مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: barnawul

سادىر پالۋان ھەققىدە ئەڭ يىڭى مەلۇمات   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93497
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-3-18
ئاخىرقى: 2014-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 11:59:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىرپالۋاننىڭ باللىرى نىمىشقىلا توۋا  ئاگەپنى ، ھىسام كامنىڭ باللىرى بار ، تىزراق بولمىسىڭىز ئۇنىڭگىمۇ كىچىكىسىز كۆرۈشكىلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72491
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5450
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 12:02:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر پالۋان ھەققىدە تېخىىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم،تىما ئىگىسىگە رەھمەت!

دۇنيا گۈزەل كۆز ياش بىلەنلا................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2357
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 12:18:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر بوۋىمىزنىڭ  ئىش ئىزلرىدىن خەۋەردار قىلغان قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت.....بىزگە مۇئەللىم ئەدەبىيات دەرسىدە  سادىر پالۋاننى چۈشەندۈرۈپ ئۇ ئاشۇ مۇشتى بىلەن تامنى ئۇرسا تاممۇ تىشلەرئىكەن دەپ چۈشەندۈگەنتى.....

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90636
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 08:54:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سادىر پالۋان مەقبەرىسى ھەم خاتىرە ئۆيى

05.jpg



06.jpg


02.jpg


01.jpg


04.jpg


03.jpg


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 08:56 PM  


مائارىپتا مەغلۇب بولغان مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ -- مەرىپەت ئوغلى

يۈرتۇم مىنىڭ ئەز

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1707
يازما سانى: 1587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16443
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4273 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 09:03:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر پالۋان
قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېسابلىنىدىغان مۇزداۋان يولى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرىلىدۇ. كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان

سادىر پالۋان 1798- يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ موللاتوختىيۈز يېزىسىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. 1762- يىلى 10- ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا جاڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئىلى جاڭجۈنگە قاراشلىق مانجۇ چېرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتىنى قامداش، ئۇلارنى ئوزۇق - تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋپلىك دەپ قارالغان كىشلەردىن بىرىنچى قېتىمدا 6000، ئىككىنچى قېتىمدا 2000جەمئىي 8000 تۈتۈننى ئىلىغا يانچى قىلىپ پالايدۇ. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت ئاشۇ بىرىنچى قېتىم كۆچۈرۈلگەن تۈتۈننىڭ بىرى ئىدى.

شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېسابلىنىدىغان مۇزداۋان يولى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرىلىدۇ. كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ، يوشۇرۇن مۇز - قار ئۆڭكۈرلىرى، مۇز يېرىقلىرى بار ئىىدى. ئالدىنقىلار ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى. كېيىنكىلەر شۇ ئىز بىلەن ماڭاتتى. بۇ ئىگىز مۇز تاغ ئۈستىگە ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن داۋان يولىغا ماڭغان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇم ياسىغان پەلەمپەيلەرگە كىگىز ، پالاس ۋە جۇۋا، چاپانلاردىن سېلىپ ئات - ئېشەكلەرنى ( تۆگە ماڭالمايتتى ) ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۈستىگە چىقاتتى. داۋان ئۈستى بىردەم - بىردەم ئاق - قارا بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈچ مېتىر ئالدىدىكى نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بۇنداق چاغلاردا ئادەم ئۇلاغلار چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى. ھاۋا ئوچۇق بولغان چاغلاردا، ھاڭدىن غۇلاپ كېتىپ ئۆلگەن ئات - ئۇلاغ، ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى، سودىگەرلەرنىڭ مال - مۈلۈكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇ قېتىمقى كۆچ- كۆچتە نۇرغۇن كىشىلەر مۇز داۋاندا ئىس - تۈتەك ئېلىپ كېتىپ ، مۇزلاپ، ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن ئىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئۆتەلىگەن بىچارە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرد - ئەلەملىرىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلەشكەن ئىدى:
بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،
غېرىپنىڭ يولىنى باغلار.
غېرىپ ئۆلسە كىم يىغلار،
غېرىپقا غېرىپ يىغلار.
يانچىلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قوتان تام دېگەن جايغا ئورۇنلاشقان. كېيىن ئىلى دەرياسى بويىدىكى قاينۇق، قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ، تاش ئۆستەڭ، بالتۇقاي، خۇنىخاي، دادامتۇ، ئارا ئۆستەڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئورۇنلاشقان ئىدى. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىنىدۇ. كېيىن ئۇ خوتەن قارىقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ مەھەللە كېيىن « قاش مەھەللىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار مانجۇ ئىستىبداتلىرى تەرىپىدىن ئۆستەڭ چېپىپ قاغچىرىغان باياۋانلار، چۆل - جەزىرىلەرگە سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۆي - ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بالا - چاقىلىرى بىلەن ئوچۇق - يورۇق دالىلاردا ھايات كەچۈرىدۇ. ئۆستەڭ چېپىش زۇلۇمىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار تۆۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ:
ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق،
چاپسا كەتكەن ئۆتمەيدۇ.
مانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر،
بېشىمىزدىن كەتمەيدۇ.
مانجۇ ئىستىبداتى يانچىلارنى قورغان سوقۇش، ئۆي سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھاشار - سېلىقلارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاپلا قالماستىن، بەلكى، ئۇلارنى يەر تېرىپ، مانجۇ دائىرىلىرىگە ئاشلىق سېلىقى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. دەسلەپتە مانجۇلار ھەر بىر تۈتۈندىن 16خو، كېيىنرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق سالىدۇ. پۈتۈن ھوقۇق مانجۇ ھاكىمىيىتىدە بولۇپ، ئەمەلدارلار ھەر خىل يول بىلەن پارە ئېلىپ قاقتى - سوقتى قىلىدۇ. مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى تىزلىنىپ تازىم قىلاتتى. مانجۇلارنىڭ مۇشۇنداق زورلۇقى ئاستىدا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار مۇشۇ قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ ئېغىر كۈنلەرنى بايان قىلىدۇ:
جاننى چىرتىپ ئەتتى،
ئالۋانچىلارنى دەرەي.
جاندىن تويۇپ كەتتى،
تۇڭچىلارنى زەرەي.

سادىر كىچىكىدىن شوخ - تېتىك، خۇشخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ جاپا - مۇشەققەتتىمۇ ، راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن زالىمغا بولغان غەزەپ - نەپرىتى، ئېزىلگۈچى خەلقلەرگە بولغان سۆيۈنىشى كىچىكىدىن پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ھەر قېتىم خەلقنىڭ دەرد - ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندە غەزەپكە تولسا، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن باتۇر ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يېتىلدۈرۈشكە بەل باغلىغان. پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئىگىز بويلۇق، كەڭ كۆكسىلىك، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان، ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان، ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئۇستا قوشاقچى ئىدى. سادىر قاتمۇ قات زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئېغىر ئالۋاڭ - ياساقنى تاپشۇرالمىغانلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، مەزمۇملار تەرەپتە تۇراتتى. شۇ چاغدا ئالۋاڭ - ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆل - جەزىرىلەرگە قېچىپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى. زالىملار ئۇلارنى «قاچاقلار» دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا، سادىر ئۇلارنى ھىمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ «قاچاقلار» نى قوزغاپ ئوقيا، نەيزا، ئايپالتا، چوماق ۋە قىلىچ بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مانجۇ چېرىكلىرى بىلەن ئېلىشىدۇ. شۇ كۇنلەردىن باشلاپ «سادىر پالۋان» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىلى جاڭجۈنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ. سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇ زىندانغا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قېچىپ چىقىپ كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتى بىلەن قىلغان كۆرەشلىرىنى مۇنداق دەپ قوشاققا قاتقان ئىدى:
سادىر دەپ ئېتىم يامان،
ئونبەش ياشتا ئاتالغان.
دەسلەپ تۇتۇلغاندا،
قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.
يامۇلنى تېشىپ قويۇپ،
ئىككى چىقتىم تالاغا.
1861- يىلى 3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غۇلجا شەھىرىگە ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەر خەلقى ئىچىدىن ماسلىشىدۇ. نەتىجىدە ئون كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن غۇلجا شەھىرى ئازاد قىلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا سادىر پالۋان 1864- يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم قىلغاندا 40 ئۆچكىنىڭ مۇڭگۈزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ، قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچىگەن چىلپەڭزا ئامبىلى تېزلا تەسىلىم بولغان. بايانداي ئۇرۇشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىغا لەخمە كولاپ بېرىپ دورا كۆمۈپ سېپىلنى پارتلىتىدۇ. بۇ چاغدا 5000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يوچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، سېپىلنى مانجۇ چېرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.

1867- يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغان سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى مولتوختىيۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە تۆت يىل ئۆتۈپ 1871- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ. خەلق ئۆزىنىڭ بۇ سەمىمىي باتۇر پەرزەنتى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بۈگۈنگىچە ياد ئېتىپ كەلمەكتە.




    .. مەنبە:


قەدىرلە ئۆز ھاياتىڭنى.

ئۇيغۇرلىغىمدىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31319
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5055
تۆھپە نۇمۇرى: 244
توردا: 1180 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 09:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پالۋان بوۋىمىزنىڭ بويى ئەجەپ ئىگىزكەنتۇق ھە ؟ ھازىرقى خەنلەرنىڭ ۋاسكىتبولچىسى ياۋمىڭنىڭ بويىدىنمۇ ئىگىزمۇ نىمە ؟  مېھرىبان ئاللاھ بوۋىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي . . . ئامىن . .

بولغاچقىلا سەندالۇ -بازغان، ئارىسىدىن قىلىچ يارالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100425
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-12-3
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدىن كۆڭلۈم بەك سۆيۈندى..ئىنشائاللا،،،مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار كۆپرەك يوللانسا-ھە!تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100425
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-12-3
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:07:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدىن كۆڭلۈم بەك سۆيۈندى..ئىنشائاللا،،،مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار كۆپرەك يوللانسا-ھە!تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!!!

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 06:55:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ كۆرىدىنىغىنى «شىياڭياڭ»، «سۇنۋۇكوڭ» ئەمەس، ئاشۇ تارىختا ئۆتكەن بوۋىلىرىمىز بولسىدى، بالىلارنىڭ كەلگۈسى يەنىمۇ ياخشى بولاتتى...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79273
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3995
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2012-4-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 09:57:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غېنى باتۇرنىمۇ شۇنداق ئۇستىخانلىق ھەم كۈچلۈككەنتۇق.شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئېتىدتىن باشقا ئاتقا مىنسە كۆترەلمەيدىكەنتۇق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش