مۇقام گۈزەل-سەنئەت كارىدورى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ! قىرىنداشلار!
بىز ھەرقايسى ئالىي مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىدە ئوقوۋاتقان سىتودىنتلار تەشكىللىنىپ ( مۇقام )نى باش تىما قىلغان ئاساستا گۈزەل-سەنئەت كارىدورى بەرپا قىلدۇق.
گۈزەل-سەنئەت بولسا سەنئەت ئائىلىسىنىڭ ئائىلە باشلىقى ھىسابلىندۇ. شۇڭا بۇ ئائىلىدە ئائىلە تەربىيەسى ناھايتتى سىستىمىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ. شۇ سەۋەب سەنئەت ئائىلىسىدىكى سەنئەت تۈرلىرىنىڭ كەسپى ئالاھىدىلىكىمۇ گۈزەل-سەنئەتنىڭ سەنئەت ھىسياتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا جەمىئەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن تارتىپ ئېڭ كاتتا ئورۇنلارغىچە، كىچىك بىر يىڭنىدىن تارتىپ تاكى ئۆزىمىزگىچە گۈزەل-سەنئەتتىن قەتئىي ئايرىلالمايمىز. مەسىلەن: سىز ئىشلىتىۋاتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىۋاتقان كىيىم-كىچەكلەر بولسا قول ھۆنەرۋەنچىلىك بىلەن لاھىيەلەش كەسپىنىڭ مەھسۇلى، سىز ئولتۇرۋاتقان ئۆي، مىڭىۋاتقان يوللىرىڭىز بولسا قۇرلۇش لاھىيەلەش كەشپىنىڭ مەھسۇلى، ئۆيىڭىزنىڭ تىمىغا ئىسىلغان زىننەت رەسىم، ماي بوياق رەسىملەر رەسساملىقنىڭ مەھسۇلى ئەلۋەتتە.
تۇرمىشىڭىزدا كۆزىڭىزگە چىلىققانلىكى نەرسىنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئائىلىسىدىكى مەلۇم بىر تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكى چوقۇم ئىسىڭىزدە بولسۇن!
بىز تۇرمۇشتا گۈزەل-سەنئەتتىن ئايرىلالمايمىز! ئادەتتە بىز قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشىمىز گۈزەل-سەنئەت ئائىلىسىدىكىلەر دىن قىچىپ قۇتىلالمايدۇ.
شۇڭا بىز ھەرقايسى ئالىي مەكتەپنىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىدە ئوقوۋاتقان سىتودىنتلار تەشكىللىنىپ كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىدىن مەنزىرە رەسىمى ، ئادەم باش رەسىمى ، تىنىچ جىسىم رەسىمى قاتارلىقلارنى ماي بوياق ، سۇ بوياق ، سىدامسىزما ، ئاق-قارا ۋە چەكمە رەسىم قاتارلىق رەسىم تۈرلىرى بويىچە سىزىپ سىتىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ گۈزەل-سەنئەتكە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ گۈزەل-سەنئەتنىڭ سەنئەت خۇمار خەلقىمىزنىڭ ئۆيلىرىگىچە كېرەلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
يەنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن رەسىملەرنى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىنى ( پورتىرىتىنى) خالىغانچە سىزغۇسسىڭىز بولىدۇ ، شۇنداقلا جۇڭگۇ ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق (ئۇستاز) رەسساملانىڭ ئەسەرلىرىنى تەلىپىڭلارغا ئاساسەن كۆچۈرۈپ سىزىپ بىرىلىدۇ.
گۈزەل-سەنئەتكە قىززۇققۇچىلارغا ياخشى پۇرسەت كەلدى، ئەمدى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن رەسىملەرنى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىنى ( پورتىرىتىنى) سىزدۇرۇپ ،گۈزەل-سەنئەتتىن خالىغان ۋاقىتتا ھوزۇر ئالايدىغان ۋاقىتلا يىتىپ كەلدى.
بىز سەنئەت خۇمار خەلقىمىزگە گۈزەل-سەنئەتتىن خالىغان ۋاقىتتا ھوزۇر ئالايدىغان پۇرسەت يارىتىپ بىرىشتىن سىرىت يەنە گۈزەل-سەنئەتكە قىزىقىدىغان بالىلارنى تەربىيەلەشنىمۇ ئاساس قىلدۇق.
شەنبە-يەكشەنبىلىك، كەچلىك ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئاساسىنى يىتىلدۈرۈش ۋە بالىلارنىڭ تەپپەككۇر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقى سەنئەت قىممىتى بار، تەپپەككۇرنىڭ ھوسۇللۇق بىلىملىرى مۇجەسسەملەنگەن گۈزەل-سەنئەت ئاساسى بىلىملىرىنى ئۈگىتىشكە تەييارلاندۇق.
ئەمدى سىزگە گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى( ھەرخىل سىزما رەسىم ) لازىم بولسا ياكى گۈزەل-سەنئەت كەسپىدىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى لازىم بولسا ئىككىلەنمەي بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
( گۈزەل-سەنئەت كەسپىدە ئوقوۋاتقان ياكى گۈزەل-سەنئەت كەسپىدە بلگىلىك تالانتى بارلارمۇ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىزنىڭ سىپىمىزگە قوشۇلۇشىڭلارنى قارشى ئالىمىز)
كەڭ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزنى يىقىندىن قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز! خەلىقنىڭ قوللىشى بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن!