رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
سەھرايىم
دېھقانلارنىڭ چوڭ ئۆيىدۇر سەھرايىم،
بۇلبۇللارنىڭ مۇڭ كۈيىدۇر سەھرايىم.
يازۇ-قېشى بىر ئاتەش دەڭ قوينىنى،
بىر سۆيگەننى مىڭ سۆيىدۇ سەھرايىم.
سەھرالارغا مۇھتاج ھايات داۋامى،
بۇغداي،قۇناق ئۆستۈرىدۇ سەھرايىم.
ھۇسۇل پەسلى يىتىپ كەلسە بارچىنى،
بەرىكەتتىن كۈلدۈرىدۇ سەھرايىم.
دېھقان دادام گەر يېغلىسا تەڭ يېغلاپ،
دېھقان بىلەن دەرت يۈتىدۇ سەھرايىم.
مېھمان بولۇپ كەلسىڭىزمۇ شەھەردىن،
قولى ئۇچۇق مەرت،كۈتىدۇ سەھرايىم.
شەھەرلەرگە بىرىپ قايماق ئاق ناننى،
زاغرا چايناپ سۇ يۈتىدۇ سەھرايىم.
قارنى كۆكسى ئالەمچە كەڭ كەلسىڭىز،
رازى قىلىپ ئۇزىتىدۇ سەھرايىم.
رۇستەم قاراسۇ....ئاتۇش