مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4073|ئىنكاس: 72

دىۋانىلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئۆسمىلەردۇر! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98117
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-9-23
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 11:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ پارۇل ئەپەندىمنىڭ مىسرانىمغا يوللىغان دىۋانىلەرگە قارشى تېمىسىنى ئوقۇپ بەلكىم ھېلىقى دىۋانىلەر تەرىپىدىن ئۈچ يېشىدا ئوغۇرلاپ كىتىلىپ ئۈچ-تۆت يىل تىلەمچىلىككە سېلىنغان، ھەم ئىپپىتى بۇزۇلغان ئۆسمۈر قىز كاللامغا كىرىۋالغان بولسا كىرەك، شۇڭا دىۋانىلەرگە قارشى ئىككىنچى ھۇجۇمنى مەن قىلاي ، دىگەن قارارغا كەلدىم. قەلەم قۇۋۋىتى بار تورداشلارنىڭ بۇ دولقۇنغا قۇشۇلىشىنى، دىۋانىلەرنى توردا ئۇرئۇرغا قالغان چاشقاندەك ھالغا چۇشۇرۇپ قويىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
دىۋانىلەر توغرىلىق تېما ئىسىمدە قېلىشىچە تۇنجى قېتىم ھېلىقى تاقىلىپ كەتكىنىنى ھەممە ئادەم بىلىدىغان مەرھۇم مۇنبەرلەر زامانىسىدا بىر قېتىم بىرسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. بىراق ئەينى زاماندىكى تورداشلارنىڭ سەۋىيەسى سەۋەبىدىن بۇ كىشى توردا قاتتىق تىل ھاقارەتكە ئۇچرىغان، ھەتتا مۇنبەردىكى ئاتالمىش تەقۋادار ئاكتىپلار ۋە ئېتىقادى "كۈچلۈك باشقۇرغۇچىلار" تەرىپىدىن توردىن چەكلىنىپ قوغلانغان ئىدى.
مەنمۇ پارۇل ئەپەندىمدەك دىۋانىلەرنى يەنى ھازىرقى دەۋىردىكى ئەشۇ كوچا تىلەمچىلىرنى ئالدامچى دەپ قارايدىغانلاردىن بىرى. بۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارغا نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلى مىسالدىن ئىبارەت ئىككى يول ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىشقا توغرا كىلىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ئالدى بىلەن ئەمەلى مىسال ئارقىلىق ئەشۇ لەنەت تەككۈرلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ساددا ھىسسىياتىدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىغىنى پاش قىلىپ باقاي.
1- ھىكايە
بىر نەچچە يىللار ئىلگىرىغۇ دەيمەن، قەشقەرنىڭ تازا ئاۋات چوڭ كوچىسىدا يالغۇز كىتىۋاتاتتىم، ئۈستىگە مودا پەرەنجە، يەنى ھىجاپ كىيگەن، ئاغزىغا ماسكا تاقىغان بىر ياش چوكان چۈشكۈنانە چىرايى بىلەن ئالدىمنى توستى...
سىلىگە گىپىم بار ئىدى دىدى ئۇ.
نىمە گەپ ئىدى، مەن سەل چەتكە ئۆتتۈم.
مەن غۇلجىدىن بولىمەن، قەشقەرگە بىر ئىش بىلەن كەلگەن ، پەقەتلا پۇلۇم قالمىدى، قايتالمىدىم، ئاللا رەھمەت قىلسۇن، بولسا ماڭا كىرا قىلىپ كەتكىدەك ئاز تولا بولسىمۇ ياردەم قىلغان بولسىڭىز...
ئۇنىڭ بۇنداق دىيىشىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئاخىرى ئۇنىڭدىن سورىدىم،
سىز غۇلجىلىق بولسىڭىز سوراپ باقاي، سىركاي دىگەن قانداق نەرسە ؟ دەپ بېقىڭ.
جىم....
يەنە سورىدۇم، شىمىشكا دىگەنچۇ، ئۇ نىمە دىگەن گەپ؟
جىم...
ئاخىرى بولالماي دىدىم،
سىركاي دىگەن چاي ئىچىدىغان پىيالە دىگەن گەپ. شىمىشكا دىگەن ئىچى پۇشقاندا چاقىدىغان گازىر!
ئۇ ئاستىغىنە كىتىپ قالدى...
2-ھىكايە:
يەنە بىرنەچچە يىل ئالدىدا بولغان ۋەقە.
بىر كۈنى يەنە كوچىدا كىتىۋاتاتتىم،  دەل ئىلگىرىكىدەك ھىجاپ ،  پەرەنجە كىيگەن، ئاغزىغا ماسكا تارتقان بىر چوكان.
توختىسىلا ، دىدى ئۇ بىردىن-بىر ئوچۇق بولغان كۆزىنى ماڭا غەلىتە تىكىپ.
نىمە گەپ؟
دادام دوختۇرخانىدا ئىدى، پۇل تۈگەپ تاماققىمۇ چىقىش قىلالمىغۇدەك بولۇپ قالدۇق، بىز مارالبىشىدىن كەلگەن بۇ شەھەردە تۇنۇشىمىز يوق، بىرەر ۋاخ تاماق يىگۈدەك پۇل بەرگەن بولسا ئاللا سىلىدىن رازى بولاتتى...
بىر تۇرۇپ بىرەيمۇ دىدىم لىكىن ئۇنىڭ ھىجاپلىرى ئىلگىرى ھېلىقى يالغان غۇلجىلىق  ئالدامچى چوكاننى ئەسلەتتى. شۇڭا سورىدىم، دادىلىرى قايسى دوختۇرخانىدا؟
ئىككىنچى دوختۇرخانىدا ئىدى...
ئەمىسە ماڭسىلا دىدىم مەن، دوختۇرخانىغا بارايلى، راست بولسا تاماق ئەمەس دوختۇر پۇلىنىمۇ تۆلەي،
ھېلىقى ھىجاپلىق  چوكان يەنە ئاستىغىنا يوقالدى...
ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك، ھازىر زامان توقچىلىق، ئاچ قالغان بىچارىلەرگە ساناتۇرىيەلەر ئۇچۇق، ئىشلەشنى خالايدىغانلا ئادەم ئاچ قالمايدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئەشۇ يالغان ئاجىز دىۋانىلەر نىمىشقا ھۈكۈمەتنىڭ ساناتورىيەسىگە كىرمەيدۇ؟
نىمىشقا ئىش تېپىپ بەرسەكمۇ قىلمايدۇ؟
نىمىشقا خەخنىڭ جان جىگەرلىرىنى ئوغۇرلاپ قېچىپ باشقا شەھەردە ئوغرىلىققا دەسمايە قىلىدۇ؟ يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ئىپپىتىگە تىگىپ ئۇنىڭ بالا خوتۇن قىلىدۇ؟...
نىمىشقا ئۇلار ياش تۇرۇپ قېرى خەنزۇ موماي پىتەك ساتقان كوچىدا ئۇلار بىلەن نۇمۇس قىلماي قاتارلىشىپ ئولتۇرۇپ مىللەتنىڭ مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى ساتىدۇ؟
قىسقىسى ئۇلار شۇنداق بىر غەلىتە توپكى ئۇلاردا نە ۋىجدان، نە نۇمۇس، نە ئىتىقات يوق...
مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى ساتىدىغان بۇ لەنەتگەردىلەرنى ھەرقانداق ئۇلۇغ باھانە سەۋەپ بىلەن ئاقلايمەن دەيدىغانلار بۇ كەسىپنى قوللىغۇچىلاردۇر!
ئۇنداق قىلىپ مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى ساتقۇچە، باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغۇچە نۇمۇسىنى ساتقان ئەۋزەل.
ئەمدى يەنە دىۋانە، تىلەمچىلەرگە بىرنىمە بىرەمسىز؟
ئۇلارغا ئىشىكىڭىزنى، چىرىيىڭىزنى ئاچامسىز؟
شۇڭا ئەقىل ۋە ۋىجدان ئىگىلىرىدىن ئەقەللى تەلەپ:
دىۋانىلەرگە بۇزۇقچىلىققا مەبلەغ سېلىپ بەرمەيلى، بۇ ئىپلاس كەسپنى پۇل بىرىپ قوللىمايلى!
جەمىيەت ، ئائىلە، شەخىس مەنپەئەتى ئۈچۈن دىۋانىلەرنى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن قوغلاپ چىقىرايلى!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamalkam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 11:35 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 توغرابەمىسەك يوقۇلدۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86794
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىم…    ياخشى پىكىر   قوللايمەن;      بىرىنجى ھېكايىدىكى ئالدامچىنى تازا ئوبدان باپلاپسىز 。      بەزى تىلەمچىلە تېخى ئاز پۇل بەسە رازى بومماي غۇدۇڭشۇپ  ئادەم تىللاشلىرى با،   ھەى…    توۋا   

ئانا تىلىم جان تىلىم ، ئانا بە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18470
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ھازىرقى تىلەمچىلەرنىڭ كۆپ قىسمنى پۇل تېپىشنى ۋاستە قىلغان. ئاڭلىسام، بەزى دىۋانىلەرنىڭ نەچچە ماشىنىسى، داچىسى بار دەيدۇ.

ئەرلەر مىللەت ئۈچ مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86794
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 12:42 PM
مېنىڭچە ھازىرقى تىلەمچىلەرنىڭ كۆپ قىسمنى پۇل تېپىشنى  ...

ھە  نۇرغۇنلىرى  ئاشتاق باي مىش  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44263
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 14589 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەھەلىدە بىر نەچچە زامانىۋى تىلەمچىلەر بار . ئۇلارنىڭ ئىككى ئۇچ قەۋەت تۇرالغۇ داچىلىرى ، ھەر خىل چوڭ تىپتىكى ماشىنىلىرى ، ھەشەمەتلىك پىكاۋىلىرى ، بانكىدا نەچچە يۈزمىڭ ھەتتا مىليۇن پۇللىرى بار . بۇ شەرەپسىز پەس گۇيلار ، ھۆكىمەت بەشتە كاپالەتلىك يۇقسۇل كەمبىغەللەرگە تارقىتىۋاتقان «دىبۇ» يەنى توۋەن كىرىملىك ئائىلەرگە بىرۋاتقان پۇللارنى ھەر خىل ۋاستە ، ھەر خىل ئامال بىلەن ئىلۋاتىدۇ ! مانا ئاشۇ پۇللار كەمبىغەللەرنىڭ  ،يوقسۇللارنىڭ ھەققى ئىدى ! تولىمۇ ئەپسۇس بۇ پەستىۋەتلەر نۇمۇس قىلماي كەمبىغەللەرنىڭ ھەققىنى يەۋاتىدۇ ! بىز ئەڭ ئاۋال مۇشۇنداق كەمبىغەلنىڭ ھەققىنى تىلەپ يەۋەتقان پەس شەرمەندە دىۋانىلارنى قامچىلايلى !

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ھىجابلىق تىلەمچىلەرنى مەن بېيجىڭدىمۇ ئۇچراتتىم، بىر كۈنىسى ئاپامدەك ئايالنىڭ چىرايلىققىنە ئورىنىۋالغىنىغا كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ، قىلغان گەپلىرىگە ئىشىنىپ، ئۆزۈمنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىپ قىلىپ تاس قاپتىمەن 100 كوي پۇلنى مانا ئېلىڭ دەپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغىلى. كىيىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ بەك غەزەپلەندىم، بۇنداق تىلەمچىلىك قىلغۇچە...

«دىنىڭلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاندىن شۇ بويىچە ياشاڭلار. بولمىسا، ياشىغىنىڭلارنى دىن دەپ ئويلاپ قالىسىلەر» ____ ھەزرىتى ئۆمەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىۋانىدىن    باي ئادەم   يوق   ھازىر   .     تىلەمچىلىكنى   كەسىپ   قىۋالغان     دىۋنىلەرنىڭ  نەچچە   يەدە    ئىسىل   ئىسىل     ئۆيلىرى   ،       نى  نى    ئىسىل    ماشىنىلىرى    بار   دەيدۇ   .     تىلەمچىلىكنى    كەسىپ   قىلىپ ،  جاپا  تارىتمايلا    شۇنچە  مال  _دۇنياغا   ئېرىشكەندىكىن      بولدى  قىماي   يەنە   كۆنۈپ   قاپتىمىز   دەپ   چىقىۋىرىدىكە    كوچىغا   ..    دىۋانىلارنى   ئەتىگىنى   ماشىنىدا  ئاپىرىپ    جايلاشتۇرۇپ   قويۇپ  ،   كەچتە   ئەكىتىدىغان       مەخسۇس    شىركىتى   با     دەپمۇ    ئاڭلىدىم  ......


   ھېلىقى    بىرسى  با   ئۈرۈمچىدە  يۇزلىرى  قاسماق،  مۇزنى  مۇز   دىمەي    ،   ئۆمىلەپ   يالغان  يىغلاپ      دىۋانىلىك    قىلىدىغان،،،   ساپ  ساقكەن     .  قىشتا  مۇزنى  مۇز  دىمەي  ،   ئۆمىلەپ    يۇرگەن   بىلەن   گۈس  _  گۈس     ماڭىدىغان    ...  مۇنىڭمۇ    شۇندا    ئىسىل   ماشىنىسى  با     دەيدۇ   ...    .....  دەپ  كەسەك     بەك  جىق   بۇندالا....   زادى  پۇل   بەمەسلىك    كىرەك  بۇنداقلاغا   

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 4696
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20605
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1510 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئۆسمىلەرنى كېسىپ تاشلاش كېرەك...
ھەممىسى يامان سۈپۈتلىك ئۆسمە...

بولۇپمۇ مەن ھىجاپلىق دىۋانلەرگە بەك ئۆچ....

ئۈرۈمچىدە بىر قېتىم نەنمېن نىڭ يەر ئاستى يولدىن ئۆتۋاتسام بىرى ئاق ياغلىقتا ھىجاپلىنۋالغانكەن... يۈكۈنۈپ ئولتۇرسا ھەممىسىنىڭ ئىچى ئاغرىپ پۇل بېرۋاتاتتى ...
مېنىڭ ئالدىمدا كېتىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر قىز ئۇدۇل بېرىپ ياغلىقىنى تارتىپ ئېچىۋەتتى...

ئۇ شۇنداق بىجىرىم ئايالكەنتۇق 30 ياشلار ئەتراپىدا....
ئەڭ قىززىق يېرى شۇكى ئۇ بىزلەردىن ئەمەس....
قالغىننى سىلەر ئويلىۋېلىڭلار.......

سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۈيۈپ قالدىم . (تۈرۈك ھېكمەتلىرى)

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3096
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمىسىمۇ شۇ،مەن بەرگەن پۇلنى ئاز كۆرۈپ بىر تىلەمچى مېنى تىللاپمۇ ئۈلگۈگەن ئىدى تېخى

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     يەنە شۇ تېلەمچىنىڭ گېپى. قۇم باسقان شەھەر يادىمغا كېلىۋاتىدۇ. لېكىن قەلبىمنىڭ قېتىپ كېتىشىنى خالىمايمەن. كاززاپ ئكەنلىگىنى ئېنىق بىلمىسەم ئاز بولسىمۇ بېرىمەن, گەرچە باي تىلەمچى بولغان ھالەتتىمۇ...
   قېرىنداشلار, سۇرە مائۇننى ئوقۇپ كۆرەيلى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش