kudiratjan يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:23 PM 
ھېلمۇ رايۇنىمىزدا مىلليلار ئىچىدە دۆلەت مەمۇرلىرى مەل ...
ھەرقانداق دۆلەت،ھەرقانداق ھۆكۈمەتتە ،ھەرقانداق دەۋردە مەمۇرلار بولىدۇ.مەمۇرسىز دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت مەۋجۇت ئەمەس.كەسپىي ئەخلاققا رىئايەقىلىدىغان ،يۇقىرى ساپالىق ،ئۆزىنىڭ ئاۋامدىن يىغىلغان باجدىن كېلىۋاتقان مۇئاش -تەمىناتىغا يۈزكېللەلىگۈدەك ئىقتىدار ھازرلىغان ،ئۆزخزمىتىگە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدىغان ،ئۆزىنى پۇقرادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يامۇل خزمەتچىسى ئەمەس بەلكى ئاۋامدىن كەلگەن باجدىن نان يەۋاتقانلقى ئۈچۈن ئاۋامغا خزمەت قىلىش بىردىنىبىر ۋەزىپەم دەپ قارايدىغان لايەقەتلىك بىر مەمۇر ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ غول تايانچى ،ئاۋامنىڭ مۇلازىمەتچىسىدۇر.مەيلى ئۇ قەدىمقى خانلىق زامانىدىكى مەمۇر بولسۇن ،مەيلى ھازرقى دەۋردىكى دىمۇكراتىك ئەللەردە بولسۇن دەھرىي ياكى ئىسلامىي ھۆكۈمەتلەردە بولسۇن بۇ قائىدە ھەممە مەمۇرغا ئوخشاش.
ئۇنداقتا ھازىر مەمۇرلۇق كەسپىي نىمەئۈچۈن شۇنچە كۆپ يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياشلارئۈچۈن شۇنداق مىھرى- ئىسسىق ،شۇنداق تالاش -تارتىش پەيدا قىلۋاتقان كەسىپ بوپقالىدۇ؟
چۈنكى جوڭگۇ تارىخى ئەمەلدارلار تارىخىدۇر. بۇ ئەلنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيتىدە مەمۇرلۇق (ئەمەلدارلىق ) خان ئاشلقى يەيدىغان ،ئاۋامدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازدىن دىرەك بېرىدۇ. ئەمەلدار بولۇپ ئاۋامغا خىزمەت قىلماستىن ئامالنىڭ بارىچە ئاۋامنى شىلىپ چۆنتىكىنى تولدۇرۇش نۇمۇس ئەمەس بەلكى شۇ مەمۇردا شۇنداق قىلىغۇدەك تالانىت -ئىقتىدار بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولىشى بەرھەق دەپ ئىتراپ قىلنىدۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن ئاددىي ئاۋام بۇ مەمۇرلارغا ھەۋەس قىلىپ ،ئۆزلىرنىڭ ۋە ئۇرۇق -پۇشتنىڭ شۇنداق ئىمتىيازغا نائىل بولشىنى شەرەب دەپ بىلىشىدۇ.مىسال :خېشىن مىسلىسىز پارىخور بولسىمۇ لېكىن قاتتىق ئىقتىدارلىق ئىدى.« سۇ بويىدا » رومانىدىكى سۇڭجىياڭ باشلىق 108پالۋاننىڭ تولىسى ئەسلى مەمۇر ئىدى ،بىراق گۇناھ ئۆتكۈزگەچكە لىياڭشەنگە يىغىلىپ ئىسيانچى بولۇشقا مەجبۇر بولدى ،لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەمۇرلۇققا بولغان مۇھەببەت يالقۇنجاپ تۇرغاچقا ،ئاخىرىدا شۇنچە كۈچلۈك تۇرۇپمۇ يەنىلا خانلىققا بەيئەت قىلىشتى .....
دىمەك زامانىمىزدىمۇ نۇرغۇن كىشلەر مەمەۇرلۇقنى بىر كىشلىك خىزمەت دىمەستىن بەلكى باشقا كەسىپلەردىن ئۈستۈن تۇردىغان ئىمتىياز دەپ بىلگەچكىلا مەمۇرلۇققا ئىنتىلىدۇ ،پەرزەنتلىرىنى مەمۇر قىلشقا تىرىشىدۇ ،مەمۇرلۇقتىن پەخرلىنىدۇ.
ئۇنداقتا نېمىشقا يەنەبىرقىسم مەمۇرلار بۇ خزمەتتىن زېرىكىدۇ ؟
مەمۇرلۇقتىن زېرىكىدىغانلار ئىككى خىل : 1.يەنى دەل ئىمتيازغا ئېرشىش ئۈچۈن مەمۇر بولغانلار ،بۇلار مەمۇرلۇقنى كەلگسىدە ئەمەل ساھبى بولۇپ باي بولۇشنىڭ ،ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشنىڭ تۇنجى بالدىقى دەپ قارايدۇ،بىراق ئۆزنىڭ ئەسلى ئىقتىدارى ،بىلىمى ،ساپاسى تۆۋەن بولۇش ياكى مۇناسۋەتكە ماھىر بولماسلىق ،ئەمەل سۇرۇنىنى چۈشەنمەسلىك دىگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى بىرنجى بالداقتىن ئاشالماي ،زېرىكىپ قالغۇچىلاردۇر، بۇلار سېپى ئۆزىدىن ساپاسىز زىيانداشلار ،بۇنداقلارغا قوشۇقنىڭ سېپىدەك ئەمەل تىگىشتىن خۇدا ساقلىسۇن .
2.يۇقىرى ساپالىق ،ئىقتىدارلىق ياشلار مەمەۇر بولۇپ ئاۋامغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشنى ئارزۇقىلىدۇ.بىراق رىئاللىق دەل بۇ تىمىدا بايان قىلنغاندەك دەل ئارزۇنىڭ ئەكسى . ھەممە ئىشتا قانۇندا دىيلگىنى ئەمەس باشلقنىڭ دىگىنى ھىساپ ، ھەممە ئىشلار شەكىلۋازلىققا تولغان ، زېرىكىشلىك سىياسىي ئۆگىنىش ۋە ئەھمىيەتسىز يىغىنلار ، خوجا كۆردى تەكشۈرۈشلەر ھەممە ئورگانلارنى قاپلىغان . كۆپچىلك 30يىلنى بىركۈندەك ئەھمىيەتسىز ،تىچ ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ،يېڭىلىق يوق .بۇنداق مۇھىت بۇ جۇشقۇن ياشلارغا ئۆز غايسىدىكى مەمۇرلۇق بىلەن رئاللىق ئارىسنىڭ تولىمۇ يىراقلىقىنى ،بۇنداق مۇھىتتا ياشاۋەرسە كومپىۇتىردەك پىروگرامما بويىچىلا خزمەت قىلىدىغان ،ئىجادچانلىق روھى ئۆلگەن ،مۇئاشنىڭ قۇلى بوپ قالدىغانلقىنى ھىس قىلىپ ،مەمۇرلۇقتىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ.بۇنداقلار ئاز ،بىراق كۆپىيۋاتىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ياشلار داۋاملىق مەمۇرلار قوشۇنىدا قېىلپ ئۆز قابىليتىنى جارى قىلدۇرغۇدەك مۇھىتقا ئىرىشەلىسە ،ھۆكۈمەت خزمتىدە زور يۈكسىلىش بولاتتى .بىراق ......
ئەمدى ئۇيغۇر ياشلىرى مەمەۇرلۇققا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؟
ھەمملا ئادەمنىڭ ئۆز خاراكتىرى ۋە قابىليىتىگە يارىشا خزمەت تاللشى ئەقەلىي ساۋات . ھەممىلاكىشىدە سودا قىللالايدىغان ياكى ھەممىلاكىشىدە مەمۇر بوللايدىغان ئقتىدار ،ساپا بولىۋەرمەيدۇ . نىشانى ،غايسى ئېنىق بولمىغان كىشى قانداقلا ئىش قىلسۇن قاملاشتۇرالىشى ناتايىن . شۇڭا مەمۇرلارنى نان قېپى دەپ كەمسىتكەنلەر بەلكىم شۇ خزمەتنىڭ ھۆددىسىن چىقالماسلىقى مۇمكىن ، ئاددىي دېھقاننى ،تىجارەتچىنى ياراتمايدىغان مەمۇرمۇ شۇلانىڭ يىرمىچىلىك كىرىم قىلالماسلقى تەبىئىي .
شۇڭا ھەركىم ئۆزى قابىليىتىگە يارىشا كەسپ -ھۈنەرنى تاللىسۇن .شۇنداقلا ئۆز كەسپىدە ھالال نان تېپىپ يېسۇن .
بەزىلەر دىگەندەك ئۇيغۇردىن مەمۇر بولمىسا ،ئورگانلاردا مەقسىتىنى ئۇقتۇرالماي ، ئەرزىنى ئاقتۇرالماي يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىز قاندق قىلار ؟ ھەممىلا كىشىنىڭ تىجارەتچى -كارخانىچى بوپ كېتىشى ۋە شۇ ساھەلەردىن نان تېپىپ يىيەلىشى ئەقىلغا سىغدۇرغىلى بولىدىغان ئىشمۇ ؟