مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8329|ئىنكاس: 56

جىننى ساراڭ قىلىۋەتكەن قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1014
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 06:09:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        جىننى ساراڭ قىلىۋەتكەن قىز
                                                   (ھىكايە)

مۇنىيسە يالغۇر قىز بولغاچقىمۇ ئاتا-ئانىسى ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش كۆرەتتى ، مۇنىيسە چىرايلىق ، ئوماق قىز بولۇپ ئەقىللىق ۋە زېرەكلىكىدىن باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرلارنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندى.
مۇنىيسە ئالى مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلەپ ئۇلۇغ غايە ۋە ئۇلۇغ نىشانلار بىلەن پۈتۈن دىققىتىنى ئۈگۈنۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ جەمئىيەت ۋە مىللەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ كەلگۈسىدە ئۆزىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى .بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇنلىغان يىگىتلەرنىڭ تالايلىغان مۇھەببەت خەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ، يەنە نۇرغۇنلىغان يىگىتلەرنىڭ بىۋاستە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ھېسيات ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ چىرايلىقچە رەت قىلىپ كەلگەنىدى .
مۇنىيسە كۈندىن -كۈنگە تولۇپ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىۋاتاتتى ، ئۇنى كۆرگەن بەزى ئوغۇللارنىڭ تىنىقى رىتىمسىزلىشىپ يۈرىكى ئويناپ بەدەنلىرىگە ئوت كەتسە يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان ئوغۇللارغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزمىغىنىنى ئازدەپ ئوغۇللارنىڭ ئالدىدىن پەرۋاسىزلارچە مەغرۇر قىياپەتتە ئۆتۈپ كېتىشلىرىدىن ھەسەت قىلىپ  ، ئىچى قايناپ ، ئاچچىق يۈتەتتى .
توۋا!!! ئىنسانلارلا ئەمەس جىنلار چېغىدىمۇ ئادەمنىڭ ئورۇق -سېمىز ، سەت -چىرايلىق ، ئەخلاقلىق -ئەخلاقسىز ، ئىپپەتلىك -ئىپپەتسىزلىرىنى تونۇپ يېتىپ ھەۋەس قىلىدىكەن دېسە ؟ .
مەنغۇ ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە تازىلىققا رىئايە قىلمايدىغان ئەڭ مەينەتلىرىگە ئامراق دەپ ئاڭلىغان .
شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇلار ئىچىدىمۇ مۇھەببەت ، نىكاھ ، ئائىلە ، بالا-چاقا ۋە ئۇلاردىن باشقا تېمىلاردىمۇ قىززىق پاراڭلار بولىدىغان چېغى ؟ .
مانا مۇشۇ كۈنلەردە جىنلارنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئوتتۇرانچە ئوغلى نۇرجان مۇنىيسەنى قاتتىق ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ، دەسلەپ نۇجاننىڭ ئائىلىسىدىكى ۋە جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ ئىنسان بىلەن مۇھەببەتلىششىگە قارىشى تۇرغان بولسىمۇ لېكىن نۇرجان ئالدى بىلەن دادىسىن كېيىن ئائىلىىسدىكىلەرنى ئاندىن دادىسىنىڭ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ جەمەتىدىكىلەرنى قايىل قىپتۇ ۋە بۇ مۇھەببەت ئىشىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھىچكىشىنىڭ بۇ ئىشقا ئارلاشماسلىقىنى ئۆتۈنۈپتۇ ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەر ۋە جەمەتىدىن بۇ توغۇرسىدا قاتتىق ۋەدە -ئەھدىلەرنى ئاپتۇ .
ئۆز جەمەتىدىكىلەردىن رۇخسەت ئالالىغان نۇرجان ئوشۇقى ئالچە چۈشكەن قىمارۋازلاردەك ئىنتايىن خوشال ئىدى ، ئۇ ئەمدى مۇنىيسەگە مۇھەببىتىنى قانداق ئىزھار قىلىش توغۇرسىدا ئويلىنۋاتاتتى . ئۇ بىرتۇرۇپ مۇنىيسەنىڭ چۈشىدە پەيدا بولۇپ ئاستا-ئاستا ئىندەككە كەلتۈرمەكچى بولدى ، يەنە بىر تۇرۇپ نۇرغۇن خەزىنىلەر بىلەن بېرىپ مال-دۇنياغا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئۇتماقچى بولدى ، ئىش قىلىپ نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ باقتى لېكىن توغرا تاپمىدى . ئارقدىنلا ئۇ :
-توغرا مۇنىيسەنى بۇلاپلا ئېلىپ كېلەي شۇنداق قىلسام ئۇ قارىشلىق كۆرسىتىشكە چارىسىز قالىدۇ -دە ،
مەخسەتلىرىمگە ئاسانلا يىتەلەيمەن -دېدى ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق قىلالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ . توساتتىن ئۇ :
-ياق بۇ دېگەن مۇھەببەت بۇنداق چىن ، ساپ مۇھەببەتنىڭ ۋىسال لەززىتىگە يىگىت -قىزدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ چىن يۈرەكتىن خالاپ ماقۇل بولۇپ ماسلاشقاندىلا ھەقىقى يەتكىلى بولىدۇ -دېدى ئۇ بىر ئاز ئەقىل تاپقاندەك روھلىنىپ .....
نۇجان قامەتلىك ، كېلىشكەن ،جەزبىدار بىر ياش يىگىتنىڭ سىياقىغا كىردى ، ئۇ داۋاملىق مۇنىيسەنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتتى .
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ....، نۇرجان مۇنىيسەنى بۇنداق نەتىجىسىز پايدىسىز كۈتىۋىرىشتىن جاق تويغانىدى . ئۇ  بىركۈنى گۇگۇم ۋاقتى بىلەن مۇنىيسەنىڭ مەكتەپ گۈللىكىدە ئۆزى يالغۇز خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى ، نۇرجان بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ مۇنىيسەنىڭ قېشىغا كەلدى ھەمدە ئۇنىڭدىن تىنىچ -ئامانلىق سوراشتى ، مۇنىيسە دەسلەپ سەل ھودۇقۇپ تەمتىرەپ قالدى ئارقىدىن ئۇ بۇ ناتونۇش يىگىتكە :
-ئىشىڭىز بولمىسا قايتىپ كېتەي -دېدى -دە ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى . نۇرجان چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى ۋە چاقماق تېزلىكىدە ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى . مۇنىيسەنىڭ قۇلىقىغا ئۇنىڭ سۆزلىرى كىرىپ چىقىدىغاندەك ئەمەس ئۇ ھەدەپ نۇرجاننىڭ قولىدىن بوشىنىپ چىقىش ئۈچۈن يۇلقۇنۋاتاتتى . مۇنىيسە ئاخىرى بۇ ئەدەپسىز يىگىتنىڭ قولىدىن بوشۇنۇپ چىقىشقا كۆزى يەتمىگەنلىكتىن دەسلەپ بوشاراق ئاۋازدا <قۇتۇلدۇرۇڭلار!> دېدى ، لېكىن ئۇ يىگىت مۇنىيسەنىڭ قولىنى ھېچ قويۇۋىتىدىغاندەك ئەمەس ، بۇنىڭ ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى كۆرگەن مۇنىيسە بار ئاۋازىنى قويۇۋىتىپ <قۇتقۇزۇڭلار!> دەپ ۋاقىراپ -جاقىراشقا باشلىدى.
مۇنىيسەنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن نۇرجان بىردىنلا ئىلگىرى ئويلىغان مۇھەببەت توغۇرسىدىكى پەلسەپەلىرىنى ئۇنتۇپ زەردە بىلەن :
-ئۈنۈڭنى يىغ -دېدى دە ، ھەش -پەش دېگۈچە كۆزدىن غائىب بولدى .....
بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ مۇنيسەنىڭ خەۋرىنى ئالالمىغان مەكتەپ ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئىز -دېرىكىنى قىلىشتى ، ئائىلىىسگە تېلىفۇن قىلىشتى ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلاشتى لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى . مۇنىيسەنىڭ ئاپىسى قىزنىڭ دەردىدە ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ، دادىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنى ئىزدەپ ھەرتەرەپكە چاپتى .....
مۇنىيسە ئۈرۈمچىنىڭ چەت ياقىسىدىكى مەلۇم بىر تاشلاندۇق بىنادا ئىككى قولى بىلەن بېشىنى قاماللىغىنىچە زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ بۇ كونا بىنادا تۇرۇۋاتقىنىغا بۇگۈن ساپمۇ -ساق ئىككى ھەپتە بولغان بولۇپ ئۇ ئەمدى داۋاملىق قارىشلىشى مەيدانىدىن ۋاز كېچىپ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بۇ مەخلۇقنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ بۇ يەردىن تېزراق قۇتۇلۇپ كېتىشىنى ئويلىدى چۈنكى مۇنىيسە نۇجاننىڭ سەن ماڭا خوتۇن بولۇشقا ماقۇل بولساڭلا مەن سېنىڭ ھەرقانداق تەلىۋىڭنى ئورۇنداشقا تەييارمەن ساڭا قىلچە زىيان -زەخمەت يەتكۈزمەيمەن
دپ قاتتىق ۋەدىلەرنى بېرىپ قەسەملەرنى ئىچكەن ئىدى .
دېمىسىمۇ نۇرجان مۇنىيسەنى زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكتىن مۇنىيسە ئۆزىگە خوتۇن بولۇشقا ئۇنىسىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەللەرنى تۆلەشكە ، ھەرقانداق ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈشكە رازى ئىدى .
مۇنىيسەمۇ نۇرجاننىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە چىن پۈتۈپ قالغان ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ، ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۇرۇق -تۇققانلىرىنى ئويلاپ بۇ مەخلۇقنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل دېمىسە بۇيەردىن چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا مۇنىيسە قوشۇلمىغان تەغدىردىمۇ بەرىبىر بۇ مەخلۇق زورلۇق ئىشلىتىپ مەجبۇرى ھالدا مەخسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىغا ئۇنىڭدىن كۆرە مۇنىيسە ئۆزى قوشۇلسا بۇ مەخلۇقنى ئىقدەككە كەلتۈرۈپ سىزغان سىزىقىدىن چىقماس قىلىۋىتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى ، ئۇلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى مانا مۇشۇنداق باشلاندى ، نۇرجان مۇنىيسەگە مەكتەپكە يېقىن جايدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بەردى ، مۇنىيسەمۇ خاتىرجەم مەكتەپكە كىرىپ چىقالايدىغان بولدى . مۇنىيسە بۇ ئىشلارنى ھىچكىمگە تىنمىدى چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ شەنىگە ، ئىززەت-ئابرويىغا داغ چۈشۈرۈشنى خالىمايتى ھەمدە باشقىلارغا ئېيتقان تەغدىرىمۇ بۇنىڭغا قارىشى ئۈنۈملۈك چارە تېپىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتى .
شۇنداقتىمۇ مۇنىيسەنىڭ بۇ مەخلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئويلاپ قويغان پىلانلىرى بار بۇ پىلانلارنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن مەلۇم مەزگىل مەلۇم جەريان كېتىدۇ .
مۇنىيسەنىڭ ئاتا-ئانىسى ، ئۇرۇق -تۇققان ، دوس -بۇرادەر ، ساۋاقداشلىرىمۇ مۇنىيسەنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خوش لېكىن ئۇلار مۇنىيسەنىڭ نەگە نېمە سەۋەپتىن يوقاپ كەتكەنلىكىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ئىدى .
مان ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى دېمىسىمۇ نۇرجان مۇنىيسەنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايتى ، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايتى ، ھېسداشلىق قىلىپ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالاتتى . تېخى ئەر-خوتۇن بولغان تۇنجى كېچىسى:
-بۇ مېنىڭ ئازراق چېچىم ، بىز جىنلارنىڭ قائىدىسىدە قايسى بىر ئىنساندا بىز جىنلارنىڭ چېچى بولسا  جىنلارنىڭ ئۇنىڭغدا مەڭگۈ چېقىلىشى چەكلەنگەن - دەپ بىر تۇتام چېچىنى مۇنيسەگە بەرگەن ئىدى .
نۇربىيە چاچنى قۇرئاننىڭ ئارىسىغا سېلىپ ساقلاپ كېلىۋاتاتتى . بۇ مەخلۇقنىڭ كۆيۈمچان مېھرىبانلىقىنى ئويلىسا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتقۇسى بار لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ئۇ دېگەن جىن مۇنىيسە دېگەن ئىنسان-دە ؟  تېخى ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنيسە نۇرجاننىڭ ئۇخلاپ قالغان گاھى ۋاخلىرىدا تۇرۇپ-تۇرپ قۇلىقىنىڭ خۇددى باجىنىڭكىدەك ئۇزىراپ  قالىدىغانلىقىنى يەنە تۇرۇپ -تۇرۇپ بۇرنىنىڭ يوغىناپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇنىڭدىن بىزارلىق ھېس قىلىپ چىۋىن يەۋالغان ئادەمدەك بولۇپ قالغان چاغلىرىمۇ بولغان .
كىم بىلىدۇ ،تېخى بۇ ئەسلىدە ئىنتايىن سەت قويقۇنۇچلۇق بىر مەخلۇق بولۇپ پەردازلىنىپ كېلىشكەن ئادەم سىياقىغان كىرۋالغانمۇ؟ مۇنىيسە بۇنى ھەر بىر ئويلىغىنىدا قورۇققىنىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدى مۇزلاپ سوغۇق تەرگە چۆمەتتى .
مۇنىيسە نۇرجاندىن كەسكىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى ھەمدە ئىلگىرى تۈزگەن پىلانلىرى بويىچە نۇرجاننىڭ ئۆزىگە بەرگەن چېچى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان يالقۇنلۇق ئوتتەك مۇھەببىتىدىن پايدىلانماقچى بولدى .
مۇنىيسە ھەدېسىلا نۇرجاب بىلەن سوقۇشىدىغان ، تىللايدىغان ، سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەت قلىدىغان ۋە ئۇنى كەمسىتىدىغان بولىۋالدى ، نۇرجان بولسا دەردىنى ئىچىدە بىلىپ ئاچچىق يۈتۈپ مۇنييسەگە قاتتىق تەگمىدى .
ئارىدىن يەنە ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، مۇنىيسەنىڭ نۇرجانغا بولغان بېسىمى كۈندىن -كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتاتتى ، تىللايتى ، ۋاقىراپ-جاقىرايتى ، كۆڭلىگە ئازار بېرەتتى ئىشقىلىپ نۇرجانغا پەقەتلا ئاراملىق بەرمىدى .
نۇرجان ھەرقانچە خورلۇق ھېس قىلسىمۇ ئىككى سەۋەپتىن بۇ بېسىملارغا چىدىماي ئامالى يوق ، بىرىنچىسى مۇنىيسەگە بولغان مۇھەببىتى لېكىن بۇ مۇھەببەت بارغانسىرى سۇسلاپ كېتىۋاتاتتى ، ئىككىنچىسى نۇرجاننىڭ مۇنىيسەگە بەرگەن بىر تۇتام چېچى . يۇقىرقى ئامىللار تۈپەيلى نۇرجان بارغانسىرى جىمغۇر بولۇپ كېتىۋاتاتتى ،
ئارلىقتا كۈن -كۈنلەر ، ھەپتە ھەپتىلەپ ئۆيىگە قايتمايدىغان بولىۋالدى . مۇنىيسە قوللانغان چارىلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولدى .
ئۇ بىركۈن ئۆيگە كەچرەك كەلگنەن نۇرجانغا :
-بىريەردىن ئاشنا تۇتۇۋالدىڭمۇ نېمانداق ئۆيگە كەچ كېلىسەن _ دەپ يوقىلاڭ سەۋەپلەر بىلەن نۇرجانغا ھاقارەت قىلدى ۋە ئارقىدىن تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ :
-سەن دېگەن بىر ئەرزىمەس ، تېگىڭ پەس ، كۆرۈمسىز مەخلۇقسەن ، سالپاڭ قۇلاقلىرىڭنى مېنى كۆرمىگەن دەپ ئويلامسەن مەن ھەممىدىن خەۋەردار -دېۋىدى ، سۆيگىنىنىڭ ئالدىدا ئەسلى قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئاشكارا بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلىغان نۇرجان قاتتىق نومۇس قىلىپ كونتۇرۇللىقىنى يوقاتتى ، تۇيۇقسىز كۆرۈمسىز بەتبەشرە بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالدى .
ئۇنىڭ پىلنىڭكىدەك يوغان سالپاڭ قۇلاقلىرىنى ، ئېشەكنىڭكىدەك سەت كالپۇكلىرىنى ، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدىن چاچ ئۇنۇپ چىققىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا يارا بېسپ كەتكەن تاز بېشىنى ، دودەي كالپۇكلىرىدىن سىرىتقا چىقىپ ساڭگىلاپ قالغان ئىتنىڭكىدەك ئۇزۇن تىلىنى تېلىۋوزۇرنىڭكىدەك توت چاسا يۈزىنى ، كونا تام چوتكىسىنىڭ تۈكىدەك پاخپىيىپ كەتكەن توم قاشلىرىنى ، كالىنىڭكىدەك پۇشۇلداپ تۇرۇدىغان سەت بۇرنىنى ،
ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن،بېشىنىڭ چوڭلىقىغا قىلچە ماس كەلمىگەن يۇمۇق كۆزلىرىنى يىغىپ كەلگەندە ھەممە يېرىنى تۈك بېسىپ كەتكەن يىرگىنىشلىق بەدىنىنى كۆرگەن مۇنىيسە بىرلا چىقىراپ ھوشىدىن كەتتى .....
مۇنىيسە نېرۋا كېسەللەر دوختۇرخانىسدا تولۇق توت ئاي داۋالانغان ۋە موللىلارغا تالاي قېتىم ئوقۇتۇلغاندىن  كېيىن سەللىمازا ساقايدى  ھەمدە  ئۆزىنىڭ بارلىق كۆڭۈلسىز كەچمىشلىرىنى
ئۇنتۇشقا تىرىشىپ ئوقۇشقا قايتىدىن كىرىشىپ كەتتى .ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە مەھەللە مەسجىد ئىمامىنىڭ مەسلەھەتى بىلەن كۈنىگە <ئايەتۇلكۇرسى> نى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇيدىغان شۇنداقلا بەش ۋاخ نامازنى سەل قارىماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بولىۋالدى .
ئەمما ئاڭلاشلارغا قارىغاندا نۇرجان سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ھەمدە ئېغىر بېسىم ۋە ئار -نومۇسقا چىدىماي ئېلىشىپ ساراڭ بولۇپ قېلىپ جىنلار مەھەللىسىدە ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ يۈرگۈدەك.

  مەنبە :ئۆز قەلىمىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ihbal99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 06:19 PM  


باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2857
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4868
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3742 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 07:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىز ھەم قىزىقارلىق ھەم مەنىلىك ياخشى چىقىپتۇ. ئاۋۇ بەدبەشىرىنىڭ تەسۋىرلەنگەن سىياقىنى خىيال قىلغىنىمدا تىترەپ كەتتىم دىسە..............

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1984
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 07:42:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايە ئارقىلىق نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەندىم .  كۆپ رەھمەت.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساقايماس كىسەل ، كۆڭۈل ئاغرىقى .
سەۋرچانلىق ،ئەپۇچانلىق ، شىرىن تىلەك ئۇنىڭ دورىسى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1014
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 08:04:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوداۋاتقان كاللىرىمنىڭ ئىچىدە بىرسى ئۆلۇپ قالغىنى تاس قېلىپ ( ھېلىمۇ پىچاق سۈرۈۋالدۇق ) شۇ ھەلەكچىلىكتە ئالدىراپ ئەۋەتىپ ئىملا خاتالىقى كۆپ كۆرۈلۈپ قاپتۇ توغرا چۈشەنگەيسىلەر ئۆزرىلىكمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100902
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 275
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 08:06:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازىمۇ بىر قىزىقچىكەنسىزغۇ  سىز ... خۇددى جىنلارنى ئۆز كۆزىڭىز بىىلەن كۆرگەندەك تەسۋىرلەپسىز ...

سەممىمىيلىك مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم!

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2358
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19059
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8353 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 08:27:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن رەھمەت  !~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئوقۇغۇچى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92976
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 338
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 09:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل ئىكەن.....

ھاياتىم ئاناتىل بىلەن گۈزەل...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99293
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 268
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-11-6
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 09:12:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانمىدا جىننىڭ ھىكايىلىرى كۆپىيىپ قېلۋاتىدىغۇ..ئەئۇزى بىللاھى مىنەششەيتىانىررەجىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102178
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-1-12
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 09:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز رەخمەت

ياز قەلىمىم    ياز   قەلەم،
سەندە قۇۋۋەت ئاز قەلەم.
قۇۋۋىتىڭنى      ئاشۇرۇپ،
گوھەر دۇردۇن  قاز قەلەم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91777
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 517
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2013-2-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 09:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ رەھمەت

مۇھەببەت ئالدامچى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش