مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: saptilak

تۆۋەنگە چۈشكەنلەر نېمىلەرنى قىلىشى كىرەك ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 11:57:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان«ئەل رايىنى مايىل قىلىش»دەپ ئاتالغۇلار چىقتى،ئەل قەلبىگە ھەقىقەتەن ياقىدىغان ئىشلارنىڭ بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7356
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 12:44:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«تۆۋەن» دېمەي «كەنت» دېسەكلا بولمىدىمۇ؟
بۇ تېما ئاممىۋىي لۇشيەن  خۇسۇسىدا بولۇۋېتىپتۇ، ئەمما مەن  ئاساسىي قاتلامنىڭ  خىزمەت  ئىستىلىنى  ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن چۈشتۈم! چۈشكەنلەرنى نېمە قىلىدىغاندۇ، دېگەن سوئال بىلەن قىينىماي تۇرساڭلارا، مەن ئۆزۈم چۈشكەن كەنتنىڭ ئەھۋالىنى ۋە نېمىلەرنى قىلغانلىقىمنى دەپ بېرەي. مەن  2  يىللىق  چۈشتۈم، ھازىر بىر  يىلدىن ئاشتى. مەن  چۈشكەن كەنتتە ئۇيغۇر، خۇيزۇ، دوڭشياڭ مىللىتى، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، مانجۇدىن ئىبارەت سەككىز  مىللەتتىن  624 تۈتۈن بار ئىكەن.  كەنتكە كىرگەن كۈنۈم چۈشتىن كېيىن بولدى (بىز ئۈچ ئادەم  بىر ئىدارىدىن باردۇق)، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا سېلىنغان، يەر تەۋرەشتە تام-تورۇسلىرىغا  چاك كەتكەن بىر قەۋەتلىك ئىشخانا ئۆيىگە ئورۇنلاشتىم. مەن چۈشكەن چاغ 3-ئاينىڭ 1-كۈنى جۈمە ئىدى. ئەتراپ قار-مۇز بىلەن قاپلانغان. مەشكە قالانغان كۆمۈر يېلىنجاپ كۆيۈۋاتسىمۇ ياتاق يەنىلا  سوغۇق. ئۇيقۇدىن بىدار  بولدۇم. يېرىم كېچە  بولغاندىمۇ «كادىر كەپتۇ» دەپ دېھقانلار ھالىنى  بىلدۈرۈپ  كىرىپ-چىقىپ تۇردى. مەن ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ، دۈشەنبىدىن باشلاپ  ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىدىغىنىمنى ئېيتىشتىن باشقا  ئىشنى قىلالمىدىم. تاڭ ئاتقىچە كىرپىك قاقماي  كومپيۇتېرىمدا ئائىلىلەرگە كىرىپ دېھقاننىڭ ئەھۋالىنى خاتىرىلەيدىغان جەدۋەل تۈزۈپ  چىقتىم. دېھقاننىڭ  ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپ قانداق خىزمەت  قىلغۇلۇق؟ بۇنىڭدىن كېيىن تاماق مەسىلىسىنى قانداق قىلىمىز؟ بۇ كەنت يېزا بازىرىغا 7 كلومېتىر، ناھىيە بازىرىغا 23 كلومېتىر كېلىدۇ، كەنتتە بازار يوق، ئاشخانىغۇ   تېخىمۇ يوق، پەقەت ئوغۇت-ئۇرۇق ساتىدىغان بىر دۇكان، كەمپىت-پېچىنە ساتىدىغان بىر دۇكان  بار. دېھقاننىڭ  ئۆيىدە تاماق يېيىشكە تەشكىلات  بۆلۈمى قەتئىي ئىجازەت  بەرمەيدۇ. ئۆزىمىز  ئېتىپ  يېيىشىمىز  كېرەك، تاماق  ئېتىش  ئۈچىمىزنىڭ  قولىدىن  كەلمەيدۇ. ئەتە شەنبە  كۈنى قازان-قومۇچ  سېتىۋېلىشىمىز كېرەك، كۆكتات  سېتىۋېلىشىمىز  كېرەك، كەنتتىكى ھېلىقى  دۇكانلاردا كۆكتات سېتىلمايدۇ. . .

شەنبە-يەكشەنبە  ئىككى  كۈن  قازان-قومۇچ  سېتىۋالغىلى  بازارغا  باردۇق، شۇ نەرسىلەر  بىلەن بىللەن كۆكتات، ئىككى  كىلو گۆش سېتىۋالدۇق. كەنتتىكى  نامرات  بىر ئايالغا  ئايدا 1300 يۈەن  بېرىپ  تاماق  ئېتىپ  بېرىشكە  تەكلىپ  قىلىپ ئاران ئۇناتتۇق، دەسلەپتە  ئېرى  ئۇنىمىدى، ئەمما كەنت سېكرىتارى ئۆزىنىڭ ساۋاقداشلىق  يۈزىنى قىلىشىنى دەپ يۈرۈپ  ئاران  ئۇناتتى. غېمىمىز  يەڭگىللىدى. دۈشەنبە  ئائىلىلەرگە كىرىشنى باشلىۋەتتۇق، ئۇ كۈنى قاتتىق  يامغۇر ياغدى. بۇ كەنتتە ھازىرغا قەدەر  ئاسفالت يول ياسالمىغان بولغاچقا، بەزىدە  ئايىقىمىزنى پاتقاق سۇغۇرىۋېلىپ، پايپاق بىلەن پاتقاق دەسسەپ  سېلىشقا  مەجبۇر   بولدۇق.  بۇرۇنراق  يامغۇر  يېغىشىنى  بىلگەن بولساق  بۇ يەردىكىلەر «بوتەي» دەپ  ئاتايدىغان رېزىنكە  ئۆتۈك  سېتىۋالاتتىمىزكەن. شۇنداق قىلىپ  ساق 28 كۈندە 595 تۈتۈنگە كىرىپ  بولدۇق. بۇ كەنتتىكى  ھەر مىللەت خەلقنىڭ  خۇسۇسىي قىيىنچىلىقىغا بىز ئېغىر  خۇرسىندۇق-يۇ، ھېچ  ئىش  قىلىپ  بېرەلمىدۇق، ئەمما 12 كلومېتىر يولنى ئاسفالتلاشتۇرۇش، ھويلا-باغلىرىغا سۇ باشلايدىغان  ئېرىقلىرىنى سېمونتلاشتۇرۇش (ھويلا-باغلار قاغجىراپ كەتكەن بولۇپ، سۇ باشلايدىغان  ئېرىقلارغا كالا -  قوي قىغلىرى دۆۋىلىنىپ  تىنىپ  كەتكەن ئىكەن، ئىلگىرى مۇشۇ  ھويلا-ئارام سۈيى تالىشىش تۈپەيلى   نۇرغۇن جېدەل-ماجرالار چىققان  ئىكەن)، يەسلى سېلىپ  بېرىش، ئۆيلەرگە تۇرۇببا  سۈيى  ئەكىرىپ  بېرىش (1985-يىلى توختاخۇنكام  تىرىىشىپ-تىرمىشىپ  تاپقان  40 مىڭ يۈەن پۇلىغا  كەنتكە قېزىلغان  قۇدۇقتىن  دېھقانلارغا تۇرۇببا تارتىپ  بەرگەن  بولسىمۇ، 20 نەچچە  يىلدىن بېرى رېمونتسىز  قالغان  تۇرۇببا يولى كونىراپ ،   قۇدۇق  سۈيىنىڭ  ئورنى  تۆۋەنلەپ، ھازىر  پەقەت قۇدۇق  ئەتراپىدىكى  100 چە تۈتۈنگىلا  سۇ چىقىدىكەن، باشقىلار ئاشۇلارنىڭ  ئۆيىدىن  چېچلەك-مالتاقلاردا سۇ توشۇپ  ئىىچىدىكەن)، بىر  قىسىم  ئائىلىللەرگە توك تارتىپ  بېرىشكە  ۋەدە  بەردۇق، 80 تۈتۈننىڭ بەكلا  كونىراپ  كەتكەن ئۆيلىرىنى  سېلىشقا  تەۋرەشكە   چىداملىق ئەمىن ئۆي  قۇرۇلۇشى  كۆرسەتكۈچى ئەكىلىپ  بېرىشنىمۇ ۋەدە  قىلدۇق، يەنە ئەبجىقى چىقىپ  كەتكەن كەنت ئىشخانا  ئۆيىنى  900 كۋادراتمېتىرلىق 3 قەۋەت بىنا،  دېھقانلار پائالىيەت  مەرەكىزى،  كەنت مەدەنىيەت مەركىزى  قۇرۇپ  بېرىشنىمۇ  ۋەدە  قىلدۇق. ناۋادا  مۇشۇ ئىشىمىز ئەمەلگە ئاشسا، كەنتتىكى  ھەر  مىللەت  ئاممىسىغا  يۈز  كېلەلەيتتۇق. دەسلەپتە ئۆيلەرگە كىرگەندە  دېھقانلارنىڭ  بىزگە مۇئامىلىسى  سوغۇقلا  بولدى،  بىزگە ئىشەنمەسلىك نەزەرىدە  تىكىلىشتى. چۈنكى  ئىلگىرىمۇ  ناھىيەدىن، ھەتتا ئاپتونوم  رايوننىڭ  بەزى  ئىدارىلىرىدىن كادىرلار كېلىپ ۋاقت  توشقۇزۇپ  كېتىپ قالغان  ئىكەن...

بىر ئايدىن كېيىن  بىز رەھبەرلىرىمىز كۆرسە  زېرىكىپ  قالمىغىدەك ئۇزۇنمۇ، قىسقىمۇ  ئەمەس  بىر دوكلاتنى تەييارلىدۇق. ئىدارىمىزنىڭ  رەھبەرلىرى يۈكسەك  ئەھمىيەت  بېرىپ،  بىزگە يېتەرلىك مەبلەغنى ئالاقىدار  تارماقلارنى  ماسلاشتۇرۇش  ئارقىلىق ھەل قىلىپ  بەردى. بىزدە  ئۈمىد  تۇغۇلدى. نەتىجىدە، 6-ئايدا 8 كلومېتر سۇ سىڭمەس ئېرىق  ياسىدۇق (ھويلا-ئارامغا سۇ باشلاش  ئېرىقى)، ھويلىلارغا  سۇ  كىردى، باغ-ھويلىلار كۆكەردى، دېھقانلارنىڭ كۆكتاتلىرى ئوخشىدى؛ 8-ئايدا ئائىلىلەرگە تۇرۇببا سۈيى  كىردى، دېھقانلار بىزنى ئەمدى  تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ئۆيلىرىگە ئەتكەن چاي، لەغمەنلەرگە باشلىدى، ئەمما خاتىرجەم  بولۇڭلاركى، بىز  چىرايلىق باھانىلەر  بىلەن  دېھقانلارنى بىھۇدە چىقىمدىن ساقلىدۇق، ئۆيلىرىگە كىرمىدۇق، پەقەت  ئازراقلا  بولسىمۇ  مائاش  ئالىدىغان كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ  بىرەر  قېتىمدىن ئەتكەن چاي ئىچتۇق، بۇنى  8 تۈرلۈك بەلگىلىمىگە مۇخالىپ، دەپ  بىلمىدۇق. دېھقانلارنىڭ  تويلىرىغا، ئۆلۈم-يېرىملىرىگە كىردۇق، ئۈچىمىز   ئۆز  يېنىمىزدىن 100 يۈەندىن  چىقىرىپ 300 يۈەننى تويلىرىدا  ئادەمگەرچىلىككە  قويدۇق؛  ئۆلۈم -  يېتىم  بولغان  ئۆيلەرگە كىرىپ  يەنە  شۇ  قىممەتتە پۇل  قويۇپ، مىيىت  ئىشلىرىغا  سەرپ  قىلىشىنى  ئېيتىپ  تەسەللىيلەر بەردۇق. ئاغرىق-سىلاق  بولغان  كەنت  ئاھالىسىنى  يەنە  شۇ  قىممەتتە  پۇل  چىقىرىپ  يوقلىدۇق.  5-ئايدا قولىدا  ئۈزۈكچىلىك  بولۇپ  قېلىپ  ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان قىزىغا تاماق  پۇلى  ئەۋەتەلمەي  قالغان بىر دېھقانغا 600 يۈەننى ئۆزۈم  بەردىم.  بۇلتۇر 10-ئايدا  كەنتنىڭ 12 كلومېتر يولىغا ئاسفالت يېيىتىپ بولدۇق. مانا، بۇ  يىل يەسلى  سېلىشقا، كەنت ئىشخانا بىناسى  سېلىشقا، دېھقانلار  پائالىيەت  مەركىزى سېلىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىمىز. ھاۋا ئىللىغان  ھامان بۇ  ئىشلارنىمۇ باشلايمىز، بۇ  ئىشلارمۇ 10-ئايغىچە تامام بولىدۇ!

تارتقان قىيىنچىلىقىمىزنى دېمەي  ئۆتۈپ  كېتەي، دېگەن، ئەمما ئادەم  ئەمەسمۇ، دېيىشنى  لايىق  كۆردۈم،  كۆڭلۈم  سەل  ئەمىن تېپىپ قالسا ئەجەب  ئەمەس. يىراق يۇرتۇمدىكى يالغۇز ئانامنى  سېغىنىش، خوتۇن-بالىلىرىمنى  سېغىنىش، ئائىلەمنىڭ  ئۇششاق-چۈششەك  ئىشلىرىنى  قىلىپ  بېرىپ،  كارخانىدىكى خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا بىكار بولالمايدىغان ئايالىمنىڭ  ئېغىرىنى  يېنىك  قىلىشقا  زادىلا  مۇمكىن  بولمىدى. چۈنكى، يىلدا 15 كۈنلا دەم  ئېلىپ، ئۆيگە قايتىش  بەلگىلىمىسى بار. ھېچقايسىمىز قايتالمايمىز. خىزمەتدىشىمنىڭ ئاتىسى راك  بىلەن   ئېغىر  ئاغرىق، ئايالىنىڭ  مېڭىسىدە تۇۇيۇقسىز ئۆسمە  پەيدا بولۇپ (ھەر ھالدا يامان سۈپەتلىك  ئەمەسكەن) قالغان، شۇنداقتىمۇ  بەلگىلىمە-ئىنتىزامدىن ھالقىش يوق. 12-ئايدا، دەرستىن  چۈشكەن   15  ياشلىق ئوغلۇمنىڭ  ئوقۇتۇش  بىناسىنىڭ  پەلەمپىيىدىن چۈشۈۋېتىپ،  بالىلارنىڭ  ئىتتىرىشلىرىدىن يىقىلىپ  كېتىپ  پۇتى سۇنغاندىمۇ ،  رۇخسەت  بولمىغاچقا  يوقلاپ  بارالماىي  كۆزلىرىمدىن  تاراملاپ  ياشلار  تۆكۈلدى. كارخانىدىكى  خوتۇنۇم نېمىمۇ قىلالايتتى؟ يا  يېتەرلىك  رۇخسەت  بېرىشمەيدۇ. ئاخىرى  روزى غوپۇرنىڭ  تېڭىقخانىسىغا  ئاپىرىپ  تاڭدۇرۇپ، ئۆيگە يالغۇز  تاشلاپ  قويۇپ  ئىشقا كەتتى... بالام  بىلەن  تېلېفوندا سۆزلىشىمەن، مېنى  كۆرگىلى  كەلمىدىڭ، دەپ  قېيدايدۇ،  بۇغۇ  مەيلى، دەرستە  چېكىنىپ  كېتىشتىن  ئەنسىرىگەن، بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىغا  چىقالمىسا  قانداق  قىلغۇلۇق؟ ئاخىرى 1-ئايدا  6 كۈنلۈك  رۇخسەت  بىلەن  بېرىپ  ئوغلۇمنى  كۆرۈپ  كەلدىم، ئوغلۇم مېنىڭ بۇقەدەر  ئالدىراش ئىكەنلىكىمنى ئاخىر  بىلگەندىكىن،  ئۆگىنىشنى  قىلچە  بوشاشتۇرماي  ھەر ھالدا ئىلگىرىلەپتۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتىن  سائىتىگە 30 يۈەندىن  ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا مۇئەللىمى تەكلىپ  قىلىپ  بەردىم. ھەپتىسىگە  12  سائەت دەرسىگە 360 يۈەن  تۆلەيمەن.

بايرام، ھېيتلاردا  دەم  ئېلىش  يوق، بۇلتۇر  روزى  ھېيتتا  يۇرتۇمغا بېرىپ  ئانامنى  يوقلاپ  كېلىۋالالىدىم. بۇنىڭدىن بەك  خۇشالمەن.

ھازىر ھەر مىللەت  ئامما بىزدىن بەكلا  رازى. بۇ يىل پاتقاق كەچمەي  يول يۈردى (ئەلمىساقتىن  بېرى بۇ كەنت  ئاممىسى پاتقاقتىن، يازدا توپىدىن بەك  بىزار  بولغانلىقلىرىنى  بىزگە نۇرغۇن  ھېكايە  قىلىپ  بېرىدۇ). سۇنى  خاتىرجەم ئىچىۋاتىدۇ.  بۇلتۇر ھويلا-ئاراملىرىغا سۇ كەلگەچكە، ھەر  بىر  ئائىلە ئوتتۇرا ھېساب  بىلەن 1000 يۈەن ئەتراپىدا كۆكتات پۇلى  تېجەپ  قالدى.

دېھقاننىڭ  شادلىقىنى  كۆرگەندە، ئۆينى  سېغىنىشلىرىمىز، تارتقان جاپالىرىمىز بىلىنمىدى. شۇ تاپتا ھەر مىللەت  ئامما بىزگە ئېلىپ  كەلگەن لەۋھەنى سۈرەت  تارتىپ  مۇشۇ  مۇنبەرگە يوللاي دېسەم  يوللاشنى  بىلمەيمەن.

تۆۋەنگە چۈشكەنلەرنىڭ  دەردىنى  ياخشى بىلىمەن، قېرىنداشلارنىڭ  شۇ  كادىرلارنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد  قىلىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nimjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-15 12:51 AM  


ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102681
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 08:45:51 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Nimjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 12:44 AM
«تۆۋەن» دېمەي «كەنت» دېسەكلا بولمىدىمۇ؟
بۇ تېما ئاممى ...

سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇدۇم,سىزگە ئوخشاش ئەستايىدىل ئىشلەيدىغانلارمۇ ھەقىقەتەن بار دەپ ئىشىنىمىز.مەن ھازىر ئويلاپ قالدىمكى,كەنتكە چۈشكەنلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەلىي ئىشلەيدىغانلار,كۈن ئۆتكۈزۈپ ۋاقىت توشقۇزىدىغانلار,ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ  كىتىش ئۈچۈنلا قول ئۇچىدا ئىشلەيدىغانلار تەڭ مەۋجۇت…قوي ئاقسىقى بىلەن يۈز دەيمىز ئەمەسمۇ؟
ھازىر دىھقان ئاممىسى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئىتىبار بىلەن قاراۋاتىدۇ…يىلاندىن قورققان ئارغامچىدىنمۇ قورققاندەك…بىراق ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراش كېرەك…
ئەمما مەن ئىشنىڭ بىسمىللىسىدا ئويلاپ قالدىمكى,سىزدەك ئەمەلىي ئىشلەيدىغانلار بەكرەك ئاز چىراي!……
مۇشۇ سىزنى بىزنىڭ كەنتكىلا چۈشۈرگەن بولسا مۇڭدىشىپ ھارماس ئىكەنمەن!……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 11:40:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ،بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدۇ!
تۆۋەنگە چۈشكەنلرمۇ ھەرگىزمەن يەپ-ئىچىۋالايچۇ دەپلا كەلمەيدىغاندۇ بەلكىم! خىزمەت گۇرۇپپىلىرى دىھقان ئائىلىلىرىگە كىرگەندە كەنىت كادىرلىرىنى ئېلىۋالسا نىمە بوپتۇ،ئالمىسىچۇ؟؟؟مىنىڭچە بۇ بەك چوڭ مەسلە ئەمەس،دىگۈسى بار ئادەم دەيدىغان گىپىنى دەۋېرىدۇ.
يەنبە بىر جەھەتتىن،يىراقتىكى موللا داموللا دەپ بەزى دىھقانلارمۇ يۇقىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ گىپىگىلا بەك ئىشىنىپ،ئۇلارنى بەك چوڭ بىلىپ كىتىدىغان گەپكەن.يېزىنىڭ،شۇ كەنىتنىڭ كادىرلىرىنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس،مەن ئويلايمەن شۇ كەنىتتىكى يېزىدىكى كادىرلارمۇ دىھقانلار باي بولسا خۇشال بۇلىدۇ.ئاساسى جەھەتتىن خەلقنى ئويلايدۇ،پارىخور،مەسئۇلىيەتسىزلىرى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كادىرلار.
يىغىنچاقلىسام،تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كىتىشمۇ،ئۇلارنىڭ ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىگە قارىتا گۇمانى قاراشتا بولۇشمۇ ئانچە توغرا ئەمەس،كىملا ياردەم قىلمىسۇن شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ئازراق كۈچىمىسە بىكار!!!!

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 11:48:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Nimjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 12:44 AM
«تۆۋەن» دېمەي «كەنت» دېسەكلا بولمىدىمۇ؟
بۇ تېما ئاممى ...

سىزدەك ھەقىقي ئىشلەيدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
مەنمۇ ھەرھالدا خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى،ئىشلەيدىغان خىزمىتىنى چۈشەنگىنىم ئۈچۈن،يۇقارقى ئىنكاسىڭىزدىن راستىنلا تەسىرلەندىم،جاپا چىكىپسىز ئەمما خەلقمىز ئۈچۈن ئەرزىيىدۇ،بەرداشلىق بىرىڭ!

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7356
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 11:49:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Dihkanbay يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 08:45 AM
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇدۇم,سىزگە ئوخشاش ئەستايىدىل ...

بۇ يەردە مۇنداق بىر ئۆتكەل بار، كۈن ئۆتكۈزىدىغان لايغەزەللەر ئۇنداق ئاسان قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ، يىل ئاخىرىدا قايتىدىغان چاغدا يەنىلا ئامما باھالايدۇ، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قانچىلىك  ئىشلارنى قىلغانلىقىنى باھالاپ  (ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ) ، ئاممىنىڭ  رازىلىق نىسبىتىنى كۆرسەتسىلا، بۇنداق لايغەزەللەر  تۈزۈكرەك ئىش  قىلمىغانلىقىغا  مىڭ پۇشايمانلارنى قىلىدۇ، ئاممىنىڭ رازىلىق نىسبىتى  تەشكىلات  بۆلۈمى  تەرىپىدىن  ئارخىپىغا چۈشىدۇ.

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7356
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 11:58:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sahiba33 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 11:40 AM
ھەي ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ،بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدۇ!
ت ...

توغرا  دەيسىز، ئامما ئۆزلىرى سايلىغان كىشى  دۇرۇست  ئادەم  بولسا (ھازىرغۇ  يەيمەن دەپمۇ يېيەلمەيدۇ) ئۇنى  يۇقىرىدىن  كەلگەن  كادىردىن  چارە  كۆرۈپ  قوللىشى،  قەدىرلىشى  كېرەك. ئەمما، ئامما  كۆپىنچە  ئۆزلىرى  سايلاپ  قويۇپ،  ئىشلىرىغا ھەمكارلاشمايدىغان ئىشلار  ھەقىقەتەن مەۋجۇدكەن. كەنت  بىلەن  كەنت  ئەھۋالى  ئوخشىمايدىكەن، بەزى كەنتلەرنىڭ كوللېكتىپ  ئۈچۈن  قالدۇرۇلغان  يەرلىرى كۆپرەك،  بەزىلىرىنىڭ  ئازراق،  بەزىلىرىنىڭ  پەقەتلا يوق  ئىكەن. 1983-يىلدىن  كېيىن  تۇغۇلغانلارنىڭ  نە  يېرى،  نە ئولتۇراق ئۆيى  بولمايدىكەن، نەچچە  يىلدا  بىرەر قېتىم  شۇنداق  ياشلارغا ئولتۇراق  يەر تەقسىملەپ  بېرىش بەك  مۈشكۈل  ئىشلاركەن. قىلالىغان  كەنتتىن ئامما  رازى  بولسىمۇ، ئەمما  يېرى  ئاز  ياكى  يوق  كەنتلەرنىڭ  سېكرىتارلىرىدىن  ئامما  رازى  ئەمەس.  يەنە  بىر قىسىم  ياشلار بىر  قېتىم  بېرىلگەن ئولتۇراق ئۆي ئورنى يېرىنى  سېتىۋېتىدىكەن ...

ئەمەلىيەتتە دېھقان  باي  بولسا،  شۇ  كەنت سېكرىتارىنىڭ  يۈزى  يورۇق  بولىدۇ، جامائەت  ئىچىدىمۇ ئابرويى كۆتۈرەڭگۈ  بولىدۇ. مەن  كەنتتە  ئىشلەش  جەريانىدا  نۇرغۇن نەرسىلەرنى  ئۆگەندىم، ھەتتا تەشكىل  رۇخسەت قىلسا،  بىرەر نامرات  كەنتكە  بېرىپ،  شۇ  كەنتكە  سېكرىتار  بولۇپ  بېيىتىپ، ئىشلارنى  لىللا قىلىپ  خەلقنىڭ رازىلىقىنى  ئالاي،  دېگەن ئويغىمۇ  كەلگەن  ئىدىم، ئەمما  بۇنىسى مۇمكىن  ئەمەس. لېكىن  مەن تاڭلائەتە پىنسىيەگە چىقسام، چوڭ شەھەردىن  ناھايىتى  نامرات  تۇۇغۇلغان  يۇرتۇمغا  كېتىمەن،  شۇ يەردە ئازراق  بىر  ئىش  قىلالىسام دەيمەن ...

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44632
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15792 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 01:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ كەنىتتىكى ھەل قىلدىغان ئىشلار ؛
1- ھۆكىمەتتىن كەمبىغەللەرگە بىرىلگەن ھەر تۈرلىك مەبلەغ ياردەملەر ئۆز ئىگىسىگە بىرىلدىمۇ بۇنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ سۈرۈشتىسنى قىلىش . (10يىللىقنى تەكشۈرۈش)
2- تۆۋەن تۈرمۈش كاپالىتى پۇلىدىن بەھرىمان بولۋاتقان كەنىت كادىرلىرىنىڭ تۇققانلىرى يىقىنلىرى ئىنىقلاش ، شۇ كەنىتتىكى تۆۋەن تۇرمۇش ئىلۋاتقان بايلارنى ئىنىقلاپ ، ھەقىقىي كەمبىغەللەرگە ئەمىللەشتۈرۈش .
3- 80 -يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغانلارنىڭ يېرى يوق . ئەڭ ھالقىلىق ھەل قىلدىغان مەسىلە . دېھقاننىڭ يىرى بولمىسا قانداق قىلىدۇ ؟ مىسال : مەن 5 نوپۇس ،3 مو يىرىم بار . ھەقەم سايام قاسىم 5 نوپۇس ، 16 مو يىرى بار . مۇشۇنداق پەرق ھەممە كەنىت يىزىلاردا مەۋجۇت . ئادەمنى ئاساس قىلىمىز دىگەن پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ يەرنى تەڭشەپ بىرىش كېرەك .
4- كەنىت ئەمەلدارلىرنىڭ ئەل - ئەمىن ئۆي قۇرلىشىدىن پايدىلنىپ ، نەپ ئىلۋاتقانلىقى ، كۆز بوياپ باشقىلارنىڭ نامىدا ، ئۇنىڭ بۇنىڭ نامىدا قانچە يەردە ئۆيى بارلىقىنى ئىنىقلاش . نەچچە مو يىرى بارلىقىنى ئىنىقلاش .
5- چارۋىچىلىق ، باقمىچىلىق ، باشقا كەسىپلەرگە ، كەلكۈن ۋە ھەر خىل تەبىئەت ئاپەتلەردىن تولۇقلىما قىلىپ بىرىلگەن پۇللار ، ئۇن ، ياغ ، كۆمۈر ، تۇز ، قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى زادى كىم ئىلۋاتىدۇ . كىم پايدىلنىۋاتىدۇ ، يېرى ئاز ، نوپىسى كۆپ دېھقانلارغا بىرىلدىمۇن يوق ؟ بۇنىڭ سۈرۈشتىسيىنى قاتتىق قىلىش .
6- بەزى كەنىت كادىرلىرنىڭ ئالى دەرجىلىك پىكاۋى ، توپا قىزىش ماشىنىسى ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى .... بەزى كەنىتلەردە نەچچە مىڭ مو يەرلىرى بار  ، بۇنى بىر ئىنىقلاپ بىقىش .
7- دېھقانلار ھەر خىل ئىشلار ئۈچۈن كەنىتتىن خەت ، تونۇشتۇرۇش ، تامغا ئۇدۇرۇش ئىشلىردا ، بىر نەسە تاما قىلىپ ، كەينىگە سۈردىغان ، ھەر خىل يوق بانىنى قىلىپ بىجىرىپ بەرمەيدىغان ، ئاز - تولا بىر نەرسە سۇڭگۇتمىسا زادى قىلىپ بەرمەيدىغان بىر قىسىم كەنىت كادىرلىرىنى تازلىۋىتىش .
8- مەھەلە زومىگىرى ، يۇرت زومىگىرى بولۋىلىپ قىمار ، جەزى قىلىپ ، ياش ئۆسمۇرلەرنى يولدىن چىقىرۋاتقان «نوچى» لارنى قانۇن ئورۇنلىرغا ئىنكاس قىلىپ تازىلاش .

سەل ئالدىراش بوپ قالدىم ، ئاخىرنى يەنى يازىمەن . ئاساسى قاتلامدۇ مەسىلە خىلى بار ....



سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7356
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 02:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2014-3-15 01:22 PM
بىزنىڭ كەنىتتىكى ھەل قىلدىغان ئىشلار ؛
1- ھۆكىمەتتىن ك ...

سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن مەۋجۇدلۇق. كەنت  كادىرلىرىنىڭ تۇغقانلىرى، يېقىنلىرى ئىچىدە نامراتلارمۇ يوق ئەمەس، ئەمما ھال-كۈنى ياخشىلىرىمۇ نامراتنىڭ  نېسىۋىسىگە قول  سوزۇپتۇ. 2 كۈن  ئالدىدا بىز خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مۇشۇ ئىشنى  بىللە  مۇزاكىرە  قىلىپ، بەھرىمەن  بولۇۋاتقانلارنى، بۇنىڭدىن  كېيىن بەھرىمەن  بولۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ  سېلىشتۇردۇق، بايقىلىشىچە، %30 بەھرىمەن  بولۇۋاتقۇچى ئەسلىدە بەھرىمەن  بولۇشقا تېگىشلىك ئەمەس  بولۇپ  چىقتى. بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار ئىچىدە  يەنە  ھال-كۈنى سەل ياخشىلانغانلار %30 بولۇپ  چىقتى. قالغان  %40 نى  ساقلاپ  قېلىپ، ئاشقان %60 نى  قايتا تەڭشەش  ئۈچۈن  دۈشەنبە  كۈنى يەنە  ئىلتىماس  سۇنغۇچىلار  ۋە  ئىلتىماس  قىلىشنى  بىلمەيۋاتقان  ھەقىقىي نامراتلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ  سېلىشتۇرىمىز. بىز  بۇنى  چوقۇم %100 توغرا  قىلىپ  كېتەلمىسەكمۇ  ئەمما %99 قىلالايمىز. گەپ  بىز يەنە  بىر  يىلدىن  قايتىمىز، ئىشلار  ئەكسىگە يانمىسا  بولاتتى.

يېرى  يوقلار  مەسىلىسىگە كەلسەك، 1983-يىلى يەر  تەقسىملەشتىن  كېيىن  تۇغۇلغانلارنىڭ  يېرى  يوق. دۆلەتنىڭ  سىياسىتى  بويىچە  تۇغۇلغانلارغا  بەرمەسلىك،  ئۆلگەنلەرنىڭكىنى  قايتۇرۇۋالماسلىق. سىز  دەۋاتقان  يېرى  كۆپلەر  بەلكىم  ئەينى  چاغدا  يەر  كۆپرەك  تەقسىملىنىپ كېيىن  ئۆلۈپ  كەتكەن،  شۇلاردىن  ھازىر  5  جان  بولغان  بولسا 15~20 مو  بولۇپ  قالغان  بولۇشى  مۇمكىن. سىز  دەۋاتقان  يېرى  ئازلار  ئەينى  چاغدا جان  سانى  ئاز  بولغان  بولسا،  ھازىر كۆپەيگەن بولسىمۇ  يېرى  كۆپەيمىگەن بولۇشى  مۇمكىن.  يەنە، كوللېكتىپ  يېرىنى  ئىجاررە  ئېلىپ  تېرىۋاتقانلار بولسا،  ئۇلارنىڭ  يېرى  كۆپرەك  بولۇپ  تۇيۇلغان  بولۇشىمۇ  مۇمكىن. كېلەچەكتە،  شەھەرلەرنىڭ  شەھەر-بازارلىشىش  قەدىمىنىڭ  تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ  يەر  ئاز  ئادەملەرنىڭ  قولىغا  مەركەزلىشىدۇ، ئۇلار كۆپ  يەرلەرنى توختام  بويىچە  ئىجارە  ئېلىپ  تېرىيدۇ، يېرىنى  ئىجارىگە بېرىۋەتكەنلەر يەر  ئىجارەدىن  كىرگەن  پۇلغا  ۋە  ئۆزى ئىشلەمچىلىك  قىلىپ  تاپقان  پۇلىغا  تايىنىپ  تىرىكچىلىك  قىلىدۇ  ياكى  ھۈنەرگە تايىىنىدۇ ... ئومۇمەن  بۇنىڭدىن  كېيىن  يەر  ئالتۇن،  دېگەن گەپ!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19860
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5347 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 02:07:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازلىق تەتىلدە ئۆيدە دەم ئېلىۋاتقان ئىدىم.ئاتۇشلۇق بىر ساۋاقدىشىم ماڭا ‹سىلەر ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە بارمامسىلەر؟› دەپ تىلىفۇن قىپتۇ. مەن ھەيران بولۇپ ‹نېمىشكە بارىمىز، ئۆيدە مەن، بىرە ئىش بوپتىما؟› دەپ سوراپتىمەن. كېيىن ئۇ ساۋاقدىشىم ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە بېرىپ سىياسى ئۈگۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى، مەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىپ باققان باقمىغانلىقىنى سورىسام، ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق قىلغانلارنى ئوقۇپلا قالسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ دېدى. مەن بەكمۇ ھەيران بولدۇم ھەم مائارىپ خىزمىتىدىكى مانا شۇنۇڭغا ئوخشايدىغان تۈرلۈك-تۈمەن ناتۇغرا ئىشلارنىڭ ھەرقايسى جايلاردا ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەك غەش بولدى. مېنىڭچە بولغاندا بۇ خىل ناتۇغرا خەلق مەنپىتىگە زىيان بولغان تۈرلۈك ئىشلار ھەممە ئورۇندا مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن، ھەممىدىن بۇنداق ئىشلار ئەڭ ئېغىر بولغان ئورۇن يەنى مائارىپ سىستىمىسى بولىشى مۇمكىن. نېمىشقا مۇشۇنداق خەلق مەنىپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلغان پىكىر ئېلىپ مەسىلە ھەل قىلىش ئۆمىكى مائارىپ سىستىمىسىغا چۈشمەيدىغاندۇ؟

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش