مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2379|ئىنكاس: 48

ئىسلام تەپەككۇرنى بۇغۇدۇدىگەن سەپسەتىگەرەددىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101587
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-12-31
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئىسلام ئەقىلنى ئىشقا سېلىشقا رۇخسەت قىلمايدىغان، دىنىي پەرمانلارغا مەجبۇرلايدىغان دىندۇر» دېگەن سەپسەتىـگەرەدىيە
ئۇستاز، دوكتور ئەھمەد شەلەبى

ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ئەقلىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇلۇغلايدىغان يېگانە دىن بولسا كېرەك. ئەقىل مەسئۇلىيەتچانلىق، لاياقەتلىكنىڭ مەركىزىدۇر. ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق ياراتقۇچىسىنى تونۇيدۇ، كائىناتنىڭ سىرلىرى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە سىرلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەيدۇ. قۇرئان كەرىم ئىنسانغا خىتاب قىلغاندا ئۇنىڭ ئەقلىگە خىتاب قىلىدۇ. ئۇنى كائىناتقا نەزەر سېلىش، ئۇ ھەقتە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، دۇنيانى ماددىي ـ مەنىۋىي جەھەتتىن گۈللەندۈرۈشكە چاقىرىدۇ. ئىسلامدا ئەقىلگە زىت كېلىدىغان، ساغلام تەپەككۇرغا ماس كەلمەيدىغان ياكى ئىلىم ھەقىقەتلىرىگە قارىمۇ قارشى كېلىدىغان بىر نەرسە يوق.
ئىسلام دىنى ئىنساندىن ئەقىلنى ئىشقا سېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەقىل ـ ئىدراك ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلانمايدىغانلارنى ئەيىبلەيدۇ. اﷲ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەقلىنى ئىشقا سالمىغانلارنى ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى يوقاتقانلار دەپ تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:
(ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ، ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئېلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر.

قۇرئان كەرىم يەنە باشقا بىر ئايەتتە ئەقىلنى ئىشقا سالماسلىقنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، قىيامەتتە كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى  چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ، ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ. ئەھلى دوزاخ اللە نىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!

ئىسلام ئىنساننىڭ دىققىتىنى ئاللاھنىڭ بارلىق كائىناتنى ئىنسان ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ئىنسان ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ھەممە نەرسىنى ئادەمنىڭ مەنپەئىتى، يەر ـ زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشى كېرەك:
(ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈشكە بۇيرىدى.  
(
(ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىينى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار.  

ئۇنداقتا، يەرشارى ئىنسان ئەقلىنى ئىشقا سالىدىغان كەڭتاشا مەيدان بولۇپ، ھېچقانداق توسالغۇ ياكى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق نەرسە ئۈچۈن ئەقىل، تەپەككۇر چەكلىمىسى يوق. كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئىسلام چەكلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
شەرىئەت ئاساسىدا كەلگەن بارلىق دىنىي پەرمانلارغا ئەمەل قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. لېكىن مۇسۇلمانلار دۇنيا ئىشلىرىدا ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ئىجتىھاد قىلىش ھەققىگە ئىگە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ھەدىستە بۇ مەسىلىگە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلار ياخشى بىلىسىلەر.» [مۇسلىم]
ئىسلام ـــ تەپەككۇر ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكى ئۈچۈن كەڭ زېمىن ھازىرلىغان بولۇپ، ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن ئىلىمنى زىيادە قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇلغان:
(«ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن. ( قۇرئان كەرىم ئىلىم ۋە ئالىملارنىڭ ئالاھىدىىلىكلىرى ئۈستىدە كۆپ توختالغان):
  (ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
(ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ )رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.» [ئىبنى ماجە]
يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«كىمكى ئىلىم يولىغا قەدەم قويسا، ئاللاھ ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتكە يول ھازىرلايدۇ.» [بۇخارى]
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئىلىمنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئىلىمنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئەسقاتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن:
«ئادەم ئۆلسە، بارلىق ياخشى ئىشلىرى توختايدۇ. ئەمما ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ ساۋابى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: سەدىقە، پايدىلىق ئىلىم، ئاتا ـ ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنتنىڭ دۇئاسى قاتارلىقلار.» [مۇسلىم]
مەنبە:ئىسلامغاقارشى ئېىلىپ بېرىلغان سەپسەتىلەرگەرەددىيەدىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   buqqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-19 11:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44263
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 14589 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بەكمۇ ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ~~~

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3094
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېنىسىمىمۇ بەزى كىشىلەر ئىسلامدىكى شۈكرى قىلىش سەۋىر قىلىشنى ھۇرۇنلۇقنىڭ ۋە روھىي غالىبىيەتچىلىكنىڭ بەلگىسى قىلىپ قويىۋاتىدۇ
ئىسلام بىزنى ئۇقۇ تەپەككۈر قىل دۇنيانى كۆزەت دەيدۇ
تەبى پەن ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە شەك كەلتۈردى دەپ چۈشىنىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئارىمىزدا
تېما ئىگسىگە تەشەككۈر بولسۇن

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96557
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، بولسا مۇشۇنداق مەزمۇندىكى تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرسىڭىز ، ئاللا ئېگەم ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرگەي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88747
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن ... ياخشى تېما يوللاپسىز.... باشقا تېمىلارغا ئىنكاس دېگەن يېزىپ تولدۇرىۋېتىمىز بۇ تېمىغا ئىنكاس يازغان پەقەت بىرنەچچەيلەن ..... ئاللا ئۆزۈڭ ھىدايەت قىلغىن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4935
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2629 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ئەقلىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇلۇغلايدىغان يېگانە دىن بولسا كېرەك. ئەقىل مەسئۇلىيەتچانلىق، لاياقەتلىكنىڭ مەركىزىدۇر. ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق ياراتقۇچىسىنى تونۇيدۇ، كائىناتنىڭ سىرلىرى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە سىرلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەيدۇ.

مانا بۇ تولىمۇ ئىلمىي يەكۈن ۋە توغرا ھۆكۈم.چۈنكى؛  ئىسلام دىنى تەپەككۇرنى بۇغمايدۇ تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرىدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1271
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 359257
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 2799 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ تىمىنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى مارشال ۋە گۇماشتىلىرىدىن سوراپ باقسام ، مىسرانىم مۇنبىرىدە بىرەرسى ئىسلام تەپەككۇرنى بوغىدۇ دېدىمۇ ؟ ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى توردا شۇنداق دېدىمۇ ؟ بۇ كىمگە كىمنىڭ بەرگەن رەددىيەسى ؟
بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى ، لېكىن ياخشى نەرسىنىمۇ ياخشى ۋاقىتتا ياخشى نىشانغا ئىشلىتىمىز .
ھېچكىم بۇ تىمىنى قوزغىماستا تام تۈۋىدىن ھوشۇر قوپقاندەك ، تۇلۇمدىن پوداق چىققاندەكلا ، رەددىيەگە سەكرەپ قوپۇشتىن مەقسەت نېمە ؟

مېنىڭچە مەقسەت ئېنىق ، بۇ مۇنبەردىكى ھەربىر تورداشنىڭ مەۋقەسى ، مەيدانى ، بىلىم سەۋىيەسى ئوخشىمايدۇ ، ماڭا ئوخشاش قارا تۈرۈكتىن بىرى تىما ئىگىسى ۋە گۇماشتىلىرىغا نالايىق بولغان گەپتىن بىرنى ئويلاشماي قىلىپ تاشلىسىلا ، يەنە شۇ كونا مۇقام مۇسۇلمانلىق دەۋاسى بىر مەيدان ئايىغى ئۈزۈلمەس 20 بەتلىك  تۈكۈرۈك جېڭىگە ئايلىنىدۇ .

مەنچە بولسا ، جەمئىيەت ئاساسىدىن ئايرىلغان ، يوق يەردىن گەپ تېشىدىغان بۇنداق تىمىلارنى قەتئىي تەستىقلىماسلىق كېرەك ئىدى . بىرنەنچىدىن قۇرۇق گەپ ، قۇرۇق جېدەلدىن ساقلانغىلى بولاتتى ؛ ئىككىنەنچىدىن مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنى توردا قىلىشتەك يامان ئىللەت يامرىمايتتى ؛ ئۈچىنچىدىن ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرمەكچى بولغان توردا مۇسۇلمان ئەمەلىيىتى مەلئۇن كىشىلەرگە پۇرسەت تۇغۇلمايتتى .

خۇلاسە كالام !
سۈف ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4449
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 03:20 PM
مەن مۇشۇ تىمىنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى مارشال ۋە گۇما ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99293
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 268
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-11-6
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىبلەرنى تىرىلدۈردىغان ئىلىم بولسا اللەنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئەسلىتىدىغان مەنپەئەتلىك ئىلىمدۇر،شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلىردە ئىلىم سورۇنلىرىغا قىزىقتۇرۇلغان ۋە ئۇنى جەننەت باغلىرىدىن دەپ سۈپەتلەپ "سىلەر جەننەت باغلىرنىڭ يېنىدىن ئۆتسەڭلار ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىڭلار "دىگەن ؛ساھابىلەر باغ قايسى ؟ئى رەسۇلىللا!دەپ سورىغاندا ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "ئۇ ئىلىم ئورۇنلىرى ۋە سورۇنلىرى دەپ جاۋاپ بەرگەن .
ئىلىم ئۆگۈنۈش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرىز.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1948
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە سوپا ئىشانلار كوپۇيۇپ قالدىمۇ نىمە .  «خاس سۇف دەپلام يۇگەن ،

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش