sardor0908 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 10:39 PM 
شەرىئەت...؟كەچۈرۈڭ !شەرىئەت بىلەن ئانچە ........... مەن پەق ...
ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم، پىكىرىڭىزنىڭ سەۋەبى ۋە مەۋقەيىڭىزنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. گەرچە شەخسەن ئۆزۈم پىكىرىڭىزنى ئانچە توغرا تاپمىساممۇ، بۇنداق پىكىردىكىلەرنىڭ سىز بىرلا ئادەم ئەمەسلىكىنى ۋە ئوتتۇرىدىكى چۈشىنىشمەسلىكنىڭ پەسەيمەكتە يوق ئەكسىچە تېخمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزەمنى بايان قىلىشنى لايىق كۆردۈم. قايىل بولمىسىڭىز سىزمۇ ئۆز كۆز-قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، بىز داۋاملىق چىرايلىق رەۋىشتە مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ.
ئالدى بىلەن تەكىتلەپ قويىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنى ئۆز دىنى، قۇرئان كەرىمنى ئۆز ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە قىبلىنامىسى قىلغان ئالاھىدە بىر توپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدىكى بۇيرۇقلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئورۇندىمىقى، چەكلىمىلەردىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە يانمىقى لازىمدۇر. بۇ مۇسۇلمانلاردىلا ئەمەس، ھەرقانداق ئەقىدە ساھىبى بولغان باشقا ئىنسانلاردىمۇ ئورتاق مەۋجۇت ئەھۋالدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلمانلاردىكى ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ئىزچىللىق ۋە تۇراقلىق بىلەن ئورۇنداش ئەھۋالىغا نورمال ۋە سۇبېكتىپ كۆزدە قاراش، ئادىللىق ۋە سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىش لازىمدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئەۋرەت يېپىشنى پەرز قىلىپ بېكىتكەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئورۇنداش قەتئىي لازىم بولغان ئەمەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە بۇ خىل پەرز مۇسۇلماننىڭ ئىمانلىق ئىكەنلىكىنىڭ تۈپكى ئۆلچىمى ياكى مۇكەممەل قىلالمىغان ئادەم شۇئان كاپىر بولۇپ كېتىدىغان دەرىجدە بولمىسىمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئېتىقادىغا بولغان ئىخلاسى ۋە ساداقىتى ئۇنىڭ ئىچى ۋە تېشىدا بىردەك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ مەسىلىگە جۇغراپىيە ياكى تەبىئىي مۇھىت نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئېتىقادىي جەزمىيەتنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق نۇقتىسىدىن قاراش كىرەك دەپ ئويلايمەن.ئاندىن كىيىن، مەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، بۇ ھەر بر بەندىنىڭ ئۆز ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشىچە ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئورۇنلىشىغا تاپشۇرۇلغان بىر مەسئۇلىيەتتۇركى، بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە بولغان كۆيۈنۈشى ۋە چۈشىنىشى بەلگىلىگەن، شۇڭلاشقا بىرەرسى بۇلارنى تەلەپكە لايىق ئورۇندىيالمىغان ياكى بىزدەك قىلالمىغان بولسا، ئۇلارنى ئەيىپلەش ۋە «دىندىن تېپىپ چىقىرىۋىتىش» ئەسلا توغرا ئەمەستۇر.
ئۇيغۇرلار تارىختا ئىسلام دىنىنى مىللەت سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئەھكاملىرى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىز ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئىسلامىي ئەنئەنە ياراتقاندۇر. بۇ جەرياندا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىلگىرى قارا رومالدا يۈزىنى يۆگەپ، كۆپىنچە ھاللاردا ياغلىق بىلەن چاچ ۋە بويۇنلىرىنى ئوراپ يۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرقىدەك ئابايى كىيىم كىيمىگەنلىكى ھەقىقەتەن راست، بۇ ئەھۋالنىڭ يېقىنقى دەۋردىكى «مەدەنىيلەشتۈرۈش شامىلى»نىڭ تەسىرى ئاستىدا ياغلىق چېگىشمۇ گۇمانلىق سانىلىدىغان بىر ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمۇ راست. مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر تارىخي دەۋردە، ئېتىقادىي ئەنئەنىنى ساقلاپ قېلىش ئەمەس، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەم كۆز يۇمغىلى بولماس ھەقىقەت. بۇنداق ئەھۋالدا، بۇ خىل ھىجابلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى مىللىي ۋە ئېتىقادىي سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق ئەھۋال بولۇشى كىرەك ئىدى. بۇ مەلۇم جەھەتتە بىزنىڭ ئىسلامىي چۈشەنچىمىزنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى ۋە ئويغىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، بۇ ھەم مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭىچە ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.
ۋەھالەنكى، ئۇيغۇلارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى قانۇنلۇق مەزھەب بولغان ھەنەفىي مەزھەبىدە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئىسلام فىقھى ئالىملىرى ۋە مەزھەبلىرى ئوتتۇرىسىدا ئەۋرەتنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش جەھەتتە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەقىقەت. فىقھى ئالىملىرىنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىختىلاپلىق مەسلىلەر ئاللاھنىڭ بەندىسىگە قىلغان رەھمىتى جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇنىڭدا بەندىگە ئۆز ئىمكانىيىتىگە قاراپ تاللاش بوشلۇقى ۋە ئەركىنلىكى باردۇر. شۇنداق بولغاندا، شەرىئەتنىڭ ئەڭ تۆۋە چېكى بويىچە ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە قولىنىڭ بېغىشىغىچە ئوچۇق قىلىشى يول قويۇلىدىغان ئەھۋالدۇر. شۇڭلاشقا ھىجابلىنىش مەسىلىسى «چوقۇم ئىككىدىن بىرنى تاللاش» مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ھەر خىل تاللاشقا يول قويۇلۇش ۋە ھۆرمەت قىلىنىش مەسىلىسىدۇر. مىنىڭچە يۈزىنى ئوراش مەسىلىسى شەخىسنىڭ تەقۋالىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئەركىن تاللىشى بولۇپ، باشقىلارنىڭ كىيىم-كىچەكنى قىسقا كىيىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنغاندەك ھۆرمەت قىلىنىشى زۆرۈردۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ شەخسىي ئەركىنلىك مەسىلىسى بولغاچقا، شەخسىي تاللاش نۇقتىسىدىن چۈشىنىلىشى ۋە قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ھۆرمەتلىنىشى لازىم.
ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغىنىم: ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىرى ھەممە رايون ۋە ئىنسانغا ئورتاق ۋە ئوخشاشتۇر، ئەسلى ھۆكۈم ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ قانداقتۇر مەلۇم بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر خىل مىللەتنىڭ كىيىمىنى كىيىۋىلىشى بولماستىن، مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئۆز ئېتىقادىي ئېڭىدىكى يوللۇق تاللىشىدۇر، يەنى مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كىيىملەرنىڭ ئەرەبلەردىن كەلگەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئەرەب ئاياللىرنىڭ كىيگەن ئەشۇ كىيىمىنىڭ بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنىڭ ئېتىقاد ئېڭىدا يوللۇق ۋە دۇرۇس ئىكەنلىكىدۇر. ناۋادا، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق كىيىملەرنى تىكىدىغان زاۋۇتى بولسا، ئىچكىرىدىكى خۇيزۇ ئاياللىرىغا ئوخشاش قارىنىلا كىيمەي باشقا رەڭدىكىلىرىنى كىيسىمۇ ئەلۋەتتە بولىۋىرەتتى. يەنە كېلىپ، «ھەر بىر ئۇيغۇر چوقۇم ئۆز مىللىتىنىڭ كىيىمىنى كىيىش كىرەك، باشقىلارنى دورىماسلىقى كىرەك» دىگەن سۆز مەنتىقىغە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى ھىچكىمنىڭ مىللەت ئۈچۈن ياشاش ۋازىپىسى يوق، ھەممىمىز ئەركىن ئادەملەر، ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن ھايات تاللىشىمىز بولىدۇ، ھەرگىزمۇ تىللاپ ياكى مەجبۇرلاپ بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەشۇ ھىجابلىق ئاياللىرىمىزنىڭ (ۋە شۇ پىكىردىكى يىگىتلىرىمىزنىڭ)ئۆزىدەك كىيىنمىگەن ياكى پىكىرى ئۆزىگە ئوخشىمىغان كىشىلەرنى ھەم باراۋەر كۆزدە كۆرۈشى، ئۇلارنىڭ تاللىشى ۋە كىشىلىك ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئىمانىنى پەش قىلىپ باشقىلارنى مۇرتەد ياكى مۇناپىققا چىقارماسلىقى لازىمدۇر، ئىمان قۇرۇق شوئاردا ئەمەس بەلكى ساپ قەلىبتە بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-29 03:37 AM