|
|
|
|
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ k' u% ^" z/ G5 J% @8 C7 ]راستىنلا WindowsXP دىن خوشلىشامدۇق؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Q% e. V1 {. ~9 l5 O
2014-يىلى 8-ئاپرىل، ئامېرىكا مىكروسوفىت شىركىتى، WindowsXP كومپيوتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹WindowsXP› دېيىلىدۇ.) بىكار قىلىدىكەن ھەم WindowsXP گە قارىتا ئىشلىنىدىغان بارلىق دېتال ۋە قوغدىنىش ياماق پروگراممىلىرىنى ئىشلىمەيدىكەن. WindowsXP كومپيوتېر مەشغۇلات ساھەسىدە خىزمەتتىن توختىدى. دىيارىمىزدىكى كىشىلەر ئادەتتە WindowsXP نى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. كۆپىنچە كونا كومپيوتېرلار WindowsXP نى كۆتۈرەلەيدۇ. ناۋادا، WindowsXP نى باشقا خىل سېستىمىگە، مەسىلەن 7Windows گە ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز، كومپيوتېرنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنى يوقىرىلىتىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ. Windows7 نىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى: بۇ سېستىما 2002-يىلى فىۋرالدا مىكروسوفىت ئىشلىگەن مەشغۇلات سېستمىسى بولۇپ، 2003-يىلى ئامېرىكىدا كەڭ-كۆلەمدە ئىشلىتىشنى باشلىغان ۋە 2004-يىلىغا قالمايلا WindowsXP ئەمەلدىن قىلىپ، Windows7 ئومۇملاشقان. 2009-يىلى دېكابىردا 7 Windows دۆلىتىمىزگە كىرگەن. Windows7 نىڭ مەشغۇلات كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم ۋە چىرايلىق بولۇپ، WindowsXP گە قارىغاندا سەل ئاددىي، مەشغۇلات قىلىشقىمۇ قولايلىق،Flash پروگراممىسى سىستېما ئۆزىگىلا سەپلەنگەن. ئويۇن ئويناش ۋە كىنو-فىلىم كۆرۈش مەشغۇلاتى بىمالال بولۇپ، ئاسانلىقچە قېتىپ قالمايدۇ. مەشغۇلات سىستېمىسى قېتىپ قالغان تەغدىردىمۇ سېستىمىغا كود ئايرىش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بولغاچقا، خاتالىق يۈز بەرگەن پروگراممىنى ئاپتوماتىك بىكار قىلالايدۇ ۋە ئەسلىگە كىلەلەيدۇ. ئەڭ ياخشى يېرى، مىكروسوفىت شىركىتى يېڭىدىن ئىشلەنگەن سىستېمىلارغا ئۇيغۇرتىلىنى خەلقئارالىق كومپيوتېر يېزىق قاتارىغا كىرگۈزگەن بولغاچقا، ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ پروگراممىسى ئۆزىدىلا بار. بەزى غۇۋا ئاڭلانغان خۇشخەۋەرلەردە بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىنىدىغان دېتال ياكى پروگراممىلارغا ئۇيغۇرتىلى قۇشۇلىدىكەن. بىراق بۇ سىستېمىنىڭ كومپيوتېرغا بولغان تەلىپى سەل يوقىرى. CPU (مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ) 2 لىك ياكى 4 لىك بولۇشى، ئۇچۇر كۆرسەتكۈچ تىزلىكى 520GW، ئىچكى ساقلىغۇچ 2-4 گىگابايىت بولۇشى ۋە قاتتىق دېسكىنىڭ سېغىمى 300 گىگابايىتتىن يوقىرى بولۇشى كېرەك. كۆپىنچە كومپيوتېرلار بۇ خىل ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ سىستېمىنى قاچىلاش ئۈچۈن، كومپيوتېرنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنى يوقىرىلىتىش كېرەك. بۇ خىل ئۆلچەمگە يەتمىگەن كومپيوتېرلار قانداق قىلىش كېرەك؟ WindowsXP گە كۈنۈپ قالغان كىشىلەر قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. WindowsXP خەلقئارادىن چىكىنگىنى بىلەن دۆلىتىمىزدىن تېخى چىكىنمىدى. مىكروسوفىتنىڭ جۇڭگودىكى باش شىركىتى، تىڭشۈن شىركىتى ۋە جىڭشەن يۇمشاق دېتال ئىشلەش چەكلىك شېركىتى، WindowsXP گە قارىتا قوغدىنىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەپسىلاتى: http://bbs.duba.net/thread-22973645-1-1.html شۇڭا خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دېتاللارنىڭ نۇسخىسىنى يېڭىغا ئايلاندۇرالمىسىڭىزمۇ، ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ، مىسال: نامەلۇم دېتالنىڭ يېڭى نۇسخىسى چىقتى، ئۇنىڭ ئىجىرا مۇھىتى Windows7، 8Windows، 2000Windows بولۇپ، WindowsXP گە چۈشمەيدۇ دېيىلدى. بىراق توردىن شۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ، WindowsXP ئىجىرا مۇھىتىغا ئايلاندۇرغۇچتا، ئايلاندۇرسىڭىز ئوخشاش ئىشلىنىۋېرىدۇ. (بۇنداق ئايلاندۇرغۇچ پروگراممىسى ھازىرچە بار ياكى يوقلۇقى ئىنىق بولمىسىمۇ، پات ئارىدا چۇقۇم ياسىلىدۇ.) پېقىردىن كۆپچىلىككە سەمىمىي ئەسكەرتىش: ناۋادا، كومپيوتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يوقىرى بولسا، تىزدىن سىستېمىڭىزنى ئالماشتۇرۇۋېلىڭ، ناۋادا، ئالماشتۇرغىڭىز بولمىسا، داۋاملىق ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. كومپيوتېر قاتتىق دېتال سەپلىمىسى تۆۋەن ئۆلچەمدە بولسا، ئوخشاش خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. قالايمىقان قىززىقىپ قاچىلاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارماڭ، چۈنكى Windows7نىڭ قاچىلاش پروگراممىسى WindowsXP مۇھىتىدا ئىجىرا بولىدۇ، سىستېمىنى ئوخشاش قاچىلىغىلى بولىدۇ. بىراق، Windows7 نى Ghost پروگرامما مۇھىتىدا چۈشەنمەي تۇرۇپ قالايمىقان قاچىلماڭ، سىستېمىنى كاردىن چىقارغاندىن سېرىت، ئىچىگە قاچىلانغان بارلىق مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنى يۇقىتىۋېتىدۇ. سىستېما يېڭىلىغاندا، چۈشەندۈرۈشى بويىچە قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ F6 Y1 [# a; J! h( V- m! a9 p بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghostuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 08:14 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) u, i5 A6 ?/ W( P
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 E! S) f2 J Z' y5 e: m1 l+ y" D
|
|
|
|
|
|