تىرىشچان ئەزا
فېۋرال قار بەدىنى قىمىرلايدۇ فېۋرال، قار لەۋلىرى پچىرلايدۇ فېۋرال، قار غوللىرى غىچىرلايدۇ فېۋرال ، قار قەدىمى شىپىرلايدۇ فېۋرال، قار يۇلتۇزى جىمىرلايدۇ فېۋرال. چايناپ سېغىز كەتتى ئاستا يانىۋار ، ئارخىبىدا ئوتتۇز دىگەن سانى بار ، 24 دەپ ھەسسىلەنگەن كانى بار ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى كىمنىڭ كارى بار ؟ لەمپىلەردىن چىپىلدايدۇ فېۋرال . دوقمۇش ساقلاپ دەقىقىنى سانىدىم ، مۆلچەر بىلەن ھەسەل -تۇزنى ئايرىدىم ، تاما قىلىپ ئۆزگە تىلدا سايرىدىم ، گۆشۈم كېسەل يات تېرەمدە يايرىدىم ، بەتىنكەمدە كىتىرلايدۇ فېۋرال . كەلدى بالام تىلى چىقىپ ‹ ر › لارغا ، سىڭىپ كەتتى سامساق پۇراپ ‹ س› لارغا ، پەرۋا قىلماي قەۋىمدىكى ‹ ق › لارغا ، سەل قارىدى ۋىجداندىكى ‹ ۋ › لارغا ، پىرىسلىنىپ زەي پۇرايدۇ فېۋرال . قالدى ئۆپكەم ماسلىشالماي ھاۋاغا ، يەلكىنى يوق چۈشتى كېمەم ساماغا ، رىزىق ئىزدەپ ئاشىق بولدۇق ناۋاغا ، ئىگىلمەكتە تىزىم ، توۋۋا ، تاماغا ، كىملىكىڭنى كىم سورايدۇ فېۋرال . لوغىتىمنىڭ چىرىقىدىن ئىس چىقتى ، ھەرپىمدىن قۇرت يىگەن چىش چىقتى ، ئۈچەيلىرىم لۆمۈلدىسە كىم سىقتى ، خاسيەتلىك تىلتۇمارنى كىم تىقتى ؟ خۇش ھېدىڭنى كىم پۇرايدۇ فېۋرال ؟ ئاتام كەتتى بوران ئۇچتى باغلاردىن ، سايەم بىزار كەيپىم چاغ چاغلاردىن ، مايلىنىمەن چىۋىن چۈشكەن ياغلاردىن ، قەرىز ئالدىم بوينى تاقاق ئايلاردىن ، ئۆتنىلەرنى كىم تۆلەيدۇ فېۋرال . ئېرىمەكتە بوسۇغامنىڭ تەرلىرى ، بومبا ئاتار ئۇيۇتى يوق يەللىرى ، قىممىتىگە ئىپادىسىز سەرلىرى ، بەرىكەتسىز قىلدى بېشەم بەزلىرى ، دەرۋازامغا كېپ تۈنەيدۇ فېۋرال . سۈكۈتلىرىم پەردىسىنى كۆپتۈردى ، سۈۋەرەكلەر قان تىپىمنى يەپ تۇردى ، مەيىن شامال ساددا دىلنى كەلتۈردى ، ئاۋاق غايەم ئۆز -ئۆزىنى ئۆلتۈردى ، ئوربىتامدا غەم شۈمەيدۇ فېۋرال . ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
پاش قىلىش
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئانا تىلىم جان تىلىم ، ئانا بە
ئالىي ئەزا
ھاياتقا ئۈمۈد بى
ئاكتىپ ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
باغراش كاككۇكى!!!
تەجىربىلىك ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ