مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3368|ئىنكاس: 72

مەن بىر تۈگەشكەن ئىنسان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51038
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-8-9
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 01:43:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
               sy_20090718140325124347.jpg
  
              مەن بىر تۇگەشكەن ئىنسان
                                                    (پۇچۇق)


                                          مەن بىر تۇگەشكەن ئىنسان ،
                                         تىنىمدا ئاقىدۇ ئۇيغۇردىكى قان،
                                         كىيىنىشىم يىرىم يالىڭاچ ،
                                         ئانام مىنى مۇسۇلمان تۇغقان .


                                        مەن بىر تۇگەشكەن ئىنسان ،
                                       ئىپپەت نۇمۇس،ھايا يوقاتقان.
                                      ھاراق ئىچىپ تاشلاندۇق بولۇپ،
                                      ئەخلەتلەردىن پەرقى قالمىغان .


                                       مەن بىر تۇگەشكەن ئىنسان ،
                                      بۆرىلەردىن چىشلەپ تالانغان  ،
                                     جۇدۇنلاردا تىنەپ-تەمتىرەپ ،
                                     سۆيۈلۈشتىن ھەم مەھرۇم قالغان.


                                      مەن بىر تۈگەشكەن ئىنسان ،
                                     ئاسمىنىمدىن قۇياش يوقالغان،
                                    كۈلۈمسىرەپ يۈرىمەن خۇشال ،
                                    يۈرىكىمدىن ئاقىدۇ قان-قان.
      
                                    مەن بىر تۈگەشكەن ئىنسان ،
                                   مۇسلىم تۇرۇپ ھىجاپلانمىغان ،
                                  چۇنكى بۇ بۇلغانغان تەننى ،
                                  ھىجاپ نىقاپ ياپالمايدىغان .


                                تەكلىماكاندا تۇرىمەن يالغۇز،
                               تۇتۇق ئاسمان چىقماقتا بوران ،
                               چەكسىز قۇملۇق، نىشانىم قايان ،
                               بىلمەيمەن،
                              چۈنكى مەن تۈگەشكەن ئىنسان .


         مەنبە : ئۆزۇم  
(پۇچۇق نامى بىلەن ئۈندىدار سالونىدا بىر قىتىم ئىلان قىلىنغان )


               


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102693
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 07:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىىسل شىئىركەن رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2954
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16859
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2623 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 07:45:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چۈشكۈن شېئىرنىڭ ئارقا تېمىدا ‹‹مەن تۈگەشمىگەن ئىنسان››دىگەن بىر نىدا ئاڭلانغاندەك بولدى....تەبئىھېسلار ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101269
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 367
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 08:14:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر «تۈگەشكەن»لەرنىڭ زامانى، يالىڭاچ يۈرۈش «مەدەنىيەت»نىڭ يۇقۇرى «سەۋىيە»نىڭ بەلگىسى.
بۇرۇن «چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا » دېسە ھازىر «كىيمى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا » دەيدىكەن.
قارىغاندا قىزلارنىڭ كىيمى قانچە ئوچۇق بولسا شۇنچە بىلىملىك دەپ چۈشىنىش كېرەككەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5247
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1971 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 08:40:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىم -كىچەك ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقى ،ئىتىقادىنىڭ تېيز-چوڭقۇرلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ....نىمىدىگەن نادانلىق.كىيىم-كىچەك بولسا ئىجدىمائى مۇھىت ،جوغراپىيىلىك شارائىت قاتارلىق تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ .بىز ھازىر مۇسۇلمانلىقنىڭ ،مۇسلىمەلىكنىڭ بەلگىسى دەپ قاراتقان ھىجاپنى تىروپىك بەلۋاغدا ،ئىككى مۇز قۇتۇپتا  كىيىشكە ماس كەلمەيدۇ .ئوتتۇرا شەرق قۇرغان ،تىمپىراتۇرا يۇقىرى ،قۇم بورانلىق تەبىي شارائىتكە ئاسان يۇز-كۆزىنى قۇم -توپا ،كۆيۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھىجابقا ئوخشاش ئەرەب مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى بولۇشىغا مۇشۇنداق شارائىتتىن بولغان .ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار توپىك بەلۋاغدا ياشىغان بولغان بولساق بەلكى ئەتلەس دىگەن ئۇقۇمنى ،دوپپا دىگەن ئۇقۇمنى ئەسلا بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ئىدى .
             ئەخلاقى شەرمىي-ھايالىق كىيىنىش ،بىر ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ،.ۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ مىللى ئىتىقادىنىڭ ،مىللى غورۇرىنىڭ يۇقىرى بولىشى  مۇشۇنداق تۈگەشكەن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ يەنە بارلىققا كىلىشىنى توسىدۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2059
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 08:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇلارنى تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىپ يەتكەن بولسىڭىزلا ،سىز ھەرگىزمۇ تۈگەشكەن ئىنسان ئەمەس.
دۇنيالىقتا نۇرغۇن ئىشلارغا قارىسام كۈلگۈم كىلىدۇ.باشقا جايلاردا قانداق بىلمەيمەن.ئشقىلىپ بىزنىڭ بۇ جايلاردا ياشلىقتا ھۆكۈمەتكە جاننى تىكىپ تۇرۇپ ئىشلەيمىز.نامازنى تاشلايمىز.پارتىيەگە كىرىپ قالساق ،پىنسىيەگە چىقىپ بۇلۇپمۇ يەنە خاتىرجەم ھالدا مەسجىدكە چىقالماي يۈرىمىز.بۇنداق كادىرلار نۇرغۇننى كۆردۈم.مەقسەت نىمە؟شۇ پۇل ،بۇ دۇنيالىقتىكى ئازغىنە راھەت ئۈچۈن خالاس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4942
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 08:54:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئۇ سېنىڭ ئانىلىرىڭ, ئۇ سېنىڭ ئگىچى_سىڭىللىرىڭ, ئۇ سېنىڭ قىزلىرىڭ...
      ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلايلى … … …
          امن!!!

    اللەنىڭ نەزلىدە بىر مۇئمىننىڭ ھورمىتى كەئبىنىڭ ھۆرمىتىدىنمۇ ئۇلۇغدۇر !!!

ئەقىدە ئۈچۈن ياپتىڭىز رومال,
قىلغان ۋەجىدىن ئۆلۈمنى خىيال,
ھالا بۇ كۈندە باشقىچە بىر ھال,
قىلىنىپ قامال, مۇئمىنە ئايال.

ھەممە تەرەپتە سىزنىڭ گېپىڭىز,
ھەممىدىن يامان سىزنىڭ ئېتىڭىز,
ھەق يولدا تۇرۇپ سىزنىڭ سېپىڭىز,
بولدىڭىز ئوسال, مۇئمىنە ئايال.

قالىسىز پات_پات ئۇرۇپ_سولىنىپ,
تالاي پۇلىڭىز كەتتى بۇلىنىپ,
كەلسە زۇلۇمغا زۇلۇم ئۇلىنىپ,
سىز يەنە خوشال, مۇئمىنە ئايال.

خالىغىنىچە قىلسا ھاقارەت,
گاھىدا ھىلە, گاھى سىياسەت.
يېلىنمىدىڭىز ئۇلارغا پەقەت,
دىگەن يوق ئۇۋال. مۇئمىنە ئايال.

ياش تۆكمىدىڭىز ھەقتىن بۆلەككە,
تايانمىدىڭىز باتىل يۆلەككە,
بوي بەرمىدىڭىز شەيتانغا چەككە,
دىدىڭىز يوقال! مۇئمىنە ئايال.

دەئۋەتچى بولۇپ جاسارەت بىلەن,
ئۆتتىڭىز شۇنداق تىجارەت بىلەن,
كېچىلەر راھەت ئبادەت بىلەن,
سىز بىزگە سوئال, مۇئمىنە ئايال.

تالاي<مۇسۇلمان> ھىجاپسىز كېتەر,
سەبرىڭىز سىزنىڭ ئالەمگە يېتەر,
ئاللاھ ئالدىدا ھىساپتىن ئۆتەر,
شۇ ئەزىز رومال, مۇئمىنە ئايال!

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
intikam2 + 39 ئاللاھ رازى بولسۇن قې.
amannisa + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

ادام ساتىپ اقشا تاباتىن زامان كەلگەن ەكەن عوي. (بىزگە قازاقنىڭ باھاسى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51038
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-8-9
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 08:59:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئالەمچە خۇشال بولدۇم ... قىزلىرىمىزنىڭ تۈگەشمىگەن ئىنسان بولىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ....رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 09:09:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-28 08:40 PM
كىيىم -كىچەك ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقى ،ئىتىقادىن ...

سىز دەك مۇشۇنداق ھىجاپ ئەرەپلەرنىڭ كىيمى دەيدىغانلار  بولغاچقا ھىجاپلىق مۇسلىمەلەر سىرىتلارغا ئەركىن چىقالمايۋاتىمىز. مۇشۇنداق ياخشى تېمىلاردا سىزنىڭ ئنكاسىڭىزنى پەقەت كۆرگۈم يوق. گۈلزارلىقتا شۇمبۇيىغا  ئۇچرىغاندەك.......
اللە ھىدايەت قىلسۇن.

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 09:17:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gayur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-28 08:54 PM
ئۇ سېنىڭ ئانىلىرىڭ, ئۇ سېنىڭ ئگىچى_سىڭىللىرىڭ, ئۇ سېن ...

اللە رازى بولسۇن  قېرىندىشىم.

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش