غالچى بولماق تەس (2)
م. ھــوشۇر يازدىلەر سالچى بولماق تەس،
تامچىلار ئېيتىدۇ: تامچى بولماق تەس،
بىـر رەمبال دەپتۇمىش پالچى بولماق تەس،
سازەندە ئېيتتىلەر سازچى بولماق تەس،
مەن دەيمەن ھەممىدىن غالچى بولماق تەس.
بـــاشلىققا يىگۈزۈپ تۇرمىساڭ تېخى،
ئېسىل مەي ئىچكۈزۈپ تــــۇرمىساڭ تېخى،
شۇڭغۇتۇپ، كىرگۈزۈپ تۇرمىساڭ تېخى،
تـوي قىلسا كىيگۈزۈپ تۇرمىساڭ تېخى،
مەن دەيمەن ھەممىدىن غالچى بولماق تەس.
ئۇ سۇنغان ھاراقنى قايتۇرالمايسەن،
ئىچكەننى ئالدىدا ياندۇرالمايسەن،
ئۇ دېگەن ئىشلارنى چاندۇرالمايسەن،
يــا ئۇنىڭ نەپسىنى قاندۇرالمايسەن،
مەن دەيمەن ھەممىدىن غالچى بولماق تەس.
غالچىلىق بىر سەنئەت،بىر خىل ماھارەت،
غالچىلىق بىر ئىلىم،بىر خىل« ھەزارەت».
غالچىلىق بىر سېھىر، بىر خىل جاسارەت،
غالچىلىق قېلىنلىق،بىر خىل پاراسەت،
مەن دەيمەن ھەممىدىن غالچى بولماق تەس
.
ئەمىلىڭ ئۆسمەيدۇ غالچى بولمىساڭ،
ھوقوقۇڭ كەسمەيدۇ غالچى بولمىساڭ،
ھېچ ئىشىڭ پۈتمەيدۇ غالچى بولمىساڭ،
ھەم گېپىڭ ئۆتمەيدۇ غالچى بولمىساڭ،
مەن دەيمەن ھەممىدىن غالچى بولماق تەس.
غــالچىدا بولمايدۇ مېھىر-مۇھەببەت،
غـــالچىدا بولمايدۇ غورۇر،دىيانەت،
غــالچىدا بولمايدۇ سۆيگۈ-ساداقەت،
غـــالچىدا بولمايدۇ ئەدلۇ-ئادالەت،
مەن دەيمەن ھەممىدىن غالچى بولماق تەس.
غــالچىنىڭ كۈلكىسى،شەپقىتى يالغان،
غالچىنىڭ مەدىتى، رىغبىتى يالغان،
غـالچىنىڭ سۆيگسى،نەپرىتى يالغان،
غـالچىنىڭ خوشاللىق،ھەسرىتى يالغان،
مەن دەيمەن ھەممىدىن غالچى بولماق تەس.
غــالچىنىڭ ۋۇجۇدى تامام خوشامەت،
جىسمىدىن تېپىلماس بىر قەترە ھۆرمەت.
ئـــۆمرىنىڭ ئاخىرىدا چېكەر نادامەت،
مــــۇكاپات ئۇنىڭغا پۇشايمان،لەنەت.
مەن دەيمەن ھەممىدىن غالچى بولماق تەس.
2013.9.20
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arustan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-17 07:24 PM