مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1016|ئىنكاس: 15

تالانغان ھېكىمەتلىك سۆزلەر... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 925 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 12:11:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ مۇنداق دەيدۇ: يىغا ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.(1) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ يىغلاش؛  (2) ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ يىغلاش؛(3) ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقۇپ يىغلاش. بىرىنجى يىغا گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ. ئىككىنجى يىغا ئەيىپ-نۇقساننى تازىلايدۇ. ئۈچىنچى يىغا دوستنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ. گۇناھقا كاپارەت بولغاننىڭ مېۋىسى- ئازاپ ئوقۇبەتلەردىن قۇتۇلۇشتۇر. ئەيىپ- نۇقساندىن تازىلىنىشنىڭ مېۋىسى- داۋاملىق نازۇ-نېئمەت ۋە ئالىي دەرىجە. دوستقا ئېرىشىشنىڭ مېۋىسى- ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ ياخشى شەرتىدۇر، شۇنداقلا پەرىشتىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشنىڭ ۋە پەزىلەتنىڭ زىيادە بولغانلىقنىڭ ياخشى بىشارىتىدۇر.

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: سىلەر چىش چوتكىلاشتا چىڭ تۇرۇڭلار،چۇنكى چىش چوتكىلاشتنىڭ ئون تۈرلۈك خاسىيتى بار.(1) ئېغىزنى پاك قىلىدۇ؛(2) ئاللاھنى رازى قىلىدۇ؛(3) شەيتاننى غەزەپلەندۈرىدۇ؛(4) مېھرىبان ئاللاھنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ؛(5) چىشنى چىڭىتىدۇ؛(6) ئېغىز بوشلۇقىدىكى خەپرۇكنى تازىلايدۇ؛(7) ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ؛(8) ئېغىز بوشلۇقىنىڭ نەملىكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛(9) كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ؛(10) ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھى ۋەسسەلەم مۇنداق دېگەن: چىش چوتكىلىماي ئوقۇغان نامازدىن چىش چوتكىلاپ ئوقۇغان ناماز يەتمىش ھەسسە ئەۋزەل بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) مۇنداق دەيدۇ: « ئىسلام قەۋمى ئىچىدىن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئون تۈرلۈك ئادەم چىقىدۇ، گەرچە ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالسىمۇ (1) قاتىل؛(2) سېھرىگەر؛(3) دەيۈز بولۇۋالغۇچىلار يەنى ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ ناباب ئىشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمىگەن ياكى ئاڭلىمىغان بولىۋالغۇچى؛(4)زاكات بېرىشكە قارشى تۇرغۇچىلار؛ (5) ھاراقكەش؛(6) ھەج قىلىشقا لايىق بولسىمۇ، ھەج قىلمىغۇچى؛(7) پىتنە- پاسات قىلغۇچى؛ (8) دۈشمەنگە قورال سېتىپ بەرگۈچى؛(9) ئايال بىلەن لىۋاتە قىلغۇچى؛(10) بىۋاستە تۇغقانلىرى بىلەن توي قىلغۇچى» يۇقىرقى ئىشلارنى ھالال سانىغۇچىلار دىندىن تانغان بولىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ بەندىسى بولغان كىشى مەيلى ئاسماندا ياكى زېمىندا بولسۇن سېخى بولماي تۇرۇپ مۆئمىن بولالمايدۇ، مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ سېخى بولالمايدۇ، باشقىلار ئۇنىڭ قولىدىن ۋە تىلىدىن ئازار يېگەن تۇرۇپ ئۇ مۇسۇلمان بولالمايدۇ، ئالىم بولماي تۇرۇپ مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ، ئەمەل قىلماي تۇرۇپ ئالىم بولغىلى بولمايدۇ. تەقۋا بولماي تۇرۇپ ئىلىمگە ئەمەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئاللاھتىن بەك قورقماي تۇرۇپ تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ،كەمتەر بولماي تۇرۇپ تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ، ئۆزىنى تونىماي تۇرۇپ كەمتەر بولغىلى بولمايدۇ، ئەقىلسىز كىشى ئۆزىنى تونىيالمايدۇ، رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن، يەھيا ئىبنى مۇئاز دۇنياغا كەلگەن بىر ئالىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئېيتقانكى« ئى ھەدىسنى چۈشىنىدىغان ئىلىملىك ئالىم! سىلەرنىڭ ئورداڭلار بىلەن رىم پاپىسى قەيسەرنىڭ ئوردىسى ئوخشاش، سىلەر تۇرۇۋاتقان بىنا پارىس شاھى كىسرانىڭ تۇرالغۇسىدىن پەرقسىز، سىلەر ياتقان كارۋاتلار ھارۇننىڭكى بىلەن ئوخشاش شەۋكەتلىك، سىلەرنىڭ ئىشكىڭلار تالۇتنىڭ ئىشىكىگە ئوخشاش، سىلەرنىڭ كىيگەن كىيمىڭلار ئۇرۇش جىنايەتچىسى جالۇتنىڭ كىيمىگە ئوخشاش، سىلەرنىڭ يولۇڭلار ئىبلىسنىڭ يولى بىلەن بىر مەنبەدىن چىققان، سىلەرنىڭ بايلىقىڭلار بىلەن ئالۋاستىنىڭ بايلىقى بەرىبىر ئوخشاش، سىلەرنىڭ باشقۇرشىڭلار بىلەن فىرئەۋىننىڭ باشقۇرشى ئوخشاش، سىلەرنىڭ سوتچاڭلار بىلەن ئاشۇ تىلى شېكەر، دىلى زەھەر پارىخور ئالدامچىلار ئوپمۇ- ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئۆلىمىڭلار بىلەن جاھىلىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلىمى ئوخشاش، سىلەر يەنە قانداقمۇ مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) نىڭ ئۈممىتى بولالايسىلەر ؟»

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:« نىجاتلىق ئون تەرەپتىن بولىدۇ، بۇنىڭ بەشى مۇشۇ دۇنيادا، قالغان بەشى كېيىنكى دۇنيادا. بۇ دۇنيادىكى بەشى بولسا(1) بىلىمگە ئىگە بولۇش؛(2) ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىش؛(3) تۇرمۇش مەبلىغى ھالال تىجارەتتىن كېلىش؛(4) قىيىنچىلىققا قارىتا چىدامچان،سەۋىرلىك بولۇش؛(5) ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش.  كېيىنكى دۇنيادىكى بەشى بولسا(1) ئەزرائىل ئۇنىڭغا رەھىمدىل بولۇش؛(2) قەبرىدە مۇنكىر-نەكىر ناملىق ئىككى پەرىشتە سوراق قىلغاندا قورقماسلىق؛(3) ئەڭ قورقۇنۇچلۇق پەيتتىمۇ خاتىرجەم تۇرۇش؛(4) قەبىھ قىلمىشنى يوققا چىقىرىپ ياخشى ئەمەللىرى قوبۇل بولۇش؛(5) پىلسىراتتىن ئۆتكەندە چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈش ۋە بىخەتەر جەننەتكە كىرىش.»

بىر ھەكىم ئېيتىدۇ، ھەقىقى توۋا قىلغان ئەقىل ئىگىسىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا،مۇنۇ ئىشنى قىلىشى كېرەك.(1) ئېغىزدا توۋا قىلىش،راستچىللىق بىلەن پۇشايمان قىلىش؛(2) قەبىھ قىلمىشنى چىقىرىپ تاشلاش؛(3) قەتئىي قايتا سادىر قىلماسلىق؛(4) ئاخىرەتنى قىزغىن سۆيۈش؛(5) پانىي دۇنيانى بەك ياخشى كۆرمەسلىك؛(6) قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش؛(7) يېمەك- ئىچمەكتە تېجەشلىك بولۇش؛ (8) ئاز ئۇخلاش.

ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ:« ئۇلار كېچىلىرى ئاز ئۇخلايدۇ، سۈبھىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى تىلەيدۇ.»

ئەنەس ئىبنى مالىك ئېيتىدۇ:« زېمىندىن ھەر كۈنى مۇنداق ئون تۈرلۈك سادا ئاڭلىنىدۇ(1) ئى ئىنسانلار! سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە ھەرىكەت قىلساڭلارمۇ، لېكىن قايتىدىغان جايىڭلار ھەقىقەتەن مېنىڭ قورساق قىسمىمدۇر؛(2) گەرچە سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە گۇناھ ئىشلاردا چەكتىن ئاشساڭلارمۇ، لېكىن مېنىڭ قورساق قىسمىمدا جازالىنىسىلەر؛(3) گەرچە سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە كۈلۈپ يۈرسەڭلارمۇ، لېكىن پات ئارىدا مېنىڭ قورساق قىسمىمدا يىغلاپ ياش تۆكىسىلەر؛(4) گەرچە سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە خۇشال تەنتەنە قىلساڭلارمۇ، لېكىن پات ئارىدا مېنىڭ قورساق قىسمىمدا غەمگە چۆكىسىلەر؛(5) گەرچە سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە مال-دۇنيا توپلىساڭلارمۇ، لېكىن پات ئارىدا پۇشايمان قىلىسىلەر؛(6) گەرچە سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە ھارام نەرسىلەرنى يېسەڭلارمۇ، لېكىن پات ئارىدا قورساق قىسمىمدا قۇرتلارغا يەم بولىسىلەر؛(7) گەرچە سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە غادىيىپ يۈرسەڭلارمۇ، لېكىن پات ئارىدا مېنىڭ قورساق قىسمىمدا باش ئېگىپ تازىم قىلىسىلەر؛(8) گەرچە سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە خۇشال ئالاقە قىلساڭلارمۇ، لېكىن مېنىڭ قورساق قىسمىمدا خاتىرجەم بولالمايسىلەر؛(9) گەرچە سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە باردى-كەلدى قىلىشقاندا نۇر بىلەن يورتۇلۇپ تۇرساڭلارمۇ، پات ئارىدا مېنىڭ قورساق قىسمىمدا پۈتۈن قاراڭغۇلۇققا قالىسىلەر. (10) گەرچە سىلەر مېنىڭ دۈمبەمدە تۈرلۈك بازارلارغا بارساڭلارمۇ، لېكىن پات ئارىدا مېنىڭ قورساق قىسمىمدا يېگانە كۈلپەتلىك كۈن كەچۈرسىلەر.»

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: كۆپ كۈلگۈچى ئون تۈرلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ(1) قەلبى بارا- بارا ئۆلىدۇ؛(2) ئابرويى بارغانسېرى يوقىلىدۇ؛(3) شەيتان ئۇنى كۈلدۈرىدۇ؛(4) ئاللاھنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدۇ؛(5) قىيامەتتە قاتتىق سوراق قىلىنىدۇ؛(6) قىيامەتتە پەيغەمبەرلەرنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرايدۇ؛(7) ئاسمان- زېمىندىكى ھايۋانلارنىڭ ئاغرىنىشىغا ئۇچرايدۇ؛(8) ئۇنتۇغاقلىق؛(9) قىيامەتتە بەتبەشىرە ھەشر قىلىنىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە ھەقىقى توۋا قىلغاندىن باشقا ئون تۈرلۈك ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ئۇلار(1) ئەمەلدارلار ئارىسىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەنلەر؛(2) كىپەن ئوغرىسى؛(3) ھەق-ناھەقنى توقۇپ چىقارغۇچى سۇخەنچى؛(4) قىزلارنى تېپىپ ئۆيىدە بەزمىخانا ئېچىپ بەرگۈچىلەر؛(5) ئايالىنى، قىزىنى كۈنلىمەيدىغان كىشى؛(6) چاڭ چالغۇچى؛(7) تۆت تارلىق چالغۇ ئەسۋابىنى تەڭكەش قىلغۇچى تەمبۇرچى؛(8) باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كەچۈرمەيدىغان كىشى، كەچۈرۈم سوراشنى قوبۇل قىلمايدىغان كىشى؛(9) تەربىيەسىز قالغان ھارامدىن بولغان بالا؛ (10) ئاتا- ئانىسىنىڭ قارغىشىغا كەتكەن بالا.

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن، ئون تۈرلۈك ئادەمنىڭ ئىبادىتىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ.(1) يالغۇز ناماز ئوقۇپ ئايەتلىرىنى ئوقۇمىغان ئادەم؛(2) زاكات بەرمەيدىغانلار؛(3) جامائەتكە ئىمام بولغان، ئەمما جامائەت يامان كۆرىدىغان ئىمام؛(4) قاچقۇن قۇل؛(5) ھاراقنى جېنىدىن ئېزىز كۆرگۈچى؛(6) ئېرىنى غەزەپلەندۈرۈپ سىرتتا قونۇپ قالىدىغان ئايال؛(7) بېشىغا ياغلىق ئارتماي ناماز ئوقۇغۇچى ئايال؛(8) جازانە يېگۈچى زومىگەر باشلىق؛(9) ناماز ئوقۇغۇچى ھەم يامان ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلغۇچى شۇنىڭ بىلەن ئاللاھتىن كۈنسېرى يىراقلاپ كەتكۈچى.

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان، تۈرلۈك بالايى- ئاپەتلەر قاراڭغۇ كېچىلەردە بىر پارچىدىن- بىر پارچىدىن يېقىنلاپ كېلىدۇ، مەن سورىدىم يا رەسۇلۇللاھ ئۇ بالايى- ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بارمۇ؟ پەيغەمبىرىمىز جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:« بارچە ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ چىقىش يولى ئۇلۇغ قۇرئاندۇر، چۈنكى قۇرئاندا ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ تارىخى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېيىنكىلەر توغۇرلۇقمۇ ئۇچۇرلار بار، قۇرئان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھەق- ناھەقنى ئايرىغۇچى دەستۇردۇر،ئۇشۇنداق دەستۇركى: يالغان،

ساختىدىن خالى، قۇرئاندىن ئايرىلىپ قالغۇچى ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر، ئۇنى ئاللاھ خارلايدۇ، قۇرئاندىن ئايرىلىپ ھەقىقەتنى ئىزدىگۈچىنى ئاللاھ تائالا ئازدۇرۋېتىدۇ، قۇرئان ئاللاھنىڭ مۇستەھكەم ئارغامچىسى، پارلاق يولىدۇر. دانالارچە پەندى- نەسىھەتتۇر، ساغلام پارلاق يولدۇر. ئۇ شۇنداق دەستۇركى، بۇرمىلىنىپ كېتىش بىلەن ساپلىقى يوقالمايدۇ، ئۇ نەچچە مىڭ ئىبارىلەر بىلەن ئۆزگەرتىلىشتىن بۇزۇلمايدۇ. ئۇ بەس- مۇنازىرە بىلەن كەمسىتىلمەيدۇ، ئالىملار قۇرئان بىلىمىگە قانمايدۇ، تەقۋادارلار ئۇنىڭدىن بىزار بولمايدۇ، قايتا- قايتا ئوقۇش بىلەن كونىراپ كەتمەيدۇ، ۋەقەلىرى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ، ئۇ شۇنداق دەستۇركى، جىنلار بۇنى ئاڭلاپ ‹بىز ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلىدۇق› دەۋەتكەن، كىمكى قۇرئاننى ئۆگەنسە ئۈستۈنلۈك قازىنىدۇ، كىمكى قۇرئان بىلەن سۆزلىسە راستچىل بولىدۇ، كىمكى قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلسا ھەققانىيەتچى، ئادىل بولىدۇ،كىمكى قۇرئانغا ئەمەل قىلسا پايدا تاپىدۇ، كىمكى قۇرئان تەرەپكە چاقىرسا توغرا ماڭغان بولىدۇ» (تىرمىزى توپلىغان).

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن، مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا تەربىيە قىلىدۇ، ئۇنداقتا مەن تەربىيەنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىم كېرەك ( ئىبنى سەمئانى سيرەتۇ توپلىغان).

قىيامەت يېقىنلاشقاندا، بىر قىسىم نادان ئابىت ھەم بىر قىسىم پاسىق قارىلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ (ئەبۇ نۇئەييىم،ھاكىم توپلىغان).

بۆشۈكتىن قەبرىگىچە ئىلىم ئۆگىنىڭلار ( ھاجى خەلىپە توپلىغان)

ئەي بالام ! رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىگە قىلغان نەسىھەتلەر ئىچىدە مۇنداق بىر سۆزى بار. « ئىنساننىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۇ ئىنساندىن يۈز ئۆرىگەنلىلكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.» بىر ئىنساننىڭ يارىتىلىشتىكى نىشانى بولغان ئىبادەتتىن تاشقىرى غەيرى ئىش بىلەن بىر سائەت ۋاقىتنىڭ ئۆتكەنلىكى ئۇنىڭ ئۇزۇن ھەسرەتكە مۇپتىلا بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر، بىر ئادەمنىڭ قىرىق ياشتىن ھالقىپمۇ ياخشىلىقى يامانلىقىدىن غالىپ كەلمىسە، ئۇ دوزاققا تەييارلىق قىلسۇن.( مەجمەئۇل خەتىپ، مەجمەئۇ ئەبىل فەتھىل ئەزدى ۋە ئەددۇرۇل مەنسۇرفىتتەفىر لىمەئىسسۇيۇتىدىن) مانا بۇ نەسىھەت بىلىم ئىگىلىرىگە كۇپايىدۇر.

ئەي بالام! نەسىھەت قىلىش ئاسان، ئۇنى قوبۇل قىلىش قىيىندۇر، چۇنكى نەسىھەت ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلگۈچىلەرنىڭ تەم- سەزگۈسىگە ناھايىتى ئاچچىق تېتىيدۇ. چۇنكى يامان ئىشلار ئۇلارنىڭ قەلبىلىرىدە سۆيۈملۈكتۇر. خۇسۇسەن رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە ئۆز نەپسىنىڭ پەزىلىتى ۋە دۇنيا پەزىلەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارغا نىسپەتەن تېخىمۇ شۇنداق، بۇنداق ئادەملەر نوقۇل ئىلمىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچىسى ۋە نىجاتلىقى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنىڭ كېرىكى يوق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، مانا بۇ قۇرۇق گەپ ساتىدىغان پەيلاسوپلارنىڭ كۆز قارىشى. توۋا دىگۈلۈك! بۇ بىچارە بايقۇش ئىلىم تەھسىل قىلىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا ئىلىمنىڭ ئۆزىگە زىيان كەلتۈردىغانلىقىنى بىلمىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھى ۋەسسەلەم مۇنداق دەيدۇكى: «قىيامەت كۈنى ئەڭ ئەشەددىي ئازاپ قىلىنىدىغان كىشى ئۆزىنىڭ ئىلمىدىن مەنپەئەتلەنمىگەن ۋە باشقىلارنى مەنپەئەتلەندۈرەلمىگەن ئالىمدۇر» ( مۇئىجەمۇتتىبرانى سۇنەنۇل بەيھەقىيدىن).

رىۋايەتلەردە دېيىلىشچە، جۇنەيد باغدادى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىراۋ چۈشىدە كۆرۈپ ئۇنىڭغا دېگەنكى، ئەي جۈنەيد ئەھۋالىڭ قانداق؟ جۈنەيد مۇنداق دېگەن: «ھېلىقى (ئۆگەنگەن) ئىبارىلەر تىلىدىن قاچتى ھېلىقى ئىشارىلەر يوقالدى،بىزگە مەنپەئەت بەرگىنى پەقەت بىز يېرىم كېچىلەردە ئوقۇغان بىر نەچچە رەكەت نامازلا بولۇپ قالدى».

ئەي بالام! ئەگەر ئىلىمنىڭ ئۆزىلا ساڭا كۇپايە بولۇپ، باشقا ئەمەلنىڭ كېرىكى بولمىسا ھەدىس شەرفتىكى ئاللاھنىڭ «بىر نەرسە تىلەيدىغان ئادەم بارمۇ؟ ئىستىغپار تىلەيدىغان ئادەم بارمۇ؟ توۋا قىلىدىغان ئادەم بارمۇ؟» (سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىم دىن) دېگەن سۆزلىرى پايدىسىز قۇرۇق گەپ بولۇپ قالغان بولاتتى.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر بۆلۈك ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئېلىشقانىكەن مۇھەممەد ئەلەيھى ۋەسسەلەم ساھىبىلەردىن بىرىگە مۇنداق دەپتۇكى:«ئۇ نېمە دېگەن ياخشى ئادەم ھە! كاشكى كىچىسى ناماز ئوقۇغان بولسا»( سەھىھۇل بۇخارى ، سەھىھۇل مۇسلىم، جامئۇت تىرمىزى ۋە سۇنەنى سەئىيدىن). يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن بىرىگە مۇنداق دېگەن ئىكەن« ئى پالانچى سەن كېچىسى كۆپ ئۇخلىما، كېچىسى كۆپ ئۇخلاش ئۇيقۇ ئىگىسىنى قىيامەت كۈنى يوقسۇل ھالدا قالدۇرىدۇ» دېگەن( سۇنەنۇ ئىبنى ماجەدىن).

ئەي بالام ! «كېچىدە نەپلە بولسۇن ئۈچۈن ئاللاھقا تەھەججۇت نامىزى ئوقۇغىن»( سۈرە ئىسرا 79-ئايەت)، بۇ بۇيرۇق « سەھەر ۋاقتىدا ئۇلار مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ») ( سۈرە زاريات18- ئايەت) تەشەككۈردۇر.

«مۆئمىنلەر سەھەرلەردە مەغپىرەت تەلەپ قىلغۇچىلاردۇر»( سۈرە ئال ئىمران18- ئايەت) نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق دېگەن، ئۈچ خىل ئاۋازنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ،(1)خورازنىڭ ئاۋازى؛(2) قۇرئان ئوقۇغان كىشىنىڭ ئاۋازى؛(3) سەھەرلەردە گۇناھنىڭ مەغپىرىتىنى تىلىگۈچىنىڭ ئاۋازى (سۇنەنۇ دەيلىمىيدىن).

سوپىيان سەرۋى مۇنداق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا سەھەردە چىقىرىدىغان شامالنى ياراتقان بولۇپ، بۇ شامال زىكرى ۋە ئىستىغپارنى ئاللاھ تەرەپكە يەتكۈزىدۇ، ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن:«كېچە كىرىشى بىلەن ئەرشنىڭ ئاستىدىن بىر ئاۋاز، دىققەت! ئابىدلار قوپسۇن دەپ نىدا قىلىدۇ،ئۇلار قوپۇپ سەھەرگىچە ناماز ئوقۇيدۇ،سەھەر ۋاقتى بولغاندا بىر نىدا قىلغۇچى،دىققەت! مەغپىرەت تەلەپ قىلغۇچىلار قوپسۇن دەيدۇ، ئۇلار قوپۇپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، تاڭ يورۇغاندا بىر نىدا قىلغۇچى،دىققەت! بىخۇت، غاپىللار قوپسۇن دەيدۇ. ئۇلار كۆرپىلىرىدىن قەبرىدىن قوپقان ئۆلۈكتەك قوپىشىدۇ».

ئەي بالام! سەن سورىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر مۇشۇ تۈردىكى مەسىللەردۇر، جاۋاب بېرىشكە بولىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى بىز باشقا كىتابلاردا بايان قىلدۇق، بىز ئۇنىڭ بىر قىسمىنى قىستۇرما سۈپىتىدە بايان قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆتىمىز،ھەق يولنى تۇتۇپ ماڭغۇچى مۇنداق تۆت ئىشنى قىلىش لازىم. (1) بىدئەت قوشۇلمىغان ساغلام ئېتىقاد؛ (2) قايتىلاپ قەتئىي خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ھەقىقىي توۋا؛ (3) دەۋاگەر ۋە ھەق ئىگىلىرىنى ھېچكىمنىڭ ئۈستىدە ھەققى قالمىغۇدەك دەرىجىدە رازى قىلىش؛ (4) ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئادا قىلالىغۇدەك دەرىجىدە شەرىئەت ئىلمى، ئارقىدىن نىجاتلىققا ئېرىشكىلى بولغۇدەك باشقا ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىش.

رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىنىڭ بىرىگە مۇنداق دېگەن :«سەن بۇ دۇنيا ئۈچۈن، دۇنيادا تۇرۇشۇڭغا بېقىپ ئىشلە، ئاخىرىتىڭ ئۈچۈن ئۇ يەردە قېلىشىڭغا بېقىپ ئىشلە، ئاللاھ ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان ئېھتىياجىڭغا بېقىپ ئىشلە، دوزاق ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىلالايدىغان سەبىرەڭگە بېقىپ ئىشلە ( ئەلمەقسۇدۇل ئەرشەدۈدىن ).

مەنبە بۈلدۈر بولگى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 12:12 PM  


ئالتۇن

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 4696
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20605
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 1510 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 01:10:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكمەتلەرنى كىم تالىۋەتكەندۇ... ئىت تالۋەتكەنمىدۇ بۆرىمۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkuk11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 03:56 PM  


سۆيۈلۈشنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۈيۈپ قالدىم . (تۈرۈك ھېكمەتلىرى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4937
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29026
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 01:14:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى ھېكمەتلەرنى يوللاپسىز،مەن سىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم.رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97617
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 01:18:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسلام ئەلەيكۈم

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2358
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19059
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8353 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 01:46:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى تۇترۇقسىز ھېكمەتنىڭ كۆپلىكىدىن تىمىسىغا قاراپلا كۆرگۈم كەلمىگەن كۆرگەندىن كىيىن ياختۇرۇپ قالدىم بۇ ھەقىقەتەن ياخشى قىممەتلىك ھېكمەتلەركەن رەھمەت دوستۇم!~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44263
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 14589 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 01:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 01:10 PM
بۇ ھېكمەتلەرنى كىم تالىۋەتكەندۇ... ئىت تەلۋەتكەنمىدۇ ب ...

ھەقىقىتەن سەمىمى بولاي دسىڭىز ئىۋەن تاپماي ، خاتالىقىنى تۈزتىشنى ئەسكەرتىڭ ! ئۇنچىۋىلا غانجۇلىشىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى ھەم قىلچىمۇ زۆرۇريىتى يوق ....
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار تېما ماۋزۇسىدىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزتىۋەتكەن بولساڭلار ؟  مانا بۇ ئىنتايىن ياخشى سۆز .....

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئانا تىلىم جان تىلىم ، ئانا بە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18470
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 02:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ماۋزۇسىنى ئۇقۇپ ھەيرانلىق بىلەن كىرسەم شۇنداق ئېسىل دۇردانىلەر تۇرمامدۇ...
تەشەككۈر تېما ئىگىسى. بۇندىن كېيىن تېما يوللىغاندا ئالدىرماي ئەستايىدىللىق بىلەن يوللاڭ. ھازىرقى باشقۇرغۇچىلار سەل ئالدىراش، ھەم تەستىقلايدىغان تېما كۆپ بولغاچقا تازا دىققەت قىلىپ بولالمايدىكەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچ مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3478
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1596 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 02:33:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن ..ياقتۇردۇم .



بـۇشـۇكـتـىـن تـارتـىـپ تـاكـى قـەبـرىـگـىـچە  مـۇھـەبـبـەتـكـە ئـېـھــتـىـيـاجـىـم بـار  __ ئەلىشر نەۋائى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97812
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 02:37:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 01:10 PM
بۇ ھېكمەتلەرنى كىم تالىۋەتكەندۇ... ئىت تەلۋەتكەنمىدۇ ب ...

كاككۇك چۇقۇۋاپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91941
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2014-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 03:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ھېكىمەتلەركەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش