قەھرىتاننىڭ 21-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 81.16 ئەتراپىدا،تۈنۆگۈن ئازراق كەينىگە قايتىش يۈز بەردى.خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1252 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ .تۈنۆگۈن ئامرىكا مارتىن لوتىن كىڭنى خاتىرلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بازار دەم ئالدى ،ئامرىكا ۋە ياۋرۇپا ۋاقتىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىنمىدى ،ھەمدە بازارمۇ تېنىچ بولدى .تۈنۆگۈن ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدىكى جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى بازارغا چوڭ تەسىر ئېلىپ كىلەلمىدى ،بۈگۈن ئامرىكىنىڭ بازىرى قايتا ئېچىلسا بازاردا تەۋرىنىش ھاسىل قىلىدۇ ،لېكىن ئومومى جەھەتتىن ئالغاندا تەسىرى چوڭ بولماسىلىقى مومكىن .جەنوبى ئافرىكىدا كان ئىشچىلىرى چاشەنبە كۈنى (قەھرىتاننىڭ 22-كۈنى) ئىش تاشلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئاق ئالتۇننىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىشى ھەمدە ئالتۇن قاتارلىق قىممەتلىك مىتاللارنىڭ باھاسىنىمۇ ئۆستۈرىشى مومكىن ،
قەھرىتاننىڭ 21-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئۇچۇر يوق ،ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا بازىرىمۇ بىرقەدەر تېنىچ بۇلىشى مومكىن ، ئەتىدىن باشلاپ بۇ ھەپتىدىكى چوڭ بازار باشلىنىش مومكىنچىلىقى يوقىرى .بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن گىرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى رايى كۆرسەتكۈچى ،شىۋىتسارىيەنىڭ 1-ئايلىق مەبلەق سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ،ئەنگىلىيەنىڭ 1-ئايلىق سانائەت زاكاس تالونى پەرق كۆرسەتكۈچى ،كانادا 11-ئايلىق ياساش كەسپى كېمىسازلىق سانلىق ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .ئامرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇرى ياخشى چىقسا دوللارغا زىيانلىق بۇلۇپ ئالتۇن باھاسىنى تېرەككە ئىگە قىلىدۇ ،لېكىن تەسىر قىلىش كۈچى چەكلىك بۇلىدۇ .بۈگۈندىن باشلاپ ياپۇنىيە مەركىزى بانكىسى ئىككى كۈنلۈك پۇل سىياسىتى يىغىنىنى ئاچىدۇ ھەمدە ئەتە ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا يىغىن قارارىنى ئېلان قىلىدۇ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 243يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.92يۈەن
بىر دوللار 6.0474 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.20988 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6420 يۈەن
ياۋرۇ 1.3550 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن