ئەجدادلىرىمىز بۈگۈنىمىزگىچە قوللۇنۇپ داۋاملىشىۋاتقان يەرناملىرىمىز ئاناتىلىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەۋەررۈك، يېزىقسىز تارىخى خاتېرە سۈپىتىدەمىراس، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدەم ئىزىسۈپىتىدە مۇھىم تارىخى ھۆججەت ئىدى. ئەپسۇس بىز يېڭىدىن بىنا بولىۋاتقانماكانلىرىمىزغا ئەجدادلىرىمىز كەبى ئىسىم قويالمايلا قالماستىن، ئەجدادلىرىمىزبىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن تەييار يەرناملىرىمىزغىمۇ ئىگە بولماي، خۇددى رەقەمناملىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىۋاتقىنىمىزدەك، قەدىم يەرناملىرىمىزغىمۇ ئاڭقاۋلارچەئاسىيلىق قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئالدىدا جىنايەتكارلىق، ئۇياتلىق قەدەملەرنىبېسىۋاتماقتىمىز. مۇشۇ مۇناسىبەت بىلەن مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپمۇدىرىم ھەم خىمىيە ئوقۇتقۇچۇم سۇلتان مامۇت ئىبراھىم ئۇستاز(ھازىر پىنسىۇنۇربولۇپ، تارىخ ۋە يەرناملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاماقتا)نىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىكگېزىتى» 2013- يىللىق 31- ئۆكتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلدۇرغان ماقالىسىنىھوزۇرىڭىزلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم، ھەممىمىزنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىمىزغائەرزىيىدىغانلىقى ئۈچۈن، كومپيۇتېردا قايتىدىن ئۇرۇپ چىقىتىم، ئىملادا خاتالىقكۆرۈلگەن جايلار بولسا، ئۇستازلار ئەپۇ نەزىرى بىلەن كۆرسەتمە بەرگەي
يەرناملىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەمسىز؟
سۇلتان مامۇت ئىبراھىم
تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭبىرى بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ قەدىمكى دەۋىلەردىن تارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىنتەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇپ ئىتەكلىرىدە ياشاپ كەلگەن، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆزلىرىماكانلاشقان جايلارغا ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بويىچە نام بەرگەن بولۇپ، بۇ يەرناملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن، بۇنى ھەرقايسى جايلارنىڭئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن تارتىپ تۈزۈلۈشكە باشلىغان يەرناملىرى تەزكىرىلىرىئوبدان ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان ئاشۇ يەرناملىرى ئاناتىلىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەۋەررۈك، يېزىقسىز تارىخى خاتېرە سۈپىتىدەمىراس، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدەم ئىزىسۈپىتىدە تارىخى ھۆججەت بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاشۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاناماكانى توغرىسىدىكى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان نەخ پاكىت ھېساپلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى1962- يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇپ چىگراسىدىكى «ئاق سايچىن»دېگەن جاينى ئۆكتەملىك بىلەن تالاشقاندا، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاق سايچىن» دېگەنيەرنامىنىڭ ئۇيغۇرچە يەر نامى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگۇ پۇقراسىئىكەنلىكىنى، شۇڭا «ئاق سايچىن»نىڭ جۇڭگۇغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ھىندىستان تەرەپنى مات قىلغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئەمىلى مىسال ئارقىلىقئوبدان ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. شۇڭا، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كاتىپىبولغان ئابدۇقادىر ئىممەت ئەپەندى مېنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2001- يىل 12-ئۆتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان «‹زەرەپشان دەرياسى› دېگەن نام توغرىسىدا» دېگەنماقالامنى قوللاش يۈزىسىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2002- يىلى 19- ئۆتەبىرسانىدا ئېلان قىلىنغان «‹زەرەپشان› ئاتالغۇسى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسدا: «ئەگەرئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ئېچىپ، گۈللەندۈرۈپ ياشاپ كەلگەن بۇ زىمىندىكى ‹يەكەندەرياسى›، ‹يەكەن ناھىيىسى› دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزلەر ‹زەرەپشان دەرياسى›، ‹زەرەپشانناھىيىسى› دېگەن پارسچە سۆزگە ئۆزگىرىپ كەتسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پارسچەسۆزلىشىدىغانلاردىن بىرەرسى چىقىپ، بۇ زىمىن بىزنىڭ، چۈنكى بۇ يەرنىڭ ‹زەرەپشان›دېگەن نامىنى بىز قويغان، دەپ داۋا قىلسا، ھازىرقى ‹زەرەپشان›خۇمارلىرىنىڭئەۋلادىنى ئۆزۋاقتىدىكى ھىندىستان دىپلۇماتلىرى ئوسال بولغاندەك، ئاقىۋەتكەقالمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا، ‹زەرەپشان› دېگەن سۆزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانۋە ئۇنى ‹يەكەن› بىلەن بىر مەنىدە ئىشلىتىۋاتقانلارغا ‹ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپسۆزلە› دېگەن ئەقلىيەنى تەقدىم قىلىمەن.» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
تولىمۇئەپسۇسكى، يەرناملىرىمىزنىڭ يۇقۇرىقىدەك، ئالاھىدە ئەھمىيىتى ھەققىدە توغراتونۇشنىڭ بولمىغانلىقىدىنمۇ ياكى ئىنسانغا خاس بىرخىل مەسئۇلىيەتچان تۇيغۇنىڭيوقالغانلىقىدىنمۇ ۋەياكى باشقاسەۋەپتىنمۇ قانداق، بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ يەرناملىرىمىزنى خالىغانچەتاشلىۋىتىشتەك قىلمىشلىرى سادىر بولۇپ كەلمەكتە، بۇنىڭغا مۇنداق ئىككى خىلئەھۋالنى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بىرى، مۇناسىبەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن ھەربىرئائىلىنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە يېزىلغان ئەسلىدىكى كەنت، مەھەللە ناملىرىنى ئىشلىتىشنىڭئورنىغا(مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى كونىنى يوقۇتۇش شۇئارى ئاستىدا خوتەن تەرەپتىكىكەنتلەرنىڭ نامىنى شىئەنفىڭ گۇڭشى، چىئەنجىن دادۈي دېگەندەك پۈتۈنلەي خەنزۇچە «قىزىل»ناملارغا ئۆزگەرتكەن بولسا، قەشقەر تەرەپلەردە كەنت-مەھەللىلەرنىڭ نامىنىرەقەملەرگە ئۆزگەرتىۋىتىلگەن بولۇپ، ئاشۇ چاغدىكى رەقەم ناملىرىنى ئىشلىتىپ-قۇتلان ئىزاھاتى) 1- كەنت، 2- مەھەللە دەپ ئاتاشتەك ئەھۋال(سادىر بولماقتا)،بۇنداق بولىشىدا بەزى ناھىيىلەردە كەنت، مەھەللە ناملىرىنى رەقەم بىلەن ئاتاشنىبىرخىل مەمۇرى بۇيرۇق سۈپىتىدە يولغا قويۇپ، ھەرخىل ئاممىۋى يىغىلىشلاردامۇناسىبەتلىك رەھبەرلەرنىڭ مۇشۇ بويىچە ئاتاپ كىلىۋاتقانلىقى ئاساسى سەۋەپبولماقتا. بۇنداق بولغاندا يەرناملىرىدا ئىپادىلەنگەن خاسلىق پۈتۈنلەي يوقۇلۇپكېتىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە كۆرسۈتۈپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردەھەرقانداق كەنت، مەھەللە ناملىرى بۇرۇنقى ناملىرى بويىچە ئەينەن ساقلىنىغلىق بولۇپبىزنىڭكىدەك رەقەم بىلەن ئاتالمايدۇ. يەنە بىرى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ بەزى قەدىمكىئۇيغۇرچە يەرناملىرىنى تاشلىۋىتىپ، ئۇلارنى باشقىچە نام بىلەن ئاتىشىدەك ئەھۋال.مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە ئۇچراۋاتقان ھەمدە كۆپچىللىك كىشىلەر بىلىدىغان يەرناملىرىمىزدىن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر ناھىيىنىڭ قەدىمكى نامى بولغان«توقسۇ»، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى «دۆڭ كۆۋرۈك»، «قىزىلتاغ»؛ قەشقەر شەھىرىدىكى«قىزىلنىڭ كۆۋرىكى»، يەكەن(ئەسلى تەلەپپۇزى ياركەند) بازىرىدىكى «غادى گەرلىك»قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، يەرناملىرىمىزنى تاشلىۋىتىشتەك،بۇنداق خاتا قىلىقلار، بىر تەرەپتىن ئەجدادلىرىمىزغا قىلىنغان ئاسىيلىقھېساپلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن گوۋۇيۇەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلقھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىبەتلىك پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئالايلۇق، گوۋۇيۇەن تەرەپىدىن 1986- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېلان قىلىنغان «يەرناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 3- ماددىسىدا: «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا چوقۇممەملىكىتىمىز يەر ناملىرىنىڭ تارىختىكىسى بىلەن ھازىرقىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىڭنىسپى تۇراقلىقىنى ساقلاش كېرەك، يەرناملىرىنى قويۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە توغراكەلگەندە نىزامدا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چەكلىمىسىبويىچە يۇقۇرىغا يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك. تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇنۋە شەخس ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارار قىلماسلىقى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1989- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى 7-نۇمۇرلۇق پەرمانى بولغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ يەرناملىرىنى باشقۇرۇشھەققىدىكى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 4- ماددىسىدا: «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا يەرناملىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىغا ھۆرمەت قىلىش، يەر ناملىرىنىڭ نىسپىتۇراقلىقىنى ساقلاش، ھەقىقەتەن نام بېرىشكە ۋە نامنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندەمۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە تەستىقلىتىشلازىم. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جايلارغا ئۆز ئالدىغا تەستىقسىز نام بېرىشكە ۋەيەرناملىرىنى ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ» دەپ بەلگۈلەنگەن. 6- ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا: «نامى ئازسانلىق مىللەت تىلىدا قويۇلغان يەر ناملىرىنى خالىغانچەقىسقارتىشقا، شۇ جايدىكى ئامما قوللۇنۇپ ئادەتلەنگەن يەرناملىرىنى خالىغانچەئۆزگەرتىشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا» بولمايدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن. 10- ماددىسىدا:«ھۆججەت- ئالاقە، خەرىتە، ئوقۇتۇشماتىرىيالى، گېزىت – ژورنال، رادىۇ، كىنو- تىياتىرلاردا ئىشلىتىلگەن يەرناملىرىتوغرا ھەم قىلىپلاشقان بولىشى لازىم» دەپ بەلگۈلەنگەن. شۇڭا كىشىلەرنىڭيەرناملىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېنىق تونۇغان ئاساستا يەرناملىرىمىزغا بىرخىلمەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، گوۋۇيۇەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر ناملىرىنى قوغداش ھەققىدىكى پەرمانلىرىنىتولۇق ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
بۇماقالا ئاپتۇر ئۇستازىمىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2013- يىللىق31- ئۆكتەبىردىكى سانىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-22 03:23 AM