مىسرانىمغا مۇۋەششەھ
(مۇنبەر قۇرغۇچسىى ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن!)
ئاياندۇر ھەممىگە تۆھپەڭ ئېچىپ دوستلارغا مۇنبەرنى،
بۈيۈكلۈك تەختىدە تۇتتۇڭ مانا مەۋھۇمدا ئەختەرنى.
ئاسانغا كەلمىگەن ئۈشبۇ كۈنۈڭنى تاپمىقىڭ راستتىن،
بىلىڭنى باغلىدىڭ مۇنبەر ئۈچۈن سالماققا جەۋھەرنى.
ئەلەمدە تولغىتىپ نەچچە يولۇڭنى توستى دۈشمەنلەر،
كىرەكسىز بىلگىنىڭ بەرھەق ئۇرۇپ نامەردكە خەنجەرنى.
رىياكارلانى ھىكمەتنىڭ سۇغاردىڭ جامىدا، قاندى،
ئېسىنى يېغدى، قۇت بولسۇن دېدى ئىچكەندە كەۋسەرنى.
مۇھەببەت بىرلە باغ بولغان بىلىم بوستانىغا جەممىز،
ئىلىم تاپتۇق، بىلىم تاپتۇق، تېپىپ سەندەك بىر سەرۋەرنى.
سەپەرۋەر ئەيلىدىڭ دىلغا تۇنۇتتۇڭ كاتتا ئۇستازلار،
رىياسەتچىڭگە كۆز تەگمەس دىدۇق كۆرسەك فىلىملەرنى.
ئاۋازلار ياڭرىدى ھەريان كۆڭۈللەر شادلىنىپ قالدى،
ناھايەت دىلدا خۇشنۇدلۇق گويا كۆرگەندە كەپتەرنى.
ئىزىڭدىن ئۈندۈرۈپ گۈللەر سۇنۇپ كەلگەچكە خەلقىڭگە،
مېنىڭمۇ كۈيلىگىم كەلدى ئابابەكىرى مۇختەرنى.
غەزەل جەھەتتە ياخشى يازالمىغان بولساممۇ لىكىن باشقۇرغۇچى دوستلارنىڭ تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! نۇرغۇن قېتىم يازغان تىمىلىرىم تەستىقسىز قالدى! رەھمەت سىلەرگە!
جانبەر