قەھرىتاننىڭ 16-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 81.00 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش بولغان كۈننى يارىتىپ بازار يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1240 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن باھا چۈشۈپ بازار يېپىلدى .تۈنۆگۈن بازارنىڭ ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە بولغان ئىشەنچىسى ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى ،چۈنكى ئامرىكىنىڭ بانكا ساھەسى نەتىجىسى ،ئامرىكا PPI ۋە نىيۇيۇرك ياساش كەسپى PMI قاتارلىق ئۇچۇرلار يېرىم يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نوقتىنى ياراتتى ،چىكاكو زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئەيۋىس كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ كۈلىمىنى تارايتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ دوللارنى ئۆستۈرۈپ ،ئالتۇننى بېسىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى .
قەھرىتاننىڭ 16-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرى كۆپرەك ،بۈگۈن ياپۇنىيەنىڭ 11-ئايلىق ماشىنسازلىق زاكاس تالونى ،جوڭگونىڭ 12-ئايلىق سىرتنىڭ بىۋاستە مەبلىقى كۆرسەتكۈچى ،ئاۋىستىرالىيە 12-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسپىتى،گىرمانىيە،ياۋرۇپا ،ئامرىكىنىڭ 12-ئايلىق CPI ،ئامرىكا ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى، ئامرىكا 11-ئايلىق خەلقارا كاپىتالنىڭ ئېقىپ كىرىش كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .مۆلچەرلەرگە قارىغاندا ئامرىكا ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز چۈشىدىكەن .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى
ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 240 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.92 يۈەن
بىر دوللار 6.0487 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.24554 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6365 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3620 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !