 |
مېنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ ھەر ئككىلىسى ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان, ئاتام ھىچقاچان مېدىنسسىنا ھەققىدە نەزىرىيە سۆزلەپ باققان ئەمەس, چۈنكى ئۇ بىر مەمۇر ئدى. ئاپام ھىچقاچان باشقىلارغا يېزا ئگىلىك تېخنىكىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن ئەمەس, چۈنكى ئۇ بىر دوختۇر ئدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئككىلىسى پەقەت ئۆز كەسپىنىڭ ماھىرلىرى ئدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا ۋە ئەمەل قىلىشىغا پۇتلاشمىغان ئدى. چۈنكى ئۈلار دىنى ئەھكاملارنى ئۆزىنىڭ چۈشەنچە-خاھىشلىرىدىن ئەمەس, شۇ ئشنىڭ ئەھلىدىن: _ ھەقىقى ئۆلىمالاردىن(چەلپەكچىلەردىن ئەمەس) ئالاتتى. ناھايتى تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن ئدى... ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي! دىمەكچىمەنكى تۆمۈرچى ياغاچچىغا, ياغاچچى سەيپۇڭغا يول كۆرسەتسە ھەم بۇ ئشتىن ئچى سىقىلمىسا بۇ نىمە دىگەن زور قاباھەت? مالىكولانىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدىغانلار ئاتوم قانۇنىيەتلىرىدىن سۆز ئاچمايلى. دىن ھەققىدە ئالىجوقا سۆزلەۋاتقانلار ئۆزى دىنغا ئشەنسە رەسۇلىللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىمكى ئلىمسىز تۇرۇپ مۇشۇ قۇرئاندىن ئۆز رەيى بويىچە سۆزلىسە, ئۆزىگە دەۋزەختىن بىر كىشلىك جاي تەييارلاپ قويسۇن!» دىگەن سۆزىنى ئۆزىگە تەڭلەپ كۆرسۇن. پۈتۈن دۇنيا ئسلامغا مىڭ خىل قالپاقلارنى كەيدۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە, بىز ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ, ھەممىنىڭ ئالدىدا مىڭ بىرىنچى قالپاقنى لاھىيەلەشكە ئلدىرىمايلى. دىننى خاھىشىمىزغا بۆيسۇندۇرۇشنىڭ ئەكسىچە خاھىشىمىزنى دىنغا بويسۇندۇرايلى.بىزنىڭ ئۈلگىمىز ئەرەپ ھۆكۈمرانلىرى ئەمەس, پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام...
بەزى تورداشلارنىڭ بۇ لېكسىيەنى دەستەك قىلىپ دىنغا ۋە دىن ئەھلىگە قارشى بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ (مۇناسىۋەتلىك ئالدىنقى تېمىلارغىچە) سەل سۆزلەپ قالدىم. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن!
|
 |