تېلىفون(ھېكايە)
ئاپتورى:پادىشاھ
كېچىنىڭ سالقىن شامىلى كىشىنىڭ يۈزىنى سۆيۈپ ئۆتەتتى،ئاسماندىكى سانسىزلىغان يۇلتۇزلار كۆز قىسىشماقتا،كۆككە تاقاشقان بىنالارنىڭ چىراغلىرى خۇددى دىيىشىۋېلىشقاندەك بىرىنىڭ ئەرقىدىن بىرى ئۆچۈشكە باشلىدى،بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق،لېكىن ۋولقان قانداقتۇر بىر خىياللار ئىلىكىدە پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز ئۇ ساۋاقدېشى ئىلىشاتنى خىيالىغاكەلتۈردى.
ئۇخلاپ قالغاندىمۇ؟ــ ياق ھە قاچان ئۇ بىر نەرسە يېزىپ ئولتۇرغان بولۇشى ياكى بولمىسا،يازغانلىرىنى تۈزىتىپ ئولتۇرغان بولۇشى كېرەك،ئادەتتە ئۇ تۈن نىسبىگىچە ئۇخلىمايتى،ۋولقان شۇلارنى خىيال قىلغاچ ،ساۋاقدېشى ئېلىشاتقا تېلىفون قىلدى، بىراق تېلىفوننى ناتونۇش بىر ئەر ئالدى.ئۇ تېلىفون ئېكرانىغا بىر قاراپلا ئۆزىنىڭ خاتا ئۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى-دە،«كۆچۈرۈڭ»
ـــ خاتا ئۇرۇپ قاپتىمەن ...
ــ ھېچقىسى يوق قارشى تەرەپ شۇنداق دېگىنىچە تېلىفوننى قويۇۋەتتتى.شۇنۇڭ بىلەن ئۇ يېتىپ قالدى.يېرىم كېچە مەزگىلىدە ۋولقاننىڭ يېلىفونى سايراپ كەتتى،ۋولقان شېرىن ئۇيقۇدا ئىدى.ئۇنىڭ خوتۇنى تېلىفوننى ئالدى،قارشى تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ــ سىز باياتىن كىمگە تېلىفون قىلغاندىڭىز؟ ۋولقاننىڭ خوتۇنى ئېرىنى ئۇيغاتقاندىن كېيىن:
ــ سىز بايتىدىن كىمگە تېلىفون قىلغاندىڭىز ؟ دېگىنىچە تېلىفوننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى.
ۋولقان تېلىفوننى ئالدى.
ــ سىز كىم ؟دېىدى ۋولقان ئالدىراش.
ــ مەن باياتىن تېلىفون قىپتىكەنسىز دېىدى قارشى تەرەپ.ۋولقان شۇ زامانلا ئۆزىنىڭ خاتا ئۇرۇپ قويغان تېلىفونىنى ئەسلىدى-دە،
ــ تېلىفون نومۇرىڭىز نەچچە دەپ سورىدى.ئايال تېلىفون نومۇرىنى قايتا تەكرارلىدى.ــ باياتىن مەن ئۇرغان تېلىفوننى بىر ئەر كىشى ئالغان تۇرسا بۇ قانداق ئىش ئەمدى بىر ئايال ماڭا تېلىفون قىپسىز دەيدىغۇ»دېگەنلەرنى خىيال قىلغاچ:
ــ كەچۈرۈڭ مەن باياتىن ساۋاقدېشىمغا تېلىفون قىلىمەن دەپ خاتا ئۇرۇپ قويۇپتىمەن دېىدى.شۇ ھامان قارشى تەرەپتىن يېنىدىكىگە:
ــ خاتا ئۇرۇپ قويۇپتىمەن دەيدۇ.« خاتا ئۇرۇلۇپ قالغىنى راست،مەن ساڭا دېمىدىممۇ»دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
ئۇ تېلىفوننى قويۇۋېتىپ، ــ سەن نېمىشقا مېنىڭ تېلىفونۇمنى ئالىسەن؟ دەپ خوتۇنىغا بىر ئالايغاندىن كېيىن ئۇخلاشقا تەمشەلدى.
ــ ئېيتىڭە تېلىفون قىلغان زادى كىم،قايسى خان ئاچىڭىز؟دەپ كۇتۇلداشقا باشلىدى خوتۇنى.
ـــ مەن ئېلىشاتقا تېلىفون قىلدىم دەپ خاتا ئۇرۇپ قويۇپتىمەن. شۇڭا قارشى تەرەپ تېلىفون قايتۇرۇپتۇ دېىدى ۋولقان خاپا بولغان قىياپەتتە.
ــ سىز تولا «مايمۇن ئويناتماڭ»سىز تېلىفون قىلغاندا ئالغىنى ئەر كىشىدى ئەجەبا بىر خوتۇن كىشىدىن تېلىفون كەلدىغۇ؟بۇنۇڭغا نېمە دەيسىز خوتۇنى ئەسەببىيلەرچە ۋارقىراشقا باشلىدى.
ــ ھوي،خوتۇن ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويماي نېمانداق قاليمىقان سۆزلەيسەن ۋولقاننىڭ جۇدۇنى ئۆرلەشكە باشلىدى.شۇ تاپتا ئۇ نېمە دىيىشنى بىلمەي قېتىپلا قالدى...
ــ خەپ ۋولقاننىڭ خوتۇنى شۇنداق دېگىنىچە يېغلاشقا باشلىدى.
ــ قارا خوتۇن مەن ھەقىقەتەن خاتا تېلىفون قىلىپ قاپتىمەن،دېگىنىچە خوتۇنىنى بەزلەشكە باشلىدى.تۇيۇقسىز ئۆلگۈر تېلىفون يەنە سايراشقا باشلىدى.
ۋولقان غەزەب بىلەن تېلىفوننى قولىغا ئالدى.
يەنە باياتىنقى خوتۇن تېلەفوننى ئالدى،ئۇ ئۇلۇغ-كىچىك تىنغان ھالدا.
ــ سىز مېنى تونۇمسىز؟ بىز ئوخشاش بولمىغان ئىككى شەھەردە تۇرساق بەزىلەر ئىشەنمەيۋاتىدۇ...ئۆزىڭىز بىر نەرسە دەڭ دېگىنىچە قارشى تەرەپكە تېلىفوننى تۇتقۇزدى.ئۇ باياتىن تېلىفوننى تۇنجى قېتىم ئالغان ئەر ئىدى.شۇنۇڭ بىلەن ۋولقان.
ــ ئاداش خاپا بولماڭ،بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق بايتاىن مەن خاتا تېلىفون قىلىپ قاپتىمەن شۇ ۋەجىدىن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن ۋولقان ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا باشلىدى:
ــ كەچۈرۈڭ!مەنسىزگە ئىشەندىم ،ۋولقاننىڭ خوتۇنى كۈلۈمسېرىگەن قىياپەتتە ئېرىنى قۇچاقلىۋالدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-14 10:25 AM