يوقاپ كەتكەن ئايروپىلان بەلكىم مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن
تىڭشۈن ئىقتىساد قانىلى خەۋىرى
8-مارت مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ كۇئالالۇمپۇردىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان MH370بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى يەردىن كۆتۈرۈلۈپ بىر سائەتتىن كىيىن راداردىن غايىب بولۇپ، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز دېرىكى بولمىدى، گەرچە نۇرغۇن دۆلەتلەر بىرلىكتە ئىزدەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.
قۇتقۇزۇش خىزمىتى ھېلىھەم ئەڭ ھالقىلىق خىزمەت قاتارىدا ئىشلىنىۋاتىدۇ، بىراق مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھازىر پاتاڭغىچە قەرزگە پاتتى. ناۋادا ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىردا كېلىشمەسلىككە ئۇچۇرغانلىقى ئىسپاتلانسا، تۆلەيدىغان تۆلەم ئۈچ يىلدىن بىرى ئىزچىل زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان بۇ شىركەتنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولسا مالايسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركىتى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ مالايسىيە دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدۇر، بۇ شىركەت 1937-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن، بىراق 2004-يىلى بۇ دۆلەتتە ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر پاي خاراكتېرلىك شىركەت ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كىيىن، مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى قاتتىقلىشىپ كەتتى. ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ تىجارەت ئوبيېكتى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى بولۇپ، تاكتىكىسى بولسا ئەرزان باھالىق بىلەت سېتىشتۇر، ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدا ئەمەسلىكى ۋە بېلەت باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشتەك ئەۋزەللىكى مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى نەچچە قېتىم تەدبىر قوللىنىپ جىننى ساقلاشقا مەجبۇر قىلىپمۇ قويدى، بىراق مالايسىيە ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچ، مالايسىيە ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ تەننەرخ تۆۋەنلىتىش ئىستراتېگىيىسى ئىزچىل ئەمەلىيلىشەلمىدى.
شىركەتنىڭ پېيى بەكلا چۈشۈپ كەتتى
كىلىشمەسلىك ئالدىنقى شەنبە كۈنى يۈز بەردى، ھەپتە ئاخىردىكى ئىككى كۈندە قانچە ئىزدەپ باققان بولسىمۇ، لىكىن ھىچقانداق نەتىجە بولمىغاچ، دۈشەنبە پايچىك بازىرى ئىچىلغاندا ئالاقزادىلىك ۋە ۋەھىمە پۈتكۈل ئاسىيا پاي بازىرىنى قاپلاپ، ئەتتىگەنلىك سودا باشلانغاندىلا، نەچچە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق پايلىرى كۆرۈنەرلىك چۈشۈپ كەتتى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى دۈشەنبە كۈنى شىددەت بىلەن %2.86 چۈشۈپ ، 2000 نۇقتىلىق قارشىلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلاپ، 1999 نۇقتىغا كەلدى، مالايسىيەنىڭ كۇئالالۇمپۇر ئۇنۋىرسال كۆرسەتكۈچى بولسا دۈشەنبە كۈنى %0.56 تۆۋەنلىدى.
مالايسىيا كۇئالا لۇمپۇر سودا ئورنى(بىرژىسى) دا مالايسىيە ئاۋاىئاتسىيە شىركىتىنىڭ پاي باھاسى دۈشەنبە كۈنى شىددەت بىلەن چۈشۈپ، بۇ شىركەتنىڭ پېيى كۇئالالۇمپۇر سودا ئورنىدىكى قولدىن قولغا ئەڭ كۆپ ئۆتكەن پايغا ئايلىنىپ قالدى، شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا 212 مىليون پاي ئالماشتۇرۇلدى، بۇ شىركەت بىلەن تەڭ بازارغا كىرگەن مالايسىيا ئايرودروم پاي كونتىرول شىركىتىنىڭ پېيىمۇ %3.8 تۆۋەنلەپ، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن بۇيانقى يەككە كۈندە ئەڭ چوڭ چۈشۈش رېكورتىنى ياراتتى. سەيشەنبە كۈنىگىچە بۇ شىركەتنىڭ پېيى 0.24 رېنگىت (مالايسىيە پۇلى)لىق باھادا توختىدى.
مالايسىيانىڭ رېنگىتىنىڭ پېرېۋوت نېسبىتىمۇ بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرگە ئۇچىراپ، قىممتى %0.6 تۆۋەنلەپ كەتتى، سەيشەنبە كۈنىگىچە رېنگىتنىڭ پېرېۋوت ئارا باھاسى 3.2853 رېنگىت ھەر دوللارغا چۈشۈپ كەتتى.
12-مارت ئايرۇپىلان يوقاپ كەتكەن بەشىجى كۈن، كۆپىلگەن دۆلەتلەر ھەر خىل نوچى پاراخوت، ئايرۇپىلان ھەتتا سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىزدەۋەتقان بولسىمۇ نەتىجىسى چىقمىغاچ، بۇ پاي بازىردىكى ئالاقزادىلىك كەيپىياتنى تىخىمۇ ئىغىرلاشتۇرۋەتتى، گەرچە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ پاي باھاسى 0.24 رېنگىتلىق باھادا ۋاقتىنچە مۇقىملاشقان بولسىمۇ، بىراق كىيىنكى ئىشلارغا بىر نەرسە دېمەك تەس.
ئايرۇپىلان يوقاپ كەتكەندىن كىيىن ، بازاردا ھەرخىل قىياسلار بولدى، تىرورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچىرغانمىدۇ دەيدىغان قىياس كىشىلەرنى تىخىمۇ ئالاقزادە قىلىۋەتتى، ئۇنىڭدىن سىرىت بازاردا :«مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى پېيىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تولۇق سېتىۋاتماقچى بوپتۇ» دەيدىغان خەۋەر تارقالدى.بىراق بۇ خەۋەر ئانچە كۆپ ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىدى، بىر شياڭگاڭلىق ئىقتىسادشۇناسنىڭ قارىشچە:« مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ پاي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئايرۇپىلان يوقاپ كېتىش بولماستىن بەلكى شىركەتنىڭ سودىسىنىڭ ئەسلىدىنلا ياخشى بولمايۋاتقانلىقىدىندۇر».
ئىككى يولۇچىنىڭ يالغان پاسپورت بىلەن ئايرۇپىلانغا چىققانلىقى بۇ شىركەتنىڭ پېيىنى مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىۋىتىدىكەن دەيدىغان مىش-مىش پاراڭلارنى يوقاتتى، مالايسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، يالغان پاسپورت ئىشلىتىپ ئايرۇپىلانغا چىققان يولۇچىنىڭ ئىككىلىسى ئىرانلىق بولۇپ، بىرى 19 ياشتا، ئۇ مۇشۇ قىتىملىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلانغا چىقىپ، بېيجىڭغا بارغاندىن كىيىن يەنە ئايرۇپىلان ئالمىشىپ دېگەندەك ئاخىردا گېرمانىيەگە ئوغىرلىقچە بېرىپ ئاپىسى بىلەن جەم بولماقچىكەندۇق، تىرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئېھتىماللىقى ناھايتى كىچىككەن، يەنە بىرنىڭ بولسا ھەقىقىي سالاھىيتى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرىلىۋېتىپتۇ.
شىركەت ئۇدا ئۈچ يىل زىيان تارتىۋاتقان.
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە بۇنچىۋالا چوڭ ۋەقە چىققاندىن كىيىن، كىشىلەر ئىختىيارسىزلا بۇ شىركەتنىڭ ' ئۇلى ' غا كۆڭۈل بۆلۈپ قالدى، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە ماليە گېزتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ شىركەتنىڭ يىقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى ئىزچىل زىيان تارتىپ كەلگەن.
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ قىتىم قاتتىق چۈشۈپ كېتىشى بۇ شىركەتنىڭ ئالدىنقى يىلقى تۆتىجى پەسىللىك شىركەت كەسپى نەتىجە دوكلاتى يوللايدىغان ۋاقىت بىلەن دەل كەلگەن. 18- فېۋرال مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۆزىنىڭ 2013-يىلدىكى تۆتىنجى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئىلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا، بۇ شىركەتنىڭ ئالدىنقى يىلى تۆتىنجى پەسىلدىكى ساپ پايدىسى مىنۇس 343 مىليون رېنگىت بولغان (يەنى بۇ شىركەت ئالدىنقى يىلدىكى تۆتىنجى پەسىلدە 343 مىليۇن رېنگىت تەخمىنەن 104 مىليون دوللار زىيان تارتقان- تەرجىماندىن) ، بۇ 2012-يىلى تۆتىنجى پەسىلىدىكى 51 مىليون رېنگىتلىق زىياندىن كۆرۈنەرلىك دەرجىدە كۆپىيىپ كەتكەن. 2013- يىلى مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتنىڭ پۈتۈن يىللىق ساپ زىيىنى بىر مىليارد 170 مىليون رېنگىت بولۇپ ، بۇ 2012-يىلى تارتقان زىيىنىنىڭ ئۈچ ھەسسىگە توغرا كەلگەن.2011- يىلى بۇ شىركەت ئىككى مىليارد 520 مىليون رېنگىت ساپ زىيان تارتقان ئىدى.
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتنىڭ سودىسىنىڭ كۈنسىرى ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ مەنبەسىنى 2004-يىلىدىن باشلاپ سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ 10 يىل جەريانىدا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۆزى بىلەن تەننەرىخ جەھەتتىن ئەرزان بولغان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىشكە مەجبۇر بولدى، گەرچە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ئۇزۇن، مۇلازىمىتى ئىنتايىن ياخشى، بىخەتەر ئۇچۇش رېكورتى كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن خىرىدارلارنى جەلىپ قىلىماقچى بولغان بولسىمۇ، لىكىن باھا جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تەدىرىجى مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتنىڭ رىسىقىغا چاڭ سېلىپ خىرىدارلىرىنى بۇلاپ ماڭدى.
ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتمۇ مالايسىيانىڭ بىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەت 2004-يىلى مالايسىيا سودا ئورنىدا 700 مىليون پېيىنى بازارغا سالغان بولۇپ، 800 مىليون رېنگىت كاپتالغا ئىگە، بۇ شىركەت شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا ئەرزان باھادا بېلەت سېتىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاللىقاچان جۇڭگونىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا ساياھەتكە بارىدىغان ئاۋىئاتسىيە بازىرىنى كونتىرول قىلىپ بولدى، شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا ساياھەتكە بارغان ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا دىققەت قىلىۋاتقان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ شىركەتكە بولغان قىززىقىشى ناھايتى يۇقىرى ئىكەن، سەۋەبى بىر قەدەر ئاددي بولۇپ بېلەت ئەرزان، سېتىۋىلىش قولايلىق.
جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرچىلەرنىڭ ئىسىدە قالغىنى بۇ شىركەتنىڭ بىكارلىق بېلەت ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىدۇ، بىر نەچچە يىل بۇرۇن بۇ شىركەت يىرىم كىچىدە شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا قىسقا مۇساپىدە بىكارلىق بېلەت سېتىش شەكلىدە خىرىدارلارنىڭ ئىھتىياجىنى ئۆزگە جەلىپ قىلىۋالغان. باھا جەھەتتە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بېلەت باھاسى ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭكىدىن يۇقىرى، ئۇنىڭدىن سىرىت جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدا ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەسىدەك تىخى بەك ئومۇملاشمىغان.
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەسىگە سىلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەت بولۇشتەك خارەكتىرى، بۇ شىركەتنىڭ بوينىنى باغلاپ قويغان كىشەنگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، رىقابەتتە ئەرزان باھالىق ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەگە توختىماي خىرىدارلىرىنى تارتقۇزۇپ قويۇپ، زىيان تارتىۋەرگەن.
مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا بولغاچقا، تىجارەت تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىردىكىدەك بېنزىن باھاسى توختىماي ئۆسكەن ۋاقىتتا ، ئۇلارنىڭ تىخىمۇ ئارمانغا تۈشلۈق دەرمانى يوق بولۇپ قالىدۇ، گەرچە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسى تەننەرىخنى قىسىپ، زىياننى ئازايتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق بۇ تۈرلۈك تىرىشچانلىقى تازا ئوڭۇشلۇق بولمىغان، ئۇنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ كۈچى بىر قەدەر زور بولغاچ،شىركەتنىڭ خادىم قىسقارتىپ،خادىملارنىڭ مۇئاش ۋە مۇناسىۋەتلىك تەمىناتلارنى ئازيتىش ئىشى ھە دېسىلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچىراپ، شىركەتنىڭ تەننەرخنى ئازايتىش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغان، گەرچە شىركەت ئىزچىل زىيان تارتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئىرىشىپ ، ئۆزىنىڭ دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىلىك ئوبرازىنى ساقلاپ كەلگەن.
بىراق بۇ قىتىمقى كىلىشمەسلىكتىن كىيىن، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بەلكىم يۇقىرى سوممىلىق تۆلەم تۆلىشى مۈمكىن، بۇ تۆلەم بەلكىم دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بار ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلىۋىتىشى مۈمكىن.