مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6039|ئىنكاس: 44

ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (8) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99740
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 876
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     
                  ۋاشىنگىتوندا بېشىمدىن ئۆتكەنلەر (8)
                       قايتىدىن قۇراشتۇرۇلۇش
   " قەرز ئوغۇل بالىنىڭ قامچىسى". بۇ گەپنى نەدە ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە يوق، بەلكىم تۈركىيەدە، بەلكىم ئامېرىكىدا. ۋەتەندە قەرز ھەققىدە ئاڭلىغىنىم، " ئۇ دۇنيا ياخشىمۇ، بۇ دۇنيامۇ؟" دەپ سورالسا، " بانكىغا قەرزىڭ بولمىسا مۇشۇ دۇنيا ياخشى" دېيىلگەن بىر يۇمۇر. ئەسلىدە  تەسىرىدىن ئېيتقاندا بۇ بىر يۇمۇرمۇ ئەمەس، پەقەت باشقىلارنىڭ جاراھىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ تەمرەتكىسىگە تەسەللىي تېپىش. نېمە بولسا بولسۇن، بۇنىڭدىمۇ قەرزنىڭ بىر قامچا ئىكەنلىكىدىن شىكايەت بار؛ چۈنكى  بۇ قامچا ئۇرىدىغان قامچا ئەمەس، ئۇرىلىدىغان قامچا.
بىر كۈنى بىر تۈرك دوستۇمدىن تېلېفون كەلدى:
--- سېنى ئويلىسام ھەم ساڭا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ھەم ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپىمەن. چۈنكى خىزمىتىمنىڭ تايىنى يوق ھالەتتە بىر ئوي سېتىۋالدىم، پەۋقۇلئاددە ئىشتىن ئايرىلىپ قالسام، بانكىنىڭ پۇلىنى قانداق تۆلەرمەن دېگەن ئەندىشە بىلەن كۈنلىرىم تامامەن باشقىچە: بۇرۇن قورسۇقۇم كۈنىگە 6 ۋاق ئاچاتتى، ھازىر ئىشتىھالار تۇتۇق؛ ئالدىمغا تاماق قاچىسى  'تاراققىدە' قويۇلمىغىچە قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقى ئېسىمگە كەلمەيدۇ. بۇرۇن كارىۋاتتا ياتساملا ئەمەس، ماشىنامنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ يۆلەنچۈكىگە بېشىمنى تىرىسەملا خورەكنى باشلايتتىم، مانا ئەمدى كېچە-كېچىلەپ بالكوندا تاماكا چېكىپ ئولتۇرىمەن. بۇرۇن مۇھەببىتىمنىڭ 'پاراققىدە' بىر كۈلكىسى 100 مېتىر نېرىدىن، 1000ئادەمنىڭ ئارىسىدىن ئاڭلانسىمۇ يۈرىكىم 'جىغغىدە' قىلاتتى؛ مانا ئەمدى، يېنىمدا بولسىمۇ، بېقىنىمنى كەلتۈرۈپ ئىككىنى چىمدىمىغىچە  يولدا بىللە كېتىۋاتقىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمەن؛ بۇرۇن ماڭا تاتلىق تۇيۇلىدىغان قىيداشلار، مېنى مەست قىلىدىغان بۇتناشلار، ئەمدى پەقەت بالىلارنىڭ قورچاق فىلىمىدىكى ئىمىر-جىمىر كۆرۈنۈشلەر....
  يۇقىرىقىلار، ئەلۋەتتە تۈرك دوستۇمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەينەن نەقلى ئەمەس، پەقەت ھېسسىيات تەرجىمىسى. ھېسسىياتنى تەرجىمە قىلالىدىم دېمەك، ئۇنىڭ قاخشاشلىرى ماڭا ناتونۇش جەريان ئەمەس. مېنىڭچە  بۇ جەريان ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا Naturalization دىيىلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ  ئامېرىكا ۋەتەندىشىغا ئايلىنىش جەريانىنىڭ بىر پارچىسى يەنى باشلانغۇچ نۇقتىسى. ئۇيغۇنمۇ -ئۇيغۇن ئەمەسمۇ،  مەن جەريانغا قايتدىن قۇراشتۇرۇلۇش دەپ ئات قويدۇم.
    ئىككى ئۆينى ئىجارىگە بەرگۈدەك ھالغا كەلتۈرۈش جەريانىدا ئۆي رېمونتچىلىق دېگەن بىر ئىش ۋە بىر بازار بىلەن ئانچە-مۇنچە تونۇشىۋالدىم. مۇشۇ تونۇشلۇققا تايىنىپ تۇرۇپ، ھاياتىمدا بولقا-كەكە، ئەندۈ-چوتكا دېگەن نەرسىلەرنى تۇتۇپ باقمىغان بولساممۇ ' ئۆي رېمونت قىلىمەن' دەپ گېزىتلەردە ئېلان بېرىۋاتىمەن. چۈنكى ئۆيلۈرۈمنى  ئىجارىگە بېرىپ بولغان، ئىجارىنى تولۇق يىغالاۋاتقان بولساممۇ، بۇ ئۈچ ئۆينى بانكىغا تارتقۇزۇپ قويماي قولۇمدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئاز دېگەندە ئايدا 5-6 مىڭ دوللار كىرىم قىلىشىم كېرەك. تەلىيىمگە بۇ ساھەدە ئانچە-مۇنچە كۆزى پىشقان بىر دوستىمىز ماڭا تېخنىك ھەم  شېرىك بولۇپ يانداشتى. ئۇ ئەسلىدە ئوقۇغۇچى مەزگىللىرىدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتىنىڭ داڭلىق بىر ۋالىيبولچىسى. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەپ بېيجىڭغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم ئىزدەپ ياپونغا، ئۇنىڭ ئارقىدىن ھەقىقەت ئىزدەپ ۋاشىنگىتونغا كېلىپ قالغان. ياپونىيە ئۇنى ئانچە-مۇنچە رېمونت قىلىپ قويغان چېغى، ۋەتەندىكى ۋاقتىدا توپ ئويناپ ۋە كىتاپ ئوقۇپلا ئۆتكەن بۇ دوستىمىز، ئامبۇر-كۇلۇشلارنىڭ رەزمىرلىرى، توكلۇق مىق قاققۇچلارنىڭ تۈر ۋە ناملىرىدىن خەۋەردار ئىكەن؛ شۇڭا ئىشلىرىمىز مېڭىپ قالدى. ئىش ئالغىنى بارغاندا ۋالىبولچى دوستىمىز ئۈستى-بېشى سىر ۋە يىرىك كىيىملەرنى كىيىپ بېرىپ شىركىتىمىزنىڭ تېخنىكىۋى كۈچىنى كۆرسىتىدۇ؛ مەن گالستۇك تاقاپ ۋە چاچنى ئاز-تولا مايلاپ بېرىپ  مەمۇرىي كۈچىمىزنى كۆرسىتىمەن. چۈنكى خېرىدار بىر ئاشخانىسىنى ئوڭشۇتۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 4 شىركەت ياكى ئۇستىنى تەكلىپ قىلىدۇ، شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇتۇپ چىقىشىمىز كېرەك.  دەسلەپ ئىش ئالغىنى بارغاندا كەسىپتىكى ساۋاتسىزلىقىم سەت ھالدا چانغان چاغلار بولدى. بىر كۈنى بىر خېرىدار مۇنچامنى ئوڭشىتىمەن دېدى؛ قارىسام پاك-پاكىز، ساپمۇ-ساقلا بىر مۇنچا. چاتاقنى بىلەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆزۈمنى خېرىدارنىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ يالغاندىن تاملارنى سىلاپ، تورۇستىكى چىراغلارنى ساناپ تۇرۇپ تېخنىك دوستىمىزدىن سورۇدۇم:
--- چۈشەندىڭمۇ؟ نېمە قىلماقچىدۇ بۇ ئاداش بۇ ساپمۇ-ساق مۇنچىنى؟
--- مۇنچىنىڭ يۈندە ئاقىدىغان تۆشۈكى ئېگىزدىرەك تۇرىدۇ، قارىغاندا مۇنچىنىڭ يۇندىسى دەرھال ئېقىپ كەتمەي ئاۋارە قىلىۋاتقان چېغى، ئۆزىمۇ تۆۋەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتمامدۇ.
بىز قۇرۇلۇشچىلىقنى مۇشۇنداق باشلىدۇق. ئىشلىرىمىز ماڭدىلا ئەمەس، ئەپلەشكىلى تۇردى. ئادەم كۈچىمىزنى كۆپەيتتۇق، مەخسۇس ئىش كۆرۈشمىسىگە  بارىدىغانغا  ئىنگلىزچىسى ياخشى بىر دوستىمىزنى ھەمكارلىققا چاقىردۇق. ھەمكارلىق ھە دېگەندە تەتۈر نەتىجە بەردى. دوستىمىز بىر نەچچە قېتىم ئىش كۆرۈشمىسىگە بېرىپ  ئىش ئالالماي قايتىپ كەلدى؛ بىر ھەپتىچە بىكار قالدۇق. ئاخىرى سۈرۈشتە قىلىپ مەسىلىنى بايقىدۇق: دوستىمىزنىڭ ئۆزىنى ۋە شىركىتىمىزنى تونۇشتۇرىشىدا مەسىلە بار. سەمىمىيلىك بەك قىممەتلىك نەرسە، ئەمما ئورنى ۋە ۋاقتى بىلەن؛ ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ بەزىدە ئارقىغا چېكىنىشنىڭ ھەتتا بەزىدە پالاكەتچىلىكنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى؛ شۇڭا دوستىمىزغا ئۈگەتتۇق:
---ئىش ئالغىنى بارغاندا دىپلوملىرىڭنى ئۇنۇت، تۈركىيەدە ماتېماتىكىدا ماگىستىرلىق ئوقۇغۇنىڭنى تىلغا ئالما؛ تېخنىكىمىزنىڭ ئەسلىدە بىر ۋالىيبولچىلىقىنى پاش قىلما، سىرچىمىزنىڭ ئەسلىدە بىر ئەدەبىياتچى ئىكەنلىكىنى ھەرگىز چاندۇرۇپ قويغۇچى بولما. 'ھەممىمىز ئاتا-كەسپ تامچىلاردىن' دە، 18' يېشىمىزدىن بۇيان بىز مۇشۇ ياغاچ-تاشنىڭ ئارىسىدا' دە؛ شۇ چاغدا ئېلانغا خەجلەۋاتقان 400-500 دوللار پۇلىمىز بىكارغا كەتمەيدۇ.
  نەسىھەتىمىز ئۈنۈم بەردى، ئىشىمىز قايتدىن جانلىنىشقا باشلىدى؛ بۇ ھەم قۇرۇلۇشچىلىق بىلەن تەنھەتكەتچىلىكنىڭ ئارىسىدا بەلگىلىك ئورتاق نۇقتىلار بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. تېخنىكىمىزنىڭ تېگى ۋالىيبولچى بولغاچقا، بەزىدە كونا دېرىزىلەرنى قومۇرىدىغان چاغلاردا سايمانمۇ ئىشلەتمەستىن يۇلۇپ-يۇلۇپ تاشلىۋېتىدۇ؛  بەزىبىر ئىشىكلەرنى  دولىسى بىلەن ئىتتىرىپلا يىقىتىدۇ. بىر قېتىم بىر كونا ئۆينىڭ ئۈستىنى ئاچىدىغان چېغىمىزدا تېخنىكىمىزنىڭ لىم ۋە تۈۋرۈكلەرگە ئېسىلىپ تۇرۇپ تورۇسقا چامباش ئېتىپ، ئۆگىزىنىڭ ئاز دېگەندە يېرىمىنى پۇتى بىلەن تېپىپ ئاچقىنى ئېسىمدە. تېخنىكىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى يالغۇز تەنھەرىكەتچىلىك ھەۋىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە سايمان-جابدۇقلىرىمىزنىڭ كەمچىللىكىدىن. قۇرۇلۇشچىلىقنىڭ  ئۆرۈش-يىقىتىش قىسىمدا  كۈچكە تايانغان بىلەن قۇراشتۇرۇش ۋە بېزەش قىسىمىدا ھۈنەر ۋە تېخنىكىغا تايانماي ئامال  يوق، شۇڭا تېخنىكىمىز  ئىشلەش جەريانىدا پات-پات كىتاپقا قاراشقا مەجبۇر، بولۇپمۇ توك ئىشلىرىغا كەلگەندە. بىر كۈنى بىر تانزىانىيەلىكنىڭ يەر ئاستى ئۆيىنى ئوڭشاۋتىمىز، ئەسلىدە ئىككى  كۈندە تۈگىشى كېرەك بولغان توكچىلىق قىسمى  ئىككى ھەپتىگە  سوزۇلۇپ كەتتى.  ئۆي ئىگىسىنىڭ دەسلەپتە ئىچى پۇشتى بولغاي، ياساۋاتقان ئۆيىمىزنىڭ ئىچىگە   پات-پات بېشىنى تىقىپ  قاراپ قوياتتى، كېيىنچە ئەندىشىگە چۈشتى بولغاي ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ   " ياردەم كېرەكمۇ "دەپ سوراپمۇ قويدى، مە " ياقەي" دەپ كېسىپلا رەت قىلدىم. تېخنىكىمىزنىڭ كىتاپقا قاراپ سائەتلەپ -سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى، بۇ جەرياندا گاھ ئېڭىكىنى تۇتۇپ ئويلۇنۇپ، گاھ بېشىنى تاتىلاشلىرى  ئاخىرى ئۆي ئىگىسىنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتتى، ئۇ بىز ياساۋاتقان ئۆيگە تەرىنى بۇزۇپ كىرگىنىچە مېنى سىرتقا چاقىردى:
--- نېمە دېگەن ئاستا ئىش قىلغان ئۇستام بۇ،  ھەيدىۋېتىڭ بولدى،  مەن سىزگە بىر تانزانىيەلىك توكچىنى  تونۇشتۇرۇپ قوياي، كىتاپقىمۇ قارىمايدۇ، بىر كۈندىلا تۈگىتىۋېتىدۇ....
--- نېمە دەۋاتىسىز---؟! دېدىممەن سۆزىنى كېسىپلا--- تېخنىكىمىز ئىشنى تۈگىتەلمەيۋاتقان گەپ ئەمەس، بىز  ئىشنىڭ  باشقا جەريانلىرىنى ئۇنىڭغا ئۈلگۈرتۈپ بېرەلمەيۋاتىسىز. ئۇ بىلمەي كىتاپقا قاراۋاتقان ئىش يوق، كەچتە توكچىلىق كۇرسىدا دەرس ئۆتىدىغان ئىشى بار، شۇ دەرسكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.....
--- شۇنداقمۇ؟! -- ئۆي ئىگىسىنىڭ چىرايى  لەپپىدە ئېچىلدى،  ' ھە توكچىنىڭ ئۇستىسىنىڭ ئۇستىسىنى ئىشلىتىۋېتىپتىمەن-دە ' دېگەن خوشاللىق ئۇنىڭ ئېغىزلىرىنى بىردىنلا قۇلاقلىرىغا يەتكۈزدى.   
تېخنىكىمىزنىڭ ئىشلەۋېتىپ ئوقۇيدىغىنى يالغۇز كەسپىي-تېخنىكىۋىي  كىتاپلارلا ئەمەس،بەزى سايمانلارنىڭ پايدىلىنىش قوللانمىسى، مەھەللە ۋە رايونلارنىڭ Code دەپ ئاتىلىدىغان لاياقەتلىك ئۆلچەملەر ھەققىدىكى ئەلكىتابلارمۇ بار. بۇ كىتاپ -ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە بولغاچقا ئۇنى ئوقۇپ چۈشۈنۈش ئۈچۈن ياپونچە ، خەنزۇچە لۇغەتلەرمۇ كېرەك. شۇڭا بىز ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاندا چوڭراق بىر ماشىنىدا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە جابدۇق ئېلىپ ماڭساق، يەنە كىچىكرەك بىر ماشىنىدا كىتاپ ئېلىپ ماڭىمىز. ئادەتتە ئۆي-رېمونت تېخنىكلىرىنىڭ  يېنىدا قولىغا سايمان ئېلىپ بېرىدىغان بىر شاگىرت ئىشچى بولىدۇ، بىزنىڭ تېخنىكىمىزنىڭ بولسا ئىككى؛ يەنە بىرسى قولىغا كىتاپ ئېلىپ بېرىدۇ.
  ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەتلىك دەم ئېلىشىمىز بار، بۇ ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيمىز، بۇ چاغدا پۇتىمىزلا ئامېرىكىدا ،ئەمما روھىمىز، ئەقلىمىز، تەپەككۇرىمىز باشقا بىر قىتئەدە كېزىپ يۈرىدۇ. دەل شۇنداق كېزىشلەرنىڭ بىر مىنۇتىدا، تانزانىيەلىك يېنىمىزغا كېلىپ سورىدى:
--- بەك قىزغىن تالاش-تارتىش قىلىۋاتىسىلەر، نېمە توغرىسىدا گەپ قىلىشىۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟؟
مەن دەرھاللا جاۋاپ قايتۇردۇم:
--- ياپونىيەنىڭ يەرئاستى ئۆي چوڭقۇرلىقىغا بېكىتكەن ئۆلچىمى توغرىمۇ، ئامېرىكىنىڭمۇ دېگەننى تالىشىۋاتىمىز....
تانزانىيەلىكنىڭ ئېغىزى يەنە بىر قېتىم قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ئايالىغا  نېمىنىدۇر يەتكۈزۈشكە ئالدىرىغاندەك ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا بىزدىن ئۇزاقلاشتى .  ئەسلىدە ئارىمىزدا  بولۇنىۋاتقان گەپلەر مۇنداق ئىدى:
--- دىڭ شياۋپىڭنىڭ ئەڭ ئاقىلانە سۆزى جەنۇبنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە قىلغان سۆزى.
--- شۇنداق، مىڭە ئالماشتۇرۇش دېگەن بۇ گەپ داھىيانە ۋە  تارىخىي بىر چاقىرىق  ئىدى......
--- بۇ باشقىچە ئېيتقاندا " بىز جوڭگۇلۇقلارنىڭ مېڭىسىنىڭ قېتىقى چاتاق، ئالماشتۇرىۋەتمىسەك ئۆلىمىز" دېگەنلا گەپ.
--- بۇ گەپنىڭ ھەقىقىتىنى ۋارىسلىرى چۈشەنمىدى ئەمەس، ئەمەل قىلغۇسى كەلمىدى....
--- جياڭ زېمىنننىڭ " بىزنىڭ غەربچە دېموكىراتىيەگە ئۆتۈشىمىزگە يەنە 50 يىل بار" دېگىنىمۇ يامان گەپ ئەمەس.
--- توغرا، بۇ دېگەنلىك مېڭىمىزنىڭ قېتىقىنى 50 يىلدىن كېيىن ئالماشتۇرىمىز يەنى ھامان بىر كۈنى ئالماشتۇرىمىز دېگەن گەپ.
--- ئاغىنىلەر، ئەڭ يېقىملىق، ئەڭ توغرا گەپنى قىلغان ئادەم يەنە شۇ ماۋ زېدوڭ جۇمۇ: " سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز"!
   شۇ تاپ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ تانزانىيەلىكنىڭ ' قارا خوتۇن،  نېمە دېگەن كەسپچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەرنى تاللاپتىمەن-ھە" دېگەن ماختىنىشلىرىنى  تەستىقلاۋاتقان خانىم، ئەگەر ئۇيغۇرچە بىلگەن بولۇپ يۇقىرىقى دىيالوگلارنى ئاڭلىغان بولسا، چوقۇم ' ھەي ئاخماق، قايسى لاگىرىدىن تېپىپ كەلدىڭ بۇ ئادەملەرنى ' دېگىنىچە يولدىشىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان بولاتتى.

   شۇنداق قىلىپ بىلەك ۋە دولىمىزنىڭ كۈچى ۋە تىلىمىزنىڭ يۇمشاقلىقىغا تايىنىپ باشلانغان بۇ ئۆي رېمونتچىلىق ئىشىمىز سىرچىلىقتىن كونا ئۆيلەرنى بۇزۇپ يېڭىلاشقىچە ئىلگىرىلىدى. بۇ پۇرسەتتە 3 ئۆيۈمنى بىر يىل تۇتۇپ تۇرالىدىم، تەلىيىمگە ئۆي باھاسى يەنە ئۆرلەپ، ھەر بىرسىگە 20-30%  باھا قېتىلدى. بۇ پايدىنىڭ ئىلھامى ھەم ئەسلى پلانىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يەنە توت ئۆي ئالدىم. بۇ تۆت ئۆي ئەمەلىيەتتە  Multy Family House دىيىلىدىغان 4 ئائىلىلىككە خاس  كىچىك بىر بىنا. بۇ ئىلگىرىلەش نام-شەرىپىمنى ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ھالقىتىپ بەزى قوشنا جامائەتلەرگىمۇ يەتكۈزدى بولغاي، بىر كۈنى Sterling دېگەن جايدىكى بىر پاكىستانلىق ئائىلىگە تىجارەتتىن مەسلىھەت بېرىشكە تەكلىپ قىلىندىم. ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۆيدە دوغىلاق-دوغىلاق ئىككى ئايال ۋە كۆتەكتەك -كۆتەكتەك ئىككى ئەر بار ئىدى. ئىككى دوغىلاق  ئايال داستىخان بىلەن بىلەن ئاشخانا ئارىسىدا خۇددى يۇمىلاپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتتى.  ئىككى ئەرنىڭ قورساقلىرى يالغۇز كۆينەك ۋە كاستوملىرىنىڭ تۈگمىلىرىنىلا ئەمەس، ئالدىلىرىدىكى تاماق ئۈستىلىنىمۇ قىستاپ قويغان ئىدى: ئۈستەل تېگىشلىك ئورنىدىن سۈرۈلۈپ  يەنە بىر تامغا چاپلىشايلا دەپ قالغان ئىدى. ئۈستەلنىڭ بۇ تار تەرىپىگە بايىقى ئىككى ئايالنىڭ سىغىشى مۇمكىن ئەمەس، سىغىپ قالدى دېگەن تەقدىردىمۇ چىقىدىغان چاغدا چوقۇم كىران كېرەك. بۇ رېئاللىق كۆزدە تۇتۇلغاچ بۇ تار تەرەپكە مەن باشلاندىم.
تاماقلار تىزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى ئايالمۇ ئۈستەلدىن ئورۇن ئېلىشقا ھازىرلاندى. ئىككىسىنىڭ ئۈستەلنىڭ ئىككى ئۇچ تەرىپىدە ئولتۇرماسلىقتىن باشقىغا چارە يوق. تۆر تەرەپكە ئاتلانغىنى مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتتى، چامىمچە ئارقامغا داجىپ تۇرۇپ بەردىم، شۇنىڭدىمۇ ئۇ ئىستاكاندىن ئىككىنى  ئۆرۈش، پۇتۇمغا بىرنى  دەسسەش ۋە ئورۇندۇقتىن بىرنى يىقىتىش بەدىلىگە  ئۆز ئورنىغا جايلاشتى. ئۈستەلدىكى مولچىلىققا قاراپ ' بۇ مېنىڭ ھۆرمىتىمدىنمۇ ياكى بۇ بەدەنلەرنىڭ فىزولوگىك ئېھتىياجىدىنمۇ' دەپ ئويلاپ قالدىم. مەنمۇ ئادەتتە كىچىك بىر ئادەم ئەمەس، بۇلارنىڭ  مېنىمۇ ھەيران قالدۇرغان  يوغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى  ئارقامدىكى تامغا ئېسىلغان ئىككى ئەرنىڭ  رەسىملىرى  ئايدىڭلاشتۇردى. ئەسلىدە بۇ ئىككىسى،  بىرى  پاكىستان، يەنە بىرى جەنۇبى ئاسىيا بويىچە بوكسېر چىمپىيونلىرى ئىكەن( ئېغىر بەدەنلىكلەر گۇرۇپپىسى بويىچە) . ئىككىسى باجا ئىكەن، 5 يىلدىن بېرى ئامېرىكىدا تاكسىچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. بۇنى ئۇقۇپلا مەقسەتلىرىنى چۈشەندىم. دېمىسىمۇ ئىككى بوكسېرچىنىڭ تاكسىچىلىق قىلىشى يولۋاسنىڭ قەپەسگە سولانغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش؛ ئۇلار بۇ قەپەزدىن قۇتۇلماقچى ۋە قۇتۇلۇش يولىنى تىجارەتتىن كۈتكەن. تەجىرىبەم بويىچە ئۆي بازىرى ئۆسۈۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلدىم ۋە بۇ بىلگەن-ھېس قىلغانلىرىمنى دەپ بەردىم.
ئۈچ سائەتلىك سۆھبىتىمىز داۋامىدا ھىچقايسىمىز ئورنىمىزدىن قوزغالمىدۇق، بۇ سۆھبەتنىڭ قىززىپ كەتكىنىدىنلا ئەمەس، ئۈستەل ئەتراپىدىكى بەدەنلەرنىڭ ئېغىرلىقى ۋە  ئۆيدىكى قىستىلىپ جايلىشىشتىن. ئالدىمدىكى سابىق ئىككى چىمپىيوننىڭ ئىسسىق ئۆيدە بويۇنلىرىدىكى گالاستۇكلىرىنى چىقىرىۋەتمەي ئولتۇرۇشىنى ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغان 'ئۇستا سودىگەر'لىك  نام-شەرىپىمنىڭ ھەيۋىسىدىن كۆردۈم.
   يولدا قايتىپ كېلىۋېتىپ خىيالىمغا شۇ كەلدى: ئەگەر مەن بۈگۈن مۇشۇ مېھماندارچىلىققا كېلىۋاتقان چېغىمدا يۇرتتىكى دوستلاردىن بىرەرسىدىن تېلېفون كېلىپ قالغان بولسا، ئۇلار ' نەگە كېتىۋاتىسەن  ' دەپ سورىغان بولسا، مەن ' بىر  پاكىستانلىق ئائىلىگە تىجارەتتىن مەسلىھەت بەرگىنى كېتىۋاتىمەن' دېگەن بولسام؛ چوقۇم قارشى تەرەپ " قايت كەينىگە، ئادەم ئاخماق قىلما"! دېيىشى مۇقەررەر. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يېزىش ۋە ئوقۇشتىن باشقىنى قاملاشتۇرالمايدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالسام كوچىدىلا قالىدىغان، ھايات قېلىشىمنىڭ بىردىن بىر يولى كادىرلىق بولغان بىر يارىماس ئىدىم.
(بىر ئىزاھات، چاتمىنىڭ بۇ قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان قايتا قۇراشتۇرۇلۇش قىسمىتى  ئامېرىكىغا كەلگەن ھەممە كۆچمەنلەر ئۈچۈن شەرت ئەمەس. تورداشلار بۇ نۇقتىدا چاتمىنىڭ باش قىسمىدا دېيىلگەن "ئۇچۇپ كەلگەنلەر" ئېنىقلىمىسىنى ئەستە تۇتقاي.  ئامېرىكىغا يېقىنقى مەزگىللەردە كەلگەن ۋە كېلىۋاتقانلار ئۈچۈن يول بۇ چاتمىدا بايان قىلىنىۋاتقاندىن نەچچە ھەسسە راۋان ۋە  رەسمىيەتلەر نەچچە ھەسسە قولاي)

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
1lik + 68 داۋامىنى چاققانراق يا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3323
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10138
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4317 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.......  بىزلەرمۇ قاچان ئۇچۇپ بارارمىز~~~~~    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لىمۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 11:16 AM  


ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10484
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10328 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كۇپرەھمەت تىمىڭىزنى قىزىقىپ ئۇقۇۋاتىمىز داۋامىنى تىزراق يوللىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1809
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1206 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىۋاندا مەن ئولتۇرۇپتىمەندە ؟  ئالدىراش ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ بىزگە ئىسىل مەزمۇن  بىلەن ئۇچىراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت . ئامىركىنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنولىرىدەك ھەپتىدە بىر قىسىم كۆرەۋاتىمىز .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 10 دىۋانغا ئىككى غېرىچ ك.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14655
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5514 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھۆرمەتلىك يازما ئىگىسى ، بەكلا ئالدىراش بولسىڭىز كىرەك ، بۇ يازمىڭىزنى سەمىمىلىك ، ئۈمىدۋارلىق ، قايتماس روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ۋە ھۇسۇل بىرىۋاتقان كۈرەشلىرىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ ، ئىزدەپ ئۇقۇۋاتىمەن . ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىلغاي ، ھەرزامان روھى ، جىسمانى تەرەپلەردىن ساغلام بۇلۇڭ !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4266
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز ، شۇنداق ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ ، ھەر بىر قىسىمدا يېڭىچە مەزمۇن ئۆزگىچە ئۇسۇللار بىلەن يېزىلىۋاتىدۇ ،  داۋامىنى ساقلايمەن .  

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3667
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا داۋامى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈزۈم تىشىلىپ كىتەي دەپ قالغان،!!!،ھەر كۈنى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن،ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن، كەچتە سائەت11لەرگە قەدەر قاراپ قۇيىمەن.!!!!!ھەممىنى بىر كىتاب قىلىپ چىقارسىڭىز،كىنوسى ئىشلەنسە،‹ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇرلار››› ھەممە ئادەم ‹تۈرمىدىن قىچىش›نى كۆرگەندەك كۈرۈپ كەتسە...
ئامان بۇلۇڭ!!!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Gvlmisal + 10 كۆڭلۈمدىكى گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركىدىكى تۇرمۇش قاينىمىغا بىزلەرنىمۇ باشلاپ كىردىڭىز ، داۋامىغا تەشنامىز.

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2855
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4913
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنلا شۇنداق ئاچكۆزمۇ ياكى باشقىلارمۇ شۇنداق ئويلىدىمۇ، ئەمما ماۋۇ تېمىنى بىر كۈندىلا ھەممىنى ئوقۇپ، ئالغان ۋە ئالماقچى بولغان تەسراتلىرىمنى پەقەت بۆلگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر، ئامال بولسا ئەسىرىڭىزنى تېزراق يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە تىرىشقايسىز....

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش