سـۆيـگــۈ نـەپـرىـتـــى.
سۆيەتتىم مەن سىنى دىلدىن ، يۈرەكتىن،
بىلمەيسەن خىيالىم سەندىلا ھامان.
بەلكى سەن بىپەرۋا قاراپ سۆيگۈمگە،
ئۇنۇتتۇڭ،قەلبىمدە قالدۇردۇڭ ئارمان.
شۇندىمۇ سۆيىمەن يۈرەكتىن سىنى،
ئۇنۇتسام ئازاپكەن،ئەسلىسەم تىخى.
ئىچىلماي توزىدى بەخىت گۈلىمىز،
مۇھەببەت ئەزەلدىن ئازاپقا سېخى.
چىن دىلدىن قوشقوللاپ سۇنغانتىم ساڭا،
ئالتۇندەك پاك يۈرەك،ئوتلۇق قەلبىمنى.
تەلمۇرگەن ساڭىلا جان نىگارىم دەپ،
قالدۇردۇڭ مەڭگۈگە ئارزۇ-سۆيگۈمنى.
خەيىر ، مەڭگۈلۈككە بەخىتلىك بولغايسەن نىگارىم .
ئەلۋىدا ئەقىدەم ..........
ئەلۋىدا پاك سۆيگۈم.........