مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4894|ئىنكاس: 30

80-يىللاردا تۇغۇلغان بىر مەمۇرىينىڭ ئىستىپا سوراش بايانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4840
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1655 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:50:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
80-يىللاردا تۇغۇلغان بىر مەمۇرىينىڭ ئىستىپا سوراش بايانى

سىز نىمە ئۈچۈن ئىستىپا بىرىسىز ؟ نەچچە ئايدىن بۇيان  مەندىن بۇ سوئالنى نۇرغۇن كىشىلەر سورىدى . لېكىن راستىنى دىسەم ، مەن بۇ سۇئالنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقمىدىم . بەلكىم قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى بىر كۈچلۈك ئوت مىنىڭ بۇ بىر قەدەمنى ئېلىشقا تۈرتكە بولغاندۇ .
ئەمەلىيەتتە مەن ھەرگىزمۇ « ئويلىغىنىنى ئىككىلەنمەي قىلالايدىغان » تىپتىكى ئادەم ئەمەس ، ئەكسىچە مەن ئىش قىلغاندا تولا ئىككىلىنەتتىم . لېكىن بۇ قېتىملىق مەمۇرىلىقتىن ئىستىپا بىرىشتە مەن قىلچە ئىككلەنمەي كەسكىن بىرقارارغا كەلدىم . ئىستىپا سورىغىلى تۆت ئايدىن ئېشىپتۇ ،مەن بۇ بىر قەدەمنى توغرا ئالغىنىمنى ھىس قىلدىم .
ئالدى بىلەن ئۆزەمنى تۈنۇشتۇرىۋىتەي ، مەن جېجىياڭنىڭ شەرقى قىسمىدىكى بىر يېزىسىدىن ، شاڭخەيدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈپ ئقۇشنى تاماملىدىم ، ۋە داۋاملىق ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن شاڭخەيدىكى شەھەر دەرىجىلىك بىر ئورگانغا ئاسانلا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم ، شۇنداقلا خىزمەتكە ئورۇنلىشالىغانلىقىم ئۈچۈن ئاتا ئانامنىڭ پەخىرلىك ئوغلى ، جەمەتىمىزنىڭ ئۈگىىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالدىم .
لېكىن ئورگاندا ئىشلىگەن بۇ 7يىل جەريانىدا مەن ئاتا ئانامنىڭ پەخىرلىك ئوغلى بۇلۇش ھىسىياتى ۋە ئۆز-ئۆزەمدىن پەخىرلىنىش ھىسىياتى  ئاستا –ئاستا سۇسلىشىپ ، بىر ئادەتتىكى ئادەمگە  ئايلىنىپ قالغاندەك بولدۇم ،كىيىنچە ئۈزەمدىن گۇمانلىنىشقا ۋە ئۈزەم ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدىم ،« بۇ يەردىن ئايرىلىپ ، سىرتلارغا چىقىپ سىناپ باق » دىگەن سادا مېڭەمدە ئۇدا 3يىل جاراڭلىدى .
لېكىن كەلگۈسىنىڭ ئىنىقسىزلىقى  ئېلىپ كەلگەن قورقۇنچ  ماڭا ئۆز –ئۆزەمگە تەسەللىي بىرىپ
قەلبىمدىكى بۇ نىيىتىمنى يەنىلا بېسىپ قۇيۇشقا مەجبۇر قىلىپ كەلدى . لېكىن ئۈچ ئاي ئىلگىركى بىر قېتىملىق تاماق ، مىنىڭ بۇ نىيىتىمنى تېخىمۇ يالقۇنجاتتى  .
2013-يىلى 8-ئايدا ئايرىلغىلى 10 يىل بولغان تۇلۇق كۇرۇستىكى ساۋاقداشلار يىغىلىشى بولدى .كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا كەپيىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى ، كۆپچىلىك ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ ، ھازىرقى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ دىگەندەك ناھايىتى كۆڭۈللۈك سىرداشتى . بۇ ئون يىلدا بەزىلەردە ئنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ئىدى .
ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى مەبلەغ سېلىش ساھەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ، بەزىلەر بولسا داڭلىق كارخانىلارنىڭ قانۇن مەسلەھەتچىسى ،بەزىلىرى چەتئەل مەبلىغىدىكى شىركەتلەرنىڭ داڭلىق ئاۋدۇكاتى بولۇپ بولغان ئىدى ، ئۆينىڭ تاللاشتا  6 مىلىيوندىن يۇقىرى دەرىجىلىكنى تاللايدىغانلىقىنى، پايچېكى ھىساباتىدا بولسا 7 خانىلىق پۇل بارلىقىنى ، بالىلىرىنى بولسا شەخسىلەر قۇرغان ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپىدە ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئىككىنچى پەرزەنتىنى كۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشاتتى ...
كەيپىيات يەنىلا قىزغىن ئىدى ، ھەر خىل تىمىلاردا پاراڭلار بۇلاتتى ، مەن ئىلگىرى ئىنتايىن تۇنۇش بولغان بۇ چىرايلارغا قاراپ ئۆز ئەھۋالىمدىن خۇرسىندىم . ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا مەن ئىزچىل سىنىپ كادىرى بولغان ، تېخى سىنىپنىڭ ئىتتىپاق شۇجىسى بولغان ، شۇنداقلا ئاز بىر قىسىم ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيالىغانلارنىڭ بىرسى ئىدىم . ئسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن ۋاقىتتا تېخى شاڭخەي بويىچە مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى بولغان ئىدىم . لېكىن بۇلار ھازىر تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان  بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى .
ئەينى يىللىرى ئاتا-ئانامنىڭ گىپىگە كىرىپ ، قارىماققا ئانچە « تۈمۈر تاۋاق » بولمىغان شىركەت ۋە كارخانىلاردىن ۋاز كىچىپ دۆلەت مەمۇرىيلىق سېپىگە قەدەم قويدۇم ، ئاالدىراشچىلىق بىلەن 7 يىل ئۆتتى ، لېكىن مەندە نىمىلەرنى قالدۇرغانلىقىنى بىلمىدىم . كىرىمىم 7 يىلدىن بۇيان ئۈسۈپ باقمىدى ، دەرىجەمدە يەتتە يىلدىن بۇيان ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ باقمىدى ، ئىقتىدارىم بولسا : « گەپ ئاڭلاش ، دوكىلات يېزىش » بولدى ، جەمىئەتتىكى مۇناسىۋىتىم بولسا « باشلىقىم ۋە خىزمەتداشلار بىلەن  چەكلىنىپ قالدى » ، يېشىممۇ كەسىپتە مەلۇم ئۇتۇق قازىنىدىغان ۋاقىتقا يىتىپ قالدى ، لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام ئۈزەمنى بىر مەغلۇبىيەتچىدەك ھىس قىلىۋاتىمەن .
مەن ئۈزۈم تىرىشمىدىممۇ ؟ ئىشقا كىچىكىپ باقمىدىم ، ئىشتىن بالدۇر چۈشمىدىم . ھېچقاچان سەۋەبسىز رۇخسەت سورىمىدىم . سىمىنا قۇشۇپ ئىشلەشتە ھەرۋاقت ئاكتىپ بولدۇم .يىڭىلا ئىشقا چۈشكەن بىرنەچچە يىلدا ھەتتا ئۈچ ۋاق تاماقنى ئىدارە ئاشخانىسىدا يەپ ،ئىدارەمنى خۇددى ئائىلەمنى كۆرگەن كۈزۈمدە  كۆردۈم . ئاخىرىچۇ ، نىمىگە ئىرىشتىم ؟
شەھەر دەرىجىلىك چوڭ ئورگانلارنىڭ كىچىك بۈلۈملىرىدە ئادەم كەمچىل ئەمەس ، يۇقىرى ئۈنۋانلىق ، ئىقتىدارلىق ياشلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىۇ ، بىردىنبىر كەمچىل بولغىنى پۇرسەرت ، ئوتتۇرا دەرىجلىك  رەھبەرلىك ئورۇنلارنى ئاساسەن 70يىللاردىكى ياشلار ئىگەللەيدۇ . تەرەققىيەت پۇرسىتى ئازلىقىدىن ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
مىنىڭ ئىقتىدارىم يوقمۇ ؟ مەن بۈلۈمدىكى خىزمەت چەكلىمىسىنى ھىس قىلىپ ، خىزمەت جەريانىدا توختىماي ئۆگەندىم ، ئۈگەنگەنلىرىمنى خىزمەتتە ئىشلەتتىم ، ھەر خىل سىناپ تاللاشقا ، ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ، دۆلەت مەبلىغىنى باشقۇرۇش ئۇرۇنلىرىغا ئىنتاھان بىرىپ ئۆتكەن بولساممۇ ، كىيىن نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى خىزمەت ئالمىشاممىدىم .
ئۆي ئېلىپ توي قىلغاندىن كىيىن ، تۇرمۇش بېسىمىم تىز سۈرئەتتە ئاشتى ، كەسپىي كىرىمىمنىڭ ئۈسىشىدىن ئۈمۈد يوق . شۇنىڭ بىلەن مەن دىققىتىمنى پايچېىكى مەبلىغىگە قاراتتىم ، خىزمەتتىن سىرتقى كۆپلىگەن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ پايچېكى تەتقىق قىلدىم ، بۇ يول ئىنتايىن  ئەگرى – تۇقاي ۋە جاپالىق بولسىمۇ ، قەتئى ساۋاملاشتۇردۇم . ئاخرىدا كىچىككىنە نەتىجىگە ئىرشكەنمۇ بولدۇم ، ئاكسىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە كىنىشكىمۇ ئالدىم . پايچېك بازىرىدىن چىقىش يولۇمنى تاپماقچى بولدۇم ، لېكىن پايچېكىنى چۈشەنگەنسىرى ئۈزۈمنىڭ بۇ ساھەگە كىچىكىپ كىرگەنلىكىمىنى ھىس قىلدىم .
« غايە شۇنداق گۈزەل ، ئەمەلىيەت شۇنچە شەپقەتسىز » ،  ئورگانغا يىڭى كىرگەن ۋاقىتتا مەنمۇ ئىتايىن گۈزەل ئارزۇلار بىلەن تىرىشپ ئىشلىگەن ، بىرەر ئىشنى باشقا چىقىرىشنى ئويلايتتىم ، لېكىن ئۇ يەردە نىمە ئىش بولسۇن دەيسىز . ھۆججەت قۇبۇل قىلىش ، ھۆججەت يوللاش ، ئاساسەن ھەممە ئىش خەت بىلەنلا ئوخشايدۇ . ماقالە – دوكىلاتلارنى قانداقلا يازماڭ ، رەھبەرلىرىڭىز چۇقۇم بىر يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىكەنلىلكىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ .
ھەركۈنى يېزىش ، ھەريىلى يېزىش ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا شۇ يېزىشقا تايىنىلىدۇ . نۇرغۇنلىغان ھۆججەت ۋە رەھبەرلەر سۆزىنى يازدىم ھەممىسىلا : « رەھبەرلەر  ئەھمىيەت بەرگەن ، قارار قىلغان ، بارلىق قىيىنچىلقىلارنى يەڭگەن ، مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن » ... ئاخىرىچۇ ، ھەممە ئشىلا ئاۋالقىدەك . ماقالە نىمىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ، بۇ خىل خىزمەت ئادەمنى ئاسانلا زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ . بۇ خىزمەتتە كەلتۈرگەن ئۇتۇقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟ ئورگاندا ئىشلىگەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ، ئارزۇيۇمدىن شۇنچە يىراقلاپ كىتىۋاتاتتىم ، مانا بۇ ئەمەلىيەت  .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەمۇرلۇق ئىنتاھانىغا قاتنىشىدىغانلار يەنىلا كۆپ بولىۋاتىدۇ ، بۇ خددى بىر « قورغان » غا ئوخشاش ، ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىققۇسى كىلىدۇ ، سىرتتىكىلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈسى كىلىدۇ .
بولۇپمۇ 80-يىللاردا تۇغۇلغان مەمۇرىيلار توپىدىكىلەرنىڭ ئۆزلۈك قارىشى ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئارزۇسىنى ئاشقا ئاشۇرۇش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك ، قۇشۇمچە رول ئېلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ .
لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى 7-8 يىل ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئاز بىرقىسىم ياش ئىقتىدرلىق ، ئالاقىگە ماھىرلار ئۈسۈشكە نىسىپ بولىدۇ ، ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە لېكىن خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىغان كىشىلەرمۇ ئۈسۈشتىن ئۈمۈد كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ ، پەقەت ئاز سانلىق كىشىلەرلا ئايرىلىشنى تاللايدۇ . زور كۆپ سانلىق كىشىلەر يەنىلا قېلىپ ھاياتىنى خورىتىدۇ .
كىشىلەر 30 ياشنى ئەرلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھالقىلق ۋاقتى دىيىشىدۇ ، لېكىن مىنىڭ ازىرقى ئەھۋالىمغا قاراپ باقسام ، خوتۇن بالىلىرىم بار ، بېسىم يەتكۈدەك ئېغىر . لېكىن كەلگۈسۈم ئىنتايىن غۇۋا ، ئارزۇيۇم ئىنتايىن يىراقتا ، بۇنداق ئەھۋالدا قاتتىق ئىرادىگە كىلىپ ، ئەگەر ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتمىسەم ، تىرىشمىسام ھەممىسىنىڭ قۇرۇق خىيال بۇلۇپ قالىدىغىنىنى ھىس قىلدىم .
ئەلۋەتتە ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشىم كىرەك . يەتتە يىل ئورگاندا خىزمەت قىلدىم ، مەندە نىمىلەر قالدى ؟  ئىگىلىك تىكلەشكە « كاپىتالىم » بارمۇ يوق ؟ ھەرھالدا بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە ئىكەنمەن ، ئارۇزيۇمغا  بولغان تەلپۈنۈشىممۇ ئۈچۈپ قالغىنى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئىزچىل سۈيۈپ كەلدىم ، جاپاغا چىدايدىغان خارەكتىرىم بار .
شۇنىڭ بىلەن مەن  ئۈزەمنى قويىۋىتىپ : ئۈزۈمگە « ھەرۋاقىت باشلىساممۇ كىچىكمەيمەن ، ئىشەنچ ئالتۇندىنمۇ قىممەت ، بۇ يەردىن  ئايرىلسام ئايرىلىدىغىنىم كىشەن ، لېكىن ئىرىشىدىغىنىم بولسا پۈتۈن دۇنيا » دىدىم .
قارار قىلغاندىن باشلاپ ئىستىپا سورىغۇچە بولغان ئارلىقتا بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتتى ، رەھبەر ئېچىنغان ھالدا مىنى ئېلىپ قالماقچى بولدى ، ئاتا – ئانام بولسا كالىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى ، لېكىن ئايالىم مىنى ئىنتايىن قوللىدى ، 4 ئاي ئۈتۈپ كەتتى ،يىڭى خىزمەت ئورنۇمدا مەن ئازراق  كۆزگە كۈرۈنىشكە باشلىدىم . نۇرغۇن نەرسىلەرنى يىڭىدىن باشلاشقا توغرا كىلەتتى ، لېكىن مەن كۈندە يىڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشالايتتىم ، يىڭى بىلىملەرنى ئۈگىنەلەيتتىم ، ئۆز ئارزۇيۇم ئۈچۈن كۈرەش قىلاتتىم ،بۇ مىنى ئىنتايىن خۇشال قىلاتتى ، قەلبىم ھاياجانغا ۋە كۈچ- قۇۋەتكە تولدى .
كىتىدىغان ۋاقتىمدا بىر ياش خىزمەتدېشىم : « مەمۇرلار خۇددى ئىسسىق سۇغا سېلىنغان پاقىغا ئوخشايدۇ ، ئۈزى سەزمەيلا قىززىق سۇدا پىشىپ قالىدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا بىراقلا قايناق سۇغا چۈشكەن بولساق بەلكى سەكرەپ چىقىپ كىتەر بولغۇيتتۇق . ۋاقىتلىق خۇشلۇق كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى
ئاستا –ئاستا يوق قىلىۋىتىدىكەن . ئاخىرىدا ئىدارە – ئورگاندىكى  ئەھمىيەتسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىكەنمىز » دىگىنى ھېلىمۇ ئىسىمدە .
ئەمەلىيەتتە ، نۇرغۇنلىغان 80-يىللاردا تۇغۇلغان مەمۇرىيلارنىڭ قەلب سادىسى مۇنداق : بەلكىم باشقا سەھنىدە ، مەن تېخىمۇ جۇلالىنىشىم مۇمكىن !!!
يېقىندا ئاڭلىسام ئاساسى قاتلامدىكى مەمۇرىيلارنىڭ كىرىمى يەنە ئازلاپتۇ ، خىزمەتكە بولغان تەلەپ تېخىمۇ كۈچلۈك ئەلۋەتتە . ياش مەمۇرىيلارنىڭ ئىستىپا بىرىش ھەركىتى بىخلىنىۋاتىدۇ . بەلكىم ، ھەممىسى بىر باشلىنىشتۇ ...
مەنبە :  مەنبە :  «جوڭگو كارخانىچىلار ژورنىلى»  نىڭ سىنا بىلوگىدىن ئابلەت  ئەيسا تەرجىمىسى .


ئۈندىداردا IGILIK نى قوشىۋېلىڭ . تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىقتىساد بىلىملىرىدىن بەھىر ئالالايسىز .

كارخانا دىگەنلىك ئىش ئورنى دىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9695
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8824
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 11:55:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماقالىكەن ، بۇ تېمىدىكى مەن خۇددى مېنىڭ ئۆزەملىكەن ، ئەمما ئۇ مەندىن كۆپ جاسارەتلىككەن ، ئۇ ئىستىبا بېرىپتۇ ، لېكىن مەن يەنىلا ئىشلەۋاتىمەن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Azizan + 10 ھۇ مەمۇرىي !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

__ ئىلىغا چىقىپ كەتتى ، يول بىلمەيدىغان باللار .
__ سودىسىنى قىلالارمۇ ، چالا سودىگەر باللار .
__ ئاتۇش كۈيلىرىدىن .....

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7487
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 12:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندىن ئەقىللىقكەن،مەن 22يىل ئىشلەپتىمەن ئەمدى چىداي

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7487
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 12:32:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندىن ئەقىللىقكەن،مەن 22يىل ئىشلەپتىمەن ئەمدى

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 12:42:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراق بەزى  چوڭلار بۇ تۆمۈر تاۋاقنى بالىلىرىنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى دەپ قارايدۇ
قاچانمۇ روھى كىشەنلەردىن قۇتۇلۇپ ئىدىيىمىز ئازاد بولاركىن،بولۇپمۇ ساددا دېھقان چوڭلىرىمىزنىڭ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 12:48:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەش ئاياللارغا بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئەرلەرنىڭ قولىدىن ئىش كەلسە ئامال بار ھۆكۈمەتكە قاراپ ئولتۇرمىغىنى ياخشى. بولمىسا ئاشۇ مەمۇردەك ئىشتىنى تىزدىن ئاشماي ئۆتۈدىغان گەپ. مىڭ تىرىشىپ _ تىرمىشىپ ئىشلىسىمۇ ھۆكۈمەتنى دەپ، ئادەم دۆلەتنى سۆيگەن بىلەن دۆلەت ئادەمنى سۆيمىسە بىكار.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Azizan + 108 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 02:01:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
مېنىڭچە، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر چوقۇم ئوقۇش جەريانىدا ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشى كېرەككەن. چوقۇم قوش قوللۇق تەييارلىق قىلىش، ئەڭ مۇھىمى ئۆز قابىلىيتى، ئىقىتدارى، كەسىپى ۋە خاراكتېرىنى ئاساس قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ھەر قانداق ئادەم ھەرقانداق ئىشنى قىلىپ كېتەلمەيدۇ. خاراكتېر، مىجەز كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 02:49:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  قىپتۇ   ..        مەنمۇ  ئوقۇش  پۈتتۇرۈپ   ئۈرۈمچىدە   دۇكان  ئاچسام   ،  ئاپام _دادام ئۇنىمىدى.،   ئىمتىھانغا    نەچچە  قاتنىشىپ   ئۆتەلمىدىم . ،    خاتىرجەم   بولاممىدۇق  دەپ    سۆزلەۋىرىپتى ..   ئاخىرى    بىر  يىل   بولاي  دىدى   دۇكاننىمۇ   تاشلاپ   ئۆيدە   ئولتادىم..     يا  بىر  ئىمتىھاندىن   ئۆتەلمىدىم     ..ئۆيدە يۈرىۋاتىمە   ئاپام  دادامنىڭ   مائاشىنى  خەجلىشىپ   بىرىپ .   تورغا   چىكىپ  دىگەندەك  ....  ئاپام  دادام   مىنى  خىزمەتكە   چىقىرالماي   ئاۋارە.  مەن  ئىمتىھا  بىرىپ   بولاماي  ئاۋارە  

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23729
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 02:54:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدەك دىخانلارنىڭ كۈنى ياخشىدەك قىلامدۇ نىمە ؟ كادىرلارغا قارىغاندا چەكلىمە ئاز .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21242
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9647
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1832 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 03:15:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2 ۋاخ يوقلىما كىچىدە ئىشلەش ئادەمنى تويغۇزۇپلىۋەتتى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش