ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى بارلىق مۇنبەرداش ئاكا-ھەدىلەر، ئىنى سىڭىللار، ياخشىمۇسىلەر!
مەن ئاۋال بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن، مېنىڭ بۇ يەردە سىلەرگە دېمەكچى بولغىنىم،؟ئۆزۈم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يەنى ئۈرۈمچى كەسپى ئونۋېرسىتىتى بۇ يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن. ھازىر بىزنىڭ پىراكتىكا ھەم تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ، ئۈرۈمچى قىزىل بايراق كوچىسى ، بەي خۇا سۈن كومپىيوتېر شەھەرچىسىدە خاتىرە كومىيوتېر ساتىدىغان شىركەتنىڭ بىر دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان ئىدىم، ئىشلىگىلى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئىدى، بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا مەن مۇنداق بىر ئشقا يولۇقۇپ قالدىم،دۇكاندا ئۇ كۈنى يەنە بىر بالا ئارام ئالغان ، مەن يالغۇز تۇرغان كۈنۈم ئىدى، شۇ ۋاقىتتا بىر ئۇيغۇر ئاكاش 37 ياش ئەتراپىدا دۇكانغا كىرىپ دۇكاندىكى ماللارنى كۆرگەچ ،
مەندىن -ئۇكام سەن پەقەتلا مۇشۇ كومپىيوتېرلا ساتامسەن؟ دەپ سورىدى،
-ھەئە ئاكا شۇنداق . ئۇ يەنە :
-مەن سەنشىخاڭزىدا دۇكان ئاچىمەن، تېلىفۇنمۇ ساتىمەن ، سودا دېگەندە بەزىدە ھەممىنى قىلغىن ئۇكام. بەزىدە مەن خېرىدار باشلاپ كەلسەم ماڭىمۇ ئازراق پايدا بەسەڭلار ، مېنىڭ ماللىرىمنى ئەكەپ قويسام سەنمۇ سېتىپ قويساڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۆز-ئارا بىر مىللى تۇرساق ، پايدا بولسا بىر-بىرمىزگە بولسا ، شۇنداق ياخشى سۆزلەرنى قىلدى، مەنمۇ قارىسام ئۇنىڭ سۆزلىرىمۇ بىر خىل ئورۇنلۇقتەك بىلىندى، لېكىن شۇنداقتمۇ مەن شۇ يەردە كومىيوتېر ساتقاچ سامسۇڭ ۋە ئالما تېلىفۇنلارنى زاۋۇت باھاسىدا ساتىدىغان بىر خەنزۇ بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ يەنە دېدى:
-ئۇكام يېرىم سائەتنىڭ ئىچىدە جەنۇبى شىنجاڭدىن ئىككى تونۇش چوڭ بايلار چىقىپ سامسۇڭنىڭ تېلىفۇنىنى ئالماقچى ئىدى، ئەگەر تاپالىساڭ مۇشۇ يەردە ساتقان بولساق، زاۋۇت باھاسىدا ئەكەلسەڭ ئۇلار بىلەن مەن دېيىشىپ بولدۇم. كەلسە چوقۇم ئالىدۇ. دېدى، شۇنداق قىلىپ مەنمۇ قىزىقىپ ئەمىسە بولغۇدەك مەن ئەكەپ بېرەلەيمەن دېدىم. ئەگەر ئۇ تېلىفۇنلارنى ساتسام ماڭىمۇ خېلى كۆپ پايدىسى قالاتتى.
-ئاكا ئۇلار قايسى تىپىنى ئالماقچى ؟ دەپ سورىدىم.
-سامسۇڭ 9300 ۋە سامسۇڭ 9500 مۇشۇ ئىككى تىپى بولسا بولىدۇ .
مەن ماقۇل بولۇپ ھېلىقى تونۇش خەنزۇغا تېلىفۇن قىلدىم ، ئۇ بەش مىنۇت ئىچىدە ئىككى تېلىفۇننى ئەكەپ بەردى. ئىككىمىز ئولتۇرپ تېلىفۇنلارنى سىناپ ئولتۇرۇشتۇق، بۇ تېلىفۇنلارمۇ خېلى پۇللۇق تېلىفۇنلار ئىدى. زاۋۇت باھاسىدابىرى 2800 يەنە بىرى 3600 ئىدى، ئەگەر بازار باھاسىدا بولسا بىرى 3400 يەنە بىرى 4200 دىن سېتىلدىغان تېلىفۇنلار ئىدى.
تېلىفۇننى كۆرىۋاتقان ئىدۇق ئۇ ئاكاشقا بىر تېلىفۇن كەلدى. ئۇلار تېلىفۇن ئالماقچى بولغانلار ئىكەن ، ئورنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ، قانداق بارىدىغانلىقىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن،
-ئۇلار نەنمېنغا كەپتۇ مەن دەپ بەردىم يېرىم سائەتكىچە كېلىدىغان بولدى ، دېدى.
كۆڭلۈمدە -ئەگەر راستىنلا بۇ ئىككى تېلىفۇننى ساتسام 600 كويدەك پايدا ئالىدىكەنمەن. دەپ خۇشال بوپ كېتىپتىمەن..........
ئەمما بۇ ئىش ئۇ دېگەندەك ئۇنداق بولمىدى ، مەن ئۇ كىشىنىڭ بىر يالغانچى، ئالدامچىلىقىنى ، ئۆز مىللىتىنى شۇنداق بوزەك قىلىدىغان ساختا قويمىچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىمدا مەن كېچىككەن ئىدىم .
كېيىن بىز ساقلاپ تۇرۋاتقان ئىدۇق ، ئارلىقتا ئۇ كىشى بىلەنمۇ خېلى پاراڭلاشتىم، گەپ سۆزلىرى شۇنداق ئورۇنلۇق ، ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرىدىن ئۇنداق ئادەمنى ئالدايدىغاندەك قىلمايتتى، مەنمۇ بىر ياخشى كۆڭلۈم بىلەن ئۇ كىشىنى ئويلاپ تېخى ئەرزان ئەكەپ بېرىپتىكەنمەن. ئەمما مەن كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ خاتالاشقان ئىدىم.
-ئۇكام بۇ يەردە تاماكا چەككىلى بولامدۇ ؟ دەپ سورىدى . دۇكاننىڭ يېنىدا بىر ئىشىك بار ئىدى شۇ يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:- بۇ يەردە بولمايدۇ ، ئاۋۇ ئشىكتىن چىقىپ چېكىپ كىرىڭ دېدىم .
- ئەمىسە مەن چىقىپ كىرەي ، يا بولمىسا ئىككىمىز بىللە چىقىپ چېكىپ كىرەيلى دېدى،
- ياق ئاكا مەن چەكمەيمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكاندا باشقا ئادەم يوق سىز چىقىپ كىرىڭ.
ئۇ چىقىپ كەتتى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بىز سىناۋاتقان تېلىفۇن قېپ قالغان ئىدى. لېكىن بىز تېلىفۇننى سىناپ بولۇپ قېپىغا سېلىۋەتكەن ئىدۇق . ئۇ چىقىپ بولۇپ بىر مىنۇت ئۆتمەستىن كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قىلىپ ناھايىتى تېزلا قاپقا قارىدىم، تېلىفۇننىڭ بىرسى يوق ئىدى . پىشانەمدىن تەر چىقىۋاتاتتى ، مەن ياندىكى دۇكاندىكى بىر خەنزۇغا بىزنىڭ دۇكانغا قاراپ قويۇشنى تاپىلاپ قويۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ چىقتىم ئەمما ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى ...... سىرتقا چىقتىم ئۈستىدىكى قەۋەتلەرنى ئارلىدىم ھېچ يەردە يوق .
كىچىككىنە پايدىنى دەپ شۇنچە بالاغا قالغىنىم ئەمدى . ئۆزۈمنى ئەيپلەيتىم... ئۇنىڭ ئېلىپ كەتكىنى 9500 تىپىدىكى باھاسى 3600 كويلىقى ئىكەن . مەندەك بىر ئەمدى خىزمەت تاپقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئاز پۇلمۇ؟ بېشىم قېتىشقا باشلىدى.....
تېلىفۇننى ئەكەپ بەرگەن دوستۇمغا تېلىفۇن قىلدىم ئۇ قېشىمغا كەلگەندىن كېيىن بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇمۇ ئاددى بىر ماڭا ئوخشاش تېلىفۇن ساتقۇچى ئىدى ، ئۇ كېيىن خوجايىنىغا دەپ ماڭا 15 كۈن ئىچىدە بۇ 3600 كوينى قايتۇرۇپ بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ئېيتتى . مەن شۇنچە پۇللۇق نەرسىنى يۈتۈرۋەتكەن تۇرسام يەنە نېمە دېيەلەيتىم . مەن ماقۇل بولدۇم .
شۇنچە ئويلاندىم نېمىشقا بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ ، مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ساھەدە ئىشلەپ باقمىغان ئىدىم ، راستىنى دېسەم مەندە بۇنداق تەجىرىبە ساۋاق كەمچىل ئىكەن. تېخى پىشىپ يېتىلمەپتىمەن...
مېنىڭ ياخشى كۆڭۈللۈكۈم ئۆزۇمگە بالا بولدى.... ھەي...
مەن تۇرۋاتقان دۇكان ئەسلى مەخسۇس كومپىيوتېر ساتىدىغان دۇكان ئىدى، ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ئۇ دۇكاندا يۈز بەرگەنلىكىنى شىركەتتىن بىلىپ قالسا ماڭا 5000 يۈئەن جەرىمانە قويۇش بىلەن بىرگە مېنى شىركەتتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بۇ قائىدىنى مەن يېڭى كىرگەندىلا ئوچۇق ئېيتقان ئىدى. ئەگەر شۇنداق سودا قىلۋاتقان ۋاقىتتا بىر باشلىق كىرىپ قالسا مەن ئۇ كىشىنى ئاكام ئىدى دېسەم بولار دەپ ئويلاپتىكەنمەن . ئەگەر ساقچىغا مەلۇم قىلساممۇ يەنە شىركەتكە بىر مۇنچە ئاۋارچىلىق بولسا ، يەنە مەن داۋاملىق ئىشلىيەلمىگۈدەكمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ھەر تەرەپتىن ئامال قىلىشقا باشلىدىم. ھەتتا بۇ ئىشلارنى ئويۇمدىكىلەرگىمۇ دېمەسلىكىم كېرەك
ئىدى، ئازغىنە تېرىلغۇ يەرگە قارشلىق بىر دېھقان ئائىلىسى ئۈچۈن دەماللىققا بۇنچە كۆپ پۇل تەسكە توختايتتى ، مەيلى قانچە جاپا تارتساممۇ بۇ ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغاندىن كېيىن ئېيتىشنى لايىق كۆردۇم.
يېقىن دوستلىرىمدىن قەرز ئالدىم. تۇنجى ئايدىكى 20 كۈنلۈك مائاشىمنى قوشتۇم، مەن كومپىيوتېرلارنى قانچە كۆپ ساتسام مەن ئالىدىغان مائاشىم يۇقىرى چىقاتتى. لېكىن يەنە مەن بەرمەكچى بولغان 3600 كوينىڭ يېرىمنى ھەل قىلدىم . يەنە يېرىمىنى مۇشۇ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە قايتۇرمىسام بولمايتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتتە مەندىن باشقا 20نەچچە خەنزۇ ئىشلەيدۇ. مەن بىرلا يېرى بۇ كەسىپكە قىزىققانلىقىم ئۈچۈن خېلى نەرسىلەرنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈم قۇبۇل قىلىنغان ئىدىم.
شۇڭا بۇ پۇلنى دەرھال تاپمىسام كېيىنكى ئىشلىرىمدا ماڭا بەكلا بېسىم بولۇپ قالاتتى. شۇڭا بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىم، مۇنبەردىكى مېھرى ئىسسىق قېرىنداشلارغا دەيدىغىنىم ماڭا پۇل ئىئانە قىلساڭلار دېمەيمەن. پەقەتلا مەن ئىشلەۋاتقان دۇكانغا كېلىپ ، خاتىرە كومىيوتېر بولامدۇ ئۆيدە قويىدىغان چوڭ كومپىيوتېر بولامدۇ، ياكى كومپىيوتېر زاپچاسلىرى بولامدۇ ياكى ئالما ،سامسۇڭنىڭ تېلىفۇنلىرى بولامدۇ .... دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالساڭلار مەن شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ھالال تاپقان پۇللىرى بىلەن شۇ پۇلنى قايتۇرۋالغان بولسام دېگەن نىيەتتە بۇ كىچىككىنە تەلىپىمنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن..... مەندەك بىر باشقا كىرىم مەنبەسى يوق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇلدا بولسىمۇ ياردەم قىلساڭلار دېگەن ئۈمۈدتىمەن!
ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ،ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ! ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي . ئاخىردا سىلەرگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنى بۇنداق يېزىپ كەتمىسەممۇ بولاتتى، لېكىن تەستىقلىنارمۇ بىلمەيمەن. بولسا تەستىقلىنىپ قالسا مەن ئۈچۈن چوڭ بىر ياردەم بولغان بولاتتى. مېنى كەچۈرڭلار! مەنمۇ بەكلا ئامالسىز قالدىم .....
ھە راس ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئۆزۇم لايھەلىگەن ئىسىم كارتامنىڭ رەسىمنى چىقىرىپ قويدۇم . ماڭا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
ئىسمىم : ھەسەنجان . تېلىفۇن نومۇرۇم: 13201342804 دۇكان ئادېرىسى : قىزىل بايراق يولى ، بەي خۇا سۈن كومپىيوتېر شەھەرچىسى ئىككىنجى قەۋەت، 208-دۇكان.