قەھرىتاننىڭ 15-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 80.88 ،تۈنۆگۈن ئۇدا چۈشۈشنى توختىتىپ بازار ئۆسۈپ بازار يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1240 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ .تۈنۆگۈنكى بازار ئامرىكا 12-ئايلىق پارچە سېتىش كۆرسەتكۈچىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىقىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىردى ،يەنە كىلىپ ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ 2014-يىلىدىكى يېڭىدىن بېلەت تاشلاش ھوقوقىغا ئېرىشكان ئىككى چوڭ چوڭ بۈركۈت تەرەپتارى چىقىپ سۆز قىلدى ھەمدە بازاردىكى ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتى كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ كۈلىمىنى تارايتىشنى مۆلچەرىنى كۈچەيتىپ ،دوللارنى ئۆستۈرۈپ ئالتۇن باھاسىنى باستى .
قەھرىتاننىڭ 15-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن گىرمانىيەنىڭ 12-ئايلىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى ،شىۋىتسارىيەنىڭ 11-ئايلىق ئەمەلىيەتتىكى پارچە سېتىش كۆرسەتكۈچى،ياۋرۇ رايۇنىنىڭ 11-ئايلىق سودا ھىسابات تالونى ،ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق نىيۇيۇرك زاپاس پۇل كومىتىتى ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچى ،ئامرىكا 12-ئايلىق PPI قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .بۇنىڭ ئىچىدە ئامرىكا نىيۇيۇرىك شىتاتى زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچىنىڭ ياخشى چىقىشىدا ئۈمىد چوڭ ،ئومومەن ئېيىتقاندا بۈگۈن چوڭ ئۇچۇرلار كەمچىل .بازار يەنىلا ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ ، بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 23:50 تە چىكاكو زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئېيۋىس Corridor ئىقتىسادى مۆلچەر يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ ،بۈگۈنكى نىيۇيۇرىك بازىرى ۋاقتىدىكى بازارغا تەسىر قىلىشى مومكىن .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 243 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.92 يۈەن
بىر دوللار 6.0474 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.23453 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6420 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3635 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !