دوستۇمغا ئاتاپ...

ئېرىپ كەتسە شىمالى مۇز تاغ ،
لەيلىتىمەن سېنى قەلبىمدە .
ئىللىق كۈلۈپ چىققاندا قۇياش ،
جانىم سېنى ئالاي ئەمرىمگە .

ئايلار ئۆتۈپ يىللار ئۆتسىمۇ ،
نىگار سەندىن كەچمەيدۇ يۈرەك.
زۇمرەت كەبى پارقىراق لەۋدىن،
ئۇل سالىدۇ قەلبىمدە تىلەك .

لەيلەپ قالسا باغراشتا كېمەم ،
پالاق ئۇرغىن كەلگۈسى ئۈچۈن.
ئىللىق سۆيگۈ بېرىپ قەلبىڭدىن ،
يالغۇز قىلغىن قەلبىمنى پۈتۈن .

ئەللەيلەتكىن مېنى قەلبىڭدە ،
قىرىق ئەللىك يىللار ئۆتكۈچە .
ئۇلۇغ ئاللاھ بەرسە ئۆمۈرنى .
تاپايلى ھەم چۆمۈپ بەخىتكە .

بۇ ھاياتىم سېنىڭ ئۈچۈندۇر ،
ئوماق ئوماق تاتلىق مەلىكەم .
لالە -رەيھان گۈللەر ئىچىدە .
ساڭا بولدى مېنىڭ ئەقىدەم .

ئۇلۇغ ئاللاھ مېنىڭ ئۆمرۈمگە ،
نىگار سېنى قاتسۇن تائابەت .
ھېسلىرىڭدا يۈگرەيمەن ئوماق ،
ئەيلەپ سەندىن ئىللىق ھارارەت .
باغراش كاككۇكى !
2014.1.16
دىيارى- باغراش