|
|
|
|
ئۈرۈمچى ۋاقتى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 26- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا جېجىياڭ گۇاڭشىيا ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن خاندېرسېننىڭ 25 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ،8 قېتىم ياردەمچى پاس بىرىشى ۋە ئۈچ نەپەر ئەزانىڭ 20 دىن يۇقۇرى نۇمۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى 130-121 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ گۇاڭشىيا ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جېجىياڭ گۇاڭشىيا ۋاسكىتبول كوماندىسىىنى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ قىلدى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 21 مەيدان غەلبە قىلىش 5 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى سېنگېلدون 29 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خاندېرسېن 25 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 23 نۇمۇر، 9 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 16 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈچاڭدۇڭ 14 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇ شۇنەن 9 نۇمۇر ئالدى؛ سۇۋىي 6 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسىدىن جىبۇسېن 36 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لېن جېجى 31 نۇمۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋاڭ جىڭ 20 نۇمۇر، 15 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۇ خەن سۈن 16 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 24-يانۋار قارشى تەرەپ مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى http://waskitbol.com/forum.php
|
|
|
|
|
|