رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
تۇيۇپ كەتمە
بىر كۆزۈڭگە بىر كۆزۈڭ دۈشمەن،
ھاياتىڭغا ئۆز-ئۆزۈڭ دۈشمەن.
ئۆي-بىساتلار قالار شۇ پىتى،
بۇ دۇنياغا ھەمىمىز كۆچمەن.
قالار پەقەت ياخشى-يامان نام،
ئۆمۈر دىگەن ئېقىپ كۆيگەن شام.
قارا تۇپراق ئالسا قوينىغا،
شام-چىراقسىز زېننەتىسز ئۆي تام.
كىملەر كىتىپ كىملەر قالىدۇ،
بىرى يالغان پالنى سالىدۇ.
ھىچكىم بىلمەس بۇ قېسمەتلەرنى،
پېشانىگە تەغدىر يازىدۇ.
تەغدىرىڭگە تەدبىر سەۋەبكار،
ھاياتىڭغا ئۆزۈڭ جاۋابكار.
جاندىن تۇيۇپ كەتمە ئالدىراپ،
بىر يېغىنىڭ بىر كۈلكىسى بار .
2014.1.20...ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-20 03:00 PM