ئاممىۋى لۇشەن تەربىيىسى پائالىيتىگە چۈشكەنلەر نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
بۇ قېتىم رەئىس شىجىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومتىت ئاممىۋى لۇشەن تەربىيسى پائالىيتىنى يولغا قويۇپ يۇقىرىسى مەركەزدىن تارتىپ تۆۋىنى ناھىيىلىك خەلق ھۆكىمىتىگىچە تۆۋەنگە چۈشىدىغان مەخسۇس خادىملارنى بىكىتىپ، بىكىتىلگەن خادىملار ئالىقاچان تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۆز خىزمەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن باشلاپ خەلقىمىزنىڭ دەردۇ-ھالىنى ئاڭلاپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ ۋاقتىدا ھەل بولىشىغا تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشماقتا. بۇ قىتىمقى بۇ پائالىيەتنىڭ يولغا قويىلىشى ھەممىمىزنى خۇشال قىلدى. بەلكىم تۆۋەنگە چۈشكەن بىر قىسىم خىزمەتچىلەر تورغا چىقىپ مۇشۇ ھەقتىكى يازما، ئىنكاسلارغا دىققەت قىلۋاتقان بولىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن تور يۈزىدە بۇ قېتىملىق تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەتچى-خادىملارغا ۋە بۇ ئىشقا مەسئول بولۋاتقان خادىملارغا تۆۋەندىكى يۈرەك سۆزلىرىمنى ئىيتقىم كىلۋاتىدۇ.
تۆۋەنلەردە ھەقىقەتەن ساقلىنىۋاتقان ناتۇغرا مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ. 1› تۆۋەنگە چۈشكەن خادىملار شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن دىھقانلاردىن پىكىر ئىلىشقا چۈشسە سىلەرچە شۇ دىھقان قىرىنداشلىرىمىز ھەقىقىي ئەھۋالنى دىيەلەمۇ؟ ياق، دىيەلمەيدۇ، چۈنكى ‹ئوسما كېتىدۇ، قاش قالىدۇ. سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ› دېگەن ماقالنىڭ مەنىسىنى ئۇلار ئەلۋەتتە بىلىدۇ، شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلىپ قويۇپ، پىكىر ئېلىشقا چۈشكەنلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن يامان ئاقىۋەتكە قىلىشتىن قۇرقىدۇ.
2› بۇ قېتىمقى تۆۋەنگە چۈشكەنلەر چوقۇم دېققانلاردىنلا پىكىر ئېلىشى كىرەكمۇ؟ ئەجەبا مەسىلە دىققانچىلىق ئىشلىرىدىلا بارمىدۇ ياكى مائارىپ، سەھىيە، قانۇنچىلىق ۋە باشقا كەسپى، مەمۇرى ئورۇنلاردىممۇ بارمىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە بۇ ئورۇنلاردا ھەل بولمايۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئۇنداقتا ھەرقايسى كەسپى، مەمۇرى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن نېمىشقا پىكىر ئېلىنمايدۇ؟
3› پىكىر ئېلىشتا چوقۇم مەلۇم كىشىلەرنى ئىش بىجىرىش ئىشخانىلىرىغا چاقىرىپ پىكىر ئىلىشى كىرەكمۇ ياكى ئۆي-ئۆيلەرگە خالىغان ۋاقىتتا باشقىلارنى ھەمراھ قىلماي بېرىپ پىكىر ئېلىشى كېرەكمۇ؟
مېنىڭچە بولغاندا بۇ قېتىملىق تۆۋەنگە چۈشۈش خىزمىتىدە چوقۇم ھەقىقىي مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن تۆۋەنگە چۈشكەنلەر يەرلىك ئورۇنلاردىن يول باشچى ئېلىۋالماي ھەم قايسى ئۆيگە كىرىپ، كىملەرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى مەخپى تۇتۇپ زىيارەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا ئۈنۈم تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناھىيە، بازار، شەھەر ئاھالىلىرىنىمۇ يۇقارقى ئۇسۇلدا زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يۈرەك سۆزلىرىگىمۇ قۇلاق سىلىپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىمۇ ھەل قىلىشقا تىرىشقان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
توردىكى باشقا قىرىنداشلارنىڭمۇ تىگىشلىك تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا تۆۋەنگە يېزىپ ماڭسا بەلكىم يەنە بەزى ھەل بولمىغان مەسىلىلەرمۇ ھەل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا كەڭ تۇرداشلارنىڭ قالايمىغان ئىنكاس يازماي ئورۇنلۇق ئىنكاسلارنى قالدۇرىشىڭلارنى ئۆمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-14 05:33 PM