ئايروپىلان يوقاپ كەتكىنىگە ئالتە كۈن بولدى، ئايروپىلان زادى نەگە كەتتى؟
ئايروپىلان يوقاپ كەتكىنىگە بۈگۈن ساق ئالتە كۈن بولدى. ئەڭ دەسلەپ «خانىم-قىزلار بايرىمى» بولغان كۈنى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، تۇنجى بولۇپ ھەممىمىز چوقۇم چۈشۈپ كېتىپتۇ، دەپ ئويلاپ كۆڭلىمىز يېرىم بولغان ئىدى. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايروپىلاندا بىر ئۇيغۇر رەسسام قېرىندىشىمىزنىڭ بارلىقىنى خەۋەردىن كۆرۈپ، دەسلەپكى ئېرەنشىمىگەن پوزىتسىيەدىن دەرھاللا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۆتتۇق. تاكى ھازىرغىچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتىمىز. كۈندە دېگۈدەك تور ئارىلاپ خەۋەر كۆرۈپ بۇ ئايروپىلان خەۋىرىدىن باشقا خەۋەر ئەيتاۋۇر بىزگە تېتىماس بولۇپ قالدى. شۇنداق تەشنا بولغانسىرى بۇ ئايروپىلان تېخىمۇ سىر بولۇپ يۈرىۋاتىدۇ. خەير، بىر ياخشى خەۋەر كېلىپ، تارىخلاردىمۇ پەيدا بولغان ۋاقىت تونىلىغا كىرىپ قېلىشتەك بىر ھادىسە مۇشۇ ئايروپىلاندىمۇ يۈز بەرگەي.
http://www.nur.cn/news/2014/03/159931.shtml
پىكىرلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى. شۇنداق قىلىپ ئالتە كۈننىڭ ئالدىدا شۇ خەۋەر كېلىپ يېرىم كۈن بولمايلا ئايروپىلاننىڭ خۇ جىمىن ھاۋا يولىغا كىرگەندە سىگنال تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ، دەپ خەۋەر كەلگەن ئىدى. شۇ پەيتتە ئويلىدۇقتە، سىگنال يوقاپ كەتتى دېگەن قانداق گەپ؟ بىر پۈتۈن سۈرۈك ئايروپىلان، يەنە تېخى دۇنيا بويىچە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئاتامان ئاتالغان بويىن 777 نىڭ ئايروپىلانى قانداقمۇ سىگنال يوقاپ كەتتى بىلەن يوقاپ كېتىدۇ؟ چاقچاق قىلىۋاتامدۇ، يە؟...لەردىن پەيدا بولغان بىر توپ مۇلاھىزە پاراڭلىرىمىز زامانىمىزنىڭ يېتەكچىسى بولغان تور دۇنياسىدا قايناپلا كەتتى. بىزلا ئەمەس دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ھەر كىم بۇ ئايروپىلانغا قىزىقىپ كەتتى. نوپۇزلۇق تاراتقۇلارغا ۋەكىل بولۇپ، خەۋەر تارقىتىدىغان «تەكلىپلىك مۇخبىر» لار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئويلىغان بولسا كېرەك، ھەر كىمنىڭ سۆز ئەركىنلىكى بار، مەن سۆزلىگەنگە نېمە بولماقچى ئىدى؟
رايونىمىزدىكى بىراۋلار دەپتۇ: بۇ ئايروپىلان ئەسلىدە دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن، يولۇچىلار ئايروپىلان قانىتىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ساق قاپتۇ؛ بۇ خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە تارقىتىپتۇ، تارقاتقانلار ھەتتا رەسىملىرى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ. بەلكىم بۇ خەۋەرنى تارقاتقۇچىلار ئايروپىلاندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئامان قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ خەۋەر مەنبەسىنى دەلىللىمەستىنلا چىقارغان بولىشى مۇمكىن، ناۋادا شۇنداق مەقسەتتە بولسا كۆڭۈل بۆلگىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز؛ بىراق كېيىن خەۋەرنى خاتا ئىكەن دەپ ئۆچۈرۋەتكىنى بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىمىزنى يەردە قويامدۇ قانداق...؟
ئۇلار مۇنداق دەپ يىزىپتۇ:
بىر مۇنچىلىغان كىشىلەرنى ئالدىۋالغاندىن كېيىن، يالغان خەۋەر ئىكەن دەپ قاراپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۋېتىپتۇ ۋە كېيىن بىزنىڭ ھېچ بولمىغاندا تور بەت نامىمىز چىقتى، دەپ پەخىرلىنىپ يۈرگۈدەك. بىز بۇنداق قىلمىشقا سوغۇق كۈلىمىز خالاس.
رەسىمدە، بويىن ئايروپىلان شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى باش لېدىرى ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىغا چىقارغان «ئايروپىلان تېپىلىپتۇ» دېگەن يازمىسى
خەلق ئىچىدە ئايروپىلان توغرىلىق ئۇنداق ھەر خىل پاراڭلارنىڭ قايناپ، جامائەت پىكرى دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلىشى ئېنىق ھەم نورمال. ئەمما بۇ خەۋەر تارقىتىدىغان «مۇخبىرلىق قوشۇنى» غا نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭمۇ كىرىپ قالغىنى قىزىق. 8-مارت كۈنى دەلىللەنگەن خەۋەردە دېيىشىچە، بويىن ئايروپىلان شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى باش لېدىرى مارك ئەلۇن ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىغا ئۇچۇر چىقىرىپ، مالايسىيانىڭ بۇ ئايروپىلانى تېپىلدى، دېگەن. كېيىن تاراتقۇلار ماڭا خاتا خەۋەر يوللاپتۇ، دەپ بۇ ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۋەتكەن. ئەمما شۇ كۈنى يەنە داڭلىق ئالاقە تورى بولغان تىۋىتتېردا ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ باش مەسئۇلى Tony Fernandes مۇ تىۋىتتېرىغا ئۇچۇر يېزىپ، ئايروپىلاننى ۋېيتنامنىڭ نەنىڭ دېگەن يېرىگە بىخەتەر قوندى، نۆۋەتتە دەلىللەنمەكتە، دېگەن. كېيىن ئۇمۇ بۇ خەۋىرىنى ئۆچۈرۋەتكەن. تۇرۇپ ئويلاپ قالدۇق، بىر نوپۇزلۇق كىشى ھەتتا ئۆزى قىلغان سۆزگىمۇ ئىگە بولالمىسا، قانداقمۇ رەھبەر بولالايدىغاندۇ؟ بۇنداق نوپۇزلۇق كىشىلەر چىقارغان ئۇچۇرغا ئەلۋەتتە پۈتۈن ئەگەشكۈچىلەر شەرتسىز ھالدا ئىشىنىدۇ. نوپۇزلۇق كىشىلەر شۇ ساھەنىڭ ئەڭ بىلەرمەنلىرى بولغانكەن مۇنداق خەۋەرنى چىقارماسلىقى كېرەك ئىدى ۋە ياكى تاراتقۇلار شۇنداق دېدى، دەپ مەسئۇلىيەتنى تاراتقۇلارغا ئارتىپ قويسا تېخىمۇ ساپاسىزلىق بولىدۇ ئەلۋەتتە. تېخى بۇ خەۋەرگە ئۇلىنىپ «ئايروپىلاننى جۇڭگونىڭ كۆرەشچى ئايروپىلانى قايتۇرۇپ ئەكەلدى» دېگەن سۆزدىن تارتىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، دېموكراتىيەدىن دېرەك بىرەمدۇ ياكى چولپان بولۇش ئىستىكىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن دېرەك بىرەمدۇ؟ ۋە ياكى خەلقنى پىچكا ئورنىدا يۆتكىگۈسى كېلىپ قاپتۇ، دەپ چۈشىنەمدۇق؟
كېيىن ئايروپىلان توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقىلىپ، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارغا تېلېفۇن ئۇرسا ئۇلىنىپتۇ، ھەتتا QQ دەك تور شەخسى سۇپىسىمۇ ئوچۇق ھالەتتە ئىكەن، دېيىشتى. بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن مۇۋاپىق چۈشەنچىلەر بېرىلىپ بولدى. ئاز-تولا بىلىمى بار ئادەم تېلېفۇننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلىنىپ قالغانلىقىنى ۋە شەخسى تور سۇپىسىنىڭ ئوچۇق تورغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىلىش كېرەك ئىدى، بۇلار چىقارغان خەۋەر بىلەن بۇنىڭغا ئەگىشىپ تارقاتقان خەۋەرلەر ھەم سۆز-چۆچەكلەرنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى شۇلار بىلەنلا كەتمەيدۇ. زور بىر تۈركۈم كىشىلەر مەخسۇس ئەگەشكۈچىدۇر. تەپەككۇرى ئاجىزراق ئەگەشكۈچىلەر مۇشۇنداق پاكىتسىز ھالدا چىقىرىلغان ھېسىياتچان خەۋەرگە ئەگىشىپ تارقاتسا، ئاقىۋىتىنىڭ قانۇننىڭ يۇقىرى بېسىملىق توكىغا دەسسەش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك، شۇنچىلىك كۈچەپ تارقىتىدۇ ۋە ياكى تارقىتىشىپ بەرگىنى ئۈچۈن ئىقتىسادى كىرىم قىلامدۇ، بۇنداق رەزىل پەرەزلەرنىمۇ ئويلىمايمىز، دىيەلمەيمىز ئەلۋەتتە. توغرا، ھەممىمىز ئايروپىلانغا كۆڭۈل بۆلۈپ تېزراق تېپىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۇق. شۇ تەقەززالار بىلەن «كاللىسى قىزىپ قالغان» لارغا ئەگىشىش ياكى شۇلار بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولۇشنىمۇ بەك ئەيىبلەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىراق كىشىنى ئەخمەق تېپىش تازا توغرا بولمىغان قىلمىش.
ئەڭ يېڭى خەۋەر قانچە بولمىغانسىرى، ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىشقا نىسبەتەن تەجرىبىنىڭ كەمچىل بولۇشى مانا مۇشۇنداق خەۋەر ياساش دولقۇنىنى پەيدا قىلىدۇ. تارىختىن بېرى ھەقىقەت ھامان ئاشكارىلىنىپ كەلگەن. لېكىن ئارىلىقتىكى پەيدا بولغان ساختا خەۋەرلەر كۆرگەن ھەر كىشىنىڭ نېرۋىسىغا بىۋاستە تىگىپ غىدىقلانسا، دەرھاللا غىدىقلىنىپ كەتمەي ئۆز تەپەككۇر تارازىسىغا سېلىپ پىكىر قازىنىدا قايناتقاندىن كېيىن سوغۇققان پوزىتسىيەدە تەخسىگە تۆكۈپ ئىنكاس قايتۇرۇش ھاياتلىق يوللاردىكى ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ قانۇنىيەت مەيلى قەيەردە بولسۇن ھامان كۈچكە ئىگە.
خەۋەر تارقىلىشتا تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق دىيىشكىمۇ بولمايدۇ؛ بۇلتۇر يۈز بەرگەن بوستون ۋەقەسىدە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، fox خەۋەرلىرى ۋە CNN قاتارلىق نوپۇزلۇق ئورۇنلار پارتلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان باش جىنايەتچىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تېپىپ چىقىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى جامائەتكە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ئاخباراتنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەۋەر مەنبەسىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنىمۇ دەلىللىمەستىن نۇرغۇن خاتالىقلار كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان، ھەتتا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ سەۋەپسىز ھالدا تۇتىلىپ سوراققا تارتىلىشىغا ئۇچراتقان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئۆزىنى ھەم باشقا تاراتقۇلارنى ئەيىبلەپ، خەۋەر چىنلىقتىن ئىبارەت قائىدىگە پارتلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان جىنايەتچىنى تۇتۇش ئىستىكىدە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدۇق، دېگەن.
خارۋارد ئۇنېۋىرسىتېتى ئاخبارات تەتقىقات مەركىزى نېگىزلىك خەۋەرلەرنىڭ ئىشلىتىش قىممىتى پىرىنسىپى بولسا، خەۋەر تارقاتقۇچى چوقۇم تارقالغان خەۋەرنىڭ نەتىجىسىگە نىسبەتەن ئالدىن كۆرەرلىك بولىشى زۆرۈر، دېگەن. شۇ بوستون ۋەقەسىدە نۇرغۇن نوپۇزلۇق تاراتقۇلار خەۋەر خاتالىقى پەيدا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا «مۇخبىرلار بىرلەشمىسى» CNN، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە نىيۇ يورك پوچتا گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خاتا خەۋەر تارقاتقانلىقىغا قارىتا ئويلىنىشىغا پىكىر بېرىپ : مۇشۇ ھەپتىدە كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغىنى «بىرىنچى بولغان كىم» ئەمەس، بەلكى «خاتالاشقان كىم» بولدى، دېگەن. بىز بۇنى خەلقنىڭ ھېسىياتى بىلەن ئويناشقانلىق، دېدۇق.
گېپىمىزنى يىغساق، نۆۋەتتە مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن بويىن 777 لىق بۇ ئايروپىلانى ھەققىدە يەنىلا ئەڭ ھوقۇقدار بولغان ئايروپىلان ئىزدەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭلا خەۋىرىنى كۈچكە ئىگە دىسەك بولىدۇ. بۇ مۇتەخەسسىسلەر چېغىدا ھەر قانداق بىر يېڭى ئۇچۇرنى دېمىگەن يەردە، باشقا قوشۇمچىلارنىڭ سەكرەپ كېتىشى قىزىق ئىش. ئائىلە-تاۋاباتلارنىڭ سوغۇققان بولالماي مالايسىيا تەرەپنى ئەيىبلەپ ئۇلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ كەتكىنىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ھەر كىم بۇنداق ۋەقەنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇ ئايروپىلاندا ناۋادا بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ياكى ئەڭ يېقىنلىرىمىز چىققان بولسا ۋە بەلكى بىزمۇ ئەقلىمىزنى يوقىتىپ قويغان بولاتتۇق؛ بىراق بىز سەل سەۋىرچان ۋە ئېغىر-بېسىق بولغاچقا ئۈنسىز ياش تۆكۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇئا قىلاتتۇق. رايونىمىز بەزى كىشىلەر بۇ ئايروپىلانغا ئائىت چاقچاقلارنى قىلىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ، بەلكى بۇ ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كېتىشىنى كىنو كۆرگەندەك ھېس قىلغان بولىشى مۇمكىن؛ بىراق ھەر يەرلەردە ئۇچۇپ يۈرگەن بۇ چاقچاقلارنى ئۇچۇر دەۋرىدىن ئىبارەت مۇشۇ زاماندا، شۇ ئايروپىلاندىكى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مۇھەممەت ئابلانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-يارەنلىرى ھەم ئەڭ يېقىنلىرى كۆرسە، سىزنىڭچە قانداق بىر ھېسياتتا بولار؟ ۋە ياكى سىزنىڭ يېقىنىڭىز شۇنداق يوقاپ كەتسە، بىرسى سىزگە شۇنداق چاقچاقلارنى قىلسا سىز كۆتۈرەسىزمۇ؟
http://www.nur.cn/news/2014/03/159931.shtmlمەنبە -
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orkixi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-14 05:43 PM