ئوتلوق ئارمانلارغا گۈزەل ھېسلارغا ،چوڭقور خىياللارغا تولغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقوش مەن ئۈچۈن ئىلھام .ئارمانلىرىم قەلىب بوشلىقىدا قانداق تىزىلىشنى بىلمەي يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۇۋۇلغاندا ،ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارمانلىرىمغا يىپ،تەپەككۈر قوراللىرىم ئېشلىمەستىن دىلىمنى قاراڭغولۇق باسقاندا ،ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەن ئۈچۈن چىراق.
ھەقىقەت قەلبىمدە شائىرغا مۇھاببەت قوزغالغان شۇ دەمدىن تارتىپ ،شېئىر قەلبىمگە ئاجايىپ كۈچ قۇۋەت بېرىپ ،تەپەككۈر يوللىرىمنى شائىرانە نۇرلار بىلەن تولدۇرغان.قاچانلاردىن تارتىپ شېئىر مەن ئۈچۈن گۈزەل كۈيلەرگە ئايلانغانلىقىنى بىلمەيمەن،لىكىن مەن شېئىر ۋە شائىرنى تونىغان،چۈشەنگەن ۋاقتىمدا قەلبىمگە ئۇنىڭ شېئىرلىرى تەسىر قىلغان.ئۇنىڭ بەدىئىي تەپەككۈرنىڭ يېڭى ۋو ئۆزگىچىلىك بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان شېئىرى ،يىڭى پىكىر،چوڭقۇر مۇلايىزىلەر بىلەن تولغان مىسرالىرى ئىنساننىڭ ئەدەبىلىككە ئىگە بولغان ئالىجاناپ غايىلىرى بىلەن ئەزگۈ نىيەتلىرى ئوقورمەن ئەقلىنى لال قىلدىغان رەڭگارەڭ،گۈزەل سېھرى دۇنيا تۈسىگە ئېلىب كىرگەن شېئىرلىرى مىنىڭ ياشلىقتىكى ئارمانئېنتىلىش قىزىقىشلار بىلەن تولغان ئېزدىنىشلەرگە مايىل قەلبىمنى ئىگەللەپ سائىرغابولغان تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھابەتنى ھۆرمىتىنىقوزغاتتى.
ئۇھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەقىياتىدا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن«ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» « توزان قەسىدىسى» قاتارلىق ئوقورمەنلەر قىزىقىپ ئوقويدىغان نادىر شېئىرلارنىڭ ئېجاتچىسى شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئېدى.
شېئىرنى ھەقىقى شېئىر مەنىسىدە چۈشۈنۈپ ،ئۇنىڭدىكى ئىللىق ھارارەتنى ،چەكسىز كۈچ –قۇۋەتنى،كىشىلەرنى ئۈنسىز ئالغا ئۈندەيدىغان مەنىۋى روھنى كۆرۈپ يىتەلىگەن شائىرلا جانلىق شېئىرنى ھەقىقى روياپقا چىقىرالايدۇ.شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ :
ئەينەك،ئەينەك رەئىمسىز سەن ،باغرى تاش
ھەممەجۈپكى لىللالىقتا بىر سەن تاغ
ياتمىدىمۇ سىرلار ياتماس ئىچىڭدە
چېچىمدىكى بالدۇر چۈشكەن بىر تال ئاق
ناملىق شېئىرى، مەندەك شېئىرغا ھەۋەسكار بىر ئوقورمەننىڭ قەلبىدە تەۋرىنىش،سۆيۈنۈش،پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى قوزغاتقان.
ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ،گۈزەل دەپ ماختايدىغان چىرايلىرىنى ،بەدەنلىرىنى كۆرۈپ ئۆز گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىدىغان ئەينەكنى رەيىمسىز،باغرى تاش دەپ تەسۋىرلەيدۇ،دەرۋەقە ھەقىقى تۇرمۇشنىڭ چىن ماھىيىتىنى ،ئەينەك ئۆزئەينى بىلەن تەسۋىرلەيدۇ،ساختىلىق خۇنلۈكلەردىن ئۇ تامامەن يىراق ،سەتلەرنى گۈزەل قىلىپ كۆرسەتمەيدۇ ،چىرايلىقلارغا ھۆسۈن قوشمايدۇ،،جىسمىدىكى بىرتال داغنىمۇ يۇشۇرۇن قىلمايدۇ .شائىر ئەينەكنى مانا مۇشۇنداق جانلىق تىل بىلەن شىئىرى موھىت ئىچىگەقويوپ تەسۋىرلەيدۇ.
مەن شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالمىدەك سۆيگۈ»ناملىق شېئىرىنى،يۈرەكلىرىم ئالەم بوشلىقىغا تاراپ يۈرۈگۈمگە سىڭىپ كىتىۋاتقاندەك شۇنچە ھوزۇر ۋە ھارارەت ئىچىدە ،خىيال كەچمىشلىرىمنى پۈتكۈل ئالەم بوشلىقىغا بىرىپ ئالەم سۆيگۈسىنى سوراپ كىلىشكە ئەۋەتىپ كىچىكىنى يۈرۈگۈمدە ئالەمچە سۆيگۈ توپى بىلەن ئوقويمەن ھەر قىتىم ئوقوغاندىكى سەزگۈم ھەرخىل.
بۇيەردە شائىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك توغورسىدىكى شېئىرلىرى ئۈستىدە توختىلىشقا ئاجىزمەن،شۇنداقلا مۇھەممەت پولاتنىڭ «ۋەتەن ئىشقى –ئىلھام بۇلىقى »ناملىق ئوبزۇرىدا شائىرئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك شېئىرلىرى توغۇرسىدا توختىلىپ ئۆتكەن.مەن قانداقدۇر شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىتىدىكى پىكىر ،ئىدىيە ،مەنە،يۈكسەكلىك توغورسىدا توختالماقچى ئەمەس ،پەقەت شېئىرنىسۆيۈپ ئوقوغۇچى ئوقورمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن شائىرنىڭ قەلبىمگە سىڭدۈرگەن ،مىنىڭ ھېس قىلغان ئارمانلىرىمنى ئىپادە قىلسام دەيمەن خالاس.
شائىرنىڭ ئۇلۇق شائىر ئابدىرىم ئۆتكۈر ۋاپاتىغائاتاپ يازغان مونۇ مىسرالىرىغا قاراڭ؛
زېمىن ئۇلۇغ زېمىن مۇقەددەس،
كېلەلمەيدۇيالغان قىشىغا.
سىزسۆيدىڭىز زېمىننى بىئەس،
زېمىنسىزنى ئالدى بىشىغا.
ياشىدىڭىزشۇنداق شائىر بوپ،
پىھان يۈتۈپ نۇرلار تۆكتىڭىز.
كوركۆزلەرنى نۇرلاردا يۇيۇپ،
نۇردەك ياشاپ .نۇردەك ئۆتتىڭىز.
بۇ قۇرلاردا ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ، ئۇلۇغلىقنىڭ،بارچە سۈپەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن زېمىنغا خەلق ئوغلانىنى تەڭ قىلىپ ھاياتى ۋە ئەقىل–ۋىجدانىنى ئۆزخەلقىنىڭ غايىۋى تەغدىرى بىلەن مۇستەھكەم باغلىغان خىسلەتلىك بىر ئېىنساننىڭ زېمىندەك كەڭ ۋەمۇستەھكەم ئوبرازىنى ياراتتى،شۇنداقلا ھەقىقى شائېر يېتىش تەس بولغان مەنىۋى يۇكسەكلىككە كۆتۈردى.شائېر مۇرەككەپ ئىجادىيەت يولى ئارقىلىق ئاددى قەلىمىنى ئۇرغۇپ تۇرغان يۈرۈكىگە تۇتاشتۇرۇپ قەلب قۇرلىرىدا ئەكىس ئەتتۈرگەن ئۆمۆرلۈكھاياتى ئارزۇسىغا يېتىپ ھاياتلىق دەپتىرىنى تەپەككۈر جەۋھەرلىرى بىلەن بىزەپ كەلمەكتە .شائېرنىڭ ئۆكۈنۈش ناملىق شېئىرىدىكى
ياغلىقلار توقويدۇ ساڭا بۇ قوياش
ئالتۇندەك شايىدىن پۈتكەن شايىدا
ئالەمدىن بىر ساڭا تەڭرىلا تەڭداش
ھەر ئىزىڭ بىر مەككە يولى پايىدا
مەككە دەپ ئۆلمەككە قىلدىم قەسەميات
ئاناجان يۈرۈكۈم بارمۇ جايىدا؟
ئانىلار توغۇرسىدىكى بۇ يىڭى بايانلار ،بۇئىختىيارسىز ئوخشىتىشلار ،ھەقىقى بىرسەنئەتكارنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بىر پارچە سۈرىتىدىكى بەدىيلىكدۇر ..بۇ شېئىردىكى ئىجادىيلىق ، يىڭىلىق ،كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى يۇشۇرۇن سىرلار بىلەن كىشىلەرقەلبىنىىڭ ئەڭ مەخپى ئەڭ پىنھان ھالەتلىرىنى ئېچىپ ئۇنى ئۆزىگە خاس ئۇلۇغلۇق ۋە گۈزەللىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئوقۇرمەننى قايناق ھىس تۇيغۇلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ يىڭى مەنىلەر بىلەن بېيىتتى.
بەلكىم مەندەك پىشىپ يېتىلمىگەن بىر ئوقۇرمەننىڭ شېئىرى پىكرى شېئىرى چوڭقورلۇق شېئىرى كەڭلىك توغورسىدا ھەقىقى سەنئەتكاردەك مۇكەممەل چۈشەنچىسى يوق بولىشى مۇمكىن .بىراق ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا يىڭىچە دادىل ئىجادىيەت ئۇسۇلى بولۇپلا قالماي ھەربىر پىكىرى يىڭى شېئىرى تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن .ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىزنى كەڭ تەسەۋۇر بوشلۇقىغا ئېلىپ كىرىپلا قالماي يەنە ئۆز ئۆزىمىزگە سوئال قويوش پۇرسىتىنى بېرىپ شېئىر ئىچىدىن دەماللىققاچىقالمايمىز،مانا بۇ شېئىردىكى كەڭلىك پىكىر يولىدىكى چوڭقورلۇق.
شائىر ۋائىتجان ئوسماننىڭ «ئاۋال شائىر تۇغۇدۇسەھەر ،ئاندىن قوياش ئاچار يۈزىنى.»دىگەن ئاجايىپ مىسرالىرى؛ شائىر بىر گۈزەل كۈننى يارىتىدۇ ،سەھەر باغرىدا سۈبھىنى باشلاپ كىرىپ ،ئۇلۇغ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ يۈزىنى ئاچالايدۇ دىگەن ئوتلۇق پىكىرنى ئىپادىلىگەن،
شائىر ئوسمانجان ساۋۇت تۆھپىكار يازغۇچى ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىكى يىڭى بىخلەرنىڭ كۆكەرتكۈچىسى،مەن قەلبىمدىكى شائىرغا بولغان ھۆرمەت ھىسياتىمنى بۇ كىچىكىنە ئەقلىيەلىرم بىلەن ئىپادىلەشكە ھەقىقەتەن ئاجىزمەن.
مۇشائىرە ئەۋجۈپ كەتسۇن ،باشلا قىنى سەن
ئەشرەقەتتەك ئېسىل نەزىم تۈزۈلسۈن بۇ رەت
بىزەكلەردە سەن ئۇزغۇن سەن پىكىرلەردە مەن
ئۆمۆر بويى ئۆتسە كىشى مۇشۇنداق پەقەت
تىكەنلەرگە مەلھەم بەرسەڭ ياشنايدۇ يۈرەك
كەل،شائىرە ،كۆككە ئاتسۇن بىزنى مۇھەببەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-21 02:45 AM