مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 252|ئىنكاس: 6

يايمىچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6639
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


يايمىچى

يول چېتىگە مېلىنى يېيىپ قويار يايمىچى،
رېتى بىلەن چىرايلىق تىزىپ قويار يايمىچى ،
بەزەن ھالدا ئەسكەرتىش يېزىپ قويار يايمىچى ،
كۆڭۈللەرگە بىر تال چوغ سېلىپ قويار يايمىچى،
خېرىدارنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ تۇرار يايمىچى،

سادىق بولۇر كەسپىگە  ئادەتلەرگە ماسلىشىپ ،
ئىش ھەرىكىتى بەك چاققان مال ساتىدۇ شاشلىشىپ ،
ئائىلىنى گۈل قىلار ، ھورۇنلۇقنى تاشلىشىپ ،
ئەخلاقىدا ئۇيغۇرنىڭ پۈتۈن چىقار خاسلىشىپ،
چار بازارغا كارتىنا سىزىپ قويار يايمىچى .

مەدەن ئىلغار بازاردىن  ، تىلى بىرلە دىلى بىر ،
تاپالامدۇ بەرىكەت ،يۈرسە ئادەم قەلبى كىر ،
نەپسى ئاپەت ئالدىراش يەيدىغىنى بىر ھېجىر ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ دولىسى سېرىق كۆرسۇن ، كەل خىزىر!
بار رىزقىغا قانائەتتە  يېرىم تويار يايمىچى.





چار بازارغا ئۆزگە رەڭلەر قات- قېتىدىن يارىشار ،
دىل خۇمارى بېسىلغاچقا چوڭ - كىچىكلەر يايرىشار ،
ئاپتاپ چىراي ، ئەتتىر پۇراق ،بۇلبۇل سىياقلار سايرىشار ،
روھى سۇلغۇن ئاۋارىكەش بارماقلىرىدىن مارىشار ،
ئاددىيلىقتا ئۆز پۇراقى، ئەمەن -قوراي يايمىچى .


بار ئاۋازلار مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىپادىلەر ئۆزىنى ،
ھەر سېتىقچى جەلپ قىلىپ زور  سىلىقلار سۆزىنى،
نەپسى يامان ساپساپچىلار بويار خېرىدار كۆزىنى،
ئىنسابىدا بەرقارالار قارا بويىماس يۈزىنى ،
ھەر مېلىنىڭ ئوڭ يۈزىگە ئىمزا قويار يايمىچى .


تۇردى پايلاپ ھەر كېسەللىك جاپاكەشنى يىقىتىپ ،
زور ئەسىرلەر دولقۇنىدا كەلدى ئۇنى مىڭ ئېقىتىپ ،
سودا خۇمار بېسىلمىغاچ كەلدى بازارغا دۈم يېتىپ ،
خالاس بولدى  بۇ ھاياتتا  ئوتلۇق  دۇنيادىن كىم كېتىپ ؟
خىياللاردا ئېڭىكىگە ئالقان قويار يايمىچى .

پارچە ھېساب ئېلىپ كەلمەس ئاڭا ھەر كىمگە پاراغەت ،
كۆز قەستىدىن ساقلىنىش ئېلىپ كېلەر سالامەت ،
ھارام پايدا قالدۇرىدۇ  دىيانەتكە  مالامەت ،
ساپلاشتۇرار ئېتىقادنى چىن نىيەتلىك قانائەت ،
پەسىللەرگە ئارمانلاردىن نەقىش ئويار يايمىچى .






ئىش ھەرىكىتى ھەر دائىم مىللەت يۈزىنى قىلدى ئوڭ،
ئالقان بىلەن پۈتمەس ھېساب ھەرگىز ياشالماس يەككە مۇڭ ،
ياخشىلىققا تەڭ بېرىلسۇن بەرىكەتلىك ئوڭ قولۇڭ ،
ھەر سۈپەتكە  بېرىپ باھا گىراپىنى بىر تولدۇرۇڭ ،
تەرلىرىدە ئەخلاقنى  ھالال  بويار يايمىچى .




ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-19 02:09 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101790
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ياخشى يىزىپسىز

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3096
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىقى مىسرالىرىنى ياقتۇرۇپ قالدىم

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29028
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېر ئارقىلىق ئەمىلى تۇرمۇشنى،ئىچكى ھىسياتنى بەك ياخشى ئىپادىلەپسىز.بولوپمۇ شىئېر يېزىش ئىقتىدارىڭىز ھەقىقىتەن يۇقۇرى ئىكەن.مەن بەك تەسىرلەندىم.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29028
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېر ئارقىلىق ئەمىلى تۇرمۇشنى،ئىچكى ھىسياتنى بەك ياخشى ئىپادىلەپسىز.بولوپمۇ شىئېر يېزىش ئىقتىدارىڭىز ھەقىقىتەن يۇقۇرى ئىكەن.مەن بەك تەسىرلەندىم.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
   « ھەركىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۇمۇرچىسى »

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
   « ھەركىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۇمۇرچىسى »

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش