مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 971|ئىنكاس: 9

ئارلاشماي چۈنكى مەن ئۈچىنجى شەخس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئارلاشماي چۈنكى مەن ئۈچىنجى شەخس

تەسەللى

يۈرىسەن بەخىتسىز چۆكۈپ غەملىگە،

ئەرزىمەس ئىنسانغا تىگەمدۇ ئەرگە،

قىلما خار سال يۈگەن  سۆيگۈلىرىڭگە،

سورىغىن ئۆزەڭدىن ماڭدىڭكى نەگە،

دىمىسەڭ بىزلىنى بالاڭنى ئويلا.

            

كۆرۈلمەس چىھرىڭدىن كۈلكىدىن ئەسەر،

شۇمىدى تۇرمۇشتا شىرىن بەختلەر،

ئىيتقىنە ئازمىدۇ تۆكۈلگەن ياشلار،

ھاياتقا كەلمەسمۇ دەرتلەردىن خەتەر،

ئامال يوق ئارلاشسا بولماس تۇرمۇشقا.

      

كۆڭلۈڭنى ئۇنىڭغا بەردىڭ ئۆزەڭنى،

ئايىماي ھەتتاكى ئەزىز جىنىڭنى،

تاپشۇرساڭ ھەتتاكى پۇتكۈل ھاياتنى،

جىنىڭنى ئالدىمۇ ئىچىپ قىنىڭنى،

بىلمىدىم ئاھ سىڭلىم نىمە قىلىشنى.

  

قورقىسەن ئالدىدا چوڭراق تىنىشتىن،

باشقىلار ئالدىدا سىلكىپ سىلىشتىن،

ئۈزۈلمەي ياشامسەن تاياق دۈمبەڭدىن،

بالا دەپ ياشامسەن ئازاپتىن غەمدىن،

نە ئىلاج مەن دىگەن ئۈچىنجى شەخس.


ئاھ ئازار قىلدىغۇ كۈندە ئۇرۇشۇپ،

ياشىساڭ بولمامدۇ ئادەمدەك كۈلۈپ،

ئازاپتا راك بولۇپ كەتسەڭ گەر ئۆلۈپ،

ئانا دەپ قالماسمۇ بالاڭ ياش تۆكۈپ،

قارىسام تۇرقۇڭغا ئاغرىيدۇ ئىچىم.

     

يۈزلىرىڭ كۆپ-كۆك كۆزلىرىڭ قىزىل،

يۈرىگىڭ دەپ قاپتۇ ئازاپتىن يىرىل،

سۆرىسام دىمەيسەن خىسلىتىڭ ئىسىل،

ئاجرىشىپ كىتەمسەن يا ئۈزۈل كىسىل،

ئىختىيار ئۆزۈڭدە تۇرمۇش ئۆزەڭنىڭ.

   

ئازاپتا دەپ قاپسەن بولايلا ساراڭ،

ساقىيار قانداقمۇ  قەلبىڭدە ياراڭ،

ئاجرىشىش بار ئىشقۇ بولمايدۇ پاراڭ،

ئۇ يۈرسە بىپەرۋا  دەپ ماڭا قاراڭ،

ئىختىيار ئۈزۈڭدە چىقارغىن قارار.

  

گاھىدا قالىسەن ئىچىڭگە تىنىپ،

گاھىدا كىلىسەن ئىغىر خۇرسىنىپ،

چۆكىسەن ئازاپقا مىسكىن مۇڭلىنىپ،

نە ئىلاج يۈرىگىم كىتەر ئىيتىشىپ،

قالىمەن سەن ئۈچۈن ھەسرەتكە پىتىپ.

  

دەيسەنكى بالامنى قىلمايمەن يىتىم،

چۈنكى ئۇ بارلىغىم ۋە مىنىڭ جىنىم،

كۆزۈمدىن سىرغىيدۇ سەن ئۈچۈن يىشىم،

چىدامسەن ئۆلگىچە تارتساڭمۇ ئەلەم،

تۇرمۇشقۇ سىنىڭدۇر يوقتۇر ئامالىم.

  

يۇرىگىڭ بۆسۈلۈپ چاك ۋە چىكىدىن،

كۆز يىشىڭ ئۇرغۇيدۇ يۈرەك قىتىڭدىن،

ھاياتتا نىسىۋەڭ يوقمۇ كۈلكىدىن،

قەدىرلە ھاياتنى ئۈگەن ئۇنىڭدىن،

غازاڭدەك توزۇمدۇ ياشلىغىڭ سىنىڭ.


ئەركىنلىك بەرگىنە سەن  كۆڭۈل بۆلۈپ،

يۈرىگى قالمىسۇن دەرتتە تۇنجۇقۇپ،

يا بەرگىن كۆڭلۈڭنى قالسۇن خوش بولۇپ،

يا دىگىن چىكەتكىن خىتىڭنى ئىلىپ،

ئارلاشماي چۈنكى مەن ئۈچىنجى شەخس



      مەنبە :ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-20 10:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋىجدانلىق ياشا

                                                    ۋىجدانلىق ياشا


  گۆھەرقىز ئىبرايىم

ياشىساڭمۇ بىر كۈن دۇنيادا،

ۋىجدان بىلەن مەرتلەرچە ياشا،

دۇشمەنلەرگە باشنى ئەگمەستىن ،

غورۇر بىلەن غالىپچە ياشا.
   

ئۆتمۇشۇڭدە قالمىسۇن پۇشمان،

قايتىپ كەلمەس بۇ ھايات ياشا.

يۇرىگىڭنى دائىم ئەزمەستىن،

جىنىم دۇستۇم باياشات ياشا.
        

خۇشال -خورام كۈلكە بولسۇن يار،

غەم قايغۇسىز بەخـلىك ياشا.

يولۇقساڭمۇ مۇشكۈل جاپاغا،

يىغلىماستىن غەيرەتلىك ياشا.
      

يۈرىگىڭدە قالمىسۇن ئارمان،

چىن سۆيگۈنى قەدىرلەپ ياشا.

ئەركىنلىكنى يار قىلىپ دائىم،

جىنىم دوستۇم بەختلىك ياشا.
         

رەقىپلەرگە باشنى ئەگمەستىن،

ئەزىز دوستۇم ۋىجدانلىق ياشا.

ساڭا ھۆرمەت سۆيگۈ بەرگەننى ،

بىشىڭ بىلەن كۆتۇرۇپ ياشا.


مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-20 10:47 PM  


ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9429
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1662 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ... نەق كۆڭۈلنىڭ جەۋھىرى دىسىمۇ بولىدۇ ... تەشەككۈر ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى   يېزىپسىز  .       ئاللا    قولىڭىزغا   دەت   بەرمىسۇن  ..    «   3-شەخىسنى      تۈرمىگە    سولاپ     ئاچقۇچىنى    دەرياغا    تاشلىۋىتىش     كىرەك   »  دەپ    ساۋاقدىشىمنىڭ    بىر   گپى   بولىدىغان   .  شۇنى      ئىسىمگە    سەپ   قويدىڭىز   

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83664
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3489
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SaBa_002 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-21 01:32 PM
ياخشى   يېزىپسىز  .       ئاللا    قولىڭىزغا   دەت   بەرمىسۇن  ...

بىر تەرەپلىمە قاراش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ay25 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-22 01:39 AM
بىر تەرەپلىمە قاراش

كەچۈرۈڭ  .  مىنىڭ   دىمەكچى  بولغىنىم    پەقەت     ساۋاقدىشىمنىڭ    3-  شەخىس    توغرۇلۇق    دىگەن     مۇشتاق  بىر  گىپى  بارتى         ،،  شۇ    ساۋاقدىشىمنى     ئەسلىتىپ   قويدىڭىز   دىمەكچى   ..   خالاس

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90025
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 493
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىردىكى سىڭلىڭىزغا ئىچىم ئاغرىدى. قەيسەر ئايال ئىكەن. شۇ ئەرنىڭ كۆڭلىگە ئاللاھ ئىنساپ بەرمىسە بىكا. ئاللاھ شۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىگە نىسىپ ئەتسۇن !!

يۈتۈپ كەتسە ئەگەر بىر كالاڭ،
سوراپ كىتىسەن كالام قەيەردە.
سەندىن ئىمان يۈتكىلى نەۋاق،
سوراپ قويمايسەن ئىسلام قەيەردە.

كۆك ئەتتىرگۈل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 1915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7584
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 775 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنە بىر ئوقۇپ باقايچۇ ، چۈشەنمەيۋاتامدىم نېمە .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

كۆك ئەتتىرگۈل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 1915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7584
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 775 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنە بىر ئوقۇپ باقايچۇ ، چۈشەنمەيۋاتامدىم نېمە .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83664
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3489
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SaBa_002 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-22 01:53 AM
كەچۈرۈڭ  .  مىنىڭ   دىمەكچى  بولغىنىم    پەقەت     ساۋاقدى ...

مەنمۇ ساۋاقدىشىڭىزنىڭ گېپىنى دەۋاتىمەن بىر تەرەپلىمە قاراش دەپ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش