مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1270|ئىنكاس: 30

رۇستەم قاراسۇ : مودىكەنمىش توۋا خۇدايىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رۇستەم قارسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 1654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39394
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى


توۋا خۇدايىم


يۈزىدە ماي تەبىيلىكى يوق،

ئۇ گۈزەلنىڭ سەبىيلىكى يوق،

خۇددى سۈرەت بەدئىيلىكى يوق،

مۇدىكەنمىش توۋا خۇدايىم.


ئۇچرىغانغا نازلىنىپ قاراپ،

ساچلارىنى كوچىدا تاراپ،

رۇمكا سۇقۇپ ئېچىشلەر شاراپ،

مودىكەنمىش توۋا خۇدايىم.


شەرمى-ھايا يۇقۇلۇپ كەتكەن،

گۇناھلىرى پەلەككە يەتكەن،

بەدەنلەرگە خەتلەرنى چەككەن،

مودىكەنمىش توۋا خۇدايىم.


گۈزەللىككەن ئالتۇن جابدۇقى،

كەيىپلەردىن چىقار ھاردۇقى،

گىرىملەرگە تولۇش ساندۇقى،

مودىكەنمىش توۋا خۇدايىم.


ئېسىت-ئېسىت،ئەي گۈزەل قىزچاق،

ھاياتىڭغا قىلدىڭغۇ چاقچاق،

شۇ شەيتانغا بولۇشمۇ قونچاق،

مودىكەنمىش توۋا خۇدايىم.


رۇستەم قاراسۇ...2014.1.18كۈنى


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئانا تىلىم جان تىلىم ، ئانا بە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18470
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇستەمكا بۇ شېئىرىڭىز جەمىيەتتىكى بىر قىسم ئاتالمىش مودا خېنىملارغا قامچە بوپتۇ. ئىشقىلىپ قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەسۇن ياراتقۇچى.

ئەرلەر مىللەت ئۈچ مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1810
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11820
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1611 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاش كۆز جايىدا بولسا ،باشقا نەرسە بازاردا بار دىگەن شۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92776
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر يېزىش سۈرئىتى بەكلا تېزكەن بۇ رۇستەمجاننىڭ،بۇنى مەنچە شېئىر دېگەندىن كۆرە قوشاق دېگىنى تۈزۈك.يېڭى چىققان تېمىلاردىن 70تېما ئىچىدە تۆت يەرنى رۇستەمجان ئېلىۋاپتۇ.بۇ مەنچە ياخشى ئىش ئەمەس.بۇ رۇستەمجان بىر ۋاقىتلاردا ئىزدىنىشتىكى ئىنكاسچىلارغا تاقابىل تۇرالماي ئۇ يەرگە تېما يوللىماس بوپ قالدى.
بۇ شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكى بەكلا تۆۋەن بوپ قاپتۇ.بۇنداق مەزمۇننى بىر ماقالىنى ياخشى يازالايدىغان بىر كىچىك بالىمۇ ئۆز ئاغزىدا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.بولسا رۇستەمجاننىڭ سۈرئەت قوغلاشماي،باشقىلار ماڭمىغان يولدا مېڭىشىنى،بۇرۇن ئېيتىلىپ بولغان سۆزلەرنى قوشاق توقۇپ مۇنبەرنى مەشىق دەپتىرى قىلىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باشقۇرغۇچىلار،مېنىڭ بۇ ئىنكاسىم تەستىقسىز قالمىسۇن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
rustorahbar + 10 سىز ھەقىقى بىر ئويغاق .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

رۇستەم قارسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 1654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39394
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
shepqethemshiri يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 10:19 PM
شېئىر يېزىش سۈرئىتى بەكلا تېزكەن بۇ رۇستەمجاننىڭ،بۇنى ...


بۇ ئىنكاسىڭىزدىن ھەرگىزمۇ خاپا بولمىدۇم قېرىندشىم .سىز ئىزدېنىشنى تىلغا ئىلىپسىز سىزگە سەۋەپنى چۆشەندۈرسەم بەلكىم يەنە بىر گەپ تېپىشىڭىزغا گۇمان قىلمايمەن .سىزگە خوش بولغۇدەك جاۋاب بېرەي
مەن ئېزدىنىشقا لايىق ئەمەس .مەن مۇشۇ مىسرانىمدا باشلىغان يەنە مۇشۇ مىسرانىمدا ئاياغلاشتۇرىمەن.
ئېزدىنىشقا لايىق بولۇپ چۇقۇم كىرىمەن .ئەگەر سىز مېنى مۇنبەرنى مەشىق دەپتىرى قىلىۋالدى دىگەن بوسىڭىز سىزگە ئۇچۇقلادەي ماڭا ھەقسىز ئۇستاز تېپىپ بىرەمسىز ؟ ياق بەلكىم تۆت تەڭگە پۇلڭىزغا دەپتەر قەلم ئىلىپ بىرەلەسىز...............لىكىن مەن مۇشۇنداق سىز كۆزگە ئىلمىغان مىسرالاردىن ئالاھ خالىسا چۇقۇم خەلقىم ياقتۇرغىدەك مىسرانىمنى مەشىق دەپتىرى قىلىپ ئاۋاۋرە قىلغاندەك مىسرانىمغا يۈز كىلەلگىدەك بىر شائىر بولۇشقا تېرىشىمەن گەپ تامام ئەگەر يەنە پىكرىڭىز بولسا 449743158 ئۈندىدەر .


ئادەمنى ئادەم چۆشەنمىسە،
ھايۋاننى يېنىغا تارتماي ئامال يوق.  رۇستەم قاراسۇ

ھە راس سىزگە ھەممە بارلىق مۇنبەرداشلارغا مېنى مۇنبەرنى مەشىق دەپتىرى دەپ ئويلاپ قالغان قېرىنداشلىرىمغا شەخسەن ئۆشبۇ شېئر دەپ يازغان يىرىم يوق پەقەت دوستۇم ياش ناخشىچى  
(دىلشات ئىسمايىلنىڭ) بۇيرىتمىسى بىلەن يېزىپ چىققان ئىدىم .
قالغىنى ئاللاھقا ئايان بۇ شېئر راستىنى دىسەم خاتىرەمدىمۇ يوق .چۈنكى بۇ پەقەت مۇڭ كۈي قىلىپ ناىشا قىلىنماقچى بولغانلىقتىنلا شۇنداق قۇشاق خەلقىمىز ئىشلىتىپ بولغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى توغرا كۆردۈم.
خاتا چۆشنچە بولسا ئەپۇ سۇرايمەن .

ئادەم ئۇخلاپ جۆيلىسە يارىشىدۇ،
ئويغاق جۆيلىسە كۈلكىگە قالىدۇ.     رۇستەم قاراسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-21 10:46 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

كـۈرەشـجان

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7253
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5415 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكىم تۆت تەڭگە پۇلڭىزغا دەپتەر قەلم ئىلىپ بىرەلەسىز...............لىكىن مەن مۇشۇنداق سىز كۆزگە ئىلمىغان مىسرالاردىن ئالاھ خالىسا چۇقۇم خەلقى م ياقتۇرغىدەك مىسرانىمنى مەشىق دەپتىرى قىلىپ ئاۋاۋرە قىلغاندەك مىسرانىمغا يۈز كىلەلگىدەك بىر شائىر بولۇشقا تېرىشىمەن گەپ تامام ئەگەر يەنە پىكرىڭىز بولسا 449743158 ئۈندىدەر .

ئادەمنى ئادەم چۆشەنمىسە،
ھايۋاننى يېنىغا تارتماي ئامال يوق.  رۇستەم قاراسۇ



رۇستەمجان سىزگىغۇ دوستانە تەكلىپ بەرگىلى بولمايدۇ . سىز ھەرگىزمۇ تەنقىد نى قۇبۇل قىلىدىغان بالا ئەمەس مەن بىلىمەن .
لىكىن سىزگە يەنىلا تەكلىپ ! ئاۋۇ خەلىقىم دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە ئازىراق بالدۇرلۇق قىلامسىز قانداق ؟

يەنە بىر گەپ ، مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ بىر ناخشىسى بار . ‹‹ گۈزەللىك سەندە ›› دەيدىغان ، تېكىستلىرى ناھايتى يېقىملىق . شۇ ناخشا تېكىستىنى ئوبدانراق كۆرۈپ باقسىڭىز بولاركەن ، نۇقۇل ھالدا قارا-قۇيۇق قاپىيە قوغلاشماي ... مەن ئويلىغىنىمنى دەپ باقتىم قەتئى خاپا بولماڭ .

ئەگەر قۇش بولۇپ قالسام ، بېشىڭغا چىچاتىم .

رۇستەم قارسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 1654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39394
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
KURAX.JAN يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 11:05 PM
بەلكىم تۆت تەڭگە پۇلڭىزغا دەپتەر قەلم ئىلىپ بىرەلەسىز. ...

ئەلۋەتتە بولىدۇ قېرىندشىم .ئۇ ناخشىنى ئۆزۈممۇ ياخشى كۆرىمەن ،مەن تەكلىپنى قۇبۇل قىلىمەن قېرىندشىم چۈنكى كىبىرلىك دىگەن ئادەمگە ياراشمايدۇ.
لىكىن مېنىڭ كەچمىشىمنى سزگە ياكى مۇنبەرگە تۆكمە قىلىپ يېيىپ ئولتۇرشۇمنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.
ھازىرچە توغرا چۆشۈنۈپ تۇرغايسىلەر .
بولسا مۇشۇنداق تەنقىد -پىكىرلەرنى بىرىشىڭلارغا مۇھتاج مەن ...

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83897
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3320
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇمۇ شېئىر بولدىمۇ ؟
توۋا قىلدىم ۋاي توۋا .
مۇشۇنداق تاققا تۇققۇ شېئىرلانى يىزىپ يۈرگۈچە سۈيدۈكىڭىزدە لاي ئىتىپ ئويناڭە ....

بۇ دۇنيادا كۆپتۈر كۆرمىگىنىڭ ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن  ئۆلمىگىنىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79227
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان شىئىرلاركەن ...ئىشقىلىپ مىنىڭ ھازىر بىرسىنى برىسىگە سىلىشتۇرۇپ ئولتۇرغۇم يوق...
سىلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە ئاۋال بىز بۇرۇنقىلارنى ئۆزىمىزگە سىلىشتۇرۇپ باقايلى..

ھەۋەسىڭ يوق ھەۋەسىڭ يوق ئۇپا ئەڭلىككە.
....
بۇ مۆمىنجاننىڭ بۇ ناخشا قاچان ئىيتىلغان ..،نى زامانلار بولدى 10يىلدا ئۆزگىرىش تىزلەشتى...

مۇساپىر بولغان چىغىڭىزدا دۇنيانى ھەقىقى چۈشىنىسىز. ئۆيدە ئولتۇرۇپ ياكى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ پەقەت شۇ ئۆيڭىزدىكىلەرنى چۈشىنىسىز.... ياكى مەشىق دەپتىرىگە يىزىلغاننى. لىكىن كوچىغا مۇساپىر بولۇپ چىقسىڭىز ....ئادەم كەبى ياشاۋاتقان مەخلۇقلارنى چۈشىنىىسىز..گەپ تامام ۋەسسالام ..بۇ شىئىر مىنىڭچە دەل جايىدا بوپتۇ....تىخىمۇ تىرىشىڭ !!!


باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 4696
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20605
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1510 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇستەم قاراسۇ تورداشلار ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپتۇ......
مەنمۇ يۇقۇردىكىدەك پىكىرلەرنى بەرگىنىم ئېسىمدە....
سىزنىڭ قانداق جاۋاب قايتۇرغىنىڭىزمۇ ئېسىمدە ھەم ئېسىڭىزدە...

مۇمكىن بولسا سەمىمى تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىپ... شېئىر ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگەرلەپ
چوڭقۇر مەزمونلۇق شېئىرلارنى روياپقا چىقرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن...

سىزنى تۇنجى بولۇپ ئالمىزاردا ئۇچراتقىنىم ئېسىمدە...
شۇنچە ئۇزۇن بولدى بۇرۇنقى پەدىگە ئېسىلىۋالماي ئۈزلۈكسىز ئالغا قەدەم تاشلاڭ....

قەلمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۈيۈپ قالدىم . (تۈرۈك ھېكمەتلىرى)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش