مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5195|ئىنكاس: 53

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنى قاچانغىچە توپا باسىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98321
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3774
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 01:46:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنى قاچانغىچە توپا باسىدۇ؟


ئاپتورى:تۇرسۇنجان سۇلايمان (شەررارى)


99999999999999999.jpg


        گىلۋېتىس ‹ ئىنسان ئۇنىڭ قانداق كىتاب ۋە قانداق دوست تاللىشى ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ › دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقانىدى . شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مىللەت كىشىللىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشتىكى سۈپەت ئەھۋالىمۇ شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنىڭ ، كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ ‹ جاھاننامە ئەينىكى › بولالايدۇ . كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىش . بىراق ، كىشىگە تەپەككۇر مەنىدارلىقنى ، پىكىر جەھەتتىكى تىرەنلىكنى بىرەلەيدىغان بىر قىسىم ‹ ئاچسا ھوزۇرلاندۇرۇپ ، ياپسا ئويلاندۇرىدىغان › سەرخىل كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇش ، مەزمۇنى ساغلام ئەمەس ياكى ‹ يانا دىسەم يانا شۇ ، ئاتام ئېيتسا بايىقى › دەيدىغان ۋە ياكى تارىخى بۇرمىلاشلار بىلەن تولغان ‹ زەھەرلىك  كىتاب › لارنى ئەقىل ئەلگىكىدە تاسقاپ شاللىۋىتىشمۇ  ھېكمەتبەخش  تەپەككۇرىمىزنىڭ تەقەززاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى  مۇتەپپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك ‹ كىتاب-ئىنسانىيەت ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام . كىتابقا تەڭ كېلىدىغان ئىنسانىيەت جۇغلىغان ئىككىنچى بىر خەزىنە مەۋجۇت ئەمەس ! بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىك ، كىشىلىك دۇنياسىدا تىڭىرقاپ يۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بىراق دەۋرىمىزدە كىتاب شۇ قەدەر كۆپەيدىكى ، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى  ›. شۇنداق ئىكەن ھەممىلا كىتابنى ئوقۇپ ئۈلگۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، بۇمۇ بىلىم ئىگەللىگەنلىك بولماستىن بەلكى ۋاقىت ۋە زېھىننى ئىسراپ قىلىش ھەتتاكى ئۆزىنى زەھەرلەش جەريانىدۇر . چۈنكى ئۇسۇل ئۈنۈمدارلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەي ، شەكىل قۇرىلىشىغىلا نەزەربەنت بولۇش قەلبنى ئۆلتۈرۈپ ئۆمۈرنى زايا قىلىدۇ ! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھىسلامنىڭ ‹ مەن كائىناتقا مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتىلدىم ، كىمدىن ئۆگەنگىنىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار › دىگەن مۇبارەك ئەسكەرتمىسى بىزلەرنى بىلىم ئېگەللەش يولىمىزدىكى سەگەكلىككە بۇيرۇيتى . ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشنى ھوزۇر ۋە نېئمەت دەپ بىلگۈچى كەمىنىمۇ كىتاب مەزمۇنلىرىنىڭ تارىخى ساپلىقى ۋە پىكىر تېرەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلاتتىم . چەتئەل يازغۇچىللىرىنىڭ پەلسەپە ، پىسخىلوگىيە ، ئەدەبىيات ، ئىقتىساد ، فىزىكا نەزەرىيىسى ، جەمىئىيەتشۇناسلىق ساھەلىرىگە چېتىلىدىغان كىتابلاردىن سىرت پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدىن نەۋائىي ، ئابدۇقادىر داموللام ، زوردۇن سابىر ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ياسىنجان سادىق چوغلان ، يالقۇن روزى ... قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مايىللىقىم كۈچلۈكرەك ئىدى . لىكىن شۇ چەتئەل ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان

ئەدىبلەر ئىچىدە كۆڭۈل تەلپۈنىشىم ئەڭ كۈچلۈك بولغان كىشى يەنىلا ئۇيغۇرلانىڭ 20-ئەسىردىكى ئەنقاسى ، چەتئەل سەھنىللىرىگە ئېلىپ چىققىدەك ئالىمى ، مۇنبەر بىلەن كىتاب ئارىسىدا بىر ئۆمۈر چاپقان پىكرى يۈگرۈك مۇتەپپەككۇرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىدى.                                          

تۇلۇق بىرىنچى يىللىق ۋاقىتلىرىم ئىدى ، ھەر تەنەپۇس ۋە تەنتەربىيە دەرسى ۋاقىتلىرىدا قولۇمدا كىتاب ئۈزۈلمەيتى ، كۆپرەك ساندىكىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئىدى.دوستلىرىم قولۇمدىكى ‹ قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا › دىگەن كىتابنى كۆرۈپ ‹ بۇ ئادەمنىڭ ھەممە كىتابى سەندە بامۇ نىمە ؟ سىنىڭ قىزىقمايدىغان نەرسەڭ يوقمۇ نىمە ؟ قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا دەدىغۇ ›دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كىتەتتىم . بىراق توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى ، چۈنكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مىنىڭ تەسىرىمدە ئالىمىمىزنىڭ قىسمەن كىتابلىرىنى ئوقۇپ بېقىپ چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتاتتى ، دەرۋەقە مەنمۇ نۇرغۇن يەرلەرنى چۈشىنەلمەيتىميۇ لىكىن مېھرىم ئۈزۈلمەيتى . چۈنكى بىز كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا بىر مۇئەللىپتىن بىر ياكى ئىككى خىل ساھەلەرگە چېتىشىدىغان ئەسەرلەرنى ئۇچرىتىشىمىز ، بىر ئەدىب ئارقىلىق بىر نەچچە دانالار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشىمىز مۇمكىن لىكىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغانلىكى ئادەمگە مەلۇمكى بىز ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن تەپەككۇردىكى تېرەنلىكنى ، پىكىردىكى دادىللىقنى ، چېتىلىش دائىرىسى جەھەتتىكى كۆپ قىرلىقنى كۆرىۋىلىشتىن سىرت ، نۇرغۇن ئەللامە پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىۋى مۇساپىسىدىن خەۋەردار بولالايمىز . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بىر كىتابىنى ئوقۇش چېتىلىش دائىرىسى ۋە مۇتەپپەككۇرلار قوشۇنى بويىچە ئېيتقاندا بەش ياكى ئالتە كىتاب ئوقۇغاندەك ئوزۇق بېرەتتى . مەن شۇ بىر ئالىمىمىز ئارقىلىق فارابىدىن تا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغىچە بولغان مۇتەپپەككۇر ۋە ئارسلانلىرىمىزنى ، ئاماننىساخان ، ماھلەر ئايىم نادىرە ،  جاھان ئاتىن ئۇۋەيسى ، دىلشاد بەرنا ، ئەنبەر ئاتىن ، نۇزۇگۇم قاتارلىق رەيھان سۈپەتلىك ئانىللىرىمىزنى تونيغانىدىم .  شۇڭلاشقا مەرھۇمنىڭ كىتابلىرىنى قولۇمدىن  زادىلا چۈشۈرگۈم كەلمەيتى . مەن تۇنجى بولۇپ مەرھۇمنىڭ ‹ يېپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت › ناملىق كىتابىنى ئوقۇغان ئىدىم . شۇ قىزىقىشنىڭ ئىلكىدە  ‹ فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىس › ، ‹ ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى › ، ‹ ئائىلە ›،‹ رۇبائىيات1ۋە2 › ، ‹ سەۋدالىق تەئەجۈپنامىسى › ، ‹قەدىمكى مەركىزىي›‹ ئومۇمىي ئىستېتىكا › قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم . گەرچە تولىمۇ ھوزۇر ھېس قىلساممۇ ئىچىمدە ئىككى خىل ئەپسۇسلۇق مىنى قىينايتى  . ئۇنىڭ بىرى ئالىمنىڭ ‹ يېپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت › دىگەن كىتابى 2001-يىلى 3000تىراژ بىلەن 21يۈەن باھا بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە توپتوغرا يەتتە يىل توپا بېسىپ تۇرغان ئىدى . ئەرزان ھەم ياخشى بېزەك ۋە گىرىم بۇيوملىرىنى تالىشىپ سېتىۋىلىش ئىستىكىمىز  بىزلەرنى بۇ بىباھا ئەسەرلەرگە ئالدىرىتالمىغان ئىدى . ئىككىنچى ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشىم بولسا ئالىمنىڭ قولۇمدا بارىكى كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم . ئوقۇتقۇچىللىرىمنىڭ ئېيتىشىچە مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بارمىش . بۇ سۆز مىنى ھاياجان ۋە ئەپسۇسلارغا سېلىۋاتقان ۋاقىتلاردا تالانتلىق ئەدەبىي ئوبزورچى ، ناتىق يالقۇن روزى ئاكىمىزنىڭ ‹ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ›نامىدا بىر تۈركۈم كىتابلارنى نەشىرگە تەييارلاپ تارقاتقانلىقىنى ئاڭلىدىمدە چەكسىز تەشەككۇر ۋە ھاياجان ئىلكىدە بۇ كىتابلارنى سېتىۋالدىم . بۇ كىتابلارنى ئوقۇۋاتقاچ يالقۇن روزى ئاكامغا رەھمەت ئېيتقۇم كەلدى ۋە پۈتۈن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرىكىدىكى ھاياجان ۋە مەمنۇنلۇقنى سەزگەندەك بولدۇم . كىيىن ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن ئەپەندىمنىڭ ‹مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر---ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش›سەرلەۋھىلىك كىتابى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى . بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەققىدىكى بىلىشلىرىمنىڭ تولىمۇ تىيىز ۋە يۈزەكى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئاكىمىزنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹ قاراڭغۇ تۈنلەردە چولپاننى ، تۇمانلىق تۈنلەردە كۈن نۇرىنى ، لاي سۇدا ئالتۇن بېلىقنى ، تەتۈر قۇيۇندا بۈركۈتنى ، قايغۇ ئىچىدە خوشاللىقنى ، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە راھەت-پاراغەتنى ›كۆرەلەيدىغان روھىي قۇۋىتىنى ۋە ئۇ دۇچ كەلگەن ئېغىر سىناقلارنى بىلمەي قاپتىمەن . شۇنىڭ بىلەن ئەنە شۇ تۇلۇق بىرىنجى يىللىقتا ئالىمىمىزغا تۇتاشقان مۇھەببەت ئوتى سەۋەبلىك ھالا ئالىمغا مۇناسىۋەتلىك تاپقان ئەڭ ئاخىرقى كىتابىم ‹مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر---ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش›گىچە ‹ئۇمۇمىي ئېستىتىكا›،‹غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى›،‹ئۇيغۇر مۇقام غەزىنىسى›،‹يېپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھىرى›،‹قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا›،‹قۇتادغۇ بىلىك خەزىنىسى›،‹يېپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت›،‹فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى›،‹سەۋدالىق تەئەجۈپنامىسى›،‹رۇبائىيات1›،‹رۇبائىيات2›،‹ئائىلە›،‹ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى›،‹شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋىردىكى ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتى›‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى›قاتارلىق 15 كىتابىنى سېتىۋىلىش ، توردا ‹پىدى ئەف› نۇسخىسى ئۇچۇرسا كۆپەيتىۋىلىش ئۇسۇللىرى ئارقلىق يىغىپ ساقلىدىم ، ئوقۇدۇم . بىراق ‹مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر---ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش›دىگەن كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەن ۋە مەن قاتارلىق ئالىمنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ نۇرغۇن ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرى يوق بولۇپلا قالماي نەشىر قىلىنىپ باقمىغان ، 80-يىللاردىن تاكى بىزدىن ئايرىلغانغا قەدەر ھەر يەرلەردىكى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ئەسەرلىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشنى ، توپلاپ چىقىشنى كۈتۈپ ياتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم . ئىلمىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرىلگەن بىر مۇنەۋۋەر ئەسەرنىڭ يۈتۈپ كىتىشى ياكى كىتابخانلار نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشى مەدەنىيەت قەسىرىنىڭ بىر خىشىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەنگە ئوخشايدۇ . بۇنداق كاۋاك قالغان مەدەنىيەت قەسىرى مۇكەممەل بولمايدۇ ، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ خىشىنى قويىۋالسا تېخىمۇ چاتاق ! مۇتەپپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھەرقايسى مەدەنىيەت قاتلاملىرىمىزغا ئائىت ئىلمىي  ئەسەرلىرى ، باشقىلار قەلەم تەۋرىتىش ئەمەس خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ، كۆمۈلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تېمىلار ئۈستىدە بۆسۈش خاردەكتىرلىك ئىزدىنىشىلىرىنىڭ تالاي ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان .  بۇنداق زور ئىلمىي ئەسەرلەردىن ئالىمنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرى بولمىش بىزدەك كىتابخانلارنىڭ مەھرۇم قېلىشى مەدەنىيەت ئىسراپچىلىقى ئەمەسمۇ !؟ ئالىمنىڭ سىزدىن ۋە بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىمۇ بىزلەردىن كۆپلەپ ئىلمىي كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنىشى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى ئەمەسمىدى؟! ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇنداق دەيدۇ‹نەشرىياتچىلىق مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى ۋە كامالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە غايەت مۇھىم ‹مەنىۋى رىزىق دەرگاھى›. نەشرىيات تەھرىرلىرى مىللىي مەدەنىيەت بىناكارلىقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچ ئۆتەيدىغان ئېنژېنىرلىرى.خەلقىمىز تارىخىدا خەتتاتلار بىر قانچە ئابىدە ۋە تۇرپان تېكىستلىرىنى يېزىپ قالدۇرمىغان ، يۈزلىگەن دىۋانلارنى كۆچۈرۈپ قالدۇرمىغان بولسا قايسى يۇلتۇزلار بىلەن مەدەنىيەت ئاسمىنىمىزنى يۇرۇتقان بۇلاتتۇق›!؟ ‹ كۆپلەپ ئىلمىي ئەسەر نەشىر قىلالمىغان نەشرىيات يۇپۇرماق چىقىرىپ مېۋە بەرمىگەن دەرەخكە ئوخشايدۇ ›، بۇ سۆزنى ئوقۇرمەنلەرنى نوقتا قىلىپ ‹ كۆپلەپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقىمىغان ياكى ئوقۇيالمىغان كىتابخانلارنى يۇپۇرماق چىقىرىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قاقشال بولغان دەرەخكە ئوخشايدۇ›دەپ ئۆزلەشتۈرۈش مۇمكىن . نۆۋەتتە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ نەشىر قىلىنىشنى ساقلاپ تۇرغان ئەسەرلىرىنى قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم:

    1. ھەمراھى غەزەللىرى

     2.    ئانالتىك پوئىتىكا

3.غەزەلىيات

4.باھارىيات

5.ئۈچ ۋىلايەت تارىخىنىڭ قىسقىچە تارىخى

6.شېرىن ۋە سېرىن

7.ئاق توز

8.شەبنەم ۋە ئۇچقۇن

9.ئىزگۈلۈك مەلىكىسى

10.مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم

11.ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە

12.ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر

13.چوغلۇق

14.قارلىق تاغ شەجەرىسى

15.قاتلاملىق ئېستېتىكا...


           بۇنىڭدىن باشقا ئېلان قىلىنمىغان ماقالىلىرىدىن‹ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش›،‹سىكتايلارنىڭ مېتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى›‹ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنىۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا›،‹تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا›،‹مۇھەببەت يىغلايدۇ›لاردىن باشقا ‹كۈسەن مەلىكىسى›،‹كومىراجىۋا›قاتارلىق كىنو سىنارىيىسى دىققەتكە سازاۋەر. بۇ كۆپ قىرلىق ئالىمىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھەر ساھەلىرىمىزگە چېتىشىدىغان مەدەنىيەت تىندۇرمىللىمىزنى يورۇتۇپ بەرگەن ئەسەرلىرى بىزلەرنى ئۆزلۈكنى تاپقۇزىشقا،ئۆزلۈكنى تونۇشقا،ئوزلۈكنى قەدىرلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى كاپىتال ئىدى.بۇنىڭدىن باشقا ئالىمنىڭ ھەرقايسى گېزىت ژورناللاردا ئېلان قىلغان 200گە يېقىن ماقالە ئەسەرلىرى يېغىپ توپلاشنى ، قەدىرلەپ ئوقۇشنى كۈتمەكتە.

مەقبەرە تىكلەش ئالىملارنى قەدىرلەشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئەمەس ، شۇ ئالىمنىڭ كىتابلىرىنى توپا باستۇرماي ئوقۇش ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا تۇنۇشتۇرۇشمۇ بىرقەدەر ئىلمىي ۋە ئەقلىي بولغان قەدىرلەش شەكلىدۇر . چۈنكى چىن ئىخلاسى بىلەن ئەسەرلىرىنى ۋاراقلاپ تۇرىدىغان ئوقۇرمەنلىرىگە ئىگە ئالىملا ھەقىقىي بەخت تۇيغىسىغا چۆمگەن ئالىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن جايىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىدىغان،قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ئادەم ئەمەس بەلكى شۇنداق كىشىلەرگە قارشى چىققۇچى پىداكارمەن . يۇقارقى ئارزۇلىرىم قىسمەن كىشىلەرگە خەنزۇ خەلق تەمسىلىدىكى‹قەغەز ئۈستىدە ئات چاپتۇرۇش›دىگەن تەمسىلىنى ئەسلىتىشى مۇمكىن ، مەن شۇنداق دەيمەنكى‹ ماڭا ياققانلىقى ئۈچۈن سىزگە تەۋسىيە قىلدىم›. مۇتەپپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەقىقەتەنمۇ ئالىملارنىڭ ئالىمى ئىدى ، شۇڭا ئۇ توختاۋسىز ئىلمىي قىممەتلەرنى بىزلەرگە يارىتىپ بىرىپ تۇردى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى ، شۇڭا ئۇ ئىزچىل ئوقۇدى تاكى تىنىقى ئۈزۈلگەندە قولىدا پەيغەمبىرىمىز خەۋەر بەرگەن ‹ئاللاھ تۇنجى بولۇپ ياراتقان نەرسە---قەلەم›بار ھالەتتە تىنىقىنى ئۈزگەن، ئۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسلامنىڭ ‹ئىلىم ئۆگىنىش ھەربىر ئەر ئايال مۇسۇلمانغا پەرز . بۆشۈكتىن قەبرىگىچە ئىلىم تەلەپ قىلىڭلار›،‹يا ئالىم بول ، يا ئىلىم ئۆگەتكۈچى بول ، يا ئىلىم ئۆگەنگۈچى بول، يا ئىلىمگە ئاشىق بول...بەشىنچىسى بولما ›دىگەن مۇبارەك كۆرسەتمىسىنى ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن ئالىم ئىدى شۇڭلاشقا مەن ئەنە شۇنداق ئالىمىمىزنىڭ ئەسىرىگە بولغان مۇھەببىتىم ۋە ئالىمغا بولغان سېغىنىشم تۈپەيلى بۇ ئارزۇلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم . كاشكى ، يالقۇن روزى ئاكام ، ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئاكامغا ئوخشاش مىللەت ئوتىدا پەرۋانە كەبى كۆيگەن نەشرىياتچىللىرىمىز مەن كەبى تالايلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ چاڭقىغان دىلىغا بىر پىيالە چاي سۇنسا ئاۋال ياراتقۇچى ئاللاھ ئاندىن بىزلەر رازى بولار ئىدۇق.........


پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 11:35:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ ‹ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى›،‹شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋىردىكى ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتى› قاتارلىق كىتابلىرى بەك ياخشى .

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:08:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹...مەن شائىرلارنىڭ مۇتەپەككۈر بولۇشىنى ۋە بۇ ساھەگە قىزىققۇچىلارنىڭ كەمرەك بولۇشىنى،ئالىي ماقاملىق كەسپىي شائىرلاردىن باشقىلىرىنىڭ پەلسەپە،قانۇن،ئىقتىساد،تەبىئى پەن،تىبابەت،ماشىنىسازلىق،تېخنىكا پەنلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئاساسىي ئىقتىدار ۋە تۆھپىكارلىق ئورنىغا قويۇشنى،رەڭلىك شار قويۇش ۋە ساليوت زەمبىرىكى ئېتىشنى ئاساس قىلىۋالغان مەيخانە ئىشىكىدىكى قىزىل كاستىيوملۇق ‹‹خۇش كەلدى جانان››بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن رىقابەت ياكى ھەسەت بىلەن ئەمەس،بەلكى خەلققە،خەلقنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بولغان مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا بولغان مەسئۇلىيەت  بىلەن شائىر ۋە ئەدىپلەرنىڭ 'ئاز ۋە ساز'بولۇشىنى ئېغىزغا ئالدىم.چۈنكى ئالدىمىزدا بىزگە شېئىر مۇسابىقىسى دۇچ كېلىۋاتقىنى يوق!

     ئا. مۇھەممەتئېمىن
‹‹يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت››---402-بەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:12:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى يىزىپسىز ،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئەسەرلىرى ئادەمدىن كىتاب ئۇقۇپ چۈشنىش قابىليىتى تەلەپ قىلىدۇ،ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ قىممەتلىك كىتابلار بىز ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەت مەدىنيىتى ئۈچۈن زور مەنىۋى بايلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1872
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:15:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمنىڭ تېخى نەشىر قىلىنمىغان ئەسەرلىرىنى خەلقىمىز،ئالىمنىڭ كەسىپداش،پىكىرداشلىرى؛شاگىرىتلىرى ،ئىلىم ئەھلىلىرى ...قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق كۇچ چىقىرىپ قېزىپ رەتلەپ دۇنياغا نامايەن قىلىش بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر.

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:36:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئالىمىزنىڭ قەدرى ئەمدى ئۈتۈلۋاتدۇ .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.
nurjahan1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 01:04:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 01:27:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اتارىخ ۋە مەدەنىيەت ئۈستىدە توختىماي ئىزدەنگۈچى.ئاخىرقى نەپسىگىچە قەلەم تەۋرەتكۈچى ئۇلۇغ ئالىم.
ئۇيغۇر خەلقىگە مۇشۇنداق ئالىملار بەك لازىم ئىدى

ئىگىسىگە ئەخلاق بىرەلمىگەن ئىمان ھەقىقى مۇكەممەل ئىمان ئەمەس
xemsi بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 02:08:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
xemsi بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 02:13:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش