مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2781|ئىنكاس: 14

تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تېپىلىش جەريانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 12:18:24 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈركى تىللار  دىۋانىنىڭ بايقىلىشى

2009 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى ئىستانبۇل شەھىرى فاتىخ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئېلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، تۈركىي تىللار دىۋانىنى تاپقان ۋە تۇنجى بولۇپ نەشر قىلدۇرغان شەخس ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۇتۇپخانىلار ۋە نەشرىياتلار مۇدىرى ئايتېكىن يىلماز، تۈركىيە دۆلەت مەجلىسى ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى بورھان كۇزۇ، سابىق پارلامېنت ئەزاسى مەرۋە كاۋاكچى، دوغان ھىزلان، ئىستانبۇل شەھىرىگە قاراشلىق فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر، ئىستانبۇل مىللەت كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى مەلەك گەنچبوياجى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى. مۇراسىمغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالىملار، يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمغا فاتىھ شەھەرلىك مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى ۋاھدەتتىن ئىشق ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى مۇراسىمدا فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
مۇراسىمدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور مۇستافا كاچالان “تۈركىي تىللار دىۋانى” دېگەن تېمىدا، ساكارىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇستافا ئارسلان “ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ دىۋانى ھەققىدە” دېگەن تېمىدا، فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سادىق يازار ئەپەندى “ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ ماقال‏ – تەمسىللىرى ” دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
پروفېسسور دوكتور مۇستافا كاچالان ئەپەندى “تۈركىي تىللار دىۋانى” دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: “مەن سىلەرگە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ قول يازمىسىنى تونۇشتۇرىمەن. ئالدى بىلەن بۇ كىتاب بىر نەچچە يۈز يىل يوقاپ كېتىپ كېيىن قانداق بولۇپ ئىستانبۇلدا ئېلى ئەمىرى ئەپەندى تەرىپىدىن تېپىلدى، بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمەن، ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى بىر كىتاب دۇكىنىدا تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن كىتابنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالغان، چۈنكى بۇ كىتاب كۆپ ئىزدەپ تېپىلمىغان كىتابلاردىن بىرى ئىدى. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى “تۈركىي تىللار دىۋانى” نى بۈگۈننىڭ پۇلىغا سۇندۇرغاندا 9000 تۈرك لىراسىغا سېتىۋالغان . بۇ پۇلغا ئىستانبۇلدا نورمال بىر ئاپتوموبىل كېلىدۇ، ئېلى ئەمىرى ئەپەندى بىر ئاپتوموبىل كېلىدىغان پۇلنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن بىر كىتابنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان. ئۇ كىتابنىڭ باھاسى قىممەت بولغاچقا يېنىدىكى پۇلى يېتىشمەي قەرز سوراشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما پۇل قەرز سوراشقا كەتكەندە كىتابنى باشقا بىرسىنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كىتاب دوكىنىنىڭ ئالدىدا تونۇشلىرىنىڭ ئۆتىشىنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇرغاندا، يېقىن بىر دوستى دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭدىن پۇل قەرز ئېلىپ كىتابنى سېتىۋالغان ئېلى ئەمىرى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ ئۆيىگە قايتقان ۋە ئۇ كىتابنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ باشقىلارغا كۆرسەتمەي تۇرۇپ بىر نۇسخانى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ كۆچۈرۈپ چىققان.
مۇستافا كاچارىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: “ئۇ كىتاب رەتسىز قالايمىقان بولۇپ كىتابنى ئەڭ يېقىن ئىشەنچلىك دوستى كىلىسلى رىفات ئەپەندى ئىسىملىك شەخسكە تۈزىتىپ رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن بەرگەن. شۇنداق قىلىپ كىلىسلى رىفات ئەپەندى بۇ كىتابنى تۈزىتىپ رەتلەپ 3 قېتىم ئوقۇپ چىققان . ئېلى ئەمىرى ئەپەندى تۈركى تىللار دىۋانىنى رەتلەپ تۈزىتىپ بەرگەن دوستىغا ئىستانبۇل قۇمقاپىدىكى بىر ئۆيىنى سوۋغا قىلغان، ئەمما ئۇ دوستى بۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلماي كىتابنى نەشر قىلىدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن، رىفات ئەپەندى ئۇ كىتابنى ئۈچ قىسىم شەكىلدە نەشرگە تەييارلىغان. شۇنداق قىلىپ ئېلى ئەمىرى ئەپەندى دوستلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ دۆلەت مائارىپ نازارىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 1915 ‏- يىلى تۇنجى قېتىم 1 ‏- قىسمىنى نەشر قىلدۈرغان، 1917 ‏- يىلى 2 ‏- ۋە 3 ‏- قىسىملىرى نەشر قىلىنغان. تۈركىي تىللار دىۋانى مەھمۇت قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ باغدات پادىشاھىغا تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن بىر قانچە يۈز يىل يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئاخىرى ئېلى ئەمىرى ئەپەندى تېپىپ چىقىپ تۇنجى قېتىم 1915 ‏- يىلى نەشر قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاب تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان. تۈركىي تىللار دىۋانى يېزىلىپ بىر قانچە يۈز يىل يوقاپ كەتكەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ 1915 ‏- يىلى ئېلى ئەمرى ئەپەندى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.”
مۇراسىم ئاخىرىدا فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر ئەپەندى مۇراسىمدا سۆز قىلغۇچىلارنى تەبرىكلەپ تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى. يىغىن زالىنىڭ كۆرگەزمە مەيدانىدا ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ كىتابلىرى ۋە خۇسۇسىي ئەشيالىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ “تۈركىي تىللار دىۋانى” نىڭ قوليازما نۇسخىسىمۇ قويۇلغان.
بىز مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر ئەپەندى بىلەن ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇستافا دېمىر ئەپەندى ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن بىر كىتابنىڭ بارلىقىنى ھەممە كىشى بىلگەن بولسىمۇ، بۇ كىتاب ئوتتۇرىدا يوق ئىدى. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى بەيازىت ساھافلار بازىرىدىكى بىر كىتاب دۇكىنىدا تۈركىي تىللار دىۋانىنى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالغان ۋە ئۇ كىتابنى سېتىۋالغان ۋە يوقاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ساقلىغان. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ ئۇ كۇتۇپخانىغا ئۆزى توپلىغان 16 مىڭ پارچە ئەسەرنى تەقدىم قىلغان. ئارىدىن 85 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ فاتىھ رايونىدا ئېلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇپ چىقتۇق. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ئۆزىنى كىتابقا ۋە كىتابلىرىنى مىللەتكە تەقدىم قىلغان ئىستانبۇل شەھىرىدىكى داڭلىق مىللەت كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن مۇھىم كىتابنى تېپىپ چىقىپ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان شەخس . ئېلى ئەمىرى ئەپەندى 1857 ‏- يىلى دىياربەكىر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ 1924 ‏- يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر مىللەت كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
مۇستافا دېمىر ئەپەندى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ” مەن بىر فاتىھ رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنچ ۋە راھەت بىر مۇھىت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن، مەدەنىيەت ‏- كۈلتۈرىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بىر ئورۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇلارغا دۇئا قىلىمىز.”
مۇستافا دېمىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ساللام يوللاپ مۇنداق دېدى: “بۇ يەردە يەنى ئىستانبۇلدا تەخمىنەن 1100 يىل ئىلگىرى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ بۇ يەرنى ۋەتەن تۇتقان ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلىرى، نەۋرىلىرى بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن، بىزدىن ئۇزاقتا بولغان، 1100 يىل ئىلگىرى ئايرىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىستانبۇلدىن ھۆرمەت ۋە سالام يوللايمىز.

مەنبە : ئۇيغۇرلار تورىدىن ئېلىندى.
   
مەھمۇد قەشقىرى ۋە تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ بايقىلىشى بىلەن دۇنيانىڭ كۈزى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى يىپەك يولىغا جايلاشقان ئۇيغۇر رايۇنىغا چۈشتى،ئەمما تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ  قەشقەردە ئەمەس تۈركىيەدە ئالقىشلىنىشىمۇ بىز ئۈچۈن ئانچە ھەيران قالارلىق ئشمۇ تۇيۇلماي قالدى.
ئاخىرقى جۈملىلەردىن شۇنى ھىس قىلدىم،تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەت قىلىدىكەن،قىرىنداش دەپ بىلىدىكەن،قىرىنداش دىگەن گەپ،قانداقتۇر ئەل ئاغىنە،يىقىن خۇشنا  دىگەنلىك بولماي،بەلكى بىر ئۇرۇق،بىر جەمەت ۋە قۇرساق قىرىنداش دىگەنلىك بولىدۇ.مۇشۇ كىتابنىڭ بايقىلىشى بىلەن ب د ت 2008-يىلنى مەھمۇد قەشقەرى يىلى دەپ بىكىتتى،دۆلىتىمىز ئولىمپىكىمۇ مۇشۇ يىلى بولدى،دۆلىتىمىز مۇشۇ ئىككى ئالەمچە نەتىنجسى بىلەن يۇمشاق كۈچىنى كۆتۈرۋالدى.،2008-يىلىنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە بىيجىڭ ۋە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە مەھمۇد قەشقىرى يىلىنى تەبىركلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.


بىراق ئاپتۇنۇمىيە رايۇنىمىزدا بۇ كىتاب ھىچقاچان دەرىسلىك قاتارىدا كىرگۈزۈلگىنى يۇق.ئۇقۇغۇچىلار بۇ كىتابنى بىلىشىمۇ ناتايىن.

تۈركى تىللار دىۋانى ۋە قۇتادغۇبىلىك ناملىق كىتابنى بىز قەدىرلىمگىنىمىز بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇللاپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ.


   
تۈركىيە جۇمھورىيىتىگە بىز ئۇيغۇر رايونىدىن سالاملار بولسۇن،رەھمەت سىلەرگە تۈرك قېرىنداشلار



قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 01:22:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلى ئەمرى ئەپەندىنىڭ  تەرجىمھالى تۇغۇرلۇق تەپسىلاتلارنى تەپسىلىرەك بايان قىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن ،  شۇنچە چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن شەخىس بولغاندىكىن .  كىتابنىڭ قىممىتىنى ئۆي   ماشىنا كەلگۈدەك پۇلدىن ئارتۇق كۆردىغان مۇنداق ئىسىل كىشىلەرمۇ باركەن .  300 -  200 يۈەنگە     ئىسىل كىتاپلىرمىزنى  ئىلىپ  ساقلاپ قۇيۇشقىمۇ  ئېرىنىدىغان بىزلەرگە سېلىشتۇرغاندا  ئىستىدات ئىگىسى دىسەك بولغۇدەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 01:24 AM  


مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102517
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2014-1-19
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 09:09:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھانەئەسەرلىرىمىزنى ئۇلۇغلاپ دۇنياغاتونۇتىۋاتقان تۈرك قېرىنداشلارغا رەھمەت....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103564
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2014-2-14
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 09:57:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە جۇمھىۇريىتىگە بىز ئۇيغۇرلاردىن سالاملار بولسۇن ،بۇ كىتاپنىڭ تۈركىيدە ساقلىنىشى بىر ياخشى ئىش بۇپتۇ، باشقا دۈلەتنىڭ قۇلدا بولسا ئۈزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99414
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2013-11-9
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 10:22:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ھەيراىن قالغىنىم شۇنچە مەشھۇر ئەسلى قوليازمىدىكى كىتاپ قانداقسىگە كىتاپ سىتىلىدىغان كىتاپ خانىدىن تىپىلىدۇ،
راس دوسلارغا تەۋىسسىيە  قۇتادغۇبىلىكنىڭ پىلاستىنكىسى نەشىردىن چىققىلى خىلى ئۇزۇن بولدى .بۇپىلاستىنكىنى دوسلارنىڭ بىر بىريگە سوۋغا قىلىشقا ئەرزيىدۇ .بولسا بۇپىلاستىكىنى دوسلار دوسلارغا سوۋغا قىلسا  ئاندىن ئۇدوستىمىز پۇلچىقىرپ قۇتادغۇبىلىك پىلاستىنكىسىنى سىتىۋىلپ يەنە بىر دوستىغا سوۋغا قىلسا
ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە دىۋىدى با ر بىرسى ئاڭلىمىسا بىرسى ئاڭلايدۇ   ،
ئۇپىلاستىنكا شۇنداق ياخشىچىقپتۇ يەكەندىكى باھاسى 25يۈۋەن  قىنى دۇسلار بىلم ئۈگنۈس -بىلم ئۈگنۈش دەيدىكەنمىز ھەممىمزنىڭ كۈچ چىقىرش مەسئۇلىتىمز بار  ،ئەمدى بۇئەسەرنىمۇ ساقلاپ قالالماي قالمايلى ،يەنە،

ئۆمۈرمەنزىلدە تاغدەك بالالار قازىنداقاينمغائوغۇل بالا، ئۇ يېرىم ئوغۇل بالا ،
‹‹دەرت -ئەلاملەر كېليدۇ ئوغۇل بالا نىڭ باشيىغا . سايدا تۇگمەن چۆرگىلەيدۇ ، كۆزدىن ئاققان ياشىغا ››.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 10:22:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخىمەت~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92788
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 718 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 11:14:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇركىيە جۇمھۇرىيتى ۋە تۇركىيە تۇرۇكلىرگە سالاملار بولسۇن !ئاللاھ ئۇيغۇر-تۇركىيە تۇرۇكلىر قېرىنداشلىقنڭ مەڭگۇ داۋاملىششىغا كۇچ ۋە مەدەت بەرسۇن.
      

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 11:23:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد كاشىغارىي ئەينى چاغدىكى كىتاپنى پادىشاھقا ئارمىغان قىلىش ئارقىلىق تۈركى تىللار دىۋانىنى پۈتۈن ئىقلىممغا تارقىتىشنى مەقسەد قىلغان

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95027
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 562
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 12:01:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى يوللاپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز قىرىندىشىم كۆپ رخمەت
مۇشۇ توغۇرلۇق تۇركىيە ئىشلىگەن كارتۇن قىلىمنى كۆرۇپ باققايسىلە
http://v.youku.com/v_show/id_XNjY2NzY3Njg0.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALEPTEKEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 02:43 PM  


قېرىنداشلىرىم مىنى تاشلىۋەتسىمۇ ھەرزامان يۇركۇمنى  قىرىنداشلىرىمغا ھەدىيە قىلىشقا
تەييارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95027
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 562
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 12:03:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
paykan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 10:22 AM
مىنىڭ ھەيراىن قالغىنىم شۇنچە مەشھۇر ئەسلى قوليازمىدىك ...

مانا دوستۇم 1سۇئالىڭىزغا = http://v.youku.com/v_show/id_XNjY2NzY3Njg0.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALEPTEKEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 12:06 PM  


قېرىنداشلىرىم مىنى تاشلىۋەتسىمۇ ھەرزامان يۇركۇمنى  قىرىنداشلىرىمغا ھەدىيە قىلىشقا
تەييارمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش