ئاكىجان يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 12:55 AM 
ئىنشا ئاللاھ ، ئانا دادا دىيىشكە نىسىپ قىلسۇن پەرزەنت ...
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىقبالى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا.باللىرىرىمىز مەيلى قانداق مەخسەت بىلەن قۇرۇلغان مەكتەپتە ئوقۇسۇن،ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىگە،ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتەلىشىگە كاپالەتلىك قىلساقلا ئەڭ موھىم بازىنى ئىگىلىگەن بولىمىز.بىز ئۈچۈن بۇنچىلىك قىلىش قىلچىمۇ تەس ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ كىم توسالغۇ بولالمايدۇ.
بەزىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقاتماقچى بولغىنىنى ئەيىپلەپ كېتىشكە بولمايدۇ،چۈنكى ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىۋاتىدۇ،لېكىن بىزمۇ ئۆز مەنپەئەتىمىز ۋە شان-شەرىپىمىزنى چىقىش قىلىپ ئۆز تىلىمىزنى مۇرەسسەسىز قوغدىشىمىز،ھەتتا تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتى كۈچىنى تونۇتۇپ قويۇشىمىز كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-24 01:33 AM