-         ئۇ ماڭا خىزمەتتىكى ئىشلارنى دىمەيتتى.

-        سىز بۇ كۈندىلىك خاتىرنى باشقىلارغا كۆرسەتتىڭىزمۇ ؟مەسىلەن  ساقچى ياكى شىركەتتىكى باشقا ئادەملەر دىگەندەك.

-        سىزچە مەن قانداق قىلسام بولار؟- قايتۇرۇپ سورىدى ئايال تۇرسۇندىن.

-        تۇرسۇن بۇ كۈندىلىك خاتىردىن باشقا بىرەر ئىشنى سەزمىدى،مۇشۇ تۆت پارچىىسىدىن باشقىسى ئاساسەن پايدىلنىش قىممىتى يوق نەرسىلەر ئىدى، لىكىن مۇشۇ 5 -  8 -  12 – 13 –كۈنلىرى يىزىلغان بۇ كۈندىلىك خاتىرىنىڭ مەزمۇنى بولسا باشقىچە.بەلكىم ۋەلى ئەپەندى،شىركەتنىڭ بىرەر مەخپىيەتلىكىنى بىلىپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن شىركەتتىكى  باشقىلار ئەگەر ئىش ئاشكارلىنىپ قالسا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قوي قىلماقچى بولغانلىقى ئىنىق ئىدى.

-        تۇرسۇننىڭ قارىشىچە بولغاندا بۇ ئىش قايتىدىن تەكشۈرلىشى كىرەك ئىدى ، كەسپى نوقتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندىمۇ بۇ خىلى چوڭ خەۋەر بولالايتى، ئۇ مۇخبىر بولۇش سالاھىيتى  بىلەن جەمىئىيەتتىكى بۇنداق ئالدامچىلىق، ناھەقچىلىكلەرنى پاش قىلىشى ئىدى، ئۇ مەندەك ھەممە ئىشقا پەرۋاسىز قارىمايتتى ، مىنىڭچە تۇرسۇن ھەقىقى بىر لاياقەتلىك مۇخبىر ئىدى.

-        تۇرسۇن ئۇ ئايالدىن سورىدى:

-        خانىم ، بۇ خاتىرىنى مەن ئىلىپ كىتىپ كۆرسەم بولامدۇ؟

-        سىز ئۇنى نىمە قىلىسىز؟

-        بۇ ئىشنى مەن قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقماقچى بولىۋاتىمەن. بۇ خاتىرە بولسا  ساقچىلارمۇ ۋەلى ئەپەندىنى ئۇنداق تىزلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان دەپ  ھۆكۈم چىقارمايدۇ .بۇ ئىشنى مەن قانداقلا ئويلىسام يولدىشىڭىزنىڭ ئۆلۈمىدە بىر چاتاق باردەكلا تويۇلىدۇ ،  شىركەتتە چوقۇم بار ئىش بار. خاتىرجەم بولۇڭ، مەن بۇ خاتىرنى ھەرگىز يامان ئىشقا ئىشلەتمەيمەن، بۇنى خاتىرجەم ھالدا بىرنىڭ  نەشىرياتىمىزغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز  بولىدۇ.

-        سىز ئۇنى گىزىتكە ياكى ژورنالغا باسماقچىمۇ ؟

-        بۇنى باسامدۇق باسمامدۇق ھازىر بىر نەرسە دىيەلمەيمەن ،لىكىن  مەن ئەگەر ساقچىلارنى قايىل قىلالمىسام، بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىپ يىزىشىم مومكىن.

-        بۇنداق قىلسىڭىز ياخشى بولماسمىكىن .

-        نەرى ياخشى بولمىغۇدەك؟ ئەگەر ئىرىڭىز راستىنلا باشقىلارتەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسىچۇ؟

-        ئۇ ئايال ھىچ نەرسە دىمىدى، بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن كۈندىلىك خاتىرنى ئاستا تۇرسۇننىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى.



ئۆلۈكتىن كەلگەن  خەت 1-قىسىم    بۇ  يەردىن  كۆرۈڭ     بۇ يەردىن كۆرۈڭ

  ئۆلۈكتىن  كەلگەن  خەت 2-قىسىم   بۇ يەردىن كۆرۈڭ   بۇ يەردىن كۆرۈڭ



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-8 10:47 AM  


ئۆزخۇش دىگەنلىك ئۆزىڭىزنى ۋە ئۆزگىنى خۇش قىلىڭ دىگەنلىك ، ئۆزىنى خۇش قىلغانلار كۆپ ، لىكىن ئۆزگىنىمۇ خۇش قىلغانلاردىن قانچىلىك باردۇر ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103096
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 12:27:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۆلۈكتىن كەلگەن خەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103984
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 05:32:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى قاچان يوللايسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 932 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 05:41:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلفۇندا ياخشى چىقمىدى،خەت چوڭ بوپ قاپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 932 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 05:53:31 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسرەك بولسىمۇ ئوقۇۋەتتىم،1-2-قىسمى ياراپ قىلىپ،داۋامىغا تەشنامەن،
يەكۈننى كىيىنرەك چىقىراي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104253
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-3-1
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 09:06:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي داۋامى قاچان كىلە

قاياش تورى رەتلىنىۋاتىدۇWww.Kayax.Cnھاياتىمنىڭ ئاپتورى ئاللاھ

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 11:25:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا بىز

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 662 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 12:49:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ،داۋامىنى تىزراق يوللسىڭز بولاتتى……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97973
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 05:52:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا بىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-8 07:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى   ..؟

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش