xemsi يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 02:13 PM 
بۇ ئادەمنىڭ ئۇلۇغ دېگۈدەك ھېچيېرى يوق. جىق ئەھۋاللارن ...
ئۇ كەلمەسكە كەتتى
ئەختەم ئۆمەر
ئۇ بالدۇر بولسۇن ،كىيىن بولسۇن ،ھەممىمىز ئاخرى بىر كۈن بارىدىغان يەرگە ---- مۇقەددەس ھەم مەڭگۈلۈك ئاللانىڭ دەرگاھىغا ، ئەتىۋارلىنىدىغان پەيھەمبەر يېشىدا ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەر بولغان رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ھىچچىكىمگە "خوش " مۇ دىمەي جىممىدە كىتىپ قالدى .قولىنى كۇسەي ،چېچىنىڭ سۇپۇرگە قىلىپ ،ئوتتۇز يىللاپ تۈننى تاڭغا ئۇلاپ تەرىتىگە سۇ بەرگەن سۈيۈملۈك ئايالىغىمۇ ئۆزىنىڭ كىتىدىغانلىقىدىن بىشارەتمۇ بەرمەي ،ئۇنسىز خاتىرىجەم كىتىپ قالدى ..............
20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخدىكى تۆمۇر خەلىپە ،خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق مەشھۇر شەخسىلەرنىڭ نامىزى چۇشۇرۇلگەن ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ قەدەمىي مەسچىت --- نوغاي مەسچىتىدە ئۇنىڭ نامىزى چۇشۇرىلىۋاتقاندا ،ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىدىن بىر مۇنچىلىغان كىشىلەر بۇ تۇيۇقسىز نامازغا ئۈلگۈرۈپ كىلىپ ماتەم سۇكۇتكە چۇمگەن ئىدى .
بۇ نامازغا ئۇنىڭ دوسلىرى ، شاگىرت - ئوقوغۇچىللىرى ،خىزمەتداشلىرى كەلگەندىن سىرىت ،مۇشۇ دەقىقىغىچە ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۇرلىك دوئىلغا چۇشكەن رەقىبلىرىمۇ كىلىپ قايغۇلۇق سۈكۈتكە چۈمگەندى. ئۇنى كۆرمەي ، بىلمەي ھۆرمەتلەپ ماختىغانلارمۇ ، ئۇنى كۆرمەي ،بىلمەي تىللاپ كوڭلىنى خوش قىلىپ ،ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ " دانىشمەن " بولغانلارمۇ بۇ نامازدا ئوخشاشلا سۈكۈتكە چۈمگەندى..............مانا شۇ مىنۇتلاردا ھەممىنىڭ كۆڭلىگە بىر نەرسە ئېنىق بولدىكى ، مەيلى ئۇ قانداقلار ئادەم بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ بۇنداق تىز ، بۇنداق تۇيىقسىز كىتىپ قالغا ھەرگىز بولمايتتى !
ئۇ ئادەم ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈنمۇ ، ئەتىسى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى كىرەكلىك ئادەم ئىدى .ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىرمۇنچىلىغان ئۇيغۇرلا بىرلىشىپمۇ تولدۇرالمايدىغان ئادەم ئىدى . يايلاقتا بۆرە ھۇۋلاپ تۇرمىدا قۇڭلار پاڭقۇش كىسىلى بۇلۇپ قوتور بېسىپ قىرىپ كەتكىنىگە ئوخشاش ، ئۇنىڭ نامىزىغا قاتناشقان رەقىبلىرىمۇ ئۇزاق مۇددەت قىلىچلىشىپ ، دوئىلغا چۈشكەن چەۋەنداز رەقىبى يىقىلغاندىن كىيىن قىلىچنى تۇتۇپ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي ، گڭگرىپ قالغاندەك ، ياشاش ئەھمىيەتسىز ، زېرىكىشلىك تۇيۇلۇپ ، رەقىبىنى سېغىنغاندەك بۇلۇشۇپ قېلىشقان بۇلۇشى مۇمكىن . دىمەك ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن ئۇزاپ ،ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىۋاتقان بۇ ئادەم بارلىق دوسلىرىغا كىرەكلىك بۇلۇپلا قالماي ، بەلكى رەقىبلىرىگىمۇ ناھايىتى كېرەك ، جۇملىدىن پۇتۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كىرەكلىك ئۇيغۇر ئىدى.
دوسلىرى تەرىپىنى قىلىپ ماختىغاندىمۇ ، دوشمەنلىرى شىددەت بىلەن تىللاپ قارغاپ پىتنە قىلىۋاتقاندىمۇ ، ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ زامانىمىزدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ . ئەڭ ئەتراپلىق يىتىشكەن ھەقىقى ئالىم ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ ، ماختايتتى ،ياكى تىللايتتى .
شۇنداق قىلىپ ئۇ 20 - ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا يىتىشىپ چىققان ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدىكى ئالىملارنىڭ ئالىمى ئىدى . بىز بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىزكىن ۋە ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىمىسا بولمايتتى دەيمىزكى ، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدە ئۇنىڭ خاسىيەتلىك تەرىپى ، بىرى ، ئۇ ئىگىلىگەن شۇنچە كۆپ بىلىمگە لايىق ئۆز خەلقىغە بىر مۇنچىلىغان ئېسىل كىتابلارنى يېزىپ بەردى ، بىر مۇنچە نەرسىنى ئىچىگە سۇلاپ ئۇلۇغ بۇلىۋېلىپ ، ھوپوپكە ئوخشاش ئىچىدە سېسىتىۋىتىدىغان بەزى ئېتى ئۇلۇغ ، سۇپىرى قۇرۇق ئالىملىرىمىزدەك ئەخمەقلەرچە ياشىمىدى .
بۇلۇپمۇ ئۇ قارىماققا ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىغان،ئەمەلىيەتتە جىگدىچىلىك مېۋىسى يوق قاپاق تېرەكتەك كارغا يارىماس بەزى ئالىملىرىمىزدەك ياكى ئېزىتقۇ سەركەردىلىرىمىزدەك ياشىمىدى.يەنە بىرى،ئۇ ئىشتىن قالماي،قەلىمىنى تاشلىماي،بىلگەنلىرىم مەن بىلەن توپا ئاستىغا كىرىپ كەتمىسۇن،ئەۋلادلارغا قالسۇن،دەپ كېچە-كۈندۈز شىددەت بىلەن توم-توم كىتاب يېزىۋاتقانىدى.ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل خەلقىگە كۆپلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىدە ئىدى.ئۇنىڭ تىنىم تاپماي ئۆگىندىغان،ئىزدىندىغان،تىرىشىدىغان ئىشلەيدىغان روھى سورۇنلارنى بېشىغا كىيىپ،خەقنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قۇرۇق لاپ ئېتىدىغان،بىر تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپ ئالەمنى بېشىغا كىيىدىغان ،ئۆزىنى ماختاپ،ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ،ئۆزىدىن باشقىنى ئاساسسىز ئىنكار قىلىپ سېسىتىدىغان،ئەمەلىيەتتە خەلققە قۇرۇق پىتنىدىن باشقا تۈزۈك نەپ بەرمەيدىغان سەللىسى چوڭ،قۇرۇق سۆلەت ئالىملاردىن مىڭ ئەۋزەل ئىدى.ئۇنىڭ مېيتىنى ئۇزىتىپ كېتىۋاتىقان چېغىمىزدا ئارىمىزدىن بىرى:‹‹بۇ ئادەم تازا ئىشلەۋاتقاندى،مۇشۇنداق قولىدىن ئىش چىقىدىغان ئادەم يەنە خېلى ئۇزاق مەزگىل ياشىسا بولاتتى،ئەجەلمۇ دەيمىز،راستىننى ئېيتقاندا ،بۇ ئادەمنى ئۆزىمىز تولا قارغاپ ئۆلتۈرۋەتتۇق،‹ياخشىغا كۈن يوق،يامانغا ئۆلۈم›دېگەن شۇ-دە››دېدى.ھېچكىم بۇ گەپكە قارشى چىقمىدى،چۈنكى بۇگەپنىڭ بىزنى ئويلاندۇردىغان يېرى كۆپ.كۆپ ھاللاردا ئاتا-ئانا نېمىنى قىلىپ ئادەتلەنگەن بولسا بالا چاقا شۇنى دوراپ،روھىغا،قېنىغا شۇنى سىڭدۈرۈپ چوڭ بولۇپ،دەل شۇلارنىڭ ئۆزى بولىدۇ.بىزنى تەربىيلەپ،ئۇچۇرما قىلىدىغان چوڭلار بىزگە نېمىنى ئۆگەتتى؟دەل بىر-بىرىمىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنى،بىر-بىرىمىزنى تىللاپ سېسىتىشنى،قۇرۇق گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىپ،سۇرۇن قوغلىشىپ قاتار چاي ئويناپ،كۈننى ھارام ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈپ تۈگەشنى ئۆگەتتى.بىز بىر-بىرىمىزنى،ھەتتا ئاتا-ئانا،ئوقۇتقۇچى-ئۇستاز ۋە چوڭلارنى تىللاپ،قارغاپ،يوقىرى-تۆۋەن قاتراپ بىر-بىرىمىزنى چېقىشنى،پىتنە قىلىشنى تازا ئۆزلەشتۈرۈپ،‹‹كەسپىي پىتنىچى››لەردىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىقتۇق.بىز بىر-بىرىمىزنى قەدىرلىمەيمىز،ھۆرمەت قىلمايمىز،بىر-بىرىمىزگە يول قويمايمىز،ئۆز ئاچا كەڭ قورساق بولمايمىز.بىز كۆپ ھاللاردا ئۆز ئارا گەپلەشسەكمۇ،سالاملاشساقمۇ ھالال نىيەت بىلەن ئەمەس،بەلكى بىرەر غەيۋەت ئۇچۇرىغا ئىگە بۇلۇش مەقسىتىدە گەپلىشىمىز،سالاملىشىمىز،مۇڭداشساقمۇ غەيۋەت شەكلىدە بولسا بەك ھۇزۇرلىنىپ،مۇڭدىشىپ كېتىمىز.بىر قىسىملىرىمىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزمۇ،تەپەككۇر ئادىتىمىزمۇ،قىممەت قاراشلىرىمىزمۇ پىتنە-پاسات،غەيۋەت-شىكايەت شەكلى ۋە مەزمۇنى بىلەن خارەكتىرلەنگەن،چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزگە چوڭلار ئۆگىتىپ ئۇدۇم قىلغان.مانا شۇ ئاڭ بىزنىڭ بۈگۈنكى نادان،ياۋۇز ئېڭىمىزنى بەلگىلەپ،بۈگۈنكى سەسكىنىشلىك ئۇيغۇر جەمىيتىنى شەكىللەندۈرگەن.كېسىپ ئېيتىش كېرەككى،ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر-بىرىنى تىللاش،سېتىش،بىر-بىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش،بىر-بىرىنى خورلاش،ھاقارەتلەش ئارقىلىق تۇغۇلغانغا،ئۇيغۇر بۇلۇپ يارىلىپ قالغانغا داد دېگۈزۈپ ئۆلتۈرۈش جەمئىيىتى!مانا بۇ سەسكىنىشلىك جەمئىيەتنى چوڭلار بىزگە ۋايىغا يەتكۈزۈپ قۇرۇپ بەردى.
ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈش كېرەككى،ھەممە پىتنە-پاسات،غەيۋەت-شىكايەتلەرنىڭ چوڭى ئۇيغۇرلارنىڭ خىللىرى يىغىلغان مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىن تارقىلىدۇ.بۇ يەردىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى،چوڭ-كىچىكلەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارسا ئېلىپ باردىغان دۇئايى سالام،سوۋغاتلار ئىچىدە غەيۋەت بىلەن پىتنە چوقۇم بولماي قالمايدۇ،بۇ پىتنە-پاساتلار ئاندىن ھەر قايسى ۋىلايەت،شەھەر،ناھىيىلەردە ياڭيۇ كۆپەيگەندەك بىر-بىرىنى تۇغۇپ،بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئۈرۈمچىدىن بارغان ئادەمدىن ھەر قايسى ۋىلايەت،ناھىيە،شەھەرلەردىكى غەيۋەتچى،پىتنە-پاساتچىلار‹‹ھە...ئۈرۈمچىدە نېمە يېڭى گەپ بار؟››دېگەن سىپايە سوئال بىلەن ‹‹ئەھۋال››ئىگىلەپ،دەرھال‹‹كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنسى››غا كىرگۈزۈپ،تۈركۈملەپ كۆپەيتىپ تارقىتىدۇ.مانا بۇ بىز ئېسىمىزنى بىلسەك ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان ئادەت ئىكەن!شۇڭا ئۇيغۇر بولماق بەك تەس،ئۇيغۇرغا ئالىم بولماق تېخىمۇ تەس!ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن بىرەر پەيغەمبەر دۇنياغا تۆرىلىپ قالغان بولسا،يەھۇدىيلار ئەيسانى كرېستقا مىخلىغاندىن ئاشۇرۇپ،تىرىك تۇرغۇزۇپ قېنىنى ئېقىتىپ،بىر توغرامدىن چىشلەپ يەۋەتكەن بولار ئىدى.
دېمەك،ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىمى،بۈيۈك مۇتەپەككۇرى،خەلقئارالىق ئىلىم مۇنبەرلىرىگە ئېلىپ چىقىشقا ئەرزىيدىغان پېروفېسىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنى مەندىن باشلاپ ھەممىمىز ئەنە شۇنداق تىرىك تۇرغۇزۇپ غاجاپ،قۇرۇق ئىسكىلىت قىلىپ،ئاندىن دەپنە قىلدۇق.تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي قانۇنىيىتى -مېۋىنىڭ شۆپىكى،بۇغداينىڭ سامىنى...بولدىغانلىقىدىن ئىبارەت تەبىي قانۇنىيەت بويىنچە،بىز بۇ ئالىمنىڭ ئادەمگە خاس نۇقسانلىرىنى ئەپۇ قىلالمىدۇق،بىكار تەلەپ ھارەمزادىلەرنىڭ سانسىز جىنايى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن،گەپنىڭ چىرايلىقىنى،ئىشنىڭ ئەسكىسىنى قىلىدىغان خۇمسىلارنىڭ ئۈستىدىن،كېچىسى ئورا كولاپ،كۈندىزى ئەلخۇمار بولۇۋالىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ئۈستىدىن،بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ،يۈز ئىشنى يامان قىلىدىغان نائەھلىلەرنىڭ ئۈستىدىن نەپرەتلەنمەي،كەمچىلىكىنى تۆھپىسى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشىدىغان بىر ئۇلۇغ ئالىمىمىزنى يەتتە ياشتىن يەتمىش تاشقۇچە ھەممىمىز قارغىدۇق.بىز ئۆزىمىز ھەممىمىزنىڭ ئىلاھ ياكى پەرىشتە ئەمەس،بەلكى ئازغۇچى بەندە -ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى،ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق نۇقسانىمىز بارلىقىنى ئويلىمىدۇق،ئەكسىچە ئۆزىمىزنى پەرىشتە،باشقىلارنى ئالۋاستى كۆرسىتىپ ياشاپ كەلدۇق.
شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى،ئەگەر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ياۋۇرپالىق ئالىم بولغان بولسا،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تۇتىيا بىلگەن،ئۆزىنى پەرىشتە ھېسابلىغان بولار ئىدۇق،تەرجىمانلىرىمىز ئۇنىڭ مەلۇم كىتابىنى ئۆزى تەرجىمە قىلىپ،ئۇيغۇرلارغا تۇنۇشتۇرغانلىقتىن پەخىرلىنىپ ماختانغان بولار ئىدى.بۇ خىلدىكى مىساللارنىمۇ كۆرىۋاتىمىزغۇ؟!
ئەگەر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن رۇس،گېرمان،ئېنگىلىز،ياپۇن،خەنزۇ،قازاق بولغان بولسا،بىز كۆرسەتكەن كۈننىڭ دەل يەنە بىر تەرىپىنى كۆرگەن،قالتىس قەدىرلەنگەن بولار ئىدى.
ئۇ ئىنتايىن ياۋاش ئادەم ئىدى،سورۇنلاردا سۆز تالاشمايتى،كۆرۈشكەندە قول تالاشمايتى،ماڭغاندا يول تالاشمايتى،كوللېكتىپ رەسىمگە چۈشكەندە چەتتە ياكى باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇراتتى.باشقىلار يۈزىدىن يۈزىگە تىللىغاندىمۇ،زەھەرخەندىلىك بىلەن مەخسىرە قىلغاندىمۇ تۈگمەن تېشىدەك ئېغىر-بېسىق بولاتتى.كېچە-كېچىلەپ سوكۇلداپ مۇرىت توپلاپ،گورۇھۋازلىق ياكى يۇرتۋازلىق قىلمايتى.1958-يىلىدىن1978-يىلىغىچە توپتوغرا 20يىل تارتىۋىلىنغان ئۆمرى ئۈچۈن ئېچىنىپ،ۋاقىتىنى ئالتۇن بىلىپ ئىشلەيتى،ئىشلەيتى...
ئۇ كىشىلەرگە ئازار بەرمەيتى،ھەتتا ئاستى-ئۈستى قوشنىلىرىغىمۇ دەخلىسى بولمىسۇن،دەپ گۆشنى پالتىدا چانىماي،ھەرىدەپ كەسكەن ئادەم ئىدى.بىزگە كۈلكىلىك تۇيۇلىدىغان بۇ ئىشنى ئەقىل بىلەن ئويلاپ كۆرسىڭىز بىرىنچىدىن،شۇنداق قىلغاندا،قوشنىلارغا بىسەرەمجانلىق يەتمەيدۇ؛ئىككىنچىدىن،كۆزلىگەن يەردىن كەسكىلى بولىدۇ؛ئۈچىنچىدىن،گۆش تىتىلىپ،سۆڭەك چېقىلىپ كەتمەيدۇ.دېمەك بۇ ئالىمىمىز ھەممە ئىشنى ئەقىل ئىشلىتىپ قىلار ئىكەن.
گۈلساي قەبرىشتانلىقىغا ئالىم دەپنە قىلىنىۋاتقاندا،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ:‹‹ھازىر ئۇيغۇرلار بۇ ئادەمنى قەدىرلىمىدى،خورلىدى،يەنە50يىللاردىن كېيىن ئەگەر ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان بولسا،چوقۇم بۇ ئادەمگە خاتىرە مۇنارىسى تىكلەيدۇ.بۇ ئادەمنىڭ قىممىتىنى شۇ چاغدا تۇلۇق چۈشىنىدۇ.چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئېڭى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىن 50يىل ئالغا كەتكەن››دەپ تەرىپلىدى.
شۇنداق قىلىپ،ئۇنى كۆمۈپ قويدۇق.ئۇ كەتى،كەلمەسكە كەتتى.ئۇيغۇرغا ئالىم بولغانغا تۇيۇپ،خوشمۇ دېمەي كېتىپ قالدى.بۇ نادان خەلق ئۇيغۇر جۇۋاز كالىسىدەك ياۋاشلىق بىلەن ئىشلەپ بېرىۋاتقان،بىر ئۆزى نەچچە ئون ئالىمنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئۈلگۈرۋاتقان بىر ياراملىق ئالىمىنى يوقىتىپ قويدى.بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىلىدىكىمىز بويىنچە تىرىك چېغىدا سېسىتىپ،ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسىگە ئېسىلىپ سېغىنىپ،ئۇنى يادلاپ تۇرۇپتىمىز،ھەي كەم ئەقىل قېرىنداشلار،تىرىك چېغىمىزدا بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەيلى...
ئالىم كەتتى،نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىشقا ئۈلگۈرەلمەي ھەممىنى ئېلىپ كەتتى.بىلىشىمىز كېرەككى،بۇ بىزنىڭ شور تەلەيلىكىمىزنىڭ بىر ئىسپاتى.ئاللا:‹‹مەن غەزەپ قىلغان قوۋم ئارىسىدىن ياخشىلارنى ئەكىتىش بىلەن شۇ قەۋمنى جازالايمەن››دېگەنىكەن.بىز داۋاملىق جازالىنىشتىن پاتراق قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى.بىز لەنەت تاشلىرىمىزنى ياخشىلارغا ئەمەس،شەيتانلارغا ياغدۇرۇشنى ئۆگىنۋىلايلى.
ئېسىمىزدە بولسۇن،ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى دوزاخ ئازابىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەڭگۈلۈك ئارامگاھقا كەتتى.
مەنبە:ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹‹ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى››دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=46691